2018 - يىلى، گەرجەستەبانۇم جەنۇب تېببىي داشۆسىنىڭ پەرۋىش كەسپىنى پۈتكۈزدى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىدە، ئۇنىڭ ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغاچقا، مەملىكەت بويىچە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئىلغار شەخس، مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى بولۇپ باھالاندى.

شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ توققۇزاق بازىرى ئاياغمەنگەن كەنتىگە كىرگىنىڭىزدە، 1000 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى مەدەنىيەت كارىدورى، كەڭتاشا، پاكىز ئاسفالت يول كۆز ئالدىڭىزدا نامايان بولىدۇ، زامانىۋى ئامىللار بىلەن مىللىي خاسلىق جۇلالانغان پۇقرالار تۇرالغۇلىرى بىلەن كىنوخانا، گۈل دۇكىنى، ناشتىلىق دۇكىنى، قارتا - شاھماتخانا، ھەمكارلىق كوپىراتىپى قاتارلىقلار گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى گۈزەل يېزا - كەنت ھىدى تارىلىپ تۇرىدۇ.

قىزىلگۈل كۆچىتى تىكىلىپ، قىزىل ساياھەتچىلىك راۋاجلاندۇرۇلۇپ، خاس باغ ـ ئورمان قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتى ئالغا سىلجىتىلدى... ئەتىياز كىرگەندىن كېيىن، ئاياغمەنگەن كەنتىدىكى كەنت كادىرلىرى ئۆز ۋەزىپىسىگە مەسئۇل بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرى ئىجتىھات بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، كادىرلار، ئامما بىر نىيەتتە «باھارنىڭ مۇقەددىمە مېلودىيەسى»نى ياڭراتتى.

يېڭى يىل كىرىشى بىلەن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پارتىيە ئىزنىكىنى كۆرسەتكەن چارۋىچى تاغا تور ۋە تور سىرتىدا يۈكسەك دىققەت قوزغىدى. بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» پائالىيىتىدىكى ئەڭ تەسىرلىك ئەمەلىي ھەرىكەت، ئەڭ سەمىمىي بولغان خەلقچىل ھېسسىيات، شۇنداقلا ئەڭ جانلىق ئۆگىنىش ئۈلگىسى.

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، كورلا شەھىرى «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، شەھەر رايونى ئىچىدە خەلققە قولايلىق بازاردىن توققۇزنى يېڭىدىن قۇرۇپ، خەلققە قولايلىق ئون بازارنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈردى ھەم تۆۋەن كىرىملىك ئاممىنى ئالدىن يايما ئورنى بىلەن تەمىنلەپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، يېمەكلىك، ئۇششاق تاۋار، كىيىم-كېچەك، كونا مال قاتارلىق سودا سۇپىلىرىنى قۇرۇپ، ئاممىغا قولايلىق يارىتىش بىلەن بىللە، بازار ئىگىلىكىگە يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى.