تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرەيلى

  يولداش شى جىنپىڭنىڭ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن قۇرۇلتايغا بەرگەن دوكلاتىدىن ئۈزۈندە

   جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش

  شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 18 – ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. يولداش شى جىنپىڭ 19 – قۇرۇلتايدا بەرگەن دوكلاتىدا مۇنداق دېدى: جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19 – قۇرۇلتىيى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغان ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە چاقىرىلغان ئىنتايىن مۇھىم قۇرۇلتاي.

  قۇرۇلتاينىڭ تېمىسى: ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇمىغاندىلا، ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرغىلى بولىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش. بۇ ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچ جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرىدىغان تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ. پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار چوقۇم خەلق بىلەن مەڭگۈ ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىنى مەڭگۈلۈك كۈرەش نىشانى قىلىپ، مەڭگۈ بوشاشمايدىغان روھىي ھالەت ۋە توختىماي ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەشچان قىياپەت بىلەن داۋاملىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۇلۇغۋار نىشانىنى كۆزلەپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلىشى لازىم.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نۆۋەتتە ئىچكى – تاشقى ۋەزىيەتتە چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولماقتا، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ھېلىھەم مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرماقتا، ئىستىقبالىمىز ئىنتايىن پارلاق، خىرىسمۇ ئىنتايىن كەسكىن. پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار چوقۇم ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، تىنچ شارائىتتا خەۋپ – خەتەرنى ئويلاپ، ئۆزگىرىش ياساشقا ۋە يېڭىلىق يارىتىشقا جۈرئەت قىلىپ، مەڭگۈ قاتماللىشىپ قالماي، مەڭگۈ بىر ئىزدا توختاپ قالماي، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈشى لازىم.

   ئۆتكەن بەش يىلدا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۇق

  شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 18 – ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. يولداش شى جىنپىڭ 19 – قۇرۇلتاي دوكلاتىدا پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى خىزمەتلەرنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بەش يىلدا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۇق، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا ئومۇميۈزلۈك يېڭى ۋەزىيەت ياراتتۇق.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: 18 – قۇرۇلتايدىن بۇيانقى بەش يىل پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى ئىنتايىن ئالاھىدە بەش يىل بولدى. دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشى ئاجىز بولۇۋاتقان، قىسمەن توقۇنۇش ۋە داۋالغۇش كۆپلەپ يۈز بېرىۋاتقان، يەر شارى خاراكتېرلىك مەسىلىلەر كەسكىنلىشىۋاتقان تاشقى مۇھىت ئالدىدا، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى يېڭى نورماللىققا قەدەم قويغان بىر قاتار چوڭقۇر ئۆزگىرىش ئالدىدا، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتىن ئىبارەت خىزمەت ئومۇمىي روھىدا چىڭ تۇرۇپ، قىيىنچىلىقتىن قورقماي يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىدا ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۇق. بەش يىلدىن بۇيان، بىز ‹‹بەشنى بىر گەۋدە قىلىش›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش ئالغا سىلجىتىپ، ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى تەڭكەش ئىلگىرى سۈرۈپ، 12 – بەش يىللىق يىرىك پىلاننى غەلىبىلىك ئورۇنداپ، 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلاننى ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا ئومۇميۈزلۈك يېڭى ۋەزىيەت ياراتتۇق.

  ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشتا زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلدى. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇلدى، تەرەققىيات قارىشى قەتئىي توغرىلاندى، تەرەققىيات ئۇسۇلى قەتئىي ئۆزگەرتىلدى، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى ئۈزلۈكسىز ئۆستى. ئىقتىساد داۋاملىق ئوتتۇراھال يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىپ، دۇنيادىكى ئاساسلىق دۆلەتلەرنىڭ ئالدىنقى قاتارىغا ئۆتتى، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 54 تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ 80 تىرىليون يۈەنگە يېتىپ، دۇنيا بويىچە مۇقىم 2 – ئورۇن تۇتۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپە نىسبىتى% 30 تىن ئېشىپ كەتتى. تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلدى، ئىقتىسادىي قۇرۇلما ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى.

  ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا زور بۆسۈش ھاسىل قىلىندى. ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش تېز قەدەم بىلەن پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى، ھەر جەھەتتىكى تۈزۈلمە – مېخانىزم ئىللەتلىرى قەتئىي تۈگىتىلدى. ئىسلاھاتقا ئومۇميۈزلۈك كۈچەش ئارقىلىق كۆپ نۇقتىدىن بۆسۈپ، ھەر تەرەپلىمە ئالغا سىلجىتىپ، ئىسلاھاتنىڭ سىستېمىلىقى، بىر پۈتۈنلۈكى، ماسلىقى تازا كۈچەيتىلىپ، ئىسلاھاتنىڭ كەڭلىكى، چوڭقۇرلۇقى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇلدى، 1500 دىن ئارتۇق ئىسلاھات تەدبىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، مۇھىم ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنىڭ ئىسلاھاتىدا بۆسۈش خاراكتېرلىك نەتىجە قولغا كەلدى، مۇھىم ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنىڭ ئاساسىي رامكىسى ئاساسەن تۇرغۇزۇلدى.

  دېموكراتىيە – قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىدا زور قەدەم تاشلاندى. سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىي پائال راۋاجلاندى، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئالغا سىلجىدى، پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق خوجايىن بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئورگانىك بىرلەشتۈرۈلگەن تۈزۈم قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىلدى، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈلمىسى مېخانىزمى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى، سوتسىيالىستىك دېموكراتىيە ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندى، پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيە تېخىمۇ كېڭەيدى، سوتسىيالىستىك كېڭىشىش دېموكراتىيەسى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدى، ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپى مۇستەھكەملەندى ۋە راۋاجلاندى، مىللەتلەر خىزمىتى، دىن خىزمىتى ئىجادكارلىق بىلەن ئالغا سىلجىدى. جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق سىستېمىسى كۈندىن – كۈنگە مۇكەممەللەشتى، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ قانۇنچىللىق قارىشى روشەن كۈچەيدى. دۆلەتنىڭ مەمۇرىي تەپتىش تۈزۈلمىسىنىڭ ئىسلاھات سىنىقىدا ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى.

  ئىدىيە – مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدا زور نەتىجە قولغا كەلدى. پارتىيەنىڭ ئىدېئولوگىيە خىزمىتىگە قارىتىلغان رەھبەرلىكى كۈچەيتىلىپ، پارتىيەنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىلدى، ماركسىزمنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك ئورنى تېخىمۇ روشەنلەشتى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ۋە جۇڭگو ئارزۇسى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ۋە جۇڭخۇا ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇلدى، ئاممىۋى مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش پائالىيىتى پۇختا قانات يايدۇرۇلدى.

  خەلق تۇرمۇشى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى. خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان نۇرغۇنلىغان تەدبىرلەر جايىدا ئەمەلىيلەشتى، خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە ھەل قىلغۇچ نەتىجە قولغا كەلدى، 60 مىليوندىن ئارتۇق نامرات ئاھالە نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلدى، نامراتلىشىش نىسبىتى %10.2 تىن تۆۋەنلەپ، %4 تىن تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشتى. مائارىپ ئىشلىرى ئەتراپلىق راۋاجلاندى، ئوتتۇرا، غەربىي رايونلار مائارىپى ۋە يېزا مائارىپى روشەن كۈچەيدى. ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالى سىجىل ياخشىلاندى، شەھەر – بازارلاردا ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 13 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى. شەھەر – يېزا ئاھالىسى كىرىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن ئېشىپ كەتتى، كىرىمى ئوتتۇراھال كىشىلەر سىجىل كۆپەيدى. شەھەر – يېزا ئاھالىسىنى قاپلىغان ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى ئاساسەن بەرپا قىلىندى، خەلقنىڭ ساغلاملىق ۋە داۋالىنىش – ساقلىق ساقلاش سەۋىيەسى زور دەرىجىدە ئۆستى، كاپالەتلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىلدى. جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتى، ئىجتىمائىي ۋەزىيەتنىڭ مۇقىملىقى ساقلاندى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىلدى.

  ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى زور سالماق بىلەن ئالغا سىلجىتىلدى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئاڭلىقلىقى ۋە تەشەببۇسكارلىقى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشقا سەل قاراش ئەھۋالى روشەن ئۆزگەرتىلدى.

  ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈشتە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىلدى. جۇڭگو ئارزۇسى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش نەزەردە تۇتۇلۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ھەربىي ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېن تۈزۈلۈپ، دۆلەت مۇداپىئەسىنىڭ ۋە ئارمىيەنىڭ زامانىۋىلىشىشى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىلدى. خەلق ئارمىيەسى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ جۇڭگوچە يولىدا مەزمۇت قەدەم تاشلىدى.

   شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن خىزمىتىدە يېڭى نەتىجە قولغا كەلدى.

  ھەر تەرەپلىمە دىپلوماتىيە ئورۇنلاشتۇرمىسى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلدى. جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسى ئەتراپلىق ئالغا سىلجىتىلىپ، ھەر تەرەپلىمە، كۆپ قاتلاملىق، ئىستېرېئولۇق دىپلوماتىيە ئورۇنلاشتۇرمىسى شەكىللەندۈرۈلۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى تاشقى شارائىت يارىتىلدى. دۆلىتىمىزنىڭ خەلقئارا تەسىر كۈچى، چاقىرىق كۈچى، ئىجادىيەت كۈچى يەنىمۇ ئېشىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا يېڭى، زور تۆھپە قوشۇلدى.

  پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا ئالاھىدە ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى. پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىلىپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش – ئىدارە قىلىشتا كەڭ، بوش، يۇمشاق بولۇش ھالىتى قەتئىي ئۆزگەرتىلدى. پۈتۈن پارتىيەنىڭ پارتىيە نىزامنامىسىنى ھۆرمەت قىلىشى ئالغا سۈرۈلۈپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭى كۈچەيتىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلەشكەن بىر تۇتاش رەھبەرلىكى قەتئىي قوغدالدى، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسى چىڭىتىلىپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش – ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتى قاتلاممۇ قاتلام ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى. پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ تۈزۈم ئىسلاھاتى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلدى، پارتىيە ئىچىدىكى نىزام – تۈزۈم سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى، ئىنتىزام گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، خەلقنىڭ ئىنكاسى ئەڭ كۈچلۈك بولۇۋاتقان، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىغا ئەڭ زور تەھدىت سېلىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەر كۈچەپ ھەل قىلىندى. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا چەكلەنگەن رايون قالدۇرماسلىق، ھەممىنى قاپلاش، قىلچە يول قويماسلىق، ‹‹چوڭلىرىغىمۇ، كىچىكلىرىگىمۇ تېگىش››، ‹‹قاچقۇنلارنى تۇتۇش›› تا قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان قىلىش نىشانى دەسلەپكى قەدەمدە ئىشقا ئاشۇرۇلدى، چىرىكلىشىشكە يول قويماسلىق قەپىسى بارغانسېرى چىڭىتىلدى، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان قىلىش توسمىسى قۇرۇلماقتا، چىرىكلىككە قارشى كۈرەشنىڭ مۇتلەق ئۈستۈنلۈكى شەكىللەندى ھەمدە مۇستەھكەملىنىپ راۋاجلاندى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بەش يىلدىن بۇيانقى مۇۋەپپەقىيەتلەر ھەر تەرەپلىمە، ئىجادىي مۇۋەپپەقىيەت، بەش يىلدىن بۇيانقى ئۆزگىرىش چوڭقۇر قاتلاملىق، نېگىزلىك ئۆزگىرىش. بەش يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىز غايەت زور سىياسىي جاسارەت ۋە كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن بىر قاتار يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەلەرنى، بىر قاتار زور فاڭجېن، سىياسەتلەرنى، بىر قاتار زور تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىر قاتار مۇھىم خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىپ، ئۇزاقتىن بېرى ھەل قىلماقچى بولسىمۇ ھەل قىلىنمىغان بىر مۇنچە قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئىلگىرى ۋۇجۇدقا چىقارماقچى بولسىمۇ ۋۇجۇدقا چىقىرالمىغان بىر مۇنچە چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي ئۆزگىرىشنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تۈرتكە بولدى. بۇ تارىخىي ئۆزگىرىشلەر پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا زور ۋە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: بەش يىلدىن بۇيان، بىز پارتىيە دۇچ كەلگەن زور خەۋپ ۋە سىناققا، پارتىيە ئىچىدە ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە دادىل يۈزلىنىپ، قەيسەر ئىرادە ۋە خىسلەت بىلەن ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، رەزىللىكنى جازالاپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىچىدە ساقلىنىۋاتقان ئېغىر خەۋپنى تۈگەتتۇق، بۇنىڭ بىلەن، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇش كەيپىياتى تېخىمۇ يېڭىلاندى، پارتىيەنىڭ ئىچكى سىياسىي ئېكولوگىيەسى روشەن ياخشىلاندى، پارتىيەنىڭ ئىجادكارلىقى، ئۇيۇشقاقلىقى، جەڭگىۋارلىقى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى – بىرلىكى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى، پارتىيەنىڭ ئامما بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، پارتىيە ئىنقىلاب خاراكتېرلىك تاۋلىنىش ئارقىلىق تېخىمۇ قۇدرەت تېپىپ، يېڭى، قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنى ۋە جۇشقۇنلۇقىنى ئۇرغۇتۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شۇنى سەگەكلىك بىلەن كۆرۈشىمىز شەرتكى، خىزمىتىمىزدە يەنە بىر مۇنچە يېتەرسىزلىكلەر مەۋجۇت، بىر مۇنچە قىيىنچىلىق ۋە خىرىسقىمۇ دۇچ كېلىۋاتىمىز. بۇ مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىش شەرت.

   جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغانلىقى دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تارىخىي ئورنىدۇر

  شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 18 – ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. يولداش شى جىنپىڭ 19 – قۇرۇلتاي دوكلاتىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئۇزاق مۇددەت تىرىشىش ئارقىلىق جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى، دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تارىخىي ئورنى ئەنە شۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ دەسلىپىدە پارتىيەمىز ئۆز يولىمىزدا مېڭىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش ئۇلۇغ چاقىرىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. شۇ چاغدىن باشلاپ، پارتىيەمىز پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا يېتەكلەپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي كۈچى، پەن – تېخنىكا كۈچى، دۆلەت مۇداپىئە كۈچى، ئۇنىۋېرسال كۈچىنىڭ دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىغا ئۆتۈشىگە، دۆلىتىمىزنىڭ خەلقئارا ئورنىنىڭ مىسلىسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى، بۇنىڭ بىلەن، پارتىيەنىڭ قىياپىتىدە، دۆلەتنىڭ قىياپىتىدە، خەلقنىڭ قىياپىتىدە، ئارمىيەنىڭ قىياپىتىدە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قىياپىتىدە مىسلىسىز ئۆزگىرىش بولدى، جۇڭخۇا مىللىتى يېپيېڭى قىياپەت بىلەن دۇنيانىڭ شەرقىدە قەد كۆتۈرمەكتە.

  ئۇزاق مۇددەت تىرىشىش ئارقىلىق جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى، دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تارىخىي ئورنى ئەنە شۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغانلىقى يېقىنقى زاماندىن بۇيان ئۇزاق مۇددەتلىك ئازاب – ئوقۇبەتنى باشتىن كەچۈرگەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇشتىن بېيىشقا، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقا ئۆتكەن ئۇلۇغ سەكرەشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى رېئاللىشىدىغان پارلاق ئىستىقبالنى كۈتۈۋالغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ؛ ئىلمىي سوتسىيالىزمنىڭ 21 – ئەسىردىكى جۇڭگودا قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچكە ۋە جۇشقۇنلۇققا تولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنىڭ دۇنيا ئاسمىنىدا جەۋلان قىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ؛ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى، نەزەرىيەسى، تۈزۈمى، مەدەنىيىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ زامانىۋىلىشىش يولىنى كېڭەيتىپ، دۇنيادىكى تېز تەرەققىي قىلىشنىمۇ، ئۆز مۇستەقىللىقىنى ساقلاپ قېلىشنىمۇ ئۈمىد قىلىدىغان دۆلەت ۋە مىللەتلەرگە يېپيېڭى يول تېپىپ بېرىپ، ئىنسانلار مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشىغا جۇڭگو ئەقىل – پاراسىتىنى ۋە جۇڭگو لايىھەسىنى يەتكۈزۈپ بەرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ يېڭى دەۋر ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، ئۆتكەن ئىشلارنى داۋاملاشتۇرۇپ كېيىنكى ئىشلارغا ئاساس سېلىپ، يېڭى تارىخىي شارائىتتا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى داۋاملىق قولغا كەلتۈرىدىغان دەۋر، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ زامانىۋىلاشقان سوتسىيالىستىك قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشقا ئاتلىنىدىغان دەۋر، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان، ئۈزلۈكسىز گۈزەل تۇرمۇش يارىتىدىغان، بارلىق خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى پەيدىنپەي ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان دەۋر، بارلىق جۇڭخۇا پەرزەنتلىرى بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى تىرىشىپ ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان دەۋر، دۆلىتىمىز دۇنيا سەھنىسىنىڭ مەركىزىگە كۈندىن – كۈنگە يېقىنلىشىدىغان، ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدىغان دەۋر.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى، جەمئىيىتىمىزدىكى ئاساسىي زىددىيەت خەلقنىڭ كۈندىن – كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجى بىلەن تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتكە ئۆزگەردى.

  شۇنى تونۇپ يېتىش شەرتكى، جەمئىيىتىمىزدىكى ئاساسىي زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى ئومۇمىيەتكە تاقىلىدىغان تارىخىي ئۆزگىرىش بولۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىگە بىر مۇنچە يېڭى تەلەپ قويدى. بىز تەرەققىياتقا داۋاملىق تۈرتكە بولۇش ئاساسىدا، تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسىنى كۈچەپ ئوبدان ھەل قىلىپ، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، خەلقنىڭ ئىقتىساد، سىياسىي، مەدەنىيەت، جەمئىيەت ۋە ئېكولوگىيە جەھەتلەردە كۈندىن – كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ئوبدان قاندۇرۇپ، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك يۈكسىلىشىگە تېخىمۇ ئوبدان تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

  شۇنى تونۇپ يېتىش شەرتكى، جەمئىيىتىمىزدىكى ئاساسىي زىددىيەت ئۆزگەرگىنى بىلەن، دۆلىتىمىز سوتسىيالىزمى تۇرۇۋاتقان تارىخىي باسقۇچ توغرىسىدىكى ھۆكۈمىمىز ئۆزگەرگىنى يوق. دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان ھەم ئۇزاققىچە شۇ باسقۇچتا تۇرىدىغان ئاساسىي ئەھۋالى ئۆزگەرگىنى يوق، دۆلىتىمىزنىڭ دۇنيادىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەڭ چوڭ دۆلەتكە خاس خەلقئارا ئورنى ئۆزگەرگىنى يوق.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: پۈتۈن پارتىيە سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىن ئىبارەت ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالىنى پۇختا ئىگىلەپ، سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىن ئىبارەت ئەڭ زور ئەمەلىيەتنى مەھكەم ئاساس قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ پارتىيەنىڭ ئاساسىي لۇشيەنىدىن ئىبارەت ھاياتلىق يولى ۋە خەلقنىڭ بەخت – سائادەت يولىدا مەھكەم چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى يېتەكلەپ ۋە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىپ، تۆت ئاساسىي پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەپ، دۆلىتىمىزنى زامانىۋىلاشقان، باي، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك قۇدرەتلىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش يولىدا كۈرەش قىلىشى لازىم.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويۇشى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا زور ئەھمىيەتكە ئىگە، دۇنيانىڭ سوتسىيالىزم تەرەققىيات تارىخى، ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىمۇ زور ئەھمىيەتكە ئىگە. پۈتۈن پارتىيە ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تېخىمۇ قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلايلى.

   جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يېڭى دەۋردىكى تارىخىي بۇرچى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 18 – ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يېڭى دەۋردىكى تارىخىي بۇرچىنى شەرھلەپ مۇنداق دېدى: جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى ئەڭ ئۇلۇغ ئارزۇسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلۇشى بىلەنلا، كوممۇنىزمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئۆزىنىڭ ئالىي غايىسى ۋە ئاخىرقى نىشانى قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدىكى تارىخىي بۇرچنى قىلچە ئىككىلەنمەي ئۈستىگە ئېلىپ، خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، مىسلىسىز مۇشەققەتلىك كۈرەشلەرنى ئېلىپ بېرىپ، يەر – جاھاننى زىلزىلىگە سالىدىغان ھەيۋەتلىك تارىخىي داستاننى ياراتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيەمىز خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، يېزا ئارقىلىق شەھەرنى قورشاش، ھاكىمىيەتنى قوراللىق تارتىۋېلىشتىن ئىبارەت توغرا ئىنقىلاب يولىنى تېپىپ، 28 يىل قانلىق جەڭ قىلىپ، يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلابنى ئورۇنداپ، 1949 – يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇپ، جۇڭگودا نەچچە مىڭ يىل ھۆكۈم سۈرگەن فېئودال مۇستەبىت سىياسىيدىن خەلق دېموكراتىيەسىگە بۇرۇلىدىغان ئۇلۇغ سەكرەشنى ئەمەلگە ئاشۇردى.

  پارتىيەمىز خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، سوتسىيالىستىك ئىنقىلابنى ئورۇنداپ، سوتسىيالىستىك ئاساسىي تۈزۈمنى ئورنىتىپ، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تارىخىدىكى ئەڭ كەڭ ھەم چوڭقۇر ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشنى تاماملاپ، زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ بارلىق تەرەققىياتى ۋە يۈكسىلىشى ئۈچۈن تۈپ سىياسىي ئالدىنقى شەرتنى ھازىرلاپ ۋە تۈزۈم ئاساسى سېلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يېقىنقى زاماندا ئۈزلۈكسىز زاۋالغا يۈز تۇتۇش تەقدىرىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىپ، ئىزچىل گۈللىنىش ۋە بېيىپ قۇدرەت تېپىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ سەكرەشنى ئەمەلگە ئاشۇردى.

  پارتىيەمىز خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ ئىنقىلابنى ئېلىپ بېرىپ، دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ تەرەققىياتىغا پۇتلىكاشاڭ بولىدىغان بارلىق ئىدىيە ۋە تۈزۈلمە توسالغۇلىرىنى تۈگىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى ئېچىپ، جۇڭگونى چوڭ قەدەم بىلەن دەۋرگە يېتىشىۋېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى كۈندە بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانىغا تارىختىكى ھەرقانداق دەۋردىكىدىن يېقىنلاشتۇق، بۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تارىختىكى ھەرقانداق دەۋردىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ كۈچلۈك ئىشەنچ ۋە ئىقتىدارغا ئىگىمىز.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: ئىش ۋۇجۇدقا چىقمىغىچە بەل قويۇۋەتمەسلىك كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ھەرگىزمۇ داقا – دۇمباق چېلىش بىلەنلا ئاسان ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس. پۈتۈن پارتىيە تېخىمۇ مۈشكۈل، تېخىمۇ جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە ھازىرلىنىشى شەرت.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئۇلۇغ ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلۇغ كۈرەش ئېلىپ بېرىش شەرت. پۈتۈن پارتىيەدىكىلەر پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە ۋە دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك تۈزۈمىدە تېخىمۇ ئاڭلىق چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك تۈزۈمىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان، بۇرمىلايدىغان ۋە ئىنكار قىلىدىغان بارلىق سۆز – ھەرىكەتلەرگە قەتئىي قارشى تۇرۇشى؛ خەلق مەنپەئىتىنى تېخىمۇ ئاڭلىق قوغدىشى، خەلق مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان، ئاممىدىن ئايرىلىپ قالىدىغان بارلىق قىلمىشلارغا قەتئىي قارشى تۇرۇشى؛ ئىسلاھات ئېلىپ بارىدىغان، يېڭىلىق يارىتىدىغان دەۋر ئېقىمىغا تېخىمۇ ئاڭلىق ئاتلىنىپ، بارلىق جاھىل ئىللەتلەرنى قەتئىي تۈگىتىشى؛ دۆلىتىمىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئىتىنى تېخىمۇ ئاڭلىق قوغدىشى، ۋەتەننى پارچىلايدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بارلىق قىلمىشلارغا قەتئىي قارشى تۇرۇشى؛ تېخىمۇ ئاڭلىقلىق بىلەن ھەرخىل خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، جەمئىيەت قاتارلىق ساھەلەردە ۋە تەبىئەتتە كۆرۈلگەن بارلىق قىيىنچىلىق ۋە خىرىسنى قەتئىي يېڭىشى كېرەك. پۈتۈن پارتىيە بۇ ئۇلۇغ كۈرەشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكى، مۇرەككەپلىكى، مۈشكۈللۈكىنى تولۇق تونۇپ، كۈرەش قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۈرەش قىلىش ماھارىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۇلۇغ كۈرەشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.

  ئۇلۇغ ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئېلىپ بېرىش شەرت. بۇ ئۇلۇغ قۇرۇلۇش پارتىيەمىز ھازىر چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىۋاتقان پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇش. پۈتۈن پارتىيە تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا پارتىيەۋىلىك پىرىنسىپىنى چىڭىتىپ، مەسىلىگە دادىل يۈزلىنىپ، سۆڭەكنى قىرىپ زەھەرنى ھەيدەشكە جۈرئەت قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە پاكلىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان بارلىق ئامىللارنى تۈگىتىپ، پارتىيەنىڭ ساغلام ئورگانىزمىنى چىرىتىدىغان ۋىرۇسلارنى تولۇق تازىلاپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارى، ئىدىيەنى يېتەكلەش ئىقتىدارى، ئاممىنى تەشكىللەش ئىقتىدارى ۋە جەمئىيەتكە چاقىرىق قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، پارتىيەمىزنىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچى ۋە قۇدرەتلىك جەڭگىۋارلىقىنى مەڭگۈ ساقلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.

  ئۇلۇغ ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلۇغ ئىشنى ئالغا سىلجىتىش شەرت. پۈتۈن پارتىيە يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى ۋە مەدەنىيەت ئىشەنچىنى تېخىمۇ ئاڭلىق كۈچەيتىشى، بېكىنمە ۋە قاتمال كونا يولغىمۇ، بايراق ئۆزگەرتىدىغان قىڭغىر يولغىمۇ ماڭماي، سىياسىي ئىرادىنى ساقلاپ، ئەمەلىي ئىشلەپ ئەلنى گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى باشتىن – ئاخىر قەتئىي داۋاملاشتۇرۇشى ۋە راۋاجلاندۇرۇشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىش ۋە ئۇلۇغ ئارزۇ بىر – بىرىگە زىچ باغلىنىدۇ، بىر – بىرىگە سىڭگەن بولىدۇ ۋە بىر – بىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغىنى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇش. ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ ئىش ۋە ئۇلۇغ ئارزۇ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ دۇنيا ۋەزىيىتى چوڭقۇر ئۆزگىرىۋاتقان تارىخىي مۇساپىدە باشتىن – ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىدا مېڭىشىنى، تۈرلۈك ئىچكى – تاشقى خەۋپ – خەتەر ۋە سىناققا تاقابىل تۇرىدىغان تارىخىي مۇساپىدە باشتىن – ئاخىر پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ تايانچى بولۇشىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇش تارىخىي مۇساپىسىدە باشتىن – ئاخىر كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى بولۇشىنى ھەقىقىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش لازىم.

  يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدىكى كۈرەشلىرىنىڭ ھەرىكەت كۆرسەتمىسى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 18 – ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدىكى كۈرەشلىرىنىڭ ھەرىكەت كۆرسەتمىسى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 18 – قۇرۇلتايدىن بۇيان، ئىچكى – تاشقى ۋەزىيەتتىكى ئۆزگىرىشمۇ، دۆلىتىمىزدىكى تۈرلۈك ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىمۇ ئالدىمىزغا مۇھىم دەۋر تېمىسىنى قويدى، ئۇ بولسىمۇ، يېڭى دەۋردە قانداق جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قانداق قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش ۋە قانداق راۋاجلاندۇرۇش كېرەك، دېگەن مەسىلىلەرگە، جۈملىدىن يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنىڭ باش نىشانى، باش ۋەزىپىسى، ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى، ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەرەققىيات يۆنىلىشى، تەرەققىيات ئۇسۇلى، تەرەققىيات كۈچى، ئىستراتېگىيەلىك قەدەم – باسقۇچى، تاشقى شارائىتى، سىياسىي كاپالىتى قاتارلىق ئاساسىي مەسىلىلەرگە نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈش ئاساسىدا سىستېمىلىق جاۋاب بېرىش ھەمدە يېڭى ئەمەلىيەتكە ئاساسەن، ئىقتىساد، سىياسىي، قانۇنچىللىق، پەن – تېخنىكا، مەدەنىيەت، مائارىپ، خەلق تۇرمۇشى، مىللەت، دىن، جەمئىيەت، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ‹‹بىر دۆلەت، ئىككى تۈزۈم››، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، بىرلىك سەپ، دىپلوماتىيە ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە نەزەرىيەۋى تەھلىل يۈرگۈزۈش ۋە سىياسەت جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش ئارقىلىق جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى تېخىمۇ ئوبدان قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش ۋە تېخىمۇ ئوبدان راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: پارتىيەمىز مۇشۇ مۇھىم دەۋر تېمىسىنى چۆرىدەپ، ماركسىزم – لېنىنىزم، ماۋزېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسى ۋە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، راستچىل – ئەمەلىيەتچىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دىيالېكتىك ماتېرىيالىزم ۋە تارىخىي ماتېرىيالىزمدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋر شارائىتى ۋە ئەمەلىيەتنىڭ تەلىپىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، كومپارتىيە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قانۇنىيىتى، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش قانۇنىيىتى ۋە ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشنى يېپيېڭى نەزەر دائىرە ئارقىلىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نەزەرىيە جەھەتتە جاپالىق ئىزدىنىپ، نەزەرىيە جەھەتتە يېڭىلىق يارىتىشتا زور نەتىجە قازىنىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈردى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىدە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنىڭ باش ۋەزىپىسى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلىشىشنى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىكەنلىكى، ھاللىق جەمئىيەت ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلغان ئاساستا، ئىككى قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىپ مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا زامانىۋىلاشقان، باي، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىش ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى؛ يېڭى دەۋردە جەمئىيىتىمىزدىكى ئاساسىي زىددىيەتنىڭ خەلقنىڭ كۈندىن – كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجى بىلەن تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ئىكەنلىكى، خەلقنى مەركەز قىلىدىغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشى ۋە پۈتكۈل خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈش كېرەكلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى؛ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنىڭ ‹‹بەشنى بىر گەۋدە قىلىش›› ئىكەنلىكى، ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنىڭ ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى ۋە مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىش كېرەكلىكى تەكىتلەندى؛ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ باش نىشانى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى؛ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش باش نىشانىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق سىستېمىسى بەرپا قىلىش ۋە سوتسىيالىستىك قانۇنچىل دۆلەت قۇرۇش ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى؛ پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنىڭ پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنىدىغان، ئۇرۇشتا غەلىبە قىلالايدىغان، ئىستىلى ياخشى بولغان خەلق ئارمىيەسى قۇرۇپ، خەلق ئارمىيەسىنى دۇنيادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى؛ جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىدە يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئورنىتىلىشىغا ۋە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ بەرپا قىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەكلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى؛ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ئىكەنلىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەڭ زور ئەۋزەللىكىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ئىكەنلىكى، پارتىيەنىڭ ئالىي سىياسىي رەھبىرىي كۈچ ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى دەۋردىكى باش تەلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، سىياسىي قۇرۇلۇشنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم ئورنى گەۋدىلەندۈرۈلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسى ماركسىزم – لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسى ۋە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ داۋامى ۋە راۋاجى، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئەمەلىيەت تەجرىبىسىنىڭ ۋە كوللېكتىپ ئەقىل – پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيەسى سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدىكى كۈرەشلىرىنىڭ ھەرىكەت كۆرسەتمىسى، بۇ ئىدىيەنى ئۇزاققىچە قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش ۋە ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇش شەرت.

  يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئاساسىي تەدبىرى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 18 – ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. شى جىنپىڭ 19 – قۇرۇلتاي دوكلاتىدا يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئاساسىي تەدبىرىنى شەرھلىدى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: پۈتۈن پارتىيە يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنىڭ روھىي ماھىيىتى ۋە مول مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتتە ئومۇميۈزلۈك توغرا ئىزچىللاشتۇرۇشى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى لازىم.

  (1) پارتىيەنىڭ بارلىق خىزمەتلەرگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش. سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى ۋە بىردەكلىك ئېڭىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلەشكەن بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى ئاڭلىق قوغداپ، ئىدىيە جەھەتتە، سىياسىي جەھەتتە ۋە ھەرىكەت جەھەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن ئاڭلىق ھالدا يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشنىڭ تۈزۈلمە – مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خىزمەتنىڭ سالماقلىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش ئومۇمىي روھىدا چىڭ تۇرۇپ، ‹‹بەشنى بىر گەۋدە قىلىش›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش ئالغا سىلجىتىپ، ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى تەڭكەش ئالغا سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ يۆنىلىشنى ئىگىلەش، ئومۇمىيەتنى پىلانلاش، سىياسەت بەلگىلەش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىقتىدارى ۋە ئىرادىسىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ باشتىن – ئاخىر ئومۇمىيەتنى ئىگىلىشى، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇشىنى ھەقىقىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

  (2) خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش. خەلقنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە جان – دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۈپ مەقسىتىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ پۈتكۈل پائالىيىتىدە ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىنى كۈرەش نىشانى قىلىپ، خەلققە تايىنىپ تارىخىي ئۇلۇغ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش شەرت.

  (3) ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، زامانغا لايىق كەلمەيدىغان بارلىق ئىدىيەۋى قاراش ۋە تۈزۈلمە – مېخانىزم ئىللەتلىرىنى قەتئىي تۈگىتىپ، مەنپەئەتنى مۇقىملاشتۇرۇۋېلىش توسۇقىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ پايدىلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قوبۇل قىلىپ، مۇكەممەل، ئىلمىي بولغان، قېلىپلاشقان، ئۈنۈملۈك تۈزۈم سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش شەرت.

  (4) يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش. تەرەققىيات دۆلىتىمىزدىكى بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاساسى ۋە ئاچقۇچى. تەرەققىيات ئىلمىي تەرەققىيات بولۇشى شەرت. ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇش شەرت.

  (5) خەلق خوجايىن بولۇشتا چىڭ تۇرۇش. جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدە كۆپ پارتىيە ھەمكارلىشىش ۋە سىياسىي مەسلىھەت ئېلىپ بېرىش تۈزۈمى، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمى، ئاساسي قاتلام ئامما ئاپتونومىيەسى تۈزۈمىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەڭ كەڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، سوتسىيالىستىك كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، دېموكراتىيە تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېموكراتىيە شەكلىنى بېيىتىپ، دېموكراتىيە يوللىرىنى كېڭەيتىپ، خەلقنىڭ خوجايىن بولۇشىنى دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشى ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش شەرت.

  (6) دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش. پارتىيە رەھبەرلىكىنى دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىدا ۋە ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، ئاساسىي قانۇن يادرو قىلىنغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، سوتسىيالىستىك قانۇنچىل دۆلەت قۇرۇپ چىقىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق نەزەرىيەسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەتنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈش، مەمۇرىيەتنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشنى بىرلىكتە ئالغا سىلجىتىپ، قانۇنچىل دۆلەت، قانۇنچىل ھۆكۈمەت، قانۇنچىل جەمئىيەت قۇرۇلۇشىنى بىر گەۋدىلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش بىلەن ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشتە، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش بىلەن پارتىيەنى قائىدە – نىزام بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەدلىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئومۇمىي مىللەتنىڭ قانۇنچىللىق مەلۇماتى ۋە ئەخلاق ساپاسىنى ئۆستۈرۈش شەرت.

