تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«پارتىيە بولمىسا بۈگۈنكى ئاياغمەنگەن كەنتى بولمايتتى»

□ «ئىزدىنىش» ژۇرنىلى مۇخبىرى\لى مىنشېڭ ئىختىيارىي مۇخبىرلار جاڭ زېڭچياڭ، پەن يەنيۈن

شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ توققۇزاق بازىرى ئاياغمەنگەن كەنتىگە كىرگىنىڭىزدە، 1000 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى مەدەنىيەت كارىدورى، كەڭتاشا، پاكىز ئاسفالت يول كۆز ئالدىڭىزدا نامايان بولىدۇ، زامانىۋى ئامىللار بىلەن مىللىي خاسلىق جۇلالانغان پۇقرالار تۇرالغۇلىرى بىلەن كىنوخانا، گۈل دۇكىنى، ناشتىلىق دۇكىنى، قارتا - شاھماتخانا، ھەمكارلىق كوپىراتىپى قاتارلىقلار گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى گۈزەل يېزا - كەنت ھىدى تارىلىپ تۇرىدۇ.

2014 - يىلى 4 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ يەرگە كېلىپ شۇ جايدىكى پۇقرالارنى يوقلىدى، باش شۇجى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «مېنىڭ سىلەرنى يوقلاپ كېلىشىم پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان - ئالمىغانلىقى، رولىنى جارى قىلدۇرغان - قىلدۇرمىغانلىقىنى دەلىللەش ئۈچۈندۇر. خەلق ئاممىسىنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن كېلىدىغانلىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسى پارتىيەمىزنىڭ كۈرەش نىشانىدۇر. مەن سىلەرنىڭ پارتىيە سىياسىتى ياردىمىدە تېخىمۇ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشىڭلارغا تىلەكداشمەن».

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىغا چوڭقۇر ئىدىيە كۈچى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، ئاياغمەنگەن كەنتىدىكى كىشىلەرنى يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلەشكە ئىلھاملاندۇردى. قىسقىغىنا سەككىز يىلدا، ئاياغمەنگەن كەنتى نامرات كەنتتىن جەمئىيىتى مۇقىم، ئىقتىسادى يۈكسەلگەن، مىللەتلەر ئىتتىپاق، يېزا ئىستىلى مەدەنىي بولغان «چولپان كەنت»كە ئايلاندى. كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكى يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، 1 مىليون يۈەندىن كۆپرەككە كۆپەيدى، كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى 10 مىڭ يۈەندىن ئاشتى. كەنت ئاھالىلىرى خۇشال ھالدا مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: «ھازىر قىلىدىغانغا ئىش بار بولدى، پۇل تاپقىلى بولىدىغان بولدى، كۈنلىرىمىز ئۈمىدكە تولدى، تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ».

پارتىيە ياچېيكىسى كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىلىپ، «تايانچ» بار بولدى. «كوممۇنىستىك پارتىيە ياخشى! پارتىيە بولمىسا بۈگۈنكى ئاياغمەنگەن كەنتى بولمايتتى. گەرچە يېشىم چوڭىيىپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن پارتىيەگە كىرىش مېنى ئەڭ خۇشال قىلغان ئىش بولدى.» 2021 - يىلى 12 - ئايدا، ئاياغمەنگەن كەنتىدىكى 86 ياشلىق يۈسۈپ ئابلا بوۋاي شەرەپ بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىردى، پارتىيەگە كىرگەن ۋاقىتتىكى ئۇنىڭ ھاياجانلانغىنىدىن ياشلىرى تاراملاپ تۆكۈلگەنلىكى توغرىسىدىكى سىن توردا كەڭ تارقىلىپ سانسىزلىغان كىشىلەرنى تەسىرلەندۈردى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ يەردە تەكشۈرۈشتە بولغاندا ئېنىق قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: يېزا پارتىيە تەشكىلاتلىرى چوقۇم ئاممىنى سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلەيدىغان مۇستەھكەم قورغان بولۇشى كېرەك. مۇشۇنداق بولغاندا تەرەققىياتنى تۇتقىلى بولىدۇ، «كۈچ، زاپاس كۈچ بولىدۇ».

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېنىق كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىش بويىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بىلەن كەنت «ئىككى كومىتېت»ى بىر قاتار تەدبىرلەرنى قەدەممۇقەدەم يولغا قويدى: كەنت ئاھالىلىرى يىغىنى ئېچىپ، قابىللارنى تاللىدى؛ خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى كەنت كادىرلىرىغا «بىرگە بىر ياردەم بېرىش» مېخانىزمى ئورنىتىپ، دۆلەت ئورتاق تىلى، كومپيۇتېر مەشغۇلاتى قاتارلىق ئۇل خىزمەتلەردىن باشلاپ قولمۇقول ئۆگەتتى؛ «كەنت قائىدىسى، ئاھالىلەر ئەھدىنامىسى» تۈزۈپ، ئىشنى كىيىم - كېچەك، يېمەك - ئىچمەك، تۇرالغۇ، يۈرۈش - تۇرۇشتىكى ئۇششاق ئىشلاردىن باشلىدى.

قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان كەنت كادىرلار قوشۇنى تەدرىجىي يېتىلدى، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى بەنزە ئەزالىرى يەتتىدىن كۆپىيىپ 11گە يەتتى، ئوتتۇرىچە يېشى ئىلگىرىكى 46 ياشتىن 29 ياشقا تۆۋەنلىدى، ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ نىسبىتى نۆلدىن كۆتۈرۈلۈپ %90كە يەتتى، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقى، مەركەزگە ئىنتىلىشچانلىقى، جەڭگىۋارلىقى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى.

يېڭى كەسىپلەر راۋاجلاندۇرۇلۇپ، «تىللا تۆكۈلىدىغان دەرەخ» بار بولدى. كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇش نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى تۈپ تەدبىر. 5000دىن ئارتۇق ئاھالىسى بار ئاياغمەنگەن كەنتىدە ئىلگىرى تىلغا ئالغۇدەك بىرەر كەسىپ يوق ئىدى.

قانداق قىلغاندا كەسىپكە تايىنىپ «نامراتلىق» يىلتىزىنى يۇلۇپ تاشلىغىلى بولىدۇ؟ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بىلەن كەنت «ئىككى كومىتېت»ى چوڭقۇر تەتقىق قىلىش ئارقىلىق شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈشنى قارار قىلىپ، «پارتىيە ياچېيكىسى+ھەمكارلىق كوپىراتىپى+دېھقان ئائىلىسى» ئەندىزىسى ئارقىلىق سۈپۈرگىنى ۋەكىل قىلغان قول ھۈنەر بۇيۇملىرى، گۈل - گىياھ مايسىسى قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇردى.

سۈپۈرگە بوغۇش شۇ جايدا 100 يىلدىن ئارتۇق داۋاملىشىپ كەلگەن ھۈنەر. شۇ جايدىكى كادىرلار كەنت ئاھالىلىرىنى ۋارىس قول ھۈنەر بۇيۇملىرى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇشقا يېتەكلەپ، بۇ كەسىپنى نۇقتىلىق راۋاجلاندۇردى. 3 - ئەۋلاد ۋارىس يۈسۈپ ئابلا ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى سۈپۈرگىنى يەر سۈپۈرۈش، كارىۋات سۈپۈرۈش ئۈچۈن بوغاتتۇق، ھېچقانچە پۇلغا يارىمايتتى. كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ماڭا سۈپۈرگىنى ساياھەت خاتىرە بۇيۇمى، قول ھۈنەر بۇيۇمى قىلىپ بوغۇشنى ئېيتتى ھەم مېنى ئىچكى موڭغۇلغا بېرىپ تەجرىبە ئۆگىنىپ كېلىشكە ئورۇنلاشتۇردى. ھازىر بۇلارنىڭ ھەممىسى رېئاللىققا ئايلاندى.» 2021 - يىلى، بۇ كەنتتە 1 مىليون 100 مىڭ سۈپۈرگە سېتىلىپ، مەھسۇلات قىممىتى 10 مىليون يۈەندىن ئاشتى. كىچىككىنە سۈپۈرگە بېيىش يولى ئاچتى.

بۈگۈنكى كۈندە، كۆكتات، گۈل - گىياھ مايسىسى، دېھقانلار قول ھۈنەر بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىش - سېتىش، قىزىل ساياھەتتىن ئىبارەت تۆت بازىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئاياغمەنگەن كەنتىدە ساياھەتچىلىك، قونالغۇ، تاماشا قىلىش، ئارام ئېلىش قاتارلىقلار بىر گەۋدىلەشكەن كەسىپ ئەندىزىسى شەكىللىنىپ، زور تۈركۈمدىكى كەنت ئاھالىلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

ھەممە ئادەم ئىشقا ئورۇنلىشىش، ھەممە ئائىلە پۇل تېپىش، ھەممە ئائىلە تىرىشىپ بېيىش ئاياغمەنگەن كەنتىنىڭ دەۋر بەلگىسىگە ئايلاندى.

يېپيېڭى كەنت قۇرۇلۇپ، «بەخت باغچىسى» بار بولدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆزدىن كەچۈرگەندە شۇ جايدىكى كەنت كادىرلىرى ۋە خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرىغا: «كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كۆپرەك مەسلىھەتلىشىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى بىرلىكتە ھەل قىلىپ، كەنتتىكى ھەربىر ئىشنى ياخشى بېجىرىڭلار» دەپ تاپىلىغانىدى. كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى مەمەتتۇرسۇن ئابدۇراخمان مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىغا بىنائەن، سەككىز يىلدىن بۇيان، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى پۇقرالارنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ھەربىر كىچىك ئىشتىن باشلاپ تۇتۇپ، تۇرالغۇ ئۆيلەرنى ئۆزگەرتتى، يول ياسىدى، كوچا چىرىغى ئورناتتى، ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزىدى، تەبىئىي گازنى ئائىلىلەرگە يەتكۈزدى... بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق ئاياغمەنگەن كەنتىنىڭ كونا قىياپىتىنى يېڭى تۈسكە كىرگۈزدى.

مۇخبىرلار جاراڭلىق كىتاب ئوقۇغان ئاۋاز چىققان تەرەپكە قاراپ مېڭىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆزدىن كەچۈرگەن توققۇزاق بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپكە كەلدى. بۇ يەردە، باش شۇجى مەكتەپنىڭ ئەھۋالىنى ئىنچىكە ئىگىلەپ، بالىلارنىڭ ئارىسىغا كېلىپ، بالىلار بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرغانىدى. مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ياۋ خۇڭيۈ بىزگە مەكتەپنىڭ سەككىز يىلدىن بۇيانقى ئۆزگىرىشلىرىنى سۆزلەپ بەردى: كاۋچۇك ياتقۇزۇلغان يۈگۈرۈش يولى، قەدەمدە بىر مەنزىرە كۆزگە چېلىقىدىغان مەكتەپ ھويلىسى، يەنە بالىلار ئىنتايىن ياقتۇرىدىغان ماشىنا ئادەم «شياۋئەي»... ئىلگىرىكى ئارقىدا قالغان مەكتەپ ھازىر زامانىۋى مەكتەپكە ئايلاندى. شۇ يىلى باش شۇجى شى جىنپىڭ بىلەن سۈرەتكە چۈشكەن بالىلار ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ جاي - جايلىرىغا ئاتلاندى.

«ئاياغمەنگەن كەنتىدىكى سەككىز يىللىق ئۆزگىرىشنىڭ مۇھىم بىر سەۋەبى شۇكى، پۇقرالار باش شۇجى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى كۈرەش قىلىش، بېيىشتىكى مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇردى، بۇ خىل مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا ئورناپ، ئۇلارنى جەزمەن كەلگۈسىدە تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇش يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ» دېدى ئاياغمەنگەن كەنتىنىڭ 1 - شۇجىسى، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى يەن شياڭدۇڭ ئىنتايىن ھاياجانلانغان ھالدا.

مۇخبىرنىڭ خاتىرىسى:

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا بىرىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ؛ ئورتاق بېيىش يولىدا بىرىنىمۇ سەپتىن چۈشۈرۈپ قويۇشقا بولمايدۇ. «نامرات»لىقتىن «بېيىش»قىچە، خۇددى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، ھاللىق سەۋىيەنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بېيىش يولىغا قەدەم قويغان سانسىزلىغان كەنتلەرگە ئوخشاش، ئاياغمەنگەن كەنتىدىكى ئۆزگىرىشلەر يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيەت ئۇلۇغ كۈچىنى دەلىللىدى.

(«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 2022 - يىللىق 10 - سانىغا بېسىلغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.