تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تەرەققىيات يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، يىپەك يولىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچايلى

  باش شۇجى شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەن جايلارنى قايتا زىيارەت (5)

  مۇخبىرىمىز شى شىن

  ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلىگىنىمىزدە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىغا چۆمىمىز، كەلگۈسىگە نەزەر سالغىنىمىزدا، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش ئىرادىمىز كۈچىيىدۇ.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ 2014 – يىلى شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنداق دەپ كۆرسەتكەنىدى: شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇشتا تەڭداشسىز ئورۇنغا ۋە رولغا ئىگە، شىنجاڭ بۇ تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆزىنىڭ رايون خاراكتېرلىك ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى دۆلەتنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشى، غەربكە ئېچىۋېتىش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ماسلاشتۇرۇشى كېرەك.

  ۋاقىت – ئاتقان ئوق، كۆزنى يۇمۇپ – ئاچقۇچە 1000 نەچچە كېچە – كۈندۈز ئۆتۈپ كەتتى، باش شۇجىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە مېھىر – شەپقىتىدە، شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىدا ئىلمىي ھالقىيدىغان، پەيتنى چىڭ تۇتىدىغان غايەت زور كۈچ – قۇدرىتىنى ئۇرغۇتتى، باش شۇجى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشى شىنجاڭدا باسقۇچلۇق غەلىبىگە ئېرىشتى.

  بۇ ماقالەمدە ئوقۇرمەنلەرنى ئەينى يىلى باش شۇجى شىنجاڭدا قالدۇرغان ئىزلار بويىچە يېتەكلەپ، ئۆزگىرىش، نەتىجىلەرگە نەزەر سالغۇزۇپ، ئۇلارنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىغا باشلاپ كىرىمەن.

  چوڭ ئۆتەڭ: ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› پىلانىنىڭ تۈرتكىسىدە پەيت چىڭ تۇتۇلدى

  يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلسا، شىنجاڭ ئاۋات مەركەزگە ئايلىنىشى مۇمكىن. باشقا گەپنى قويۇپ تۇرايلى، ئۈرۈمچى ھازىر 1500 كىلومېتىرلىق دائىرىدىكى چوڭ شەھەرگە ئايلاندى، ئۇ چاغقا بارغاندا، قانداق مەنزىرە نامايان بولىدۇ؟ باش شۇجى 2014 – يىلى شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە سۈرەتلىگەن گۈزەل مەنزىرە باھار شامىلىدەك تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىنى ئىللىتىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى رىغبەتلەندۈردى.

  2015 – يىلى كۈچلۈك دىققەت قوزغاۋاتقان شىنجاڭغا يەنە بىر قېتىم غەمخورلۇق قىلىنىپ، مۇھىم ۋەزىپە تاپشۇرۇلدى. دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، سودا مىنىستىرلىقى بىرلىكتە ئېلان قىلغان ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ۋە 21 – ئەسىر دېڭىز يىپەك يولىنى ئورتاق قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش پىلانى ۋە ھەرىكىتى››دە: شىنجاڭ خاس رايون ئەۋزەللىكى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىش كۆزنەكلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا، غەربىي ئاسىيادىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالاقە – ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى بەرپا قىلىشى كېرەك، دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  ھازىر ناھايىتى ياخشى مەزگىلدە تۇرۇۋاتىمىز، تەرەققىيات يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دادىل باشلامچى بولۇشىمىز كېرەك.

  تېپىلغۇسىز مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت ئالدىدا، شىنجاڭ سىياسەتنى، ئەسلىھەلەرنى، سودىنى، مەبلەغنى، ئەل ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇپ، تىپ ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش بىلەن يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى بىرلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈردى.

  غەربكە، غەربكە، يەنە غەربكە ئېچىۋېتىش! تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ھەممە بەيگىگە چۈشكەن قاينام – تاشقىنلىق مەنزىرە بارلىققا كەلدى.

  بۇرۇنقى ئۈرۈمچى غەربىي ۋوگزالىنىڭ يۈك مەيدانىغا جايلاشقان جۇڭگو – ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرىنى گۇرۇپپىلاش مەركىزى دەل بىر يارقىن نۇقتىدۇر. بۇلتۇر 5 – ئايدا بۇ گۇرۇپپىلاش مەركىزى قۇرۇلۇپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن بۇيان، تەدرىجىي دائىملاشقان قاتناش شەكىللىنىپ، قاتناش مىقدارى 800 (قېتىم)گە يەتتى.

  بۇ يىل 5 – ئاينىڭ 19 – كۈنى ‹‹ئۈرۈمچى – ليەنيۈنگاڭ – يېڭى دېھلى›› تاشيول – تۆمۈريول – دېڭىز يولى بىرلەشمە ئۇلاپ توشۇش نۆۋەتچى پويىزى قاتناشقا باشلاپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ۋە 21 – ئەسىر دېڭىز يىپەك يولى ئومۇميۈزلۈك تۇتاشتۇرۇلدى.

