تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

«مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» | كورلا شەھىرى: خەلققە قولايلىق 19 بازار شەھەر ئاھالىسىنىڭ «تۈرلۈك ماللار ماكانى»غا ئايلاندى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر دۇ جيەنخۇي ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز داڭ تىڭ خەۋەر قىلىدۇ) يېڭى، يۇمران كۆكتات، پىلتىڭلاپ تۇرغان تىرىك بېلىق، راك... 12-ئاينىڭ 14-كۈنىدىكى كورلا شەھىرى لىمىن يولى شىنئەن مەھەللىسى خەلققە قولايلىق بازىرىدا ھەر خىل كۆكتات، سۇ مەھسۇلاتلىرى، دورا-دەرمەك تۈرلىرى تولۇق ئىدى.

«ھازىر خەلققە قولايلىق بازارغا بېرىپ كۆكتات سېتىۋېلىش تاللا بازىرىنى ئايلانغانغا ئوخشاش، مۇھىتى ياخشى، كۆكتات، مېۋە-چېۋىلەرنىڭ باھاسى ئەرزان ھەم يېڭى» دېدى شەھەر ئاھالىسى گو فاڭچىن.

شىنئەن مەھەللىسى خەلققە قولايلىق بازىرى بۇ يىل 5-ئايدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، بۇنىڭدىن ئىلگىرى بۇ يەر ئۆزلۈكىدىن شەكىللەنگەن ئۈستى ئوچۇق كۆكتات بازىرى بولۇپ، قىش پەسلىدە سوغۇق، ياز پەسلىدە ئىسسىق ئىدى، بازار ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، يەرلەر قالايمىقان بولۇپ كېتەتتى.

«بازارنىڭ ئۆزلۈكىدىن شەكىللىنىشى ئاممىنىڭ ئېھتىياجى بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ، بىز مەھەللە بىلەن كېڭەشكەندىن كېيىن، يېقىن ئەتراپتا شىنئەن مەھەللىسى خەلققە قولايلىق بازىرىنى پىلانلاپ قۇرۇپ، بىرتۇتاش باشقۇردۇق، بۇ ھەم شەھەر قىياپىتىگە تەسىر يەتكۈزمىدى، ھەم سودىگەرلەر ۋە ئاممىنى ياخشى تىجارەت قىلىش، مال سېتىۋېلىش مۇھىتى بىلەن تەمىنلىدى» دېدى كورلا شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش ئۇنىۋېرسال قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى جاۋ لىن.

شىنئەن مەھەللىسى خەلققە قولايلىق بازىرىدىكى سودىگەر شېن شياۋشۇاڭ مۇنداق دېدى: «بۇ مۇقىم تىجارەت ئورنى بولغاچقا، ئۇياق-بۇياققا قاتراپ يايما يېيىپ توڭلاپ يۈرمەيدىغان بولدۇم».        پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، كورلا شەھىرى «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، شەھەر رايونى ئىچىدە خەلققە قولايلىق بازاردىن توققۇزنى يېڭىدىن قۇرۇپ، خەلققە قولايلىق ئون بازارنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈردى ھەم تۆۋەن كىرىملىك ئاممىنى ئالدىن يايما ئورنى بىلەن تەمىنلەپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، يېمەكلىك، ئۇششاق تاۋار، كىيىم-كېچەك، كونا مال قاتارلىق سودا سۇپىلىرىنى قۇرۇپ، ئاممىغا قولايلىق يارىتىش بىلەن بىللە، بازار ئىگىلىكىگە يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى.

كورلا شەھىرى قاتناش غەربىي يولىدىكى دوستلۇق كوچا باشقارمىسى خۇيجۈجيا يېڭى ماللار خەلققە قولايلىق بازىرىدا، پىششىق يېمەكلىك، كۆكتات، مېۋە-چېۋە، سۇ مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق تۈرلۈك تاۋارلار كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىپ تۇرىدۇ، تۆت چوڭ تىجارەت رايونى تەرتىپلىك ئايرىلغان بولۇپ، يول، دۇكان پاكىز، رەتلىك ھالەتتە تۇرىدۇ.

خۇيجۈجيا يېڭى ماللار خەلققە قولايلىق بازىرى 2005-يىلى قۇرۇلغان. بۇ يىل كورلا شەھىرى 800 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، بازارنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈردى، بازار باشقۇرۇش تارماقلىرى بازارنى قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سۈپەت ۋە بىخەتەرلىك ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ، سودىگەرلەرنى خاتىرجەم قىلدى، پۇقرالارنى خاتىرجەم قىلدى.

«خەلققە قولايلىق بازار 280 يايما ئورنى بىلەن تەمىنلىدى، 500دىن ئارتۇق كىشىنىڭ بۇ يەردە ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى، ھەم ئاممىغا قولايلىق يارىتىلدى، ھەم يول ئىگىلەپ تىجارەت قىلىشتەك قالايمىقانچىلىق مەنبەدىن تۈزەلدى» دېدى كورلا شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش ئۇنىۋېرسال قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى دوستلۇق كوچا باشقارمىسى قانۇن ئىجرا قىلىش ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى لېي خۇتاڭ.

كورلا شەھىرى خەلق غەربىي يولى جىنسەنجياۋ خەلققە قولايلىق بازىرىدا 100دىن ئارتۇق يايما ئورنى بار بولۇپ، تۇرمۇش بۇيۇملىرى، كىيىم-كېچەك، ئاياغ، باش كىيىم، ئويۇنچۇق، كىچىك ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ ھەممىسى تولۇق، يەنە يان تېلېفون رېمونت قىلىش، سۈرەتكە تارتىش ۋە كۆزەينەك سەپلەش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرمۇ بار بولغاچقا، يېقىن ئەتراپتىكى شەھەر ئاھالىلىرى بۇ يەرنى «تۈرلۈك ماللار ماكانى» دەپ ئاتاشتى.

شەھەر ئاھالىسى جاڭ فېڭلەننىڭ مۇخبىرلارغا ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ ئۆيى جىنسەنجياۋ ئەتراپىدا بولۇپ، دائىم كېلىپ ئايلىنىپ تۇرىدىكەن، بۇ يەردە نەرسىلەر ئەرزان بولۇپ، يەيدىغان، كىيىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى سېتىۋالغىلى بولىدىكەن، ناھايىتى قولايلىق ئىكەن.

نۆۋەتتە، كورلا شەھىرىدە ئوخشاش بولمىغان كۆلەمدىكى خەلققە قولايلىق بازاردىن 19ى بار بولۇپ، 1000دىن ئارتۇق يايما ئورنى بىلەن تەمىنلەپ، 2000دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى. سودىگەرلەرنىڭ مەدەنىي، سەمىمىي تىجارەت قىلىش ئىدىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، خەلققە قولايلىق بازار تېخىمۇ پاكىز، كۆركەم تۈسكە كىردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى