تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پارتىيە بايرىقى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش يولىغا يېتەكلىدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ

تىيانشان باغرىدا ھەممە كەسىپلەر ئارقا - ئارقىدىن گۈللىنىشتەك ھەيۋەتلىك مەنزىرە نامايان بولدى، جەۋلان قىلغان قىزىل بايراق ئوتقاشتەك قىپقىزىل تۈسكە كىردى.

يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش مۇساپىسىدە، باشتىن - ئاخىر بىر بايراق پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى، ھەرمىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە، بۇ، دەل ئېگىز جەۋلان قىلىۋاتقان پارتىيە بايرىقى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، يېڭى كەيپىياتنى نامايان قىلىشقا تۈرتكە بولدى. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار پارتىيە بايرىقىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بىر نىيەتتە جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئىلگىرىلىشىنىڭ يېپيېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتتى، پارتىيەنىڭ ئىجادچانلىقى، ئۇيۇشۇشچانلىقى، جەڭگىۋارلىقى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى، پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى.

كالتسىينى تولۇقلاپ، روھنى تاۋلاش سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىش

نەزەرىيە جەھەتتە سەگەك بولغاندىلا، سىياسىيدا ئاندىن قەتئىي بولغىلى بولىدۇ. يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتى تۇنجى مەيدان «ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار دەرسخانىسى»نى ئۇيۇشتۇردى، شىنجاڭ داشۆ پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى ۋاڭ جەنرېن «پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تىرىشىپ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش»نى چۆرىدەپ مەخسۇس تېمىدا دەرس ئۆتتى، ئىنكاس قىزغىن بولدى. يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتى ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، سىياسىي، ئىقتىساد، قانۇن قاتارلىق جەھەتلەردىكى بىلىملەرنى چۆرىدەپ ئۆگىنىش كونسۇلتاتسىيەسىنى قانات يايدۇردى، بۇ دەل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ نەزەرىيە ئاساسىنى پۇختىلىشى، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش قابىلىيىتىنى كۈچەيتىشى، يېڭى دەۋردە تۆھپە قوشۇشقا تۈرتكە بولۇشىغا سىجىل ياردەم بېرىشتىكى كۈچلۈك تەدبىرى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سىياسىي قۇرۇلۇشنى باش ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇردى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار - ئورۇنلار بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئۈزلۈكسىز تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېتەكلەپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.

پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى ئارقىلىق قەلبلەرنى مۇجەسسەملىدى، روھنى تاۋلىدى. «كىتاب ئوقۇش كۇرسى»، نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىشى قاتارلىقلارنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق چوڭقۇر ئۆگىنىپ ئىنچىكە ئۆزلەشتۈردى؛ ئاساسىي قاتلام پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ھەممىسىنى نۆۋەت بىلەن تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، لېكسىيە ئۆمەكلىرىنى ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ لېكسىيە سۆزلەشكە تەشكىللىدى؛ «شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈش» قاتارلىق شەكلى كۆپ خىل پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇردى... پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ چىڭ تۇتۇپ، پۇختا تۇتۇپ، ياخشى تۇتۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى كاللىغا، قەلبكە سىڭدۈرۈپ، شىنجاڭ تۇپرىقىدا يىلتىز تارتىشقا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى.

ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇمىغاندىلا، ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرغىلى بولىدۇ. پارتىيە ئىچىدىكى مەركەزلىك تەربىيە تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا پۇختا قانات يايدۇرۇلدى. «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى باشلامچى بولۇپ يېتەكلىدى، باش تېما تەربىيەسى بويىچە ئىككى تۈركۈم ئورۇنلار ئۆگىنىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش، تەكشۈرۈش بىلەن تۈزىتىشنى تۇتاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەخسۇس تۈزەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ «كۆڭلىدىكى غەملىرى»نى ئەمەلىي ئىشلەپ ھەل قىلدى؛ پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى پەيتىدە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى، «مەڭگۈ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش» ئاممىۋى خاراكتېرلىك باش تېمىلىق تەشۋىق - تەربىيە پائالىيىتى قاتارلىقلارنى قانات يايدۇردى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسى يەنىمۇ كۈچەيدى.

پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇش «چوڭ پېچ»تا يالقۇنجىدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي تۇرمۇش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، «ئۈچ يىغىن، بىر دەرس» سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، «پارتىيە بايرىقى تىيانشاندا نۇر چاچتى» باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، پائال تۈردە پارتىيە ئەزالىرى ئۈچۈن «سىياسىي تۇغۇلغان كۈن» ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرىنى قاتتىق بولغان تەشكىلىي تۇرمۇش داۋامىدا پارتىيەۋىلىكىنى تاۋلاش، پەزىلىتىنى چېنىقتۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

بۈگۈنكى كۈندە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ غايە - ئېتىقادى تېخىمۇ چىڭىدى، سىياسىي پەزىلىتى تېخىمۇ ساپلاشتى، كۈرەش روھى تېخىمۇ ئۇرغۇدى، كۈرەش قىزغىنلىقى تېخىمۇ تولۇپ تاشتى.

ئاساسنى پۇختىلاپ ئۇلنى كۈچەيتىش جەڭگىۋار قورغاننى مۇستەھكەملەش

پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەت ۋە تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئاساسى، شۇنداقلا پارتىيەنىڭ بارلىق خىزمىتى ۋە جەڭگىۋارلىقىنىڭ ئاساسى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئاساسىي قاتلامنى چىڭ تۇتۇشتىن ئىبارەت روشەن يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئادەم، مالىيە، ماددىي ئەشيا قاتارلىق بايلىقلارنى ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ بىرىنچى سېپىگە مايىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، نېگىزگە، ئۇلغا، يىراق كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرگە سىجىل كۈچىدى.

«يازنىڭ ئۈچ ئىشى» مەزگىلىدە، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان نىيە ناھىيەسىنىڭ ئەندىر يېزىسى فەنرۇڭ كەنتىدە، كەنت ئاھالىلىرى يىراق - يېقىندا داڭ چىقارغان ئەندىر قوغۇنىنى كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىۋاتاتتى.

ئون يىل ئىلگىرى، پېلىكى قۇرۇپ كېتىش كېسىلى سەۋەبىدىن، فەنرۇڭ كەنتىنىڭ قوغۇن تېرىلغۇ كۆلىمى زور دەرىجىدە ئازىيىپ كەتكەنىدى. كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ فەنرۇڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى مۇتەخەسسىسلەرنى قوغۇن ئېتىزلىقىنىڭ «تومۇرىنى تۇتۇپ كېسىلىنى كۆرۈش»كە تەكلىپ قىلىپ، ئەندىر قوغۇنىنى ساقلاپ قېلىپلا قالماي، يەنە ئۇنى «C ئورۇن»دا مۇقىم تۇرغۇزۇپ، پۈتۈن كەنتنىڭ باشلامچى كەسپىگە ئايلاندۇردى، ھازىر كەنت ئاھالىلىرى كىرىمىنىڭ %70ى قوغۇندىن كېلىدۇ. بۇ جەرياندا، خىزمەت ئەترىتى بارلىق چارە - ئاماللار بىلەن كەنت «ئىككى كومىتېت»ىغا ياردەملىشىپ تەرەققىيات پىكىر يولى كەڭ بولماسلىق، ئامما ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى، مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىنى ئاشۇردى.

«خىزمەت ئەترىتى بىلەن كەنت <ئىككى كومىتېت>ى بىزنى قوغۇن تېرىشقا ئىلمىي يېتەكلەپ، كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇشىنى قوغۇندىنمۇ شېرىن تەمگە كىرگۈزدى.» نىيە ناھىيەسى فۇۋەنجيا مېۋە - چېۋە تېرىقچىلىق كەسپى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى مەمەت بارات خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «بۇ يىل، كەنتتىكى 2000 مو ئەندىر قوغۇنىنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ تېرىدۇق، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى تولۇق غەيرەت بىلەن ئىشلىدى!»

سىجىل تۈردە ئاساسىي قاتلام تۇتۇلدى، ئۇل پۇختىلاندى، ئاساس مۇستەھكەملەندى. 2014 - يىلىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، ھەر يىلى ھەر دەرىجىلىك ئورگان، ئىدارىلەردىن تاللاپ ئەۋەتىلگەن كادىرلار خىزمەت ئەترىتى تەشكىللەپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى يېزا، كەنت، چارۋىچىلىق رايونلىرىغا چوڭقۇر چۆكتى. كەنتتە تۇرۇشلۇق كەڭ كادىرلار شۇ جايدىكى ئامما ئويلىغاننى ئويلاپ، بىللە ئىشلەپ، «لايغا مىلىنىپ» ھەقىقىي ئىشەنچنى قولغا كەلتۈرۈپ، كۈرەش جاۋاب قەغىزىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جەڭ مەيدانىدا، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش مۇساپىسىدە يازدى.

بىر پارتىيە ياچېيكىسى بىر جەڭگىۋار قورغان. ئاپتونوم رايونىمىز يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش، ئىسلاھات - تەرەققىيات، مۇقىملىقنى قوغداپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش قاتارلىق مۇھىم، زور ۋەزىپىلەرنى زىچ چۆرىدەپ، كۈچلۈك جەڭگىۋار قورغان بەرپا قىلىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن ھەر مىللەت كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى قۇردى. نۆۋەت ئالماشتۇرۇش سايلىمى ئارقىلىق، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى شۇجىلىقىغا ئەلالىرى تاللىنىپ، كۈچلۈكلىرى سەپلەندى. يېزا، كەنت، مەھەللىلەردە ياش كادىرلار كۆپەيدى، كادىرلارنىڭ ئوقۇش تارىخى ئۆستى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچى ھەسسىلەپ ئاشتى.

پارتىيە ئەزالىرى تەشكىللەندى، ئىختىساسلىقلار ئۇيۇشتۇرۇلدى، ئامما سەپەرۋەر قىلىندى. بۈگۈنكى كۈندە، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى خۇددى ماگنىتقا ئوخشاش ھەر مىللەت ئاممىنى زىچ ئىتتىپاقلاشتۇردى.

ئاتاكىدا ئالدىغا ئۆتۈش جۇشقۇن كۈچنى مۇجەسسەملەش

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، «دەۋر نەمۇنىچىسى» لاچىن بايەكەنىڭ كاچكۇلغا چۈشۈپ كەتكەن بالىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان ئىش ئىزلىرى بايان قىلىنغان «گۈل نېمىشقا بۇنچە قىزىل» ناملىق فىلىم ئاپتونوم رايونىمىزدا بۇ كىنونى كۆرۈش دولقۇنى قوزغىدى. كىنونى كۆرگەندىن كېيىن كۆرۈرمەن تاڭ سۇچىن مۇنداق دېدى: «لاچىن چېگرا مۇداپىئەسىنىڭ بىرىنچى سېپىدە دۆلەت زېمىنىنى قوغداپ، ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىغا قارىماي باشقىلارنى قۇتقۇزۇپ، ھاياتى ئارقىلىق كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ساداقىتى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىنى پۈتتى. قەھرىمانلارغا ھۆرمەت بىلدۈرىمىز، قەھرىمانلاردىن ئۆگىنىمىز!»

بىر پارتىيە ئەزاسى بىر بايراق. خەتەرلىك پەيتتە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، خىرىس ئالدىدا قىيىنچىلىققا يۈزلىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئاددىيلىق ئىچىدە قەتئىي چىڭ تۇردى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى شىنجاڭ تۇپرىقىغا نەقىشلىدى.

2021 - يىلى «1 - ئىيۇل» ھارپىسىدا، مەمەتجان ئۆمەر، ۋېي دېيوۋ شەرەپ بىلەن «1 - ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشتى، باشقا 19 كىشى، 11 كوللېكتىپ مەملىكەت بويىچە «ئىككىدە مۇنەۋۋەر، بىردە ئىلغار» بولۇپ تەقدىرلەندى.

مەمەتجان ئۆمەر ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ غۇلجا ناھىيەسى ئونيار بازىرى بۇلۇكەي كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولغان 30 نەچچە يىلدا، ئاممىنى يېتەكلەپ، بىر نامرات كەنت، قەرزى بار كەنتنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىلىك كەنت، يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش كەنتىگە ئايلاندۇردى، پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىنمۇ يەنىلا كەنت ئاھالىلىرى ئۈچۈن پائال مۇلازىمەت قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىر ئۆمۈر پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن، بىر ئۆمۈر خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىمەن.

ھەر كۈنى سەھەردە ۋېي دېيوۋ دۇربۇن ۋە رادىيونى ئېسىۋېلىپ چېگرانى چارلايتتى. 50 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئۇ چېگرانى چارلاپ چارۋا بېقىشتا بېسىپ ئۆتكەن يول ئېكۋاتورنى بەش قېتىم ئايلانغانغا باراۋەر كېلىدۇ، ئۇ مۇنداق دېدى: چوقۇم دۆلەت ئۈچۈن چېگرا قوغداشتىن ئىبارەت بۇ ئىشنى قەتئىي ياخشى قىلىمەن، تاكى ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرىمەن.

مەملىكەتلىك ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى قەشقەر ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئالاھىدە ساقچى تارماق ئەترىتى ئالاھىدە جەڭ چوڭ ئەترىتى پارتىيە ياچېيكىسىدىكى پارتىيە ئەزالىرى سەھەر تۇرۇپ جاپاغا چىداپ مەشىق قىلىپ ماھارەت يېتىلدۈرۈپ، ئەمەلىي جەڭ مەشىقى ئارقىلىق ئەسكەرلەرنى چېنىقتۇرىدىغان ياچېيكا مەشىقىنى تەشكىللىدى؛ مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىسى رىيزا باغدۆلەت پارتىيە قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى يېتەكلەپ خاس كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملىدى؛ مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى يۈ شياڭيوۋ كوللېكتىپنى يېتەكلەپ ۋىرۇس بىلەن جەڭ قىلىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىقلىرىنى ئۈنۈملۈك داۋالاپ ساقايتتى...

ھازىر، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولى ۋە ئۈلگىلىك، باشلامچىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەگە سادىق بولۇش، خەلقنى قىزغىن سۆيۈش، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى چىڭ ساقلاشنى شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ بىرىنچى سېپى، پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئالدىنقى سېپى، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئىش ئورنىدا نامايان قىلىپ، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشنىڭ جۇشقۇن كۈچىنى مۇجەسسەملىدى.

ئۇزۇن مۇساپىدە غەيرەت - شىجائەت ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، ئېغىر ۋەزىپە يەنە ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار پارتىيە بايرىقى ئاستىغا ئۇيۇشۇپ، «تۆھپە يېزىشتا مەن بولمىساممۇ بولىدۇ» دېگەن روھىي مەنزىل ۋە «تۆھپە قوشۇشتا چوقۇم مەن بولۇشۇم كېرەك» دېگەن سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى جاسارەت بىلەن ياراتماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.