  شىنجاڭ ‹‹شىنتيې››خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ليۇ چاڭلىن مۇنداق دېدى: جۇڭگو – ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئارقىلىق جۇڭگونىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش دەرۋازىسى بارغانسېرى كەڭ ئېچىلدى. گۇرۇپپىلاش مەركىزى شىنجاڭنى مەملىكەت بويىچە تۇنجى بولۇپ ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا چىقىرىدىغان ماللىرى يىغىلىدىغان، يەنە نۆۋەتچى پويىز تەشكىللەپ، بۇ ماللارنى توشۇيدىغان تۈگۈن رايونغا ئايلاندۇردى.

  شىنجاڭدىن ياۋروپا، غەربىي ئاسىيا، كاۋكاز رايونىغا بارىدىغان تۆمۈريوللار تولۇق ئېچىۋېتىلدى؛ ‹‹ليەنيۈنگاڭ – قورغاس پورتى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى›› پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلدى، جەنۇبىي، شىمالىي شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلدى، بېيجىڭ – شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلۇپ، ئۈرۈمچى بىلەن بېيجىڭنىڭ تاشيول مۇساپىسى 1300 كىلومېتىردىن ئارتۇق قىسقاردى؛ 224 دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى زىچ ھاۋا قاتنىشى تورىنى شەكىللەندۈردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى غەربىي رايوننى ئېچىش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى رېن جيەن مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ئىلگىرىكى ئىچكى قۇرۇقلۇق ‹‹تاغار تېگى››لىك ئورنىدىن دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشىدىكى دەرۋازىسىغا، ئاخىرقى نۇقتىدىن تۈگۈنگە ئايلىنىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى تۈگۈن بېكەتلىك رولىنى، دۆلىتىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشىدىكى مۇھىم دەرۋازىلىق ۋە پەللىلىك رولىنى، ئالدىن يولغا قويۇپ، ئالدىن سىناق قىلىدىغان ئىسلاھات سىناق رايونىلىق رولىنى تەدرىجىي جارى قىلدۇرماقتا.

  مول نەتىجە: سەمىمىي تاپشۇرۇقنىڭ تۈرتكىسىدە ‹‹بەشنى راۋانلاشتۇرۇش›› قۇرۇلۇشى تېزلىتىلدى

  باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقى، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››تەشەببۇسىنىڭ جاراڭلىق چاقىرىقى شىنجاڭنى يېڭى بىر نۆۋەتلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىشقا دەۋەت قىلدى. ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلىدى، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى تۈگۈن شەھەرلەر ئۆز رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى ـــ

  ئۈرۈمچى كۆپ شەكىللىك بىرلەشمە تىرانسپورت تاموژنا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەركىزى ۋىۋىسكا ئېسىپ ئىشقا كىرىشتى، ئوتتۇرا ئاسىيا رايون ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مېخانىزمى (CAREC) غا ئەزا 11 دۆلەت بىرلىكتە تەشەببۇس قىلىپ قۇرغان ئوتتۇرا ئاسىيا رايون ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئىنستىتۇتى ئۈرۈمچىگە ماكانلاشتى؛

  ئالاتاۋ پورتى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى ‹‹نېفىت، تەبىئىي گاز ئىمپورت قىلىش، ئاشلىق، ياغ، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە كەسىپ مەھسۇلاتلىرى ئىمپورت قىلىش، مېتال، كان مەھسۇلاتلىرى ئىمپورت قىلىش، ياغاچ ماتېرىياللىرى ئىمپورت قىلىش، ئىمپورت – ئېكسپورت ئىستېمال بۇيۇملىرى ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى، ئىمپورت قىلىنغان ئاپتوموبىلنى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش›› قاتارلىق ئالتە چوڭ سودا مەركىزىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، مەملىكەت ئىچى – سىرتىدىكى 377 كارخانىنى جەلپ قىلىپ ماكانلاشتۇردى، 2017 – يىلىدىن بۇيان، 832 مىڭ توننا مال ئۆتكۈزدى؛

  جۇڭگو – قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىگە تاۋار كۆرگەزمىسى، يېمەك – ئىچمەك، كۆڭۈل ئېچىش، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدىغان 30غا يېقىن نۇقتىلىق تۈر ماكانلىشىپ، جەمئىي 20 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، 4000دىن ئارتۇق سودىگەر كىرگۈزدى، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى توققۇز ئېيىدا بۇ مەركەزكە كىرىپ – چىققانلار 4 مىليون 220 مىڭ ئادەم(قېتىم)گە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.24 ئاشتى؛

  قەدىمكى يىپەك يولىدىكى مۇھىم بازار قەشقەردە قەشقەر – شېنجېن كەسىپلەر رايونىنىڭ زاۋۇت ئۆيلىرى ۋە يۈرۈشلۈك ئەسلىھە قۇرۇلۇشى پۈتتى، قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى تاموژنا پېچىتى بىلەن توشۇشنى ئىشقا ئاشۇردى، قونجىراپ، تورغات، ئەركەشتام، قاراسۇ قاتارلىق دۆلەتلىك 1 – دەرىجىلىك پورتلارنىڭ ئۈستۈنلۈكى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، تەدرىجىي ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلانماقتا.

  ئۈچ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىچكى – تاشقى ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى قەتئىي ئېغىشماي كېڭەيتىپ، دۆلەتنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››تەشەببۇسىغا پائال ئاۋاز قوشۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىدا قەدەمنى پۇختا ئېلىپ، يىراقنى كۆزلەپ، باسقۇچلۇق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

  يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى سودا – ئەشيا ئوبوروتى مەركىزى، داۋالاش مۇلازىمىتى مەركىزى، مەدەنىيەت – پەن – مائارىپ مەركىزى (مائارىپ قىسمى) ۋە قاتناش تۈگۈنى مەركىزى قاتارلىق قۇرۇلۇش پىلانلىرى كەينى – كەينىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ‹‹بىر يادرولۇق چەمبەر، توققۇز رايون، كۆپ تۈگۈن›› لۈك سودا – ئەشيا ئوبوروتى مەركىزى تېز بەرپا قىلىنماقتا؛ جۇڭگو شىنجاڭ دۇنيادىكى 155 دۆلەت ۋە رايون بىلەن ئىقتىساد – سودا ئالاقىسىنى قانات يايدۇردى، 15 دۆلەت ۋە رايون شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىپ، ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇردى؛ 86 دۆلەت ۋە رايون بىلەن چېگرا ھالقىغان خەلق پۇلى ئەمەلىي كىرىم – چىقىم كەسپىنى قانات يايدۇردى، چېگرا ھالقىغان راسچوت ئەمەلىي كىرىم – چىقىمى جەمئىي 235 مىليارد 100 مىليون يۈەنگە يەتتى؛ لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن ئىلىم – پەن، مائارىپ، مەدەنىيەت، سەھىيە، ئەلئارا ئالاقىسى قاتارلىق ساھەلەر بويىچە كەڭ ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، مول نەتىجىلەرگە ئېرىشتى.

  خەلقئارا سەھنىلەردە ئالاھىدە تىرانسفورموتور پاي چەكلىك شىركىتى، گۇاڭخۇي ئوقەتچىلىك – مەبلەغ سېلىش (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، ‹‹جىنفېڭ›› پەن – تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى قاتارلىق بىر تۈركۈم شىنجاڭ كارخانىلىرى جۇڭگونىڭ ئەۋزەل مەھسۇلاتلىرى، ئەۋزەل ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، ئەۋزەل مۇلازىمىتى ۋە ئەۋزەل تېخنىكىلىرىنىڭ ‹‹سىرتقا چىقىرىلىشى››غا تۈرتكە بولۇپ، ئارزۇ – ئۈمىدلىرىنى نامايان قىلدى.

  2016 – يىلى جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىمپورت – ئېكسپورت سودا سوممىسى 14 مىليارد 700 مىليون دوللارغا يېتىپ، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت – ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %81.7 ىنى ئىگىلىدى. جۇڭگو شىنجاڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تېز پويىزى ئارقىلىق دۆلەت دەرۋازىسىدىن چىقىپ، دۇنياغا يۈزلەندى.

  كەلگۈسىگە نەزەر: ئېچىۋېتىش، تەرەققىيات قەدىمى مەڭگۈ توختاپ قالمايدۇ

  ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى ھەيۋەتلىك ھەم گۈزەل. ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، تەڭپۇڭ، ئورتاق پايدا ئالىدىغان ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىش، تەرەققىياتنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يارىتىشىنى كۈتمەكتە.

  بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە ‹‹جىنفېڭ›› پەن – تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى ‹‹جۇڭگودا ياسالغان›› شامال ئېلېكتىر گېنېراتورىنى ئالتە چوڭ قىتئەدىكى 20 گە يېقىن دۆلەتتە قەد كۆتۈرگۈزدى.