  (7)سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇش. ماركسىزمدا چىڭ تۇرۇپ، كوممۇنىستىك ئۇلۇغۋار غايە ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقى ۋە سۆز ھوقۇقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ئىجادىي ئۆزلىشىشى، ئىجادىي تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىنقىلابىي مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىپ، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئەسلىنى ئۇنتۇماي، چەت ئەلنىڭكىنى قوبۇل قىلىپ، كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، جۇڭگو روھى، جۇڭگو قىممىتى، جۇڭگو كۈچىنى تېخىمۇ ياخشى بەرپا قىلىش، خەلقنى مەنىۋى يېتەكچىلىككە ئىگە قىلىش شەرت.

  (8) تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتا چىڭ تۇرۇش. خەلق مەنپەئىتىنى كۆپرەك كۆزلەپ، خەلقنىڭ غېمىنى كۆپرەك يەپ، تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىدىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق – ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يەسلىگە كىرىدىغانلارنى يەسلىگە كىرىش، ئوقۇيدىغانلارنى ئوقۇش، ئىشلىگەنلەرنى ھەق ئېلىش، كېسەللەرنى داۋالىنىش، ياشانغانلارنى كۈتۈنۈش، ئۆيسىزلەرنى ئۆيى بولۇش، ئاجىزلارنى يار – يۆلەككە ئېرىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجە يارىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بارلىق خەلقنى ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش ئاساسىدىكى تەرەققىياتتا تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىپ، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىنى، بارلىق خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سۈرۈش شەرت.

  (9) ئىنسانىيەتنىڭ تەبىئەت بىلەن ئىناق ئۆتۈشىدە چىڭ تۇرۇش. سۈيى سۈزۈك، تېغى يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، دېگەن ئىدىيەنى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، بايلىق تېجەش ۋە مۇھىت ئاسراشتىن ئىبارەت تۈپ دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا ھاياتقا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىپ، تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاقنى سىستېمىلىق تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنىڭ ئەڭ قاتتىق تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، يېشىل تەرەققىيات شەكلى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىي قىلغان، تۇرمۇش باياشاتلاشقان، ئېكولوگىيە ياخشىلانغان مەدەنىي تەرەققىيات يولىدا قەتئىي مېڭىپ، گۈزەل جۇڭگو بەرپا قىلىپ، خەلققە ياخشى ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش مۇھىتى يارىتىپ بېرىش، يەر شارىنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىگە تۆھپە قوشۇش شەرت.

  (10) ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىدا چىڭ تۇرۇش. دۆلەت مەنپەئىتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ خەۋپسىزلىكىنى ئاساسىي مەقسەت، سىياسىي خەۋپسىزلىكنى تۈپ ئاساس قىلىپ، تاشقى خەۋپسىزلىك بىلەن ئىچكى خەۋپسىزلىكنى، زېمىن خەۋپسىزلىكى بىلەن پۇقرالار خەۋپسىزلىكىنى، ئەنئەنىۋى خەۋپسىزلىك بىلەن غەيرىي ئەنئەنىۋى خەۋپسىزلىكنى، ئۆز خەۋپسىزلىكى بىلەن ئورتاق خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش نەزەردە تۇتۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىك تۈزۈمى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىك ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداش شەرت.

  (11) پارتىيەنىڭ خەلق ئارمىيەسىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش. پارتىيەنىڭ خەلق ئارمىيەسىگە رەھبەرلىك قىلىشىغا دائىر بىر قاتار تۈپ پىرىنسىپ ۋە تۈزۈملەرنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىدىكى يېتەكچى ئورنىنى تۇرغۇزۇپ، ئارمىيەنى سىياسىي بويىچە قۇرۇش، ئارمىيەنى ئىسلاھات ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى پەن – تېخنىكا ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش، ئارمىيەنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي ئۇرۇشنى كۆزلەشكە، يېڭىلىق يارىتىشنى تۈرتكە قىلىشقا، سىستېما قۇرۇلۇشى بەرپا قىلىشقا، تۈجۈپىلىك – ئۈنۈملۈك ئىش كۆرۈشكە، ئارمىيە ئېھتىياجى بىلەن خەلق ئېھتىياجىنى بىرىكتۈرۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش شەرت.

  (12) ‹‹بىر دۆلەت، ئىككى تۈزۈم››نى يولغا قويۇشتا ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش. مەركەزنىڭ شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلىرىنى ئومۇميۈزلۈك باشقۇرۇش ھوقۇقىنى قوغداش بىلەن ئالاھىدە مەمۇرىي رايوننىڭ يۈكسەك ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، ‹‹بىر دۆلەت، ئىككى تۈزۈم›› فاڭجېنىنىڭ ئۆزگەرمەسلىكىگە، ئۇنىڭدىن تەۋرەنمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىش، ‹‹بىر دۆلەت، ئىككى تۈزۈم››نى يولغا قويۇش ئەمەلىيىتىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكىگە، يولدىن چىقىپ كەتمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش شەرت. بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا، ‹‹92 – يىل ئورتاق تونۇشى››دا چىڭ تۇرۇپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى قىرغاق ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى ۋە مەدەنىيەت ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ دۆلەتنى پارچىلايدىغان بارلىق ھەرىكەتلەرگە بىرلىكتە قارشى تۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا بىرلىكتە كۈرەش قىلىش شەرت.

  (13) ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ بەرپا قىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش. ئىچكى ئومۇمىيەت بىلەن خەلقئارا ئومۇمىيەتنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، تىنچ تەرەققىيات يولىدا باشتىن – ئاخىر ئېغىشماي مېڭىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، تەڭ پايدا ئالىدىغان ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، توغرا ھەققانىي مەنپەئەت قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلاشما، ئىمكانىيەتلىك سىجىل يېڭى خەۋپسىزلىك قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، ئېچىۋېتىش، يېڭىلىق يارىتىش، كەڭ قورساق بولۇش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى تەرەققىيات ئىستىقبالى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئىناق ئۆتۈش ئاساسىدا پەرقنى ساقلايدىغان، كەڭ دائىرىدە قوبۇل قىلىدىغان مەدەنىيەت ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەبىئەتكە ھۆرمەت قىلىپ، يېشىل تەرەققىيات ئېكولوگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، باشتىن – ئاخىر دۇنيا تىنچلىقىنىڭ بەرپا قىلغۇچىسى، دۇنيا تەرەققىياتىنىڭ تۆھپىكارى، دۇنيا تەرتىپىنىڭ قوغدىغۇچىسى بولۇش شەرت.

  (14) پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش. پارتىيە نىزامنامىسىنى تۈپ قوللانما قىلىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، پارتىيەنى ئىدىيە ئارقىلىق قۇرۇش ۋە تۈزۈم ئارقىلىق ئىدارە قىلىشتا ئوخشاش يۆنىلىش بويىچە كۈچەپ، پارتىيەنىڭ تۈرلۈك قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش ئالغا سىلجىتىپ، ‹‹ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار››نى چىڭ تۇتۇپ، ‹‹ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش››تا، دېموكراتىيە – مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىچكى سىياسىي تۇرمۇشىنى، پارتىيە ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى ئاكتىپ، ساغلام سىياسىي مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىچكى سىياسىي ئېكولوگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ساپلاشتۇرۇپ، بارلىق ناتوغرا ئىستىلنى قەتئىي تۈزىتىپ، چىرىكلىكنى قىلچە يۈز – خاتىر قىلماي جازالاپ، پارتىيەنىڭ ئۆزىنى پاكلاشتۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى باشتىن – ئاخىر ساقلاش شەرت.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يۇقىرىقى 14 نۇقتا يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئاساسىي تەدبىرىنى ھاسىل قىلغان. پارتىيەدىكى بارلىق يولداشلار پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى يېتەكچىلىك قىلىشى شەرت.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: ئەمەلىيەتنىڭ چېكى يوق، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنىڭمۇ چېكى يوق. دۇنيادا ھەر ۋاقىت ئۆزگىرىش بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ، جۇڭگودىمۇ ھەر ۋاقىت ئۆزگىرىش بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ، بىز نەزەرىيەدە دەۋرگە يېتىشىپ مېڭىپ، قانۇنىيەتنى ئۈزلۈكسىز تونۇپ يېتىپ، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش، مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش شۇنىڭدەك باشقا تەرەپلەردە يېڭىلىق يارىتىشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشىمىز شەرت.

  ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش لازىم

  شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 18 – ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بىز ھەم ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، بىرىنچى 100يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز، ھەم ۋەزىيەتنىڭ يۈزلىنىشى بويىچە داۋاملىق ئىلگىرىلەپ، زامانىۋىلاشقان سوتسىيالىستىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلاپ، ئىككىنچى 100يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىشىمىز لازىم.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ھازىردىن 2020 – يىلىغىچە بولغان مەزگىل ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش مەزگىلى. پارتىيەنىڭ 16 –، 17 –، 18 – قۇرۇلتايلىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ھەققىدىكى تەلەپلەر بويىچە جەمئىيىتىمىزدىكى ئاساسىي زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلەتنى پەن – مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، دۆلەتنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسى، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، رايونلار تەڭكەش تەرەققىياتى ئىستراتېگىيەسى، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى، ئارمىيە – خەلق يۇغۇرما تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي يولغا قويۇپ، مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇشنى، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاشنى، ئاجىز تەرەپلەرنى كۈچەيتىشنى گەۋدىلەندۈرۈش، بولۇپمۇ چوڭ خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭىنى قەتئىي ياخشى ئېلىپ بېرىش، بۇ ئارقىلىق خەلق ئېتىراپ قىلىدىغان، تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

  پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدىن 20 – قۇرۇلتىيىغىچە بولغان مەزگىل ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانىنىڭ تارىخىي گىرەلەشمە مەزگىلى. بىز ھەم ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز، ھەم ۋەزىيەتنىڭ يۈزلىنىشى بويىچە داۋاملىق ئىلگىرىلەپ، زامانىۋىلاشقان سوتسىيالىستىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلاپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىشىمىز لازىم.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە ئىچكى ۋەزىيەتنى، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات شارائىتىنى ھەر تەرەپلىمە تەھلىل قىلغاندا، 2020 – يىلىدىن مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان مەزگىلنى ئىككى باسقۇچقا بۆلۈپ ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولىدۇ.

  2020 – يىلىدىن 2035 – يىلىغىچە بولغان بىرىنچى باسقۇچتا، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئاساسىدا يەنە 15 يىل كۈرەش قىلىش ئارقىلىق سوتسىيالىستىك زامانىۋىلىشىش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. شۇ چاغقا بارغاندا دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي كۈچى، پەن – تېخنىكا كۈچى زوردەرىجىدە ئېشىپ، ئىجادچان دۆلەتلەرنىڭ ئالدىنقى قاتارىغا ئۆتىدۇ؛ خەلقنىڭ باراۋەر قاتنىشىش، باراۋەر تەرەققىي قىلىش ھوقۇقى تولۇق كاپالەتكە ئىگە بولۇپ، قانۇنچىل دۆلەت، قانۇنچىل ھۆكۈمەت، قانۇنچىل جەمئىيەت ئاساسىي جەھەتتىن بەرپا قىلىنىپ، ھەر جەھەتتىكى تۈزۈملەر تېخىمۇ مۇكەممەللىشىپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشى ئاساسەن ئىشقا ئاشىدۇ؛ جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلۈپ، دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت يۇمشاق كۈچى كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرى تېخىمۇ كېڭىيىدۇ ۋە چوڭقۇرلىشىدۇ؛ خەلق تۇرمۇشى تېخىمۇ باياشاتلىشىپ، ئوتتۇراھال كىرىملىكلەرنىڭ نىسبىتى كۆرۈنەرلىك ئۆسۈپ، شەھەر – يېزىلارنىڭ ۋە رايونلارنىڭ تەرەققىيات پەرقى ۋە ئاھالىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيە پەرقى كۆرۈنەرلىك كىچىكلەپ، ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنىڭ باراۋەرلىشىشى ئاساسەن ئىشقا ئېشىپ، بارلىق خەلقنى ئورتاق بېيىتىشتا پۇختا قەدەم تاشلىنىدۇ؛ زامانىۋى جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئەندىزىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللىنىپ، ھاياتىي كۈچكە تولغان، ئىناق، تەرتىپلىك جەمئىيەت بەرپا قىلىنىدۇ؛ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت تۈپتىن ياخشىلىنىپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش نىشانى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشىدۇ.

  2035 – يىلىدىن مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان ئىككىنچى باسقۇچتا، زامانىۋىلىشىش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشقان ئاساستا يەنە 15 يىل كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، دۆلىتىمىز زامانىۋىلاشقان باي، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك دۆلەت بولۇپ قۇرۇلۇپ چىقىدۇ. شۇ چاغقا بارغاندا، دۆلىتىمىز ماددىي مەدەنىيلىك، سىياسىي مەدەنىيلىك، مەنىۋى مەدەنىيلىك، ئىجتىمائىي مەدەنىيلىك ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىدە ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى ۋە خەلقئارا تەسىر كۈچى جەھەتتە باشلامچى دۆلەت بولۇپ قالىدۇ، پۈتكۈل خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئېشىپ، خەلقىمىز تېخىمۇ بەختلىك، خاتىرجەم تۇرمۇشقا ئېرىشىدۇ، جۇڭخۇا مىللىتى دۇنيا مىللەتلىرى قاتارىدا تېخىمۇ مەردانە قىياپەت بىلەن قەد كۆتۈرىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، ئاندىن زامانىۋىلىشىشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش، شۇ ئاساستا زامانىۋىلاشقان سوتسىيالىستىك قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى تەرەققىياتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى. بىز ئېگىلمەس – سۇنماس ئىرادە بىلەن ئۇزاققىچە تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىدە شانلىق سەھىپە ئاچايلى.

  يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك

  شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 18 – ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: قەتئىي تەۋرەنمەي تەرەققىياتنى پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ، دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى بىرىنچى ۋەزىپىسى قىلىپ، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ ئىسلاھات يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش شەرت.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: دۆلىتىمىز ئىقتىسادى يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىش باسقۇچىدىن يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىش باسقۇچىغا ئۆتۈپ، تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى ياخشىلاش، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش كۈچىنى ئالماشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ؛ زامانىۋى ئىگىلىك سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ئۆتكەلدىن ھالقىشنىڭ جىددىي تەلىپى ۋە دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك نىشانى. سۈپەتنى بىرىنچى ئورۇنغا، ئۈنۈمنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى سۈپەت ئۆزگىرىشى، ئۈنۈم ئۆزگىرىشى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، تولۇق ئامىل ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈرۈپ، ئەمەلىي ئىقتىساد، پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، زامانىۋى پۇل مۇئامىلىسى، ئادەم كۈچى بايلىقى قاتارلىقلار ماس تەرەققىي قىلىدىغان كەسىپ سىستېمىسىنى زور كۈچ بىلەن تېز بەرپا قىلىپ، بازار مېخانىزمى ئۈنۈملۈك، مىكرو سۇبيېكت جانلىق، ماكرولۇق تەڭشەش – تىزگىنلەش چەكلىك بولغان ئىقتىسادىي تۈزۈلمىنى كۈچەپ ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش كۈچى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش شەرت.

  تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش. زامانىۋى ئىگىلىك سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشتا ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ كۈچەش نۇقتىسىنى ئەمەلىي ئىقتىسادقا قويۇپ، تەمىنات سىستېمىسىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى كۈچەش يۆنىلىشى قىلىپ، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ سۈپەت ئەۋزەللىكىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇش لازىم.

  ئىجادچان دۆلەت قۇرۇشنى تېزلىتىش. دۇنيا پەن – تېخنىكىسىنىڭ ئالدىنقى سېپىنى نىشانلاپ، ئۇل تەتقىقاتنى كۈچەيتىپ، كۆزلەنمە ئۇل تەتقىقاتتا، باشلامچى ئىجادىيەت مۇۋەپپەقىيەتلىرىدە زور بۆسۈش ھاسىل قىلىش لازىم.

  يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش. يېزا ئىگىلىكى، يېزا ۋە دېھقانلار مەسىلىسى دۆلەت ئىقتىسادى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا تاقىلىدىغان تۈپ مەسىلە، يېزا ئىگىلىكى، يېزا ۋە دېھقانلار مەسىلىسىنى ئوبدان ھەل قىلىشنى باشتىن – ئاخىر پۈتۈن پارتىيە خىزمىتىدە ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇش شەرت، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىنى ئاۋۋال تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يەر ھۆددىگەرلىكى مۇناسىۋىتىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە ئۇزاققىچە ئۆزگەرتمەسلىك، ئىككىنچى نۆۋەتلىك ھۆددە مۇددىتى توشقاندىن كېيىن يەنە 30 يىل ئۇزارتىش لازىم. دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، جۇڭگولۇقلارنىڭ تاماق مەسىلىسىنى ئۆزىمىزگە تايىنىپ ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. يېزا ئاساسىي قاتلام ئۇل خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، يېزا خىزمىتىدە يېزا ئىگىلىكىنى چۈشىنىدىغان، يېزا ۋە دېھقانلارنى سۆيىدىغان خىزمەت قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش لازىم.

  رايونلار تەڭكەش تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش. كونا ئىنقىلابىي رايونلار، مىللىي رايونلار، چېگرا رايونلار، نامرات رايونلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىشتا يېڭى ئەندىزىنىڭ شەكىللىنىشىنى كۈچلۈك تەدبىر ئارقىلىق ئالغا سىلجىتىپ، شەرقىي شىمال رايونى قاتارلىق كونا سانائەت بازىلىرىنىڭ گۈللىنىشىنى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق تېزلىتىپ، ئوتتۇرا رايونلارنىڭ يۈكسىلىشىگە ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇپ، شەرقىي رايوننىڭ ئالدىن سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىشىغا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلىپ، رايونلار تەڭكەش تەرەققىياتىنىڭ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك يېڭى مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

  سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنىڭ مۇكەممەللىشىشىنى تېزلىتىش. ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدا مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە ئامىللارنى بازارلاشتۇرۇپ تەقسىملەشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، مۈلۈك ھوقۇقى ئۈنۈملۈك قوزغىتىلىدىغان، ئامىللار ئەركىن يۆتكىلىدىغان، باھا ئىنكاسى جانلىق، رىقابەت ئادىل – تەرتىپلىك بولىدىغان، كارخانىلارنىڭ ياخشىلىرى تاللىنىپ ناچارلىرى شاللىنىدىغان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىش يېڭى ۋەزىيىتىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇش. جۇڭگو ئېچىۋېتىلگەن ئىشىكنى بارغانسېرى كەڭ ئېچىۋېتىدۇكى، ھەرگىز تاقىۋالمايدۇ. ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، كىرگۈزۈش بىلەن چىقىرىشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى جەھەتتە ئېچىۋېتىش – ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونلىرى بىلەن دېڭىز بويىدىكى رايونلار ئىچكى – تاشقى جەھەتتە ھەمتۈرتكە بولىدىغان، شەرق بىلەن غەرب ئۆزئارا ھەمكارلىشىدىغان ئېچىۋېتىش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش سوتسىيالىزمنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى. بىز پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئىجادىيەت كۈچى ۋە تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان تەرەققىياتنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك!

