تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىلى» نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

سىكاننېرلاپ تېخىمۇ كۆپ مەزمۇننى كۆرۈڭ

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 101 يىللىقى پەيتىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت ـ ئەسەرلەر تەتقىقات يۇرتى تۈزگەن «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىلى» ناملىق كىتاب جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پارتىيە تارىخى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلدى.

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىلى»نى تۈزۈش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت ـ ئەسەرلەر تەتقىقات يۇرتىغا تاپشۇرغان بىر تۈرلۈك مۇھىم ۋەزىپە. باش شۇجى شى جىنپىڭ تۈزۈش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مۇھىم يوليورۇق بېرىپ يېتەكچىلىك قىلىپ، تۈزۈش خىزمىتىگە توغرا يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىپ، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

پۈتۈن كىتاب «يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلاب مەزگىلى» «سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش مەزگىلى» «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى مەزگىلى» «جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرى»دىن ئىبارەت تۆت تومغا بۆلۈنگەن بولۇپ، جەمئىي 860 مىڭ خەت، 455 پارچە سۈرەت بار.

تارىخنى بىلىش تارىخىي ئىشەنچنىڭ مۇھىم ئاساسى. پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ماتېرىيالىزملىق تارىخ قارىشى، توغرا پارتىيە تارىخى قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تارىخىنى ئۆگىنىش ۋە تەتبىقلاشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 ـ ئومۇمىي يىغىنى يېڭى دەۋر يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، پارتىيە تارىخىغا قارىتا كەسكىن، ئومۇميۈزلۈك، نوپۇزلۇق ھالدا ئىلمىي خۇلاسە چىقىرىپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەرنى تېخىمۇ ياخشى تونۇشى ۋە ئىگىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ ياخشى ھالدا ئەقىل ـ پاراسەتنى ئاشۇردى، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈردى، ئىشەنچنى كۈچەيتتى، كۈرەش ئىرادىسىنى چىڭىتتى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پارتىيە تارىخىنى خۇلاسىلەش، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، پارتىيە تارىخى بويىچە تەربىيەلەش، پارتىيە تارىخىنى تەشۋىق قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشتا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، توغرا پارتىيە تارىخى قارىشىنى تېخىمۇ چوڭقۇر، تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە تۇرغۇزۇش، رەسمىي تارىخنى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندۇرۇش − كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە بارلىق خەلق، بولۇپمۇ كەڭ ياشلارنى تارىخىي ئىشەنچنى چىڭىتىپ، تارىخىي ئەسلىمىلەرنى مۇستەھكەملەپ، تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە تەربىيەلەشنىڭ مۇھىم ئاساسى.

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىلى» ناملىق كىتابتا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تارىخى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ھەمدە پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت ـ ئەسەرلەر خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ماتېرىيالىزملىق تارىخ قارىشى ۋە توغرا پارتىيە تارىخى قارىشىدا چىڭ تۇرۇلۇپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، پارتىيەۋىلىك پىرىنسىپ بىلەن ئىلمىي روھنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، سىياسىيۋىلىك، ئىدىيەۋىلىك، نوپۇز، ئىلمىيلىك، ئوقۇشچانلىق بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن، بۇ، مەملىكەت بويىچە ھازىرغا قەدەر ئاشكارا نەشر قىلىنغان ئوقۇشلۇقلار ئىچىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تارىخىنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئەكس ئەتتۈرۈشتە ۋاقىت ئارىلىقى ئەڭ ئۇزاق، مەزمۇنى ئەڭ سىستېمىلىق، ئەڭ مۇكەممەل بولغان پارتىيە تارىخىغا دائىر رەسمىي تارىخ ئەسىرى. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىلى»نىڭ نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىشى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىشىنى نوپۇزلۇق دەرسلىك بىلەن تەمىنلىدى، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈك قىلىش تۈزۈم ـ مېخانىزمى ئورنىتىشنى مۇھىم ئاساس بىلەن تەمىنلىدى، شۇنداقلا پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردە تۆھپە قوشۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشى ئۈچۈن ياخشى كەيپىيات ياراتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.