تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدا مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەر ئارقىلىق «1 ـ ئىيۇل» تەبرىكلەندى

   □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

  «پارتىيەگە تاغ ناخشىسى ئېيتىپ بېرىمەن، مەن پارتىيەنى ئانامغا ئوخشىتىمەن؛ ئانام جىسمىمنىلا تۇغدى، پارتىيەنىڭ شانلىق نۇرى قەلبىمنى يورۇتتى...» 6 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى، جىڭ ناھىيەسىدە «20 ـ قۇرۇلتاينى خۇشال ـ خۇرام كۈتۈۋالايلى . مەدھىيە ناخشىسىنى پارتىيەگە تەقدىم قىلايلى» تېمىسىدا ۋەتەنپەرۋەرلىك ناخشىلىرىنى ئېيتىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى، مۇسابىقىگە قاتناشقان 15 كوماندا رەتلىك كىيىنىپ، كۆتۈرەڭگۈ قىياپەت بىلەن پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشتىن ئىبارەت دەۋر ئاساسىي مېلودىيەسىنى ياڭرىتىپ، ناخشا ساداسى ئارقىلىق ئۇلۇغ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى كۈيلەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 101 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

  7 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 101 يىللىق خاتىرە كۈنى. بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار كۆپ خىل شەكىلدىكى پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدى.

  7 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆربىلجىن ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتى دۆربىلجىن ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ ساقچى ئىشلىرى ئەمەلىي مەشىق بازىسىدا «جامائەت خەۋپسىزلىكى قەھرىمان ـ نەمۇنىچىلىرىنى ياد ئېتىش، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى ھەم پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى تەكرارلىدى.

  «يېقىنقى يىللاردا، كەنتىمىزدە زور ئۆزگىرىش بولدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىدىن كەلگەن، شۇنداقلا ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسى. <1 ـ ئىيۇل> يېتىپ كېلىش پەيتىدە، كەنت كادىرلىرى پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى ۋە كەنت ئاھالىلىرىنى يېتەكلەپ كەنت قىياپىتىنى ياخشىلاپ، بىزنى تېخىمۇ ئىتتىپاقلىشىپ، يۇرت ـ ماكانىمىزنى بىرلىكتە ئاسراش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى» دېدى 6 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى، تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى ئۈزۈمچىلىك بازىرىنىڭ بۇلاق كەنتىدە «<1 ـ ئىيۇل>نى كۈتۈۋېلىش ھەم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىگە تېخى بايىلا قاتنىشىپ كەلگەن بۇ كەنتتىكى پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى ئابدۇللا مەخمۇت.

  شۇ كۈنى، تۇرپان گېزىتخانىسى پارتىيە ياچېيكىسى بۇلاق كەنتى پارتىيە ياچېيكىسى بىلەن بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ئېرىق ـ ئۆستەڭلەردىكى ئەخلەتلەرنى بىرلىكتە تازىلاپ، كەنت قىياپىتىنى ياخشىلىدى، نۇرغۇن ئامما ئۆزلۈكىدىن بۇ پائالىيەتكە قاتناشتى.

  «يېقىنقى بىر مەزگىلدە، مايتاغ ـ كۇچا تاشيولى مۇزېيىغا ئېكسكۇرسىيەگە كەلگەن ئورۇنلار ۋە ساياھەتچىلەر ئىنتايىن كۆپ بولدى، كۈندىلىك كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن تەخمىنەن 1600 ئادەم قېتىم بولدى، بۇ، ئادەتتىكى كۈنلەردىكىنىڭ ئون ھەسسىسىدىن يۇقىرى» دەپ تونۇشتۇردى 6 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى مايتاغ ـ كۇچا تاشيولى مۇزېيىنىڭ مۇئاۋىن مۇزېي باشلىقى شۈ يەن. مايتاغ ـ كۇچا تاشيولى مۇزېيى مەملىكەت بويىچە تاشيولنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان تۇنجى مۇزېي، 2020 ـ يىلى 6 ـ ئايدا، بۇ مۇزېيغا قاراماي شەھىرىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسى ۋە مايتاغ رايونىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسى دەپ نام بېرىلدى.

  6 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى، ئاۋات ناھىيەسى دولان يېزىلىق ئورگان پارتىيە ياچېيكىسى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئارال شەھىرىگە بېرىپ بىڭتۇەن 1 ـ شى 16 ـ تۇەن كونا 1 ـ يىڭنىڭ قىزىل تەربىيە بازىسى كۆرگەزمە سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا تەشكىللىدى. بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار تارىخىي ھۆججەت ـ ماتېرىياللارنى كۆرۈش، چۈشەندۈرگۈچىنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاش، پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى تەكرارلاش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، پېشقەدەم بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ جاپادىن قورقمايدىغان، جاسارەت بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىدىغان، ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر باسىدىغان ئىنقىلابىي روھىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى؛ 6 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى، ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى پارتىيە ياچېيكىسى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى پارتىيە ياچېيكىسى بىلەن بىرلىشىپ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى تەشكىللەپ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 101 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسى − ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ جۇڭگۇلوۋ راۋىقى قاتارلىق ئورۇنلارغا بېرىپ، قىزىل گېندىن قۇدرەتلىك كۈچ قوبۇل قىلدى.

  «1 ـ ئىيۇل» ھارپىسىدا، دۆلەت باج باش ئىدارىسى ئۇلۇغچات ناھىيەلىك باج ئىدارىسى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئۇلۇغچات ناھىيەسىدىكى قەھرىمان ـ نەمۇنىچىلار سارىيىغا بېرىشقا تەشكىللەپ، «قەھرىمان ـ نەمۇنىچىلارنىڭ ئىش ئىزلىرىدىن ئۆگىنىش قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇش» باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. پائالىيەتتە، «ئاق خالاتلىق پەرىشتە» ۋۇ دېڭيۈن بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارغا ئۆزىنىڭ نەچچە ئون يىلنى خۇددى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ ئەسلىي مەقسەتكە ئەمەل قىلىپ، پامىر ئېگىزلىكىدە يىلتىز تارتقانلىقىدەك كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان ھېكايىلىرىنى سۆزلەپ بەردى، پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارغا ئۆزلىرىنىڭ پارتىيەگە كىرىش ھېكايىسى ۋە خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش جانلىق ئەمەلىيىتىنى سۆزلەپ بېرىپ، ياش پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش، ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈردى.

  (مۇخبىر سۇڭ ياۋېن، قاتناشقان مۇخبىر جاڭ رۇيلىن، ئىختىيارىي مۇخبىرلار لو ياتىڭ، دەۋلې دامۇ، سېن پىڭپىڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.