  ‹‹جىنفېڭ›› پەن – تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ۋۇ گاڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجى 2009 – يىلى شىركىتىمىزنى كۆزدىن كەچۈرگەن ھەم بىزگە مۇھىم يوليورۇق بېرىپ: مەھسۇلات مۇلازىمىتىدە، مەھسۇلات تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشقا، شۇ ئارقىلىق مەھسۇلاتىڭلارنى خەلقئارالاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىڭلار، دېگەنىدى. سەككىز يىلدىن بۇيان، باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئېسىمىزدە چىڭ ساقلاپ، چەت ئەل بازىرىنى پائال ئېچىپ، خەلقئارالىشىش سەۋىيەمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردۇق. كەلگۈسىدە ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسىنى تېخىمۇ قەتئىي ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، خەلقئارادىكى تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق ھەمراھلىرىمىزغا جۇڭگونىڭ شامال ئېلېكتىر كەسپىنىڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكلىرىنى نامايان قىلىپ، دۇنيا خەلقىنى تېخىمۇ كۆپ يېشىل ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيمىز.

  ‹‹پۇرسەتنى تۇتۇپ، يېڭىلىق يارىتىپ، ئۆزگىرىش ياساپ، توك يەتكۈزۈش – بېسىم ئۆزگەرتىش ساھەسىدە سەرخىل ياسىمىچىلىق، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيالدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ خەلقئارا ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭگونىڭ داڭلىق ئىسىم كارتىسىغا ئايلاندۇرىمىز››. بۇ، ئالاھىدە تىرانسفورموتور چەكلىك پاي شىركىتىدىكى 20 مىڭ ئىشچى – خىزمەتچىنىڭ تەنتەنىلىك ۋەدىسى.

  پۈتۈن شىنجاڭنى نەزەردە تۇتۇپ، تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش بىرىكمە كۈچى ئارقىلىق داڭلىق ماركا يارىتىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەرنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا سىڭدۈرۈش كېرەك، بۇ، ئىچكى ماھارەت مەشىقى قىلىپ، مەھسۇلاتنىڭ سۈپەت دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئېچىۋېتىش، تەرەققىياتنىڭ يېڭى دولقۇنىنى كۈتۈۋېلىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى؛ ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق شىنجاڭ ياسىمىچىلىقىنىڭ كەسىپ زەنجىرى ئۈزلۈكسىز شەكىللەندۈرۈلۈپ، سىرتقا يۈزلەنگەن ئىقتىساد يېڭى ۋەزىيىتى ئۈزلۈكسىز يارىتىلىپ، ‹‹چەت ئەللەردىكى ئامبار››، ‹‹چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا››، ‹‹كۆپ مىقدارلىق تاۋارلار ئېلېكتىرۇنلۇق سودىسى›› راۋاجلاندۇرۇلۇپ، يېڭىلىق يارىتىدىغان نۇرغۇن ‹‹قېزىلمىغان كۈچ›› ئەل ئارىسىدا، ئاساسىي قاتلامدا ھاياتىي كۈچكە تولۇپ، ساغلام يېتىلمەكتە.

  رېن جيەن مۇنداق دېدى: شىنجاڭ دۆلەت ئىچى – خەلقئارادىكى 1 مىليارد 300 مىليون نوپۇسى بار ئىككى چوڭ بازارنى تۇتاشتۇردى، شىنجاڭ دۆلەتلىك 1 – دەرىجىلىك پورتتىن 17 سىگە ۋە قەشقەر، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى، ئۈرۈمچى، ئالاتاۋ، قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى ۋە جۇڭگو – قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى قاتارلىق ئېچىۋېتىلگەن سۇپىلارغا ئىگە بولۇپ، تۆمۈريول، تاشيول، ئاۋىياتسىيە ۋە تۇرۇبا يولىدىن ئىبارەت تۆت بىر گەۋدىلەشكەن ئۇنىۋېرسال تىرانسپورت تورىنى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈردى. كەلگۈسىدە يېڭى ئاسىيا – ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكى، جۇڭگو – ئوتتۇرا ئاسىيا – غەربىي ئاسىيا، جۇڭگو – پاكىستان، جۇڭگو – موڭغۇلىيە – رۇسىيە ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ ‹‹شەرق بىلەن غەربنى تۇتاشتۇرۇش، جەنۇب بىلەن شىمالنىڭ ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇش››تىكى تۈگۈنلۈك رولى تېخىمۇ گەۋدىلىنىدۇ.

  رېن جيەن مۇنداق دېدى: يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان، شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى يەنە ‹‹باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر››نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنىڭ ۋاقىت جەدۋىلى ۋە يول خەرىتىسىنى ئايدىڭلاشتۇردى، تەدبىر، ۋەزىپىلەر تېخىمۇ كونكرېت، تېخىمۇ ئېنىق بولدى.

  باش شۇجىنىڭ غەمخورلۇقى، كۆيۈنۈشى ۋە سەمىمىي ئۈمىدىنى تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، شىنجاڭدا قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ، ئېچىۋېتىش، تەرەققىيات قەدىمىنى مەڭگۈ توختاتمايمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