  خەلق خوجايىن بولۇش تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى راۋاجلاندۇرۇش لازىم

  شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 18 – ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. شى جىنپىڭ 19 – قۇرۇلتاي دوكلاتىدا مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: خەلق خوجايىن بولۇش تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى راۋاجلاندۇرۇش لازىم.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك دېموكراتىيەسى خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قوغدايدىغان ئەڭ كەڭ، ئەڭ ئەمەلىي، ئەڭ ياراملىق دېموكراتىيە. سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى راۋاجلاندۇرۇشتا خەلقنىڭ ئىرادىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، خەلقنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، خەلقنىڭ ئىجادىيەت ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، خەلقنىڭ خوجايىن بولۇشىغا تۈزۈم سىستېمىسى ئارقىلىق كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولى جۇڭگو خەلقىنىڭ يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى ئۇزاق مۇددەتلىك كۈرەشتە يەكۈنلىگەن تارىخىي لوگىكىسى، نەزەرىيە لوگىكىسى ۋە ئەمەلىيەت لوگىكىسىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى؛ پارتىيەنىڭ ماھىيەتلىك خاراكتېرىدە چىڭ تۇرۇشنىڭ، پارتىيەنىڭ تۈپ مەقسىتىنى ئەمەلدە كۆرسىتىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. دۇنيادا پۈتۈنلەي ئوخشاش سىياسىي تۈزۈم ئەندىزىسى يوق؛ سىياسىي تۈزۈمگە مۇئەييەن ئىجتىمائىي، سىياسىي شارائىت ۋە تارىخ – مەدەنىيەت ئەنئەنىسىدىن چەتنەپ ئابستراكت باھا بېرىشكە بولمايدۇ؛ ھەممىنى بىر قېلىپقا سېلىشقا، چەت ئەلنىڭ سىياسىي تۈزۈم ئەندىزىسىنى ئەينەن كۆچۈرۈپ كېلىشكە بولمايدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىيسىنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇپ ۋە ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇپ، سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئاكتىپ، پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينىڭ تۈزۈملىشىشى، قېلىپلىشىشى ۋە تەرتىپلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، خەلقنىڭ ھەرخىل يول ۋە شەكىللەر ئارقىلىق دۆلەت ئىشلىرىنى، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرىنى، ئىجتىمائىي ئىشلارنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، جانلىق – تېتىك، تىنچ – ئىتتىپاق بولغان سىياسىي ۋەزىيەتنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش لازىم.

  پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق خوجايىن بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇش. پارتىيە رەھبەرلىكى خەلق خوجايىن بولۇش ۋە دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ تۈپ كاپالىتى، خەلق خوجايىن بولۇش سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ دۆلەتنى ئىدارە قىلىدىغان ئاساسىي ئۇسۇل، بۇ ئۈچى دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىيسىنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە بىرلىككە كەلگەن. دۆلىتىمىزنىڭ سىياسىي ھاياتىدا پارتىيە رەھبىرىي ئورۇندا تۇرىدۇ، پارتىيەنىڭ مەركەزلەشكەن بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەشنىڭ ۋە سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ قانۇن ۋە نىزامنامە بويىچە فۇنكسىيە يۈرگۈزۈشى، خىزمەتنى قانات يايدۇرۇشى ۋە رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللاش كېرەك، بۇ ئىككى تەرەپ بىرلىككە كەلگەن.

  خەلق خوجايىن بولۇشنىڭ تۈزۈم كاپالىتىنى كۈچەيتىش. خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق خوجايىن بولۇش ۋە دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇشنىڭ تۈپ سىياسىي تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرمىسى، بۇ تۈزۈمنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇش ۋە ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. خەلقنىڭ دۆلەت ھاكىمىيىتىنى خەلق قۇرۇلتىيى ئارقىلىق يۈرگۈزۈشىگە مەدەت بېرىش ۋە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  سوتسىيالىستىك كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنىڭ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇش. بامەسلىھەت ئىش قىلىش، كۆپچىلىكنىڭ ئىشىنى كۆپچىلىك مەسلىھەتلىشىش خەلق دېموكراتىيەسىنىڭ چىن مەنىسى. كېڭىشىش دېموكراتىيەسى پارتىيە رەھبەرلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم ئۇسۇلى، دۆلىتىمىزدىكى دېموكراتىك سىياسىينىڭ خاس شەكلى ۋە ئۆزگىچە ئەۋزەللىكى. كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنىڭ كېڭىيىش، كۆپ قاتلاملىشىش ۋە تۈزۈملىشىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، خەلقنىڭ كۈندىلىك سىياسىي تۇرمۇشتا كەڭ، سىجىل ۋە چوڭقۇر قاتنىشىش ھوقۇقى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم.

  خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرمىسى، سوتسىيالىستىك كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنىڭ مۇھىم يولى ۋە مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتى. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىدە دىققەت – ئېتىبارنى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىگە مۇجەسسەملەپ، ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تېمىنى چۆرىدەپ، كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنى سىياسىي مەسلىھەت ئېلىپ بېرىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ئۇنى مۇھاكىمە قىلىشنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، كېڭىشىش ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش مەزمۇنى ۋە شەكلىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئورتاق تونۇشنى ئاشۇرۇشقا ۋە ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچەش كېرەك. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ دېموكراتىك نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ زور سىياسەت – فاڭجېنلىرى ۋە مۇھىم تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئىزچىللىشىشى ۋە ئەمەلىيلىشىشىنى نۇقتىلىق نازارەت قىلىش لازىم. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىدىكى ساھەلەرنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىنى ئاشۇرۇپ، ئەزالار قوشۇنىنىڭ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك.

  دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئەمەلىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش. دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى چوڭقۇر ئىنقىلاب. قانۇنچىللىقنى قاتتىق يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇننىڭ ئىلمىي ئاساستا چىقىرىلىشى، قاتتىق ئىجرا قىلىنىشى، ئادىل يۈرگۈزۈلۈشى ۋە ئومۇمىي خەلقنىڭ قانۇنغا رىئايە قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىش شەرت. مەركىزىي كومىتېت دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇلۇشىغا قارىتىلغان بىر تۇتاش رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە بارلىق پارتىيە ئەزالىرى باشلامچىلىق بىلەن قانۇنغا ھۆرمەت قىلىشى، قانۇننى ئۆگىنىشى، قانۇنغا رىئايە قىلىشى ۋە قانۇننى تەتبىقلىشى كېرەك؛ ھەرقانداق تەشكىلاتنىڭمۇ، شەخسنىڭمۇ ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردىن ھالقىغان ئىمتىيازغا ئىگە بولۇۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، سۆزنى قانۇننىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە، ھوقۇق ئارقىلىق قانۇننى بېسىشقا، مەنپەئەتنى دەپ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشقا، نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ قانۇننى بۇزۇشقا قەتئىي يول قويۇلمايدۇ.

  ئاپپارات ۋە مەمۇرىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش. تۈرلۈك ئاپپاراتلارنىڭ تەسىس قىلىنىشىنى بىر تۇتاش ئويلىشىپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت تارماقلىرى ۋە ئىچكى ئاپپاراتىنىڭ ھوقۇقىنى ئىلمىي ئاساستا تەسىس قىلىش، مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش لازىم. تۈرلۈك ئىشتات بايلىقىنى بىر تۇتاش ئىشلىتىپ، ئىلمىي – مۇۋاپىق باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، دۆلەت ئاپپاراتىنىڭ تەشكىلىي قانۇنىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىپ، مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى يېڭىلاپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىناۋىتى ۋە ئىجرا كۈچىنى ئاشۇرۇپ، خەلقنى رازى قىلىدىغان مۇلازىمەتچان ھۆكۈمەت قۇرۇپ چىقىش لازىم. ئۆلكە دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرگە ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقىنى تېخىمۇ كۆپ بېرىش كېرەك. ئۆلكە، شەھەر، ناھىيەلەردىكى فۇنكسىيەسى ئوخشىشىپ كېتىدىغان پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ تەسىس قىلىش ياكى بىرلىشىپ ئىش بېجىرىدىغان قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. كەسپىي ئورۇنلار ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ جامائەتچىللىك خاراكتېرىنى كۈچەيتىپ، مەمۇرىيەت بىلەن كەسپىي ئورۇنلارنىڭ، كەسپىي ئورۇنلار بىلەن كارخانىلارنىڭ، باشقۇرۇش بىلەن قۇرۇشنىڭ ئايرىلىشىنى ئالغا سىلجىتىش لازىم.

  ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش. بىرلىك سەپ پارتىيە ئىشلىرىنى غەلىبىگە ئېرىشتۈرۈشتىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەر، ئۇنىڭدا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش شەرت. ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە سوتسىيالىزم بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، بۈيۈك ئىتتىپاقلىق ۋە بۈيۈك بىرلىك تېمىسىنى پۇختا ئىگىلەپ، بىردەكلىك بىلەن كۆپ خىللىقنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەڭ چوڭ ئومۇمىي بۆلگۈچى ساننى تېپىپ، ئەڭ چوڭ مەركەزداش چەمبەرنى ھاسىل قىلىش كېرەك.

   مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە روناق تېپىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

  شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 18 – ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. شى جىنپىڭ 19 – قۇرۇلتاي دوكلاتىدا مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە روناق تېپىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  ئۇ مۇنداق دېدى: يۈكسەك مەدەنىيەت ئىشەنچى بولمىسا، مەدەنىيەت گۈللىنىپ راۋاج تاپمىسا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ۋۇجۇدقا چىقمايدۇ. جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت تەرەققىياتى يولىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، پۈتۈن مىللەتنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىجادىيەت ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش لازىم.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ 5000 يىلدىن ئارتۇق مەدەنىيلىك تارىخىدا بارلىققا كەلگەن جۇڭخۇا ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى مەنبە قىلغان، پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئېلىپ بارغان ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات داۋامىدا يارىتىلغان ئىنقىلابىي مەدەنىيەت ۋە سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەت بىلەن يۇغۇرۇلغان، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە يىلتىز تارتقان. جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇشتا، ماركسىزمنى يېتەكچى قىلىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ رېئاللىقىنى ئاساس قىلىپ، بۈگۈنكى دەۋر شارائىتىغا بىرلەشتۈرۈپ، زامانىۋىلىشىشقا، دۇنياغا، كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن مىللىي، ئىلمىي، ئاممىۋى سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇپ، سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك بىلەن ماددىي مەدەنىيلىكنىڭ تەڭكەش راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، سوتسىيالىزم ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بارچە گۈللەر تەكشى ئېچىلىش، ھەممە ئېقىملار بەس – بەستە سايراش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىجادىي ئايلىنىشتا، ئىجادىي تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ يېڭى شانلىق نەتىجىسىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىش لازىم.

  (1) ئىدېئولوگىيە خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىك ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك. ماركسىزمنىڭ جۇڭگوچىلىشىشى، دەۋرلىشىشى، ئاممىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، كۈچلۈك ئۇيۇشتۇرۇش كۈچى ۋە يېتەكلەش كۈچىگە ئىگە سوتسىيالىستىك ئىدېئولوگىيە بەرپا قىلىپ، پۈتكۈل خەلقنى غايە – ئېتىقاد، قىممەت ئىدىيەسى، ئەخلاق قارىشى جەھەتلەردە زىچ ئۇيۇشتۇرۇش شەرت. نەزەرىيە بىلەن قوراللاندۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنىڭ كىشىلەر قەلبىدە چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇش لازىم. ماركسىزم نەزەرىيەسىگە دائىر تەتقىقات ۋە قۇرۇلۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە پەلسەپە ۋە ئىجتىمائىي پەنلەرنى تېز بەرپا قىلىش، جۇڭگوچە يېڭى ئاقىللار ئامبىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش لازىم. تاراتقۇ ۋاسىتىسى قۇرۇلۇشىغا ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىشقا يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىپ، ئاخبارات – جامائەت پىكرىنىڭ تارقىتىش كۈچى، يېتەكلەش كۈچى، تەسىر كۈچى، ئىناۋىتىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئالاقە تورىنىڭ مەزمۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تورنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ساپ تور مۇھىتى يارىتىش لازىم. ئىدېئولوگىيە خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بازا قۇرۇلۇشى ۋە بازا باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي پىرىنسىپال مەسىلىلەرنى، ئىدىيەۋى تونۇش مەسىلىلىرىنى، ئىلىم نۇقتىئىنەزەرى مەسىلىلىرىنى پەرقلەندۈرۈشكە دىققەت قىلىپ، ھەر خىل خاتا قاراشلارغا ئوچۇق پوزىتسىيە بىلەن قارشى تۇرۇش ۋە تاقابىل تۇرۇش كېرەك.

  (2) سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش لازىم. مىللەتنى گۈللەندۈرۈش زور ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدىغان يېڭى دەۋر كىشىلىرىنى يېتىلدۈرۈشنى نەزەردە تۇتۇپ، تەربىيە ئارقىلىق يېتەكلەش، ئەمەلىيەت ئارقىلىق يېتىلدۈرۈش، تۈزۈم ئارقىلىق كاپالەتدۈرۈشنى كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنىڭ خەلقنى تەربىيەلەش، مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش، مەنىۋى مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىجاد قىلىش، ئىشلەش، تارقىتىشتىكى يېتەكچى رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈپ، كىشىلەرنىڭ مېھىرلىك تونۇشى ۋە ھەرىكەت ئادىتىگە ئايلاندۇرۇش لازىم. پۈتكۈل خەلق ھەرىكەتكە كېلىش، كادىرلار باشلامچى بولۇش، ئىشنى ئائىلىدىن باشلاش، بالىلاردىن باشلاپ تۇتۇشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. جۇڭخۇا ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىدىيە – قاراش، ئىنسانىي روھ، ئەخلاق مىزانىنى چوڭقۇر قېزىپ، ئۇنى دەۋر تەلىپىگە بىرلەشتۈرۈپ داۋاملاشتۇرۇش ۋە يېڭىلاش، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئەبەدىي جەلپكارلىقى ۋە دەۋر سالاپىتىنى نامايان قىلىش لازىم.

  (3) ئىدىيە – ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. خەلق ئېتىقادلىق بولسا، دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ، مىللەت ئۈمىدكە تولىدۇ. خەلقنىڭ ئىدىيەۋى ئېڭى، ئەخلاق سەۋىيەسى، مەدەنىيلىك ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك. غايە – ئېتىقاد تەربىيەسىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ۋە جۇڭگو ئارزۇسى توغرىسىدىكى تەشۋىقات – تەربىيەنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مىللىي روھ ۋە دەۋر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك، كوللېكتىپچىلىق، سوتسىيالىزم تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، كىشىلەرنى توغرا تارىخ قاراش، مىللەت قاراش، دۆلەت قاراش، مەدەنىيەت قاراشنى تىكلەشكە يېتەكلەش لازىم. پۇقرالار ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، كىشىلەرنى ئالغا بېسىشقا، ياخشىلىققا ئىنتىلىشكە، چوڭلارغا ۋاپادار – تۇغقانلىرىغا مېھرىبان بولۇشقا، ۋەتەنگە ۋە خەلققە سادىق بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. ئىدىيەۋى – سىياسىي خىزمەتنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، ئاممىۋى مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لازىم. ئىلمىي روھنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىلىم – پەن بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئۆرپ – ئادەتنى ئۆزگەرتىپ، دەۋر يېڭى كەيپىياتىنى ئەۋج ئالدۇرۇش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، چىرىك، قالاق مەدەنىيەتنىڭ چىرىتىشىنى توسۇش كېرەك. سەمىمىيەت قۇرۇلۇشى ۋە پىدائىيلار مۇلازىمىتىنىڭ تۈزۈملىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت ئېڭى، قائىدە ئېڭى، تۆھپىكارلىق ئېڭىنى كۈچەيتىش لازىم.

  (4) سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات – سەنئەتنى گۈللەندۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش لازىم. ئەدەبىيات – سەنئەت ئىجادىيىتىنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن، ئىدىيەۋىلىكى چوڭقۇر، بەدىئىيلىكى يۈكسەك، ئىشلىنىشى نەپىس بولۇشنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، رېئال تېمىدا ئىجادىيەتنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى، ۋەتەننى، خەلقنى، قەھرىمانلارنى مەدھىيەلەيدىغان نادىر ئەسەرلەرنى ئۈزلۈكسىز يارىتىش كېرەك. ئىلىم دېموكراتىيەسى ۋە سەنئەت دېموكراتىيەسىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەدەبىيات – سەنئەتنىڭ ئىجادكارلىقىنى ئاشۇرۇپ، ئەدەبىيات – سەنئەتتە يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش لازىم. سۈپەت، ئۇسلۇبقا، مەسئۇلىيەتكە ئەھمىيەت بېرىپ، تېتىقسىزلىق، رەزىللىك، چاكىنىلىقنى توسۇش كېرەك. ئەدەبىيات – سەنئەت قوشۇنىنىڭ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئەخلاقتىمۇ، سەنئەتتىمۇ كامالەتكە يەتكەن زور بىر تۈركۈم مەشھۇر ئەرباب – ئۇستازلارنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك بىر تۈركۈم ئىجادىيەت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش لازىم.

  (5) مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە مەدەنىيەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرۈش يېڭى ئىستىكىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلارنى مول مەنىۋى ئوزۇققا ئىگە قىلىش شەرت. مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەدەنىيەت باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان، ئىجتىمائىي ئۈنۈم بىلەن ئىقتىسادىي ئۈنۈم بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن تۈزۈلمە – مېخانىزمنى تېز بەرپا قىلىش كېرەك. جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەدەنىيەتتە ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيىتىنى موللاشتۇرۇش لازىم. مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ كەسىپ سىستېمىسى ۋە بازار سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت مېخانىزمىنى يېڭىلاپ، مەدەنىيەت ئىقتىسادى سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭىچە مەدەنىيەت كەسىپ ھالىتىنى يېتىلدۈرۈش لازىم. ئومۇمىي خەلق ساغلاملىق پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش، تەنتەربىيە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىش، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، مېيىپلەر قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە ئوبدان تەييارلىق كۆرۈش كېرەك. جۇڭگو بىلەن چەت ئەلنىڭ ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كۈچەيتىش، ئۆزىمىزنىڭكىنى ئاساس قىلىش، باشقىلارنىڭكىنىمۇ كەڭ دائىرىدە قوبۇل قىلىش لازىم. خەلقئارا تارقىتىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگو ھېكايىسىنى ئوبدان سۆزلەپ، جۇڭگونى ئەمەلىي، ئىستېرېئولۇق، ئەتراپلىق نامايان قىلىپ، دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت يۇمشاق كۈچىنى ئاشۇرۇش لازىم.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: زامانىمىزدىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ۋە جۇڭگو خەلقى چوقۇم يېڭى مەدەنىيەت بۇرچىنى زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك ۋە ئالالايدۇ، ئەمەلىيەت ئىجادىيىتى داۋامىدا مەدەنىيەت ئىجادىيىتى ئېلىپ بېرىپ، تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ.

  خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ ئىدارە قىلىنىشىنى كۈچەيتىش ۋە يېڭىلاش لازىم

  شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 18 – ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. يولداش شى جىنپىڭ 19 – قۇرۇلتاي دوكلاتىدا مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ ئىدارە قىلىنىشىنى كۈچەيتىش ۋە يېڭىلاش لازىم.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: كىم ئۈچۈن خىزمەت قىلىش مەسىلىسى پارتىيە ۋە ھاكىمىيەتنىڭ خاراكتېرىنى سىنايدىغان سىناق تاش. خەلق مەنپەئىتىنى باشتىن – ئاخىر ھەممىدىن ئەلا ئورۇنغا قويۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن پۈتكۈل خەلققە تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل نەپ يەتكۈزۈپ، بارلىق خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىنى بويلاپ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەش شەرت.

  ئۇ مۇنداق دېدى: خەلق ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىسىنى چىڭ تۇتۇپ، ھەم چامىمىزنىڭ يېتىشىچە ئىشلەپ، ھەم ھالىمىزغا بېقىپ ئىش كۆرۈپ، ئىشنى ئىشقا، يىلنى يىلغا ئۇلاپ ئىشلەش لازىم. ھەممەيلەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، ھەممەيلەن بەھرىلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، تۆۋەن چەكنى چىڭ ساقلاپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆزلىمىنى يېتەكلەپ، جامائەت مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، خەلقنىڭ كۈندىن – كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىنىشىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئوبدان ئىجتىمائىي تەرتىپ ئورنىتىپ، خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش، تېخىمۇ كاپالەتلەندۈرۈش، تېخىمۇ ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.

  بىرىنچى، مائارىپ ئىشلىرىنى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇش. پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئەتراپلىق ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ساپا مائارىپىنى راۋاجلاندۇرۇپ، مائارىپ ئادىللىقىنى ئالغا سىلجىتىپ، سوتسىيالىزمنىڭ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي ۋە گۈزەللىك جەھەتلەردىن ئەتراپلىق يېتىلگەن قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىلدۈرۈش لازىم. شەھەر – يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ بىرگەۋدىلەشكەن تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىغا يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىپ، يەسلى مائارىپى، ئالاھىدە مائارىپ ۋە تور مائارىپىنى ياخشى باشقۇرۇپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ھەر بىر بالىنى ئادىل ھەم سۈپەتلىك مائارىپتىن تىرىشىپ بەھرىمەن قىلىش لازىم. كەسپىي مائارىپ ۋە تەربىيەلەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنىڭ بىرلىشىشى، مەكتەپ بىلەن كارخانىنىڭ ھەمكارلىشىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. ئالدىنقى قاتاردىكى داشۆ ۋە ئالدىنقى قاتاردىكى پەنلەر قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئالىي مائارىپنىڭ ئىچكى ئامىللىق تەرەققىياتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش لازىم. ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر – يېزىلاردا يېڭىدىن كۆپەيگەن ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكىنى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى مائارىپتىن بەھرىمەن قىلىش، ئالىي مائارىپتا ئوقۇيدىغانلارنى تېخىمۇ كۆپەيتىش كېرەك. ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ مائارىپ ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىنى قوللاش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش لازىم. ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى، ئوقۇتقۇچىلىق ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى ساپالىق ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى يېتىلدۈرۈش، پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئوقۇتقۇچىنى ھۆرمەتلەش، مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىشنى تەشەببۇس قىلىش كېرەك. داۋاملاشما مائارىپنى ياخشى يولغا قويۇپ، ئۆگىنىشچان جەمئىيەتنى تېز بەرپا قىلىپ، پۇقرالارنىڭ ساپاسىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈش لازىم.

  ئىككىنچى، ئىشقا ئورۇنلىشىش سۈپىتى ۋە خەلقنىڭ كىرىم سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىستراتېگىيەسىدە ۋە ئاكتىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ۋە تېخىمۇ تولۇق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك. كەسىپ ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەشنى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇپ، قۇرۇلمىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش زىددىيىتىنى ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش، ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئىلھام بېرىش لازىم. ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ھەر تەرەپلىمە مۇلازىمەت قىلىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار قاتارلىق ياشلار توپىنىڭ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ كۆپ خىل يوللار بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ۋە ئىختىساسلىقلارنىڭ ئىجتىمائىي يۆتكىلىشىگە توسالغۇ بولۇۋاتقان تۈزۈلمە – مېخانىزم ئىللەتلىرىنى تۈگىتىپ، ھەممەيلەنگە تىرىشىپ ئەمگەك قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنى تەرەققىي تاپقۇزۇش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش لازىم. ھۆكۈمەت، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كارخانا ئورتاق قاتنىشىدىغان كېڭىشىش – ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىناق ئەمگەك مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىش لازىم. ئەمگىكىگە قاراپ تەقسىم قىلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئامىلغا قاراپ تەقسىم قىلىش تۈزۈلمە – مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كىرىم تەقسىماتىنىڭ تېخىمۇ مۇۋاپىق، تېخىمۇ تەرتىپلىك بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تىرىشىپ ئىشلەش، قانۇنغا رىئايە قىلىش يولى بىلەن بېيىشقا ئىلھام بېرىپ، ئوتتۇراھال كىرىملىكلەرنى كۆپەيتىش، تۆۋەن كىرىملىكلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، زىيادە يۇقىرى كىرىمنى تەڭشەش، قانۇنسىز كىرىمنى چەكلەش لازىم. ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، ئاھالىنىڭ كىرىمىنى تەڭ قەدەمدە ئاشۇرۇش، ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، ئەمگەك ھەققىنى تەڭ قەدەمدە ئۆستۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئاھالىنىڭ ئەمگەك كىرىمى ۋە مال – مۈلۈك كىرىمى يوللىرىنى كېڭەيتىش كېرەك. ھۆكۈمەتنىڭ قايتا تەقسىملەش – تەڭشەش فۇنكسىيەسىنى ئوبدان ئادا قىلىپ، ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنىڭ باراۋەرلىكىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، كىرىم تەقسىمات پەرقىنى كىچىكلىتىش لازىم.

  ئۈچىنچى، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش. ئومۇمىي خەلقنى قاپلىغان، شەھەر – يېزا بىر تۇتاش پىلانلانغان، ھوقۇق – مەسئۇلىيەت ئايدىڭ، كاپالىتى مۇۋاپىق، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان، كۆپ قاتلاملىق ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىپ چىقىش كېرەك. ئومۇمىي خەلقنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش پىلانىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش كېرەك. شەھەر – بازار ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ۋە شەھەر – يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنىڭ مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش غەملىنىشىنى تېز ئەمەلگە ئاشۇرۇش لازىم. شەھەر – يېزا ئاھالىسىنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ۋە ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا جامائەت مۇلازىمىتى سۇپىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. شەھەر – يېزا ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش سىستېمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. ئەر – ئاياللار باراۋەر بولۇش تۈپ دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇش، ئاياللار – بالىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك. ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق، خەيرىيەت ئىشلىرى، نەپىقە بېرىش – ئورۇنلاشتۇرۇش تۈزۈمى قاتارلىق تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزىلاردا ئۆيىدە قالغان بالىلار، ئاياللار ۋە ياشانغانلارغا غەمخورلۇق قىلىش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. مېيىپلەر ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، مېيىپلەرنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئۆينى پۇل تېپىشنىڭ ۋاسىتىسى قىلماي تۇرالغۇ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كۆپ سۇبيېكت تەمىنلەيدىغان، كۆپ يول بىلەن كاپالەتلىك قىلىدىغان، ئىجارىگە ئېلىش بىلەن سېتىۋېلىش تەڭ يولغا قويۇلىدىغان تۇرالغۇ تۈزۈمىنى تېز ئورنىتىپ، پۈتكۈل خەلقنى ئولتۇرىدىغان ئۆيگە ئىگە قىلىش كېرەك.

  تۆتىنچى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ كۈچىنى سەپەرۋەر قىلىپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، مەركەز بىر تۇتاش پىلانلايدىغان، ئۆلكە باش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىغان، شەھەر – ناھىيە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتىدىغان خىزمەت مېخانىزمىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە – ھۆكۈمەتنىڭ بىرىنچى باشلىقى باش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىغان مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى كۈچەيتىپ، نامراتلارنى كەڭ كۆلەمدە يۆلەش ئەندىزىسىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەشنى ئىرادە، ئەقىل جەھەتتىن يۆلەش بىلەن بىرلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، شەرقىي رايون بىلەن غەربىي رايوننىڭ نامراتلارنى يۆلەش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، كۆك نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسىنى نۇقتىلىق ئورۇنداپ، 2020 – يىلىغا بارغاندا دۆلىتىمىزنىڭ ھازىرقى ئۆلچىمى بويىچە نامرات يېزا ئاھالىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا، ھەممە نامرات ناھىيەلەرنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاشقا، رايون بويىچە ئومۇميۈزلۈك نامرات بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ھەقىقىي نامراتلارنى قۇتۇلدۇرۇش، نامراتلىقتىن ھەقىقىي قۇتۇلدۇرۇش لازىم.

  بەشىنچى، ساغلام جۇڭگو ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش. پۇقرالار ساغلاملىقى سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق ئاممىسىغا ھەر تەرەپلىمە، تولۇق دەۋرىيلىك ساغلاملىق مۇلازىمىتى قىلىش كېرەك. تېبابەتچىلىك – دورىگەرلىك، ساقلىق ساقلاش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە ئاساسىي داۋالاش – ساقلىق ساقلاش تۈزۈمى، داۋالىنىش كاپالەت تۈزۈمى ۋە سۈپەتلىك، ئۈنۈملۈك داۋالاش – ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىش ، زامانىۋى دوختۇرخانا باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئاساسىي قاتلام داۋالاش – ساقلىق ساقلاش مۇلازىمەت سىستېمىسى ۋە ئۇنىۋېرسال دوختۇرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش لازىم. دوختۇرخانىنى دورا ئارقىلىق بېقىشنى ئومۇميۈزلۈك بىكار قىلىپ، دورا تەمىنات كاپالىتى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ساغلام، مەدەنىي تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئېغىر كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش لازىم. يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، خەلقنى يېمەكلىكتىن خاتىرجەم قىلىش كېرەك. جۇڭگو تېبابەتچىلىكى بىلەن غەرب تېبابەتچىلىكىگە تەڭ ئېتىبار بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ،جۇڭگو تېبابەتچىلىك – دورىگەرلىك ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇش لازىم. ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ دوختۇرخانا ئېچىشىنى قوللاش، ساغلاملىق كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. تۇغۇت سىياسىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىقتىسادىي – ئىجتىمائىي سىياسەتلەرنىڭ ياندىشىشى – جىپسىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نوپۇس تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى تەتقىقاتىنى كۈچەيتىش لازىم. ياشانغانلارنىڭ كۆپىيىشىگە پائال ھازىرلىق كۆرۈپ، ياشانغانلارنى كۈتىدىغان، ياشانغانلارغا ۋاپادارلىق قىلىدىغان، ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەيدىغان سىياسەت سىستېمىسى ۋە ئىجتىمائىي مۇھىتنى يارىتىپ، داۋالاش بىلەن كۈتۈشنىڭ بىرلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ياشانغانلار ئىشلىرى ۋە كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش كېرەك.

  ئالتىىنچى، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق ئىدارە قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىش ئەندىزىسىنى يارىتىش. جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ پارتكوم رەھبەرلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت مەسئۇل بولىدىغان، جەمئىيەت ماسلىشىدىغان، ئامما قاتنىشىدىغان، قانۇنچىللىق كاپالەتلىك قىلىدىغان تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئىجتىمائىيلىشىش، قانۇنچىللىشىش، ئاقىللىشىش، كەسىپلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش لازىم. ئىجتىمائىي زىدىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى پەسەيتىش مېخانىزمى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، خەلق ئىچىدىكى زىددىيەتنى توغرا ھەل قىلىش كېرەك. جامائەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىنى ساغلاملاشتۇرۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىنىڭ يۈز بېرىشىنى قەتئىي توسۇپ، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش لازىم. جەمئىيەت ئامانلىقى مۇداپىئە – كونترول سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ،‹‹سېرىق، قىمار، زەھەر››، مۇشتۇمزورلۇق، ئالداپ كېتىش، ئالدامچىلىق قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرگە قانۇن بويىچە زەربە بېرىپ ۋە ئۇنى جازالاپ، خەلقنىڭ جىسمانىي ھوقۇقى، مۈلۈك ھوقۇقى، ئادەملىك ھوقۇقىنى قوغداش لازىم. ئىجتىمائىي پىسخىكىلىق مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، غۇرۇرنى ساقلايدىغان، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، ئاقىلانە، مۇلايىم ئىش قىلىدىغان، ئاكتىپ ئالغا ئىنتىلىدىغان ئىجتىمائىي روھىي ھالەتنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. مەھەللىنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنىڭ ئاساسىي قاتلامغا يۆتكىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھۆكۈمەت ئىدارە قىلىش بىلەن جەمئىيەت تەڭشەش، ئاھالىلەر ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرۇشنىڭ بىر – بىرىگە ئوبدان تۈرتكە بولۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش لازىم.

  يەتتىنچى، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى ئۈنۈملۈك قوغداش. دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىستراتېگىيەسى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ سىياسىي بىخەتەرلىكىنى قەتئىي قوغداش، تۈرلۈك بىخەتەرلىك خىزمىتىنى بىر تۇتاش ئالغا سىلجىتىش كېرەك. دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنىڭ قانۇنچىلىق كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، بىخەتەرلىك خەۋپ – خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش لازىم. ھەر خىل سىڭدۈرمىچىلىك، ئاغدۇرمىچىلىق، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرى، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى، دىنىي ئەسەبىي ھەرىكەتلەردىن قاتتىق مۇداپىئە كۆرۈش ۋە ئۇنىڭغا قەتئىي زەربە بېرىش كېرەك. دۆلەت خەۋپسىزلىك تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئېڭىنى ئاشۇرۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغدايدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇش لازىم.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ بارلىق خىزمىتىدە ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ئالىي ئۆلچەم قىلىش شەرت. خەلق ئاممىسىنىڭ ئادەتتىكى ئىشلىرىنى ئۆزىمىزنىڭ چوڭ ئىشى دەپ بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئاممىسى كۆڭۈل بۆلىدىغان، خەلق ئاممىسى رازى بولىدىغان ئىشلاردىن تۇتۇش قىلىپ، خەلقنى يېتەكلەپ ئۈزلۈكسىز گۈزەل تۇرمۇش يارىتىشىمىز كېرەك.

   ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى تېزلىتىپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش لازىم

  شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 18 – ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. يولداش شى جىنپىڭ 19 – قۇرۇلتاي دوكلاتىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى تېزلىتىپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش لازىم.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ئىنسانىيەت بىلەن تەبىئەت ھاياتلىق بىرلەشمىسى، ئىنسانلار تەبىئەتنى ھۆرمەتلىشى، تەبىئەتكە ماسلىشىشى، تەبىئەتنى قوغدىشى شەرت.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بىز ئېلىپ بېرىۋاتقان زامانىۋىلىشىش قۇرۇلۇشى ئىنسانىيەت بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان زامانىۋىلىشىش قۇرۇلۇشى، ھەم تېخىمۇ كۆپ ماددىي بايلىق ۋە مەنىۋى بايلىق يارىتىپ، خەلقنىڭ كۈندىن – كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، ھەم خەلقنىڭ كۈندىن – كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئېھتىياجىنى تېخىمۇ كۆپ، سۈپەتلىك ئېكولوگىيە مەھسۇلاتلىرى بىلەن قاندۇرۇش لازىم. تېجەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، قوغداشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، تەبىئىيلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئاساس قىلىش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، بايلىق تېجەيدىغان ۋە مۇھىت ئاسرايدىغان ماكان ئەندىزىسى، كەسىپ قۇرۇلمىسى، ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى شەكىللەندۈرۈپ، تەبىئەتنىڭ تىنچلىقى، ماسلىقى، گۈزەللىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش شەرت.

  بىرىنچى، يېشىل تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يېشىل ئىشلەپچىقىرىش ۋە يېشىل ئىستېمالغا دائىر قانۇن تۈزۈمى ۋە سىياسەت يېتەكچىلىكىنى تېز بەرپا قىلىش، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق، ئايلانما تەرەققىياتنىڭ ئىقتىساد سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. بازار يېتەكچىلىكىدىكى يېشىل تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، يېشىل پۇل مۇئامىلىسىنى راۋاجلاندۇرۇش، ئېنېرگىيە تېجەر، مۇھىت ئاسرار كەسىپلەرنى، پاكىز ئىشلەپچىقىرىش كەسىپلىرى ۋە پاكىز ئېنېرگىيە كەسىپلىرىنى زورايتىش لازىم. ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىشى ۋە ئىستېمال ئىنقىلابىنى ئالغا سىلجىتىپ، پاكىز، تۆۋەن كاربونلۇق، بىخەتەر، ئۈنۈملۈك ئېنېرگىيە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. بايلىقنى ئومۇميۈزلۈك تېجەش ۋە ئۇنىڭدىن ئايلانما پايدىلىنىشنى ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت سۇ تېجەش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى ۋە ماددىي سەرپىياتنى تۆۋەنلىتىپ، ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسى بىلەن تۇرمۇش سىستېمىسىنىڭ ئايلانما جىپسىلىشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش لازىم. ئاددىي – مۇۋاپىق، يېشىل – تۆۋەن كاربونلۇق تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەشەببۇس قىلىش، ھەشەمەتچىلىك – ئىسراپچىلىققا ۋە نامۇۋاپىق ئىستېمالغا قارشى تۇرۇش، ئىقتىسادچىل ئورگان، يېشىل ئائىلە، يېشىل مەكتەپ، يېشىل مەھەللە بەرپا قىلىش ۋە يېشىل سەپەر قىلىش ھەرىكەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك.

  ئىككىنچى، گەۋدىلىك مۇھىت مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىش لازىم. ئومۇمىي خەلق ئورتاق تۈزەش، مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ھەرىكىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، كۆك ئاسماننى قوغداش جېڭىدە غەلىبە قىلىش لازىم. سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، ۋادى مۇھىتى ۋە قىرغاققا يېقىن دېڭىز تەۋەلىكىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش كېرەك. تۇپراق بۇلغىنىشىنى باشقۇرۇش – تىزگىنلەش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ دائىرىلىك بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، يېزا ئاھالىسىنىڭ ياشاش مۇھىتىنى ئوڭشاش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش لازىم. قاتتىق تاشلاندۇق ۋە ئەخلەتنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشىنى كۈچەيتىش كېرەك. بۇلغىما چىقىرىش ئۆلچىمىنى چىڭىتىپ، بۇلغىما چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، مۇھىت ئاسراش ئىناۋىتىنى باھالاش، ئۇچۇرنى مەجبۇرىي ئاشكارىلاش، قاتتىق جازالاش، ئېغىر جەرىمانە قويۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. ھۆكۈمەت يېتەكلەيدىغان، كارخانا سۇبيېكت قىلىنغان، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە ئامما ئورتاق قاتنىشىدىغان مۇھىت تۈزەش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. يەر شارى مۇھىتىنى تۈزەشكە پائال قاتنىشىپ، بۇلغىما ئازايتىش ۋەدىمىزنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش لازىم.

  ئۈچىنچى، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. مۇھىم ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە دائىر زور قۇرۇلۇشلارنى يولغا قويۇپ، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى توسۇقى سىستېمىسىنى ياخشىلاپ، ئېكولوگىيە كارىدورى ۋە جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش تورىنى بەرپا قىلىپ، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ سۈپىتى ۋە مۇقىملىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقى، مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىزنى قوغداش سىزىقى، شەھەر – بازارنى ئېچىش پاسىل سىزىقىدىن ئىبارەت ئۈچ كونترول سىزىقىنى بېكىتىش خىزمىتىنى تاماملاش لازىم. دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، چۆللىشىش، قۇملىشىش، سۇ ۋە تۇپراق ئېقىپ كېتىشنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىپ، سۇلۇق يەرنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، گېئوئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشنى كۈچەيتىش كېرەك. تەبىئىي ئورماننى قوغداش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېرىلغۇدىن ئورمانغا، ئوتلاققا قايتۇرۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىش لازىم. تېرىلغۇ يەرنى قاتتىق قوغداپ، نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىش – شۈدىگەرلەش سىنىقىنى كېڭەيتىپ، تېرىلغۇ يەر، يايلاق، ئورمان، دەريا، كۆللەرگە ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىش ئىمكانىيىتى بېرىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، بازارلاشقان، كۆپ مەنبەلەشكەن ئېكولوگىيە تولۇقلىمىسى مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

  تۆتىنچى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىش لازىم. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي لايىھەسى ۋە تەشكىلىي رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت تەبىئىي بايلىق مۈلكىنى باشقۇرۇش ۋە تەبىئىي ئېكولوگىيەنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى تەسىس قىلىپ، ئېكولوگىيە مۇھىت باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئومۇم ئىلكىدىكى تەبىئىي بايلىق مۈلكىگە ئىگىدارلىق قىلغۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى بىرتۇتاش ئادا قىلىش، بارلىق زېمىن بوشلۇقىنىڭ ئىشلىتىلىشىنى باشقۇرۇش ۋە ئېكولوگىيەنى قوغداش – ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى بىرتۇتاش ئادا قىلىش، شەھەر – يېزىلاردىكى تۈرلۈك بۇلغىما چىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش مەسئۇلىيىتىنى بىرتۇتاش ئادا قىلىش لازىم. دۆلەت زېمىن بوشلۇقىنى ئېچىش – قوغداش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايونلارنىڭ يانداش سىياسەتلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت باغچىسى گەۋدە قىلىنغان تەبىئىي مۇھاپىزەت جاي سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى بۇزىدىغان ھەرىكەتلەرنى قەتئىي توسۇش ۋە جازاغا تارتىش لازىم.

  شى جىنپىڭ تەكىتلەپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ھازىر ئەجىر قىلىپ كېيىنكى ئەۋلادلارغا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ئىش. بىز سوتسىيالىستىك ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىنسانىيەت بىلەن تەبىئەت ماس تەرەققىي قىلىدىغان زامانىۋىلىشىش قۇرۇلۇشى يېڭى ئەندىزىسىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ئۈچۈن مۇشۇ دەۋردىكىلەر ئۆز تىرىشچانلىقىمىزنى كۆرسىتىشىمىز كېرەك.

  ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ جۇڭگوچە يولىدا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسىنىڭ ۋە ئارمىيەنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش لازىم

  شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 18 – ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. يولداش شى جىنپىڭ 19 – قۇرۇلتاي دوكلاتىدا مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ جۇڭگوچە يولىدا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسىنىڭ ۋە ئارمىيەنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش لازىم.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى يېڭى تارىخىي پەللىدە تۇرۇۋاتىدۇ. پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ھەربىي ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېننى ئىزچىللاشتۇرۇپ، زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى، دېڭىز ئارمىيەسى، ھاۋا ئارمىيەسى، راكېتا ئارمىيەسى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ياردەمچى قىسىم قۇرۇپ، كۈچلۈك ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئۇرۇش رايونى بىرلەشمە جەڭ قوماندانلىق ئاپپاراتى قۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋى ئۇرۇش قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن يېڭى دەۋر بۇرچى ۋە ۋەزىپىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان بولۇش شەرت.

  دۇنيا يېڭى ھەربىي ئىنقىلابىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئېھتىياجىغا لايىقلىشىپ، قۇرۇلۇش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، 2020 – يىلىغا بارغاندا ماشىنىلىشىشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشقا، ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا زور ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە، ئىستراتېگىيەلىك ئىقتىدارنى كۆپرەك ئۆستۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. دۆلەتنىڭ زامانىۋىلىشىش مۇساپىسى بىلەن بىردەك بولۇپ، ھەربىي نەزەرىيەنىڭ زامانىۋىلىشىشى، ئارمىيە تەشكىلىي شەكلىنىڭ زامانىۋىلىشىشى، ھەربىي خادىملارنىڭ زامانىۋىلىشىشى، قورال – جابدۇقلارنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، 2035 – يىلىغا بارغاندا دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشىش، مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا خەلق ئارمىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك دۇنياۋى قالتىس ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىش لازىم.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ئارمىيەنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ‹‹قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئېغىر ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئېلىش›› تېمىسىدىكى تەربىيەنى قانات يايدۇرۇپ، ھەربىيلەر شان – شەرەپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋرگە خاس روھلۇق، ئىقتىدارلىق، جىگەرلىك ۋە ئەخلاقلىق ئىنقىلابىي ھەربىيلەرنى يېتىلدۈرۈپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ خاراكتېرى، ئاساسىي مەقسىتى، خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلاش كېرەك. دۆلەت مۇداپىئە ئىسلاھاتى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئوفىتسېرلارنى كەسپىيلەشتۈرۈش تۈزۈمى، مۈلكىي خادىملار تۈزۈمى قاتارلىق زور سىياسەت – تۈزۈم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەربىي باشقۇرۇش ئىنقىلابىنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ھەربىي تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش لازىم. پەن – تېخنىكا يادرولۇق جەڭگىۋار كۈچ دېگەن ئىدىيەنى تۇرغۇزۇپ، زور تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەربىي ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىجادچان خەلق ئارمىيەسى قۇرۇش كېرەك. ئارمىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىپ، ئارمىيەنى ئىدارە قىلىش ئۇسۇلىنىڭ تۈپتىن ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنىڭ قانۇنچىللىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئارمىيە ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلىدۇ. بارلىق خىزمەتتە جەڭگىۋارلىق ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇش، ئۇرۇش قىلالايدىغان، ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىدىغان بولۇشنى نىشانلاش شەرت. ھەر قايسى ئىستراتېگىيەلىك يۆنىلىشتىكى ھەربىي كۈرەش تەييارلىقىنى پۇختا قىلىپ، ئەنئەنىۋى خەۋپسىزلىك ساھەسى ۋە يېڭى خەۋپسىزلىك ساھەسىدىكى ھەربىي كۈرەش تەييارلىقىنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىپ، يېڭىچە ئۇرۇش قىلىش كۈچى ۋە كاپالەت كۈچىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئەمەلىي ئۇرۇش قىلىش بويىچە ھەربىي مەشىقنى قانات يايدۇرۇپ، ھەربىي كۈچنىڭ ئىشقا سېلىنىشىنى كۈچەيتىپ، ھەربىي ئىشلارنىڭ ئاقىللىشىش تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، تور ئۇچۇر سىستېمىسىغا تايىنىپ بىرلەشمە ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارى، پۈتۈن دائىرىلىك ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ئۈنۈملۈك ھالەت شەكىللەندۈرۈش، خەۋپنى باشقۇرۇش – تىزگىنلەش، ئۇرۇشنى توسۇش، ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىش كېرەك.

  ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۆلەتنى بېيىتىش بىلەن ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىش، ئەڭ يۇقىرى پەللىدىن لايىھەلەش، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، يېڭىلىق يارىتىش ۋە چوڭ تۈرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، دۆلەت مۇداپىئە پەن – تېخنىكا سانائىتى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئارمىيە – خەلقنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، بىر گەۋدىلەشكەن دۆلەت ئىستراتېگىيە سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى بەرپا قىلىش لازىم. دۆلەت مۇداپىئەسى سەپەرۋەرلىك سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قۇدرەتلىك، مۇقىم، زامانىۋى چېگرا مۇداپىئەسى، دېڭىز مۇداپىئەسى، ھاۋا مۇداپىئەسى بەرپا قىلىش كېرەك. ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرنى باشقۇرۇش – كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئاپپاراتىنى قۇرۇپ، ھەربىيلەر ۋە ھەربىيلەر ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداپ، ھەربىيلىكنى پۈتۈن جەمئىيەت ھۆرمەتلەيدىغان كەسىپكە ئايلاندۇرۇش لازىم. قوراللىق ساقچى قىسىم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، زامانىۋىلاشقان قوراللىق ساقچى قىسىم قۇرۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: بىزنىڭ ئارمىيەمىز خەلقنىڭ ئارمىيەسى، بىزنىڭ دۆلەت مۇداپىئەمىز ئومۇمىي خەلقنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى. بىز ئومۇمىي خەلق دۆلەت مۇداپىئە تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەپ، جۇڭگو ئارزۇسى ۋە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن قۇدرەتلىك كۈچ توپلىشىمىز لازىم.

  ‹‹بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش››تا چىڭ تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىككە كېلىشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك

  شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 18 – ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. يولداش شى جىنپىڭ 19 – قۇرۇلتاي دوكلاتىدا مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: ‹‹بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش››تا چىڭ تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىككە كېلىشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ‹‹بىر دۆلەت، ئىككى تۈزۈم›› تارىختىن قېپقالغان شياڭگاڭ، ئاۋمېن مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى لايىھەسى، شۇنداقلا شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىنمۇ ئۇزاق مۇددەتلىك ئاۋاتلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاشنىڭ ئەڭ ياخشى تۈزۈمى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئاۋاتلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاشتا، ‹‹بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش››، ‹‹شياڭگاڭنى شياڭگاڭلىقلار ئىدارە قىلىش››، ‹‹ئاۋمېننى ئاۋمېنلىقلار ئىدارە قىلىش››، يۈكسەك ئاپتونومىيەنى يولغا قويۇش فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك توغرا ئىزچىللاشتۇرۇش، تەلەپچانلىق بىلەن ئاساسىي قانۇن ۋە نېگىزلىك قانۇن بويىچە ئىش قىلىش، نېگىزلىك قانۇننى يولغا قويۇشقا مۇناسىۋەتلىك تۈزۈم ۋە مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش شەرت. ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتى ۋە باش مەمۇرنىڭ قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈپ، ئاكتىپ ئىشلەپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېندىكى ھەر ساھە زاتلىرىنى بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ تەرەققىياتنى كۆزلەش، ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ ۋە ياخشىلاپ، دېموكراتىيەنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغدايدىغان ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈم مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىنى قوللاش كېرەك.

  شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە سىڭىشىنى قوللاپ، گۇاڭدۇڭ – شياڭگاڭ – ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشى، گۇاڭدۇڭ – شياڭگاڭ – ئاۋمېن ھەمكارلىقى، پان جۇجياڭ دېلتىسى رايون ھەمكارلىقى قاتارلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئىچكى رايونلار بىلەن شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئاھالىسىنىڭ ئىچكى رايونلاردا راۋاج تېپىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىدىغان سىياسەت – تەدبىرلەرنى تۈزۈش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بىز ۋەتەنپەرۋەرلەر گەۋدە قىلىنغان ‹‹شياڭگاڭنى شياڭگاڭلىقلار ئىدارە قىلىش››، ‹‹ئاۋمېننى ئاۋمېنلىقلار ئىدارە قىلىش››تا چىڭ تۇرۇپ، ۋەتەننى سۆيىدىغان، شياڭگاڭنى سۆيىدىغان، ئاۋمېننى سۆيىدىغان كۈچلەرنى راۋاجلاندۇرۇپ ۋە زورايتىپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېنلىق قېرىنداشلارنىڭ دۆلەت ئېڭى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى كۈچەيتىپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېنلىق قېرىنداشلارنى ۋەتەن خەلقى بىلەن مىللەتنى گۈللەندۈرىدىغان تارىخىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە تەڭ ئالىدىغان، ۋەتەن گۈللىنىپ قۇدرەت تاپقان ئۇلۇغ شان – شەرەپتىن تەڭ بەھرىمەن بولىدىغان قىلىشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ تەيۋەن مەسىلىسى توغرىسىدا مۇنداق دېدى: تەيۋەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، ۋەتەننىڭ تولۇق بىرلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش بارلىق جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تۈپ مەنپەئىتى. ‹‹تىنچ يول بىلەن بىرلىككە كەلتۈرۈش، بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش›› فاڭجېنىدا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ۋەتەننىڭ تىنچ يول بىلەن بىرلىككە كېلىش مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىش شەرت.

  ئۇ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: بىر جۇڭگو پىرىنسىپىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان ‹‹92 – يىل ئورتاق تونۇشى›› ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تۈپ خاراكتېرىنى ئېنىق بەلگىلىگەن بولۇپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ راۋاجلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئاچقۇچى. ‹‹92 – يىل ئورتاق تونۇشى››دىن ئىبارەت تارىخىي پاكىتنى ئېتىراپ قىلىپ، ئىككى قىرغاقنىڭ بىر جۇڭگوغا تەۋە ئىكەنلىكىنى تونۇغاندا، ئىككى قىرغاقتىكىلەر سۆھبەتلىشەلەيدۇ، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرنى كېڭىشىپ ھەل قىلغىلى بولىدۇ، تەيۋەندىكى ھەرقانداق پارتىيە ۋە تەشكىلات چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن ئالاقىلەشكەندە توسالغۇغا ئۇچرىمايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بىز ‹‹ئىككى قىرغاقتىكىلەر بىر ئائىلە كىشىلىرى›› دېگەن ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، تەيۋەننىڭ ھازىرقى ئىجتىمائىي تۈزۈمى ۋە تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىغا ھۆرمەت قىلىپ، چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىدىن تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنى ئالدىن بەھرىمەن قىلىشنى خالايمىز. بىز ئىككى قىرغاقنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئالاقە – ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنى چوڭ قۇرۇقلۇقتا ئۆگىنىش، ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، تۇرمۇش كەچۈرۈشتە چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى قېرىنداشلار بىلەن ئوخشاش مۇئامىلىگە پەيدىنپەي ئىگە قىلىپ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ بەخت – سائادىتىنى ئاشۇرىمىز. بىز ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى بىرلىكتە ئەۋج ئالدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، كۆڭلىنى يېقىنلاشتۇرىمىز.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: بىز دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قەتئىي قوغدايمىز، دۆلەت پارچىلىنىدىغان تارىخىي پاجىئەنىڭ تەكرارلىنىشىغا مۇتلەق يول قويمايمىز. دۆلەتنى پارچىلايدىغان بارلىق ھەرىكەتلەر مۇقەررەر ھالدا پۈتۈن جۇڭگو خەلقىنىڭ قەتئىي قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرايدۇ. بىزدە ھەرقانداق شەكىلدىكى ‹‹تەيۋەن مۇستەقىللىقى›› بۆلگۈنچىلىك سۇيىقەستىنى مەغلۇپ قىلىدىغان قەتئىي ئىرادە، تولۇق ئىشەنچ ۋە يېتەرلىك ئىقتىدار بار. بىز ھەرقانداق شەخس، ھەرقانداق تەشكىلات، ھەرقانداق پارتىيەنىڭ ھەرقانداق ۋاقىتتا، ھەرقانداق شەكىلدە جۇڭگو زېمىنىنىڭ ھەرقانداق بىر قىسمىنى جۇڭگودىن ئايرىۋېتىشىگە مۇتلەق يول قويمايمىز.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش بارلىق جۇڭگولۇقلارنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. بىز شۇنىڭغا شەكسىز ئىشىنىمىزكى، شياڭگاڭلىق، ئاۋمېنلىق، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق جۇڭخۇا پەرزەنتلىرى تارىخنىڭ چوڭ يۈزلىنىشىگە ئۇيغۇنلىشىپ، مىللىي ئادالەتنى تەڭ ياقلىسىلا، مىللەتنىڭ تەقدىرىنى ئۆز قولىدا چىڭ تۇتۇپ تۇرالايدۇ، چوقۇم جۇڭخۇا مىللىتى ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ گۈزەل كېلەچىكىنى ئورتاق يارىتالايدۇ.

   تىنچ تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

  شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 18 – ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. يولداش شى جىنپىڭ 19 – قۇرۇلتاي دوكلاتىدا مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: تىنچ تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىنسانىيەتكە يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى باشتىن – ئاخىر ئۆزىنىڭ بۇرچى قىلىپ كەلدى.

  جۇڭگو تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، ئورتاق مەنپەئەتدارلىق بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ ئاساسىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، تىنچ بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپى ئاساسىدا ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن دوستلۇق ۋە ھەمكارلىقنى قەتئىي راۋاجلاندۇرۇپ، بىر – بىرىنى ھۆرمەتلەيدىغان، ئادىل، ھەققانىي بولغان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق مەنپەئەتلىنىدىغان يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئورنىتىلىشىغا تۈرتكە بولدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: دۇنيا زور تەرەققىيات، زور ئۆزگىرىش، زور تەڭشىلىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، تىنچلىق بىلەن تەرەققىيات ھېلىھەم دەۋر تېمىسى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۇنيا دۇچ كەلگەن مۇقىمسىزلىق ۋە ئېنىقسىزلىق گەۋدىلىنىۋاتىدۇ، ئىنسانىيەت بىرمۇنچە ئورتاق خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بىز ياشاۋاتقان دۇنيا ئۈمىدكە تولغان، خىرىسقىمۇ تولغان دۇنيا. بىز رېئاللىق مۇرەككەپ دەپ ئارزۇيىمىزدىن كەچسەك، ئارزۇ يىراق دەپ ئىزدىنىشتىن كەچسەك بولمايدۇ. ھەرقانداق دۆلەت ئىنسانىيەت دۇچ كەلگەن خىرىسقا مۇستەقىل تاقابىل تۇرالمايدۇ، ھەرقانداق دۆلەت بېكىنمىچىلىك ھالىتىگە قايتالمايدۇ.

  ئۇ مۇنداق دېدى: بىز ھەرقايسى ئەللەر خەلقىنىڭ بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، تىنچلىق ئۇزاققىچە داۋام قىلىدىغان، ئومۇميۈزلۈك بىخەتەر بولغان، ئورتاق گۈللىنىدىغان، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، پاكىز، گۈزەل دۇنيا قۇرۇشىنى مۇراجىئەت قىلىمىز. بىر – بىرىنى ھۆرمەت قىلىپ، باراۋەرلىك ئاساسىدا كېڭىشىپ، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تەپەككۇرى ۋە زوراۋانلىق سىياسىيسىدىن قەتئىي ۋاز كېچىپ، دۆلەتلەر ئارا ئالاقىنىڭ قارشىلاشماي سۆھبەتلىشىدىغان، ئىتتىپاق تۈزمەي ھەمراھ بولىدىغان يېڭى يولىدا مېڭىش كېرەك. تالاش – تارتىشنى سۆھبەتلىشىپ ھەل قىلىش، ئىختىلاپنى كېڭىشىپ پەسەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەنئەنىۋى ۋە غەيرىي ئەنئەنىۋى خەۋپسىزلىك تەھدىتىگە بىر تۇتاش تاقابىل تۇرۇش، ھەرقانداق شەكىلدىكى تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش لازىم. جاپا – مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، سودا ۋە سېلىنمىنىڭ ئەركىنلىشىشى ۋە قولايلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىساد دۇنياۋىلىشىشىنىڭ تېخىمۇ ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، تەڭپۇڭ بولغان، ئورتاق مەنپەئەتلىنىدىغان يۆنىلىش بويىچە راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. دۇنيا مەدەنىيلىكىنىڭ كۆپ خىللىقىغا ھۆرمەت قىلىپ، مەدەنىيلىكتە ئالاقە قىلىش ئارقىلىق مەدەنىيلىك ئارازلىقىدىن ھالقىپ ئۆتۈش، مەدەنىيلىكتە ئۆزئارا ئۆرنەك قىلىش ئارقىلىق مەدەنىيلىك توقۇنۇشىدىن ھالقىپ ئۆتۈش، مەدەنىيلىكتە بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئارقىلىق مەدەنىيلىك ئەۋزەللىكىدىن ھالقىپ ئۆتۈش لازىم. مۇھىت سۆيەرلىكتە چىڭ تۇرۇپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە ھەمكارلىشىپ تاقابىل تۇرۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ ياشاش ماكانى بولغان يەر شارىنى ياخشى قوغداش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: جۇڭگو مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش ئاساسىدىكى تىنچلىق دىپلوماتىيە سىياسىتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي يولغا قويىدۇ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ تەرەققىيات يولىنى ئۆز ئالدىغا تاللاش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىدۇ، خەلقئارا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قوغدايدۇ، ئۆز ئىرادىسىنى باشقىلارغا تېڭىشقا، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى سىياسىي ئىشلىرىغا ئارىلىشىشقا، كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى بوزەك قىلىشقا قارشى تۇرىدۇ. جۇڭگو باشقا دۆلەتنىڭ مەنپەئىتىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە تەرەققىي تاپىدىغان ئىشنى ھەرگىز قىلمايدۇ، ئۆزىنىڭ ھەققانىي ھوقۇق – مەنپەئىتىدىن ۋاز كېچىدىغان ئىشنىمۇ ھەرگىز قىلمايدۇ، ھەر قانداق ئادەم جۇڭگو ئۆز مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ئىشلارغا سۈكۈت قىلىدۇ دەپ خام خىيال قىلمىسۇن. جۇڭگو مۇداپىئەلىك دۆلەت مۇداپىئە سىياسىتىنى يولغا قويىدۇ. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ھېچقانداق دۆلەتكە تەھدىت سالمايدۇ. جۇڭگو ھەرقانچە تەرەققىي قىلسىمۇ مەڭگۈ زومىگەر بولمايدۇ، مەڭگۈ كېڭەيمىچىلىك قىلمايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو دۇنياۋى ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى پائال راۋجلاندۇرىدۇ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن مەنپەئەت قوشۇلۇش نۇقتىسىنى زورايتىدۇ، چوڭ دۆلەتلەر بىلەن ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولغان، تەڭپۇڭ راۋاجلىنىدىغان چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى رامكىسىنى بەرپا قىلىدۇ، دوستانە، سەمىمىي، مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولۇش ئىدىيەسى ۋە قوشنىلار بىلەن ئەپ ئۆتىدىغان، قوشنىلارنى ھەمراھ قىلىدىغان ئەتراپ دىپلوماتىيە فاڭجېنىغا بىنائەن ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ، توغرا ھەققانىي مەنپەئەت قارىشى ۋە چىن دوستلۇق – سەمىمىيلىك ئىدىيەسىنى قۇۋۋەتلەپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدۇ.

  ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت تۈپ دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدۇ، دۆلەت دەرۋازىسىنى ئېچىۋېتىپ قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىشتا چىڭ تۇرىدۇ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› خەلقئارا ھەمكارلىقىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، سىياسەت، ئەسلىھە، سودا، مەبلەغ ۋە ئەلرايىنى تىرىشىپ راۋانلاشتۇرۇپ، خەلقئارا ھەمكارلىق يېڭى سۇپىسى بەرپا قىلىپ، ئورتاق تەرەققىياتقا يېڭى كۈچ قوشىدۇ. تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر، بولۇپمۇ ئەڭ تەرەققىي تاپمىغان دۆلەتلەرگە ياردەم بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، جەنۇب – شىمال تەرەققىيات پەرقىنىڭ كىچىكلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. جۇڭگو كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوللاپ، ئەركىن سودا رايونى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوچۇق دۇنياۋى ئىقتىسادنىڭ بەرپا قىلىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

  ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو دۇنيانى ئىدارە قىلىشنىڭ ئورتاق مەسلىھەتلىشىش، ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ دېموكراتىيەلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ، دۆلەتلەرنىڭ چوڭ – كىچىك، كۈچلۈك – ئاجىز، باي – نامرات بولۇشىغا قارىماي باب باراۋەر بولۇشىدا چىڭ تۇرىدۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىجابىي رول ئوينىشىنى قوللاپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا ئىشلاردىكى ۋەكىللىك خاراكتېرىنى ۋە پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقىنى چوڭايتىشنى قوللايدۇ، جۇڭگو مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەتلىك رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، دۇنيانى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئىسلاھاتى ۋە قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، جۇڭگو ئەقىل – پاراسىتى ۋە كۈچ – قۇۋۋىتى ئارقىلىق ئۈزلۈكسىز تۆھپە قوشىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: دۇنيانىڭ تەقدىرى ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ قولىدا، ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالى ھەرقايسى دۆلەت خەلقى تاللىغان يولغا باغلىق. جۇڭگو خەلقى ھەرقايسى دۆلەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ گۈزەل كېلەچىكىنى ئورتاق يارىتىشنى خالايدۇ.

  پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە رەھبەرلىك سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش لازىم

  شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 18 – ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. يولداش شى جىنپىڭ 19 – قۇرۇلتاي دوكلاتىدا مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە رەھبەرلىك سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش لازىم.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى. پارتىيەمىز چوقۇم يېڭى كەيپىيات يارىتىشى، يېڭى ئىشقا تۇتۇش قىلىشى لازىم. بازغانچىنىڭ بېلى چىڭ بولۇشى شەرت. پارتىيە خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ ئۇلۇغ كۈرەش ئېلىپ بېرىپ، ئۇلۇغ ئىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا پارتىيە رەھبەرلىكىنى قىلچە تەۋرەنمەي قەتئىي داۋاملاشتۇرۇشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى، پارتىيەنى قىلچە تەۋرەنمەي تېخىمۇ قۇدرەتلىك قىلىپ قۇرۇشى شەرت.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ. پۈتۈن پارتىيە شۇنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىشى كېرەككى، پارتىيەمىز دۇچ كەلگەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش مۇھىتى مۇرەككەپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان، پارتىيەنىڭ پاكلىقىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان ئامىللارمۇ مۇرەككەپ، پارتىيە ئىچىدە ساقلىنىۋاتقان ئىدىيە ساپ بولماسلىق، تەشكىلات ساپ بولماسلىق، ئىستىل ساپ بولماسلىق قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەر تېخى تۈپتىن ھەل بولغىنى يوق. پارتىيە دۇچ كەلگەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سىنىقى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سىنىقى، بازار ئىگىلىكى سىنىقى، تاشقى مۇھىت سىنىقىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكى ۋە مۇرەككەپلىكىنى، پارتىيەمىز دۇچ كەلگەن روھىي بوشاڭلىق خەۋپى، ئىقتىدار يېتەرسىزلىك خەۋپى، ئاممىدىن ئايرىلىپ قېلىش خەۋپى، پاسسىپلىق – چىرىكلىك خەۋپىنىڭ ئۆتكۈرلۈكى ۋە جىددىيلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، مەسىلە يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ كەڭ ۋە چوڭقۇر راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش لازىم.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ باش تەلىپى: پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى، ئىلغارلىق ۋە پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى ئاساسىي لىنىيە، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى، غايە – ئېتىقاد – ئاساسىي مەقسەتنى مۇستەھكەملەشنى ئۇل، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادكارلىقىنى قوزغاشنى كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشى، ئىدىيە قۇرۇلۇشى، تەشكىلىي قۇرۇلۇشى، ئىستىل قۇرۇلۇشى، ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈپ، چىرىكلىككە قارشى كۈرەشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنى باشتىن – ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغان، خەلق چىن دىلىدىن ھىمايە قىلىدىغان، ئۆزى ئۈستىدىن دادىل ئىنقىلاب قىلىدىغان، تۈرلۈك بوران – چاپقۇننىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان، جۇشقۇن ھاياتىي كۈچكە تولغان ھاكىمىيەت بېشىدىكى ماركسىزملىق پارتىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىش.

  بىرىنچى، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشى پارتىيەنىڭ تۈپ قۇرۇلۇشى بولۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يۆنىلىشى ۋە ئۈنۈمىنى بەلگىلەيدۇ. پۈتۈن پارتىيەنىڭ مەركىزىي كومىتېتقا بويسۇنۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلەشكەن بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى. پۈتۈن پارتىيە پارتىيەنىڭ سىياسىي لۇشيەنىنى قەتئىي ئىجرا قىلىپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يول جەھەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشى كېرەك. پارتىيە نىزامنامىسىگە ھۆرمەت قىلىپ، پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى سىياسىي تۇرمۇشىغا دائىر بىر قانچە مىزاننى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنىڭ سىياسىيلىقى، دەۋرلىكى، پىرىنسىپاللىقى ۋە جەڭگىۋارلىقىنى ئاشۇرۇپ، تاۋار ئالماشتۇرۇش پىرىنسىپىنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى تۇرمۇشنى چىرىتىشىگە ئاڭلىق قارشى تۇرۇپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيە يارىتىش لازىم. دېموكراتىيە مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىگە دائىر تۈرلۈك تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دېموكراتىيە ئاساسىدىكى مەركەزلەشتۈرۈش بىلەن مەركەزلەشتۈرۈش يېتەكچىلىكىدىكى دېموكراتىيەنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەم دېموكراتىيەنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، ھەم مەركەزلەشتۈرۈش ۋە بىرلىككە كەلتۈرۈشكە ماھىر بولۇش كېرەك. سادىق – سەمىمىي، ئادىل – دۇرۇس بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، پاك – دىيانەتلىك بولۇش قاتارلىق قىممەت قاراشلىرىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، شەخسىيەتچىلىك، تارقاقچىلىق، لىبېرالىزم، تار مەھكىمىچىلىك ۋە ياخشىچاقلىقنىڭ، مەزھەپچىلىك، مۇناسىۋەت مەدەنىيىتى، گۇرۇھۋازلىق مەدەنىيىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرۇش، ئىككى يۈزلىمىچىلىك قىلىشقا ۋە ئىككى يۈزلىمىچى بولۇشقا قەتئىي قارشى تۇرۇش لازىم. پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن چېنىقىشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئېڭى ۋە سىياسىي ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى، پارتىيەگە سادىق بولۇش، پارتىيەنىڭ غېمىنى يېيىش، پارتىيە ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، خەلققە بەخت يارىتىشنى تۈپ سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، كوممۇنىستلارنىڭ سىياسىي خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلىشى كېرەك.

  ئىككىنچى، پۈتۈن پارتىيەنى يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسى بىلەن قوراللاندۇرۇش لازىم. كوممۇنىزم ئۇلۇغۋار غايىسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەنىۋى تۈۋرۈكى ۋە سىياسىي جېنى، شۇنداقلا پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە بىرلىكىنى ساقلاشنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسى. غايە – ئېتىقادنى چىڭىتىشنى پارتىيەنىڭ ئىدىيەۋى قۇرۇلۇشىدا ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، پۈتۈن پارتىيەنى پارتىيەنىڭ ئاساسىي مەقسىتىنى ئەستە چىڭ تۇتۇپ، كوممۇنىستلارنىڭ مەنىۋى خىسلىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، دۇنيا قاراش، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، قىممەت قارىشىدىن ئىبارەت نېگىزلىك مەسىلىنى ئوبدان ھەل قىلىپ، ئاڭلىقلىق بىلەن كوممۇنىزم ئۇلۇغۋار غايىسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسىنىڭ شەكسىز ئېتىقادچىسى ۋە سادىق ئەمەلىيەتچىسى بولۇشقا تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش لازىم. ماركسىزملىق ئۆگىنىش ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ‹‹ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش›› بويىچە ئۆگىنىش تەربىيەنىڭ دائىملىشىشى ۋە تۈزۈملىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ناھىيە – باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، پۈتۈن پارتىيەدە ‹‹ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماسلىق، بۇرچنى ئەستە چىڭ تۇتۇش›› تېمىلىق تەربىيەنى قانات يايدۇرۇپ، مېڭىنى پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى بىلەن قوراللاندۇرۇپ، پارتىيەنىڭ تارىخىي بۇرچىنى ئورۇنداش ئۈچۈن بوشاشماي تېخىمۇ ئاڭلىق كۈرەش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش لازىم.

  ئۈچىنچى، كەسىپلەشكەن ساپالىق كادىرلار قوشۇنىنى بەرپا قىلىش كېرەك. پارتىيە كادىر باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەم ئەخلاقلىق، ھەم قابىلىيەتلىك بولۇش، ئەخلاقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا، ھەر يەر – ھەر يەردىن بولۇش، ياخشىلارنى ئىشقا قويۇشتا كەسىپنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئادىل – دۇرۇس بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ياخشى كادىر ئۆلچىمىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش لازىم. ئادەم تاللاش – ئىشلىتىشنىڭ توغرا يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئادەم تاللاش – ئىشلىتىش كەيپىياتىنى توغرىلاپ، سىياسىي ئۆلچەمنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ‹‹تۆت ئاڭ›› ۋە ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزغان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغدايدىغان، پارتىيەنىڭ نەزەرىيە ۋە لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرىدىغان ۋە ئىجرا قىلىدىغان، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان كادىرلارنى ئۆستۈرۈپ مۇھىم ئىشقا قويۇش، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرىگە مۇنەۋۋەر، قابىل كادىرلارنى سەپلەش كېرەك. كەسپىي ئىقتىدار ۋە كەسپىي روھنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، كادىرلار قوشۇنىنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە لايىقلىشىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش لازىم. ياش كادىرلارنى زور كۈچ بىلەن بايقاپ ۋە تەييارلاپ، ياش كادىرلارنى ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدە ۋە قىيىنچىلىق ئېغىر، جاپالىق جايلاردا تەربىيەلەش ۋە چېنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئەمەلىيەتنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكەن مۇنەۋۋەر ياش كادىرلارنى ئارقا – ئارقىدىن ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ ئىشلىتىش كېرەك. ئايال كادىرلار، ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى ۋە پارتىيە سىرتىدىكى كادىرلارنى تەربىيەلەش – ئۆستۈرۈش خىزمىتىنى بىر تۇتاش ئوبدان ئىشلەش لازىم. دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان كادىرلار خىزمىتىنى ئەستايىدىل ئوبدان ئىشلەش كېرەك. قاتتىق باشقۇرۇش بىلەن ئوبدان كۆيۈنۈشنى بىرلەشتۈرۈشتە، رىغبەتلەندۈرۈش بىلەن چەكلەشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، كادىرلارنى سىناش – باھالاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، رىغبەت مېخانىزمى ۋە خاتالىقنى ئەپۇ قىلىش – تۈزىتىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالالايدىغان، پۇختا ئىشلەيدىغان، ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتمايدىغان كادىرلارغا ئوچۇق پوزىتسىيە بىلەن مەدەتكار بولۇش لازىم. ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە كۆيۈنۈش، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇلارنى غەمدىن خالاس قىلىش كېرەك.

  ئىختىساسلىقلارنى پارتىيە باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، جاھاندىكى ئىختىساسلىقلارنى كەڭ دائىرىدە يىغىپ ئىشلىتىپ، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتىنى تېز قۇرۇش لازىم. تېخىمۇ ئاكتىپ، تېخىمۇ ئوچۇق، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئىختىساسلىقلار سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئىختىساسلىقلارنى بايقايدىغان ئۆتكۈر كۆز، ئىختىساسلىقلارنى قەدىرلەيدىغان سەمىمىيەت، ئىختىساسلىقلارنى ئىشلىتىدىغان جاسارەت، ئىختىساسلىقلارنى سىغدۇرىدىغان سەۋر – تاقەت، ئىختىساسلىقلارنى توپلايدىغان ياخشى چارە بىلەن پارتىيە ئىچى ۋە سىرتىدىكى، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى، ھەر تەرەپتىكى مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئۇلۇغ كۈرىشىگە جەلپ قىلىش، ئىختىساسلىقلارنىڭ چەت – ياقا، نامرات رايونلار، چېگرا رايونلار، مىللىي رايونلار، كونا ئىنقىلابىي رايونلارغا ۋە ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە يۆتكىلىشىگە ئىلھام بېرىپ ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، ھەممە ئادەم ئىختىساسلىق بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان، ھەممە ئادەم ئىختىساسلىق بولۇش ئۈچۈن تىرىشىدىغان، ھەممە ئادەم ئىختىساسلىق بولۇپ چىقالايدىغان، ھەممە ئادەم ئىقتىدارىنى نامايان قىلىدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈش، ھەرخىل ئىختىساسلىقلارنىڭ ئىجادىيەت ھاياتىي كۈچىنى بەس – بەستە ئۇرغۇتۇش، ئەقىل – پاراسىتىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  تۆتىنچى، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش لازىم. تەشكىلىي ئىقتىدارنى ئاشۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، سىياسىي فۇنكسىيەنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. پارتىيە ياچېيكىلىرى پارتىيە ئەزالىرىنى بىۋاسىتە تەربىيەلەش، باشقۇرۇش، نازارەت قىلىش ۋە ئاممىنى تەشكىللەش، ئاممىغا تەشۋىق قىلىش، ئاممىنى ئۇيۇشتۇرۇش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئوبدان ئۈستىگە ئېلىشى لازىم. ‹‹ئۈچ يىغىن، بىر دەرس›› تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنىڭ تەسىس قىلىنىشى ۋە پائالىيەت ئۇسۇلىنىڭ يېڭىلىنىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ باشلامچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، بەزى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاجىزلىشىش، مەۋھۇملىشىش، چەتلىشىش مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىش لازىم. پارتىيەنىڭ ئىچكى ئاساسىي قاتلام دېموكراتىيەسىنى كېڭەيتىپ، پارتىيە ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پارتىيە ئىشلىرىغا قاتنىشىش، پارتىيەنىڭ تەشكىلاتلىرى ۋە كادىرلىرىنى نازارەت قىلىش، يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىغا پىكىر ۋە تەكلىپ بېرىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك. سانائەت ئىشچىلىرى، ياش دېھقانلار، ئالىي مەلۇماتلىقلار ئارىسىدىن ۋە ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردىن پارتىيەگە ئەزا قوبۇل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. لاياقەتسىز پارتىيە ئەزالىرىغا تەشكىلىي چارە كۆرۈش خىزمىتىنى پۇختا ۋە تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىش لازىم.

  بەشىنچى، ئۇزاققىچە بوشاشماي ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش كېرەك. ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغانلىكى مەسىلىلەرگە جىددىي ۋە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىش، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەنلىكى قىلمىشلارنى قەتئىي تۈزىتىش كېرەك. يۇقىرى تۆۋەننى يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ ‹‹تۆت خاھىش›› مەسىلىسىنى داۋاملىق تۈزەپ، ئىمتىيازچىلىق ئىدىيەسى ۋە ئىمتىيازچىلىق خاھىشىغا قەتئىي قارشى تۇرۇش لازىم. سىياسىي ئىنتىزام ۋە تەشكىلىي ئىنتىزامنى نۇقتىلىق كۈچەيتىپ، پاكلىق ئىنتىزامى، ئاممىۋى ئىنتىزام، خىزمەت ئىنتىزامى ۋە تۇرمۇش ئىنتىزامىنىڭ چىڭىتىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. تەنقىد ۋە ئۆز – ئۆزىنى تەنقىدنى قانات يايدۇرۇشتا، ئالدىنقىلاردىن ساۋاق ئېلىپ كېيىنكىلەرگە ئىبرەت قىلىش، كېسەلنى داۋالاپ ئادەمنى قۇتقۇزۇشتا چىڭ تۇرۇپ، نازارەت قىلىش – ئىنتىزام ئىجرا قىلىشنىڭ ‹‹تۆت خىل شەكلى››نى قوللىنىپ، بالدۇر تۇتۇش، كىچىكىدىن تۇتۇش، بىخ ھالىتىدە يوقىتىش لازىم. كادىر باشقۇرۇش ھوقۇقى بار پارتىيە تەشكىلاتلىرىغا مۇناسىپ ھالدا ئىنتىزام جازاسى بېرىش ھوقۇقى بېرىپ، نازارەت قىلىش، ئىنتىزام ئىجرا قىلىش ۋە جاۋابكارلىق سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىنتىزام تەربىيەسىنى كۈچەيتىش، ئىنتىزام ئىجراسىنى چىڭىتىش ئارقىلىق پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنى ھېيىقىدىغان، ئۆزىنى تارتىدىغان، تۆۋەن چەكنى ساقلايدىغان قىلىش، نازارەت قىلىنىدىغان ۋە چەكلىنىدىغان مۇھىتتا ئىشلەش – ياشاشقا ئادەتلەندۈرۈش لازىم.

  ئالتىنچى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇتلەق غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ۋەزىيىتى ھېلىھەم كەسكىن ۋە مۇرەككەپ بولۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى مۇستەھكەملەيدىغان، مۇتلەق غەلىبىنى قولغا كەلتۈرىدىغان ئىرادە ئۇيۇل تاشتەك چىڭ بولۇشى شەرت. چەكلەنگەن رايون قالدۇرماسلىق، تولۇق قاپلاش، قىلچە يول قويماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، قاتتىق توسۇش، كۈچلۈك يۇقىرى بېسىم ئىشلىتىش، ئۇزاققىچە چۆچۈتۈش، پارا ئالغانلار بىلەن پارا بەرگەنلەرنى بىرلىكتە تەكشۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئىچىدە مەنپەئەت گۇرۇھى شەكىللىنىپ قېلىشتىن قەتئىي ساقلىنىش لازىم. شەھەرلىك، ناھىيەلىك پارتكوملاردا تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئامما ئەتراپىدا يۈز بەرگەن چىرىكلىك مەسىلىسىنى تۈزىتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. چىرىكلەشكەنلەر مەيلى قەيەرگە قېچىپ بارسۇن ئۇلارنى شۇ يەردىن تۇتۇپ كېلىپ، قانۇن بويىچە جازالاش لازىم. دۆلەتنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش قانۇنى چىقىرىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش – مەمۇرىي تەپتىش سىستېمىسىنى قاپلىغان پاش قىلىش، مەلۇم قىلىش سۇپىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان قىلىشنى كۈچەيتىپ، چىرىكلىشەلمەسلىك قەپىسىنى پۇختىلاپ، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىق ئاڭلىقلىقىنى ئاشۇرۇپ، بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق پاك – ئادىل مۇھىت يارىتىش لازىم.

  يەتتىنچى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئۆزىنى پاكلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشنىڭ نېگىزى پارتىيەنىڭ ئۆزىنى ئۆزى نازارەت قىلىشىنى ۋە ئاممىنىڭ نازارەت قىلىشىنى كۈچەيتىشكە تايىنىش. يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قارىتىلغان تەشكىلىي نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، تۆۋەندىن يۇقىرىغا قارىتىلغان دېموكراتىك نازارەتچىلىكنى ياخشىلاپ، تەڭ دەرىجىلىكلەرنىڭ ئۆزئارا نازارەت قىلىش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارغا قارىتىلغان كۈندىلىك باشقۇرۇش – نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش لازىم. سىياسىي كۆزىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەسىلە بايقاش، ھەيۋە شەكىللەندۈرۈشتە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، كۆزىتىش بىلەن تەكشۈرۈشنىڭ يۇقىرى – تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولىدىغان نازارەتچىلىك تورىنى بەرپا قىلىش كېرەك. دۆلەتنىڭ مەمۇرىي تەپتىش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىناق خىزمىتىنى پۈتۈن مەملىكەتتە ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگانلىرى بىلەن بىرلىشىپ ئىش بېجىرىدىغان مەملىكەتلىك، ئۆلكىلىك، شەھەرلىك ۋە ناھىيەلىك مەمۇرىي تەپتىش كومىتېتلىرىنى قۇرۇپ، ھۆكۈمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدىغان بارلىق ھۆكۈمەت خادىملىرى ئۈستىدىن مەمۇرىي تەپتىش قىلىشنى تولۇق ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم. دۆلەتنىڭ مەمۇرىي تەپتىش قانۇنىنى تۈزۈپ، مەمۇرىي تەپتىش كومىتېتلىرىغا قانۇن بويىچە مەسئۇلىيەت، ھوقۇق دائىرىسى ۋە تەكشۈرۈش ۋاسىتىسىنى بەلگىلەپ بېرىپ، ‹‹ئىككىدە تاپشۇرۇش›› تەدبىرىنىڭ ئورنىغا قالدۇرۇپ تۇرۇش تەدبىرىنى يولغا قويۇش كېرەك. ئىقتىسادىي تەپتىشنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئىستاتىستىكا تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. پارتىيە بىر تۇتاش قوماندانلىق قىلىدىغان، ئومۇميۈزلۈك قاپلىغان، نوپۇزلۇق – ئۈنۈملۈك نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ نازارەتچىلىكى، دېموكراتىك نازارەتچىلىك، ئەدلىيە نازارەتچىلىكى، ئامما نازارەتچىلىكى، جامائەت پىكرى نازارەتچىلىكى بىلەن باغلاپ، نازارەتچىلىكنىڭ بىرىكمە كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  سەككىزىنچى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قابىلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش لازىم. 1 مىليارد 300 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم بار سوتسىيالىستىك چوڭ دۆلەتكە رەھبەرلىك قىلىشتا، پارتىيەمىز ھەم سىياسىي جەھەتتە قاتتىق سىناقتىن ئۆتۈشى، ھەم قابىلىيىتى كۈچلۈك بولۇشى لازىم. ئۆگىنىش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن پارتىيەدە ماھىرلىق بىلەن ئۆگىنىدىغان، باتۇرلۇق بىلەن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزىدىغان قويۇق كەيپىيات يارىتىپ، ماركسىزملىق ئۆگىنىشچان پارتىيە قۇرۇپ، ئۆگىنىشچان چوڭ دۆلەت قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. سىياسىي رەھبەرلىك قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر، ئىجادىي تەپەككۇر، دىيالېكتىك تەپەككۇر، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش – يېڭىلىق يارىتىش قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان روھىي قىياپەتنى ساقلاش لازىم. ئىلمىي تەرەققىيات قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇشقا ماھىر بولۇپ، تەرەققىياتتا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك. قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىنى قاپلىغان ئىچكى نىزام – تۈزۈم سىستېمىسىنى تېز شەكىللەندۈرۈش لازىم. ئاممىۋى خىزمەت قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇپ، ئاممىۋى خىزمەتنىڭ تۈزۈلمە – مېخانىزمى، شەكلى ۋە ئۇسۇلىنى يېڭىلاپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ سىياسىيلىقى، ئىلغارلىق ۋە ئاممىۋىلىقىنى كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇپ، راست گەپ قىلىش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، ئەمەلىي تەدبىر كۆرۈش ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەشتە چىڭ تۇرۇپ، چاقماقتەك تېز ھەرىكەتكە كېلىش بىلەن ئۇزاققىچە بوشاشماي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى ئورگانىك ئاساستا بىرلەشتۈرۈپ، قىيىنچىلىقنى دادىل يېڭىپ، تۈرلۈك خىزمەتنى مىخ روھى بىلەن ئەمەلىي، ئىنچىكە ۋە ئوبدان ئىشلەش كېرەك. خەۋپ – خەتەرنى تىزگىنلەش قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇپ، ھەر جەھەتتىكى خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر خىل مۇرەككەپ زىددىيەتنى ھەل قىلىشقا ماھىر بولۇپ، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى ھەر خىل جاپا – مۇشەققەت ۋە خەۋپ – خەتەرنى دادىل يېڭىپ، خىزمەتنىڭ تەشەببۇسكارلىقىنى چىڭ ئىگىلەش لازىم.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: ئۇلۇغ ئىشقا قۇدرەتلىك پارتىيە رەھبەرلىك قىلىشى شەرت. پارتىيەمىز ئۆز قۇرۇلۇشىنى ئوبدان ئېلىپ بېرىپ، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، باشتىن – ئاخىر خەلق بىلەن ئوي – پىكىردە، ئىشلەشتە بىللە بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلسىلا، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۇلۇغ ئارزۇسى يۈكلەنگەن پاراخوتنى دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىتىپ، شانلىق قىرغاققا غەلىبىلىك باشلاپ بارالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تارىخنىڭ چاقى توختىماي ئىلگىرىلەيدۇ، دەۋر ئېقىمى ھەيۋەتلىك ئۆركەشلەيدۇ. تارىخ قەيسەر، جاسارەتلىك، كۈرەشچان كىشىلەرگىلا كۆڭۈل بۆلىدۇ، ئىككىلەنگۈچىلەرنى، ھۇرۇنلارنى، قىيىنچىلىقتىن قورقىدىغانلارنى ساقلاپ تۇرمايدۇ. پۈتۈن پارتىيە چوقۇم جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، مەغرۇرلۇق – ئالدىراقسانلىقتىن ساقلىنىش ئىستىلىنى ساقلاپ، ۋاقىتنى غەنىيمەت بىلىپ، ھەر بىر مىنۇتنى چىڭ تۇتۇش روھى بىلەن يېڭى دەۋرنىڭ ئۇزۇن سەپەر يولىدا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشى لازىم. پۈتۈن پارتىيە چوقۇم پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە بىرلىكىنى ئاڭلىق قوغداپ، پارتىيەنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەپ، مەملىكەت ئىچى – سىرتىدىكى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىتتىپاقلىشىشقا بولىدىغان بارلىق كۈچلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت پارلاق ئىستىقبالغا يۈرۈش قىلىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ياشلار روناق تاپسا دۆلەت گۈللىنىدۇ، ياشلار كۈچەيسە دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ. ياش ئەۋلادلار غايىلىك، قابىلىيەتلىك، مەسئۇلىيەتچان بولسا، دۆلەت ئىستىقباللىق بولىدۇ، مىللەت ئۈمىدكە تولىدۇ. جۇڭگو ئارزۇسى تارىخىي ئارزۇ، رېئال ئارزۇ، شۇنداقلا كېلەچەك ئارزۇسى؛ بىز بىر ئەۋلادنىڭ ئارزۇسى، بولۇپمۇ ياش ئەۋلادلارنىڭ ئارزۇسى. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسى ئاخىرقى ھېسابتا ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ياشلارنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈرەش قىلىشى داۋامىدا رېئاللىققا ئايلىنىدۇ. پۈتۈن پارتىيە ياشلارغا كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە كۆيۈنۈشى، ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھاياتىنى نۇرلاندۇرۇشىغا سەھنە ھازىرلاپ بېرىشى لازىم. كەڭ ياشلار غايە – ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، ئۇلۇغۋار غايە تۇرغۇزۇپ، ئىشنى پۇختا قىلىپ، دادىللىق بىلەن دەۋر ئەزىمەتلىرىدىن بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئەمەلىيىتىدە ياشلىق ئارزۇسىنى پەرۋاز قىلدۇرۇشى، خەلقنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش داۋامىدا كىشىلىك ھاياتىنىڭ گۈزەل سەھىپىسىنى ئېچىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: ئالىي غايە كۆڭۈلگە پۈكۈلگەندە جاھان خەلققە مەنسۇپ بولىدۇ. بىز 9 مىليون 600 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىردىن ئارتۇق بىپايان زېمىندا، جۇڭخۇا مىللىتى 5000 يىلدىن ئارتۇق ئۇزاق مۇددەتلىك كۈرەشتە توپلىغان مەدەنىيەتتىن ئوزۇق ئېلىۋاتىمىز، بىز 1 مىليارد 300 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقىنىڭ مۇجەسسەملەنگەن قۇدرەتلىك كۈچىگە ئىگىمىز، بىز جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىشتا چەكسىز كەڭ دەۋر سەھنىسىگە، مىسلىسىز چوڭقۇر تارىخىي ئاساسقا، تەڭداشسىز قۇدرەتلىك ئىلگىرىلەش ئىرادىسىگە ئىگىمىز. پۈتۈن پارتىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش ۋە ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ تارىخىي ۋەزىپىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا ئۈزلۈكسىز كۈرەش قىلايلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى