تىيانشان تورى   ›   مەخسۇس سەھىپە   ›   19 قۇرۇلتاي

ئاممىنىڭ قەلبىدىكى بايراق

  

− ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ شۈيشىگۇ بازىرى فاڭجياجۇاڭ كەنتى ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى خەي جۈ توغرىسىدا

 

مۇخبىرىمىز جاۋ جۈن

ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ شۈيشىگۇ بازىرى فاڭجياجۇاڭ كەنتىدە خۈيزۇ، خەنزۇ، قازاق، ئۇيغۇردىن ئىبارەت تۆت مىللەت ئاممىسى ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، 318 ئائىلە، 793 نوپۇس بار. كەنتتىكى دېھقانلار ئارامگاھى رايونىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ سېلىنغان ئۆيلەر چېقىلىپ رەتكە سېلىنغاندا، ئۇ ئۆزىگە تەۋە دېھقانلار ئارامگاھىنىڭ سىرتىغا رەڭلىك پولات تاختا بىلەن سېلىنغان ئۆينى باشلامچىلىق بىلەن چۇۋۇغان؛ ياش پارتىيە ئەزالىرى كەمچىل بولغاندا، ئۆيمۇ ئۆي كىرىپ، ياشلارنىڭ ئىدىيەۋى ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ئۇلارنى پارتىيەگە كىرىشكە دەۋەت قىلغان؛ ئۆزى بېيىش بىلەن بىللە، بارلىق ئاماللار بىلەن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئورتاق بېيىشىغا ياردەم بەرگەن... ئۇ بولسىمۇ فاڭجياجۇاڭ كەنتىدىكى دېھقانلار «ئاممىنىڭ قەلبىدىكى بايراق» دەپ تەرىپلەيدىغان ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ شۈيشىگۇ بازىرى فاڭجياجۇاڭ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ ئەزاسى، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى خەي جۈ.

  

  كەنت كادىرى «باشلامچى» دېگەنلىكتۇر
 

  فاڭجياجۇاڭ كەنتىدە 150تىن كۆپرەك دېھقانلار ئارامگاھى بار. بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ فاڭجياجۇاڭ كەنتىنىڭ ساياھەتچىلىك، ئۆزگىچە تائاملار كوچىسىنىڭ ئورنىنى بېكىتىش تەلىپىگە ئاۋاز قوشۇش ئۈچۈن، دېھقانلار ئارامگاھلىرىنىڭ سىرتىغا رەڭلىك پولات تاختا بىلەن سېلىنغان ئۆيلەرنى چۇۋۇشنى قارار قىلدى، بۇ ئىش نۇرغۇن دېھقاننىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى.
 

  شۇڭا، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بىلەن ئورتاق كېڭىشىپ، «فاڭجياجۇاڭ كەنتىدىكى دېھقانلار ئارامگاھى كوچىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ سېلىنغان ئۆيلەرنى چۇۋۇپ رەتكە سېلىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى تۈزدى ھەم «فاڭجياجۇاڭ كەنتىدىكى دېھقانلار ئارامگاھلىرىنىڭ خوجايىنلىرىغا خەت»نى يېزىپ، لايىھە بويىچە تەشۋىق قىلدى ۋە سەپەرۋەر قىلدى.
 

  بەلگىلىمىگە خىلاپ سېلىنغان ئۆيلەرنى چۇۋۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۇنچە ئاسان ئەمەس ئىدى. خەي جۈ كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ ئەزاسى، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئالدى بىلەن ئۆزىگە تەۋە دېھقانلار ئارامگاھىنىڭ سىرتىغا رەڭلىك پولات تاختا بىلەن سېلىنغان ئۆينى چۇۋۇدى. شۇ چاغلاردا ئۇ ئۆيمۇ ئۆي كىرىپ، دېھقانلارغا ئىدىيەۋى خىزمەت ئىشلەپ، ئۇلارغا بۇ خىزمەتنىڭ فاڭجياجۇاڭ كەنتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىدا تولىمۇ مۇھىملىقىنى سەۋرچانلىق بىلەن چۈشەندۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ ئەندىشىسى ۋە گۇمانىنى تۈگەتتى. ئۇ بەلگىلىمىگە خىلاپ سېلىنغان ئۆيلەرنى چۇۋۇشقا قوشۇلمىغان دېھقانلارنىڭ ئۆيىگە تۆت- بەش قېتىمدىن بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئىدىيەسىدىن ئۆتكىچە زېرىكمەي- تېرىكمەي نەسىھەت قىلدى. ئىككى ئاي تىرىشىش ئارقىلىق بەلگىلىمىگە خىلاپ سېلىنغان ئۆيلەرنى چۇۋۇش خىزمىتى ئۆز قەرەلىدە تاماملاندى. فاڭجياجۇاڭ كەنتىدە دېھقانلار بۇ خىزمەت توغرىلىق بىرەر قېتىممۇ يۇقىرىغا ئەرز - شىكايەت قىلمىدى، بۇ يېڭى يېزا قۇرۇلۇشى، دېھقانلار ئارامگاھلىرىنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش سۈرئىتىگە زور دەرىجىدە تۈرتكە بولدى.
 

  2016- يىلى 9- ئايدا، يەنى خەي جۈ فاڭجياجۇاڭ كەنتى ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان دەسلەپكى مەزگىللەردە، ئۇ كەنت كادىرلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۆيمۇ ئۆي زىيارەت قىلىپ، دېھقانلارنىڭ ئىدىيەۋى ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، دېھقانلارنى ھەر دۈشەنبە كۈنىدىكى دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشقا تەشكىللەپ، پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، دېھقانلارنىڭ پارتىيەنى، ۋەتەننى، شىنجاڭنى قىزغىن سۆيۈش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئاڭلىق قوغدىدى. ھازىر، كەنتتىكى ياشلارنىڭ پارتىيەگە كىرىش ئاكتىپلىقى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، بۇ يىل پارتىيەگە كىرىشنى ئىلتىماس قىلغانلار 25 كىشىگە يەتتى، تۆت ئاكتىپ پارتىيەگە قوبۇل قىلىندى، تۆتى تەرەققىي قىلدۇرۇلدى، بۇ فاڭجياجۇاڭ كەنتىنىڭ پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىغا يېڭى قان قوشتى.
 

  دېھقانلارنى ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ بېيىشقا يېتەكلەش
 

  فاڭجياجۇاڭ كەنتىدىكى تۇنجى تۈركۈمدىكى دېھقانلار ئارامگاھلىرى 2004- يىلى رەسمىي تىجارەت باشلىدى، خەي جۈ تۇنجى تۈركۈمدە دېھقانلار ئارامگاھى ئېلىپ كەلگەن پايدىنىڭ تەمىنى تېتىدى، ئاۋۋال بېيىغان خەي جۈ يۇرتداشلىرىنى ئۇنتۇپ قالمىدى. 26 ياشلىق ما لېي ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ، كەنتكە قايتىپ كەلگەندە، خىزمەت تاپالمىغانلىق سەۋەبلىك ئىدىيەسىدە بىر مەھەل تۇراقسىزلىق كۆرۈلگەنىدى. خەي جۈ بۇ ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن، ما لېينىڭ ئۆيىگە كۆپ قېتىم بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن مۇڭدىشىپ، ئۆگەنگەن كەسپى ۋە ئالاھىدىلىكىنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، مۇۋاپىق خىزمەت تېپىشىغا ياردەم بەردى. خەي جۈنىڭ ياردىمىدە، ما لېي ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ شۈيشىگۇ بازىرى «بېيرەن ۋۇرې» ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى شىركىتىگە ئىشقا ئورۇنلىشىپ، ئېيىغا 3000 يۈەندىن ئارتۇق مائاش ئالالايدىغان بولدى. ما لېي خىزمەتكە ئورۇنلاشقاندىن كېيىن، تۇرمۇشقا تولۇق ئىشەنچ باغلاپ، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىغا پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسى سۇنۇپ، پارتىيە تەشكىلاتىغا پائال يېقىنلاشتى.
 

  خەي جۈ نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش خىزمىتىدە مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، دادىل يېڭىلىق ياراتتى. ئۇ كەنتتىكى 24 ئايالنى ئىچكىرىدىكى ئۆلكە، شەھەرلەرگە بېرىپ، دېھقانلار ئارامگاھىنى باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى كۆزدىن كەچۈرۈش، ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى. يەنە ئۈرۈمچى شەھەرلىك پەن- تېخنىكا جەمئىيىتى، ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق ئورۇنلاردىن مۇتەخەسسىس، پىروفېسسورلارنى كەنتكە كېلىپ دەرس ئۆتۈش، نەق مەيداندا يېتەكچىلىك قىلىشقا تەكلىپ قىلىپ، دېھقانلارنى قاراتمىلىق ھالدا ئەمەلىي قوللىنىشچان ماھارەت تەربىيەسىگە ئىگە قىلىش، ئىگىلىك تىكلەپ بېيىشىغا ياردەم بېرىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولدى، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتتى، پۈتۈن كەنتتە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە «ئۆگىتىش، ياردەم بېرىش ۋە يېتەكلەش»تەك ياخشى كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇردى. ئۇ يەنە فاڭجياجۇاڭ كەنتىدىكى ئاشپەز ئاياللاردىن مودېللار ئەترىتى تەشكىللىدى، ساياھەتچىلەرنى كەنتكە كېلىپ غىزالىنىشقا جەلپ قىلدى.
 

  تولۇقسىز ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، فاڭجياجۇاڭ كەنتىدىكى دېھقانلار ئارامگاھلىرى ھازىر يىلدا كۈتۈۋالىدىغان ساياھەتچى 200 مىڭ ئادەم(قېتىم)گە يەتكەن، 500دىن كۆپرەك ئىش ئورنى يارىتىلىپ، كەنتتىكى ئەمگەك ئىقتىدارى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسى بار دېھقانلارنىڭ ئۆز يېرىدە ئىشقا ئورۇنلىشىپ بېيىش ئارزۇسى قاندۇرۇلغان.
 

  ئەۋزەل، ئۆزگىچە دېھقانلار ئارامگاھى كەسپى فاڭجياجۇاڭ كەنتىنىڭ بازار، ھەتتا ناھىيە بويىچە «ئالدىن ھاللىق سەۋىيەگە يەتكەن يېڭى كەنت»كە ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىدىكى يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى. كەنتتە كەسپىي باقمىچىلىق ئائىلىسىدىن 15ى بارلىققا كېلىپ، 100گە يېقىن پارنىك قۇرۇلۇپ، ساياھەتچىلىك ئاساس قىلىنغان، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئورتاق تەرەققىي قىلدۇرۇلغان يېزا ئىقتىسادىي ئەندىزىسى شەكىللەندى. 2016- يىلى كەنتنىڭ ئىقتىسادىي ئومۇمىي كىرىمى 26 مىليون 500 مىڭ يۈەنگە، ئەمگەكچىلەرنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمى 39 مىڭ 785 يۈەنگە يەتتى.

 مول تەرەققىيات نەتىجىلىرىگە خەي جۈنىڭ نۇرغۇن يۈرەك قېنى سىڭدى. ئۇ تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن مۇنداق دېدى: بىز پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە فاڭجياجۇاڭ كەنتىنى چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل، تېخىمۇ باي- باياشات قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى