تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئىچكى ئىستاتىستىكا ئاخباراتى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى

2021 ـ يىلى 12 ـ ئاينىڭ 31 ـ كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەزالىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 96 مىليون 712 مىڭ نەپەر بولۇپ، 2020 ـ يىلىنىڭ ئاخىرىدىكىدىن 3 مىليون 434 مىڭ نەپەر ساپ كۆپىيىپ، كۆپىيىش نىسبىتى %3.7 بولغان.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھازىر بار بولغان ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى 4 مىليون 936 مىڭ بولۇپ، 2020 ـ يىلىنىڭ ئاخىرىدىكىدىن 117 مىڭ ساپ كۆپىيىپ، كۆپىيىش نىسبىتى %2.4 بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئاساسىي قاتلام پارتىيە كومىتېتى 278 مىڭ، باش ياچېيكا 316 مىڭ، ياچېيكا 4 مىليون 342 مىڭ.

بىرىنچى، پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنىنىڭ ئەھۋالى

پارتىيە ئەزالىرىنىڭ جىنسى، مىللىتى ۋە ئوقۇش تارىخى. ئايال پارتىيە ئەزاسى 28 مىليون 431 مىڭ نەپەر بولۇپ، پارتىيە ئەزالىرى ئومۇمىي سانىنىڭ %29.4ىنى ئىگىلىدى. ئاز سانلىق مىللەت پارتىيە ئەزاسى 7 مىليون 285 مىڭ نەپەر بولۇپ، %7.5نى ئىگىلىدى. ئالىي تېخنىكوم ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە پارتىيە ئەزاسى 51 مىليون 461 مىڭ نەپەر بولۇپ، %53.2نى ئىگىلىدى.

پارتىيە ئەزالىرىنىڭ يېشى. 30 ياش ھەم ئۇنىڭدىن تۆۋەن ياشتىكى پارتىيە ئەزاسى 12 مىليون 624 مىڭ نەپەر، 31 ياشتىن 35 ياشقىچە بولغان پارتىيە ئەزاسى 11 مىليون 535 مىڭ نەپەر، 36 ياشتىن 40 ياشقىچە بولغان پارتىيە ئەزاسى 9 مىليون 780 مىڭ نەپەر، 41 ياشتىن 45 ياشقىچە بولغان پارتىيە ئەزاسى 8 مىليون 775 مىڭ نەپەر، 46 ياشتىن 50 ياشقىچە بولغان پارتىيە ئەزاسى 9 مىليون 364 مىڭ نەپەر، 51 ياشتىن 55 ياشقىچە بولغان پارتىيە ئەزاسى 8 مىليون 776 مىڭ نەپەر، 56 ياشتىن 60 ياشقىچە بولغان پارتىيە ئەزاسى 8 مىليون 648 مىڭ نەپەر، 61 ياش ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى پارتىيە ئەزاسى 27 مىليون 210 مىڭ نەپەر.

پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پارتىيەگە كىرگەن ۋاقتى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى پارتىيەگە كىرگەنلەر 119 مىڭ نەپەر، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىنكى مەزگىلدىن، پارتىيە 11 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىدىن ئىلگىرىكى مەزگىلگىچە پارتىيەگە كىرگەنلەر 14 مىليون 175 مىڭ نەپەر، پارتىيە 11 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىنكى مەزگىلدىن، پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن ئىلگىرىكى مەزگىلگىچە پارتىيەگە كىرگەنلەر 60 مىليون 825 مىڭ نەپەر، پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيەگە كىرگەنلەر 21 مىليون 594 مىڭ نەپەر.

پارتىيە ئەزالىرىنىڭ كەسپى. ئىشچى (ئىشچى تېخنىك خادىم) 6 مىليون 594 مىڭ نەپەر، دېھقان ـ چارۋىچى، بېلىقچى 25 مىليون 923 مىڭ نەپەر، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، جەمئىيەت تەشكىلاتلىرىدىكى كەسپىي تېخنىك خادىم 15 مىليون 487 مىڭ نەپەر، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، جەمئىيەت تەشكىلاتلىرىدىكى باشقۇرغۇچى خادىم 10 مىليون 948 مىڭ نەپەر، پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىكى خىزمەتچى خادىم 7 مىليون 805 مىڭ نەپەر، ئوقۇغۇچى 3 مىليون 52 مىڭ نەپەر، باشقا كەسپىي خادىم 7 مىليون 482 مىڭ نەپەر، دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققانلار 19 مىليون 421 مىڭ نەپەر.

ئىككىنچى، پارتىيە ئەزالىقىغا تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەھۋالى

2021 ـ يىلى پارتىيە ئەزالىقىغا تەرەققىي قىلدۇرۇلغانلار جەمئىي 4 مىليون 383 مىڭ نەپەر بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 1 مىليون 956 مىڭ نەپەر كۆپەيدى.

پارتىيە ئەزالىقىغا تەرەققىي قىلدۇرۇلغانلارنىڭ جىنسى، مىللىتى، يېشى ۋە ئوقۇش تارىخى. پارتىيە ئەزالىقىغا تەرەققىي قىلدۇرۇلغان ئايال 2 مىليون 42 مىڭ نەپەر بولۇپ، %46.6نى ئىگىلىدى. پارتىيە ئەزالىقىغا تەرەققىي قىلدۇرۇلغان ئاز سانلىق مىللەت كىشىلىرى 400 مىڭ نەپەر بولۇپ، %9.1نى ئىگىلىدى. پارتىيە ئەزالىقىغا تەرەققىي قىلدۇرۇلغان 35 ياش ھەم ئۇنىڭدىن تۆۋەن ياشتىكىلەر 3 مىليون 540 مىڭ نەپەر بولۇپ، %80.8نى ئىگىلىدى. پارتىيە ئەزالىقىغا تەرەققىي قىلدۇرۇلغان ئالىي تېخنىكوم ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغانلار 2 مىليون 115 مىڭ نەپەر بولۇپ، %48.3نى ئىگىلىدى.

پارتىيە ئەزالىقىغا تەرەققىي قىلدۇرۇلغانلارنىڭ كەسپى. ئىشچى (ئىشچى تېخنىك خادىم) 280 مىڭ نەپەر، دېھقان ـ چارۋىچى، بېلىقچى 687 مىڭ نەپەر، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، جەمئىيەت تەشكىلاتلىرىدىكى كەسپىي تېخنىك خادىم 655 مىڭ نەپەر، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، جەمئىيەت تەشكىلاتلىرىدىكى باشقۇرغۇچى خادىم 468 مىڭ نەپەر، پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىكى خىزمەتچى خادىم 232 مىڭ نەپەر، ئوقۇغۇچى 1 مىليون 765 مىڭ نەپەر، باشقا كەسپىي خادىم 294 مىڭ نەپەر. ئىشلەپچىقىرىش، خىزمەتنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئىشلەيدىغاندىن پارتىيە ئەزالىقىغا تەرەققىي قىلدۇرۇلغانلار 2 مىليون 311 مىڭ نەپەر.

ئۈچىنچى، پارتىيە ئىچىدىكى تەقدىرلەش ئەھۋالى

پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش پەيتىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ما ماۋجيې قاتارلىق 29 نەپەر يولداشقا «1 ـ ئىيۇل ئوردېنى» بەردى، مەملىكەت بويىچە 400 نەپەر مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى، مەملىكەت بويىچە 300 نەپەر مۇنەۋۋەر پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىسى، مەملىكەت بويىچە 499 ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنى تەقدىرلىدى. شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان 7 مىليون 293 مىڭ نەپەر پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسىغا «پارتىيە قوينىدىكى شەرەپلىك 50 يىل» خاتىرە مېدالى تارقاتتى. 2021 ـ يىلى مەملىكەت بويىچە ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى جەمئىي 1 مىليون 531 مىڭ نەپەر مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى، 555 مىڭ نەپەر مۇنەۋۋەر پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىسى، 444 مىڭ ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنى تەقدىرلىدى.

تۆتىنچى، پارتىيەگە كىرىشنى ئىلتىماس قىلىش ئەھۋالى

2021 ـ يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە پارتىيەگە كىرىشنى ئىلتىماس قىلغانلار 20 مىليون 625 مىڭ نەپەر، پارتىيەگە كىرىش ئاكتىپلىرى 10 مىليون 91 مىڭ نەپەر.

بەشىنچى، پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەھۋالى

پارتىيەنىڭ يەرلىك كومىتېتلىرى. مەملىكەت بويىچە پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك يەرلىك كومىتېتىدىن جەمئىي 3198ى بار. بۇنىڭ ئىچىدە، ئۆلكە(ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)لىك پارتىيە كومىتېتى31 ، شەھەر(ئوبلاست)لىك پارتىيە كومىتېتى397 ، ناھىيە(شەھەر، رايون، خوشۇن)لىك پارتىيە كومىتېتى 2770.

شەھەر كوچا باشقارمىسى، يېزا ـ بازار، مەھەللە (ئاھالە كومىتېتى)، مەمۇرىي كەنت پارتىيە تەشكىلاتلىرى. مەملىكەت بويىچە 9034 شەھەر كوچا باشقارمىسى، 29 مىڭ 649 يېزا ـ بازار، 114 مىڭ 65 مەھەللە (ئاھالە كومىتېتى)، 491 مىڭ 129 مەمۇرىي كەنتتە پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلدى، قاپلاش نىسبىتى بىردەك %99.9تىن ئاشتى.

ئورگان، كەسپىي ئورۇن، كارخانا ۋە جەمئىيەت تەشكىلاتلىرىدىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرى. مەملىكەت بويىچە جەمئىي ئورگان ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىدىن 745 مىڭى، كەسپىي ئورۇنلاردىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىدىن 949 مىڭى، كارخانا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىدىن 1 مىليون 532 مىڭى، جەمئىيەت تەشكىلاتلىرىدىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىدىن 171 مىڭى بار بولۇپ، قۇرۇشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق قۇرۇش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

(ئىزاھات: بۇ ئاخباراتتىكى قىسمەن جەملەنگەن سان ياكى نىسپىي ساننىڭ بىرلىكىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان ھېسابلاش خاتالىق پەرقى بىردەك مېخانىكىلىق تەڭشەلمىگەن).

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.