تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

دائىم ئۆگىنىپ، دائىم يېڭىلاپ تۇرۇش بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش

− ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈك قىلىشنى ئالغا سىلجىتتى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

ئۆتمۈشنى بايان قىلىپ، كەلگۈسى ئۈستىدە ئويلىنىش، تارىخقا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا يېڭىلىق يارىتىش. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى داۋامىدا توپلانغان قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا خۇلاسىلەپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كېڭەيتىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈك قىلىشقا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تارىخنى ئۆگىنىپ داۋلىنى بىلىش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، قەتئىيلىك بىلەن ئاڭلىق ھالدا ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشقا يېتەكلىدى.

كۈندىلىك تۇرمۇشقا سىڭدۈرۈپ، دائىم تۇتۇش

«بىز پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى شانلىق مۇساپىنى چۈشىنىپ ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى سىياسىي ئاڭلىقلىقىمىزنى كۈچەيتىپ، دائىم ئۆگىنىپ دائىم يېڭىلاپ تۇرۇش، دائىم ئۆزلەشتۈرۈپ دائىم يېڭىلاپ تۇرۇش، دائىم ئىشلىتىپ دائىم يېڭىلاپ تۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك» دېدى 6 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى، دۆلەت باج باش ئىدارىسى يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەلىك باج ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ياۋ شىنلۇڭ ئايدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىدارە پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىش يىغىنىدا.

پارتىيە كومىتېتى (پارتىيە گۇرۇپپىسى) نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىشىنى دائىملىق ئېلىپ بېرىش، «ئۈچ يىغىن، بىر دەرس» تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش، باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش، مەخسۇس تېمىدا لېكسىيە سۆزلەش... بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش قەدىمىنى توختىتىپ قويماي، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىشنى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى كۈندىلىك تۇرمۇشقا سىڭدۈرۈپ، دائىم تۇتۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى زۆرۈر دەرس، ئۆمۈرلۈك دەرسنى ياخشى ئۆگىنىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىش داۋامىدا ئىدىيە ئۇلۇغ كۈچىنى ھېس قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېتەكلىدى.

6 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى، كۇچا شەھىرىنىڭ ئۇچا بازىرى چىڭشۈي كەنتى بىر مەيدان ئۆزگىچە پارتىيە تارىخى بىلىملىرى مۇسابىقىسى تەشكىللىدى، 50 نەچچە نەپەر پارتىيە ئەزاسى، ئامما سوئالغا جاۋاب بېرىشكە قاتناشتى. «كەنتتە دائىم تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق پارتىيە تارىخى سۆزلىنىدۇ، كۆپچىلىكنىڭ قاتنىشىش ئاكتىپلىقى ناھايىتى يۇقىرى» دېدى پارتىيە ئەزاسى پاتىگۈل غوپۇر.

كۇچا شەھىرى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك قىلىپ پۇختا تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا ـ كەنتلەر ۋە مەھەللىلەرنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ شەكلىنى تېخىمۇ موللاشتۇرۇپ، كۆپ خىللاشتۇرۇپ، ھەر كۈنىدىكى ئون مىنۇتلۇق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئۆگىنىشى، ھەر ھەپتىدىكى بىر قېتىملىق مىكرو پارتىيە دەرسى، ھەر ئايدىكى بىر قېتىملىق باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى پائالىيىتى، قەرەللىك قانات يايدۇرۇلىدىغان پارتىيە تارىخى بىلىملىرى زېھىن سىناش مۇسابىقىسى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، كەڭ كادىرلار، ئاممىنى 100 يىللىق پارتىيە تارىخىدىن تېخىمۇ كۆپ تەسىراتقا ئېرىشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشتۇردى.

فۇكاڭ شەھىرى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى چىڭ كۆزلەپ، ئۆگىنىش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتىAPP سى، ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسى، دوۋيىن، ھەممە كەنتكە كىرگۈزۈش چوڭ كانىيى قاتارلىقلاردىن جانلىق پايدىلىنىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى توغرىسىدىكى ئىلمىي قائىدە، پەلسەپەۋى قائىدە، داۋلى، ئەقەللىي ساۋاتلارنى ياخشى سۆزلەپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ كەڭ دائىرىدە ئۆگىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىدىيەۋى ئېڭىنى ئۆستۈردى.

تارىخنى بىلىپ پارتىيەنى سۆيۈش، تارىخنى بىلىپ ۋەتەننى سۆيۈش

ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى مەنبە قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئۆز ئالاھىدىلىكى ۋە ئەۋزەللىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، شەكىلدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەنىۋى شەجەرىسىنىڭ مول ئىچكى خاس مەزمۇنى ۋە دەۋر ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇپ، كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسىنى ئۇرغۇتۇشقا يېتەكلىدى.

يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پەن ـ تېخنىكا جەمئىيىتى تەكلىپ قىلغان دۆلەت «ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ» روھى لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، جياڭجۈن كۇڭ لىڭسەي تور شەكلى ئارقىلىق «ئۈن ـ تىنسىز تۆھپە قوشىدىغان كىشىلەردىن بولۇپ، يەر ـ جاھاننى زىلزىلىگە سالىدىغان ئىشلارنى قىلايلى» باش تېمىسىدىكى ئالىملار روھى دوكلاتى بېرىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى پەن ـ تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنى بىر مەيدان روھىي جەھەتتە چېنىقىشنى باشتىن كەچۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1 ـ ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى لۇ شيۇمېي مۇنداق دېدى: «پېشقەدەم بىر ئەۋلاد ئالىملار تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يەڭدى، بۇ پەقەت جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قەددىنى تىكلەش ئۈچۈن بولۇپ، مېنى ناھايىتى تەسىرلەندۈردى. مەن ئالىملار روھىنى ياخشى سۆزلەپ، بالىلارنىڭ قەلبىگە پەن ـ تېخنىكا ئۇرۇقى چاچىمەن».

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پەن ـ تېخنىكا جەمئىيىتى «ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ» روھى، ئالىملار روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇشنى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى ۋە «تۆت تارىخ» تەشۋىقات تەربىيەسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، «ئەڭ گۈزەل پەن ـ تېخنىكا خىزمەتچىسى»دىن ئۆگىنىش ۋە ئۇلارنى تەشۋىق قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش، ئالىملار روھى تەربىيەسى بازىسىنى كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇش، ئالىملار روھى تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىنىڭ شەرەپلىك ئىنقىلاب ئەنئەنىسىنى ئەۋج ئالدۇرۇشى، قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇشىغا ئىلھام بېرىپ، رىغبەتلەندۈرۈپ، ئالىملار روھىنىڭ تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدا يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولدى.

قىزىل بايلىقتىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىنقىلابىي ئەنئەنە تەربىيەسىنى كۈچەيتىش. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، 8 ـ ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنى خاتىرە سارىيى، كۆكيار خاتىرە سارىيى، ئىنقىلابىي قۇربان ماۋ زېمىننىڭ ئىشخانىسى ھەم ياتىقىنىڭ كونا ئورنى، جۇڭگو ئىشچى ـ دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى باش تارماق ئەترىتى خاتىرە سارىيى قاتارلىق قىزىل خاتىرە سارايلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلغۇچىلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى. دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىپ ياساش ئارقىلىق، بۇ قىزىل خاتىرە سارايلار شىنجاڭنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدىكى جانلىق دەرسلىك ماتېرىيالى، شۇنداقلا كادىرلار، ئاممىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن «جەزمەن بارىدىغان جاي»غا ئايلاندى، كۆپچىلىك ئېكسكۇرسىيە قىلىش جەريانىدا پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىپ، پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىپ، تارىخنى بىلىپ پارتىيەنى سۆيۈش، تارىخنى بىلىپ ۋەتەننى سۆيۈشنى ئىشقا ئاشۇردى.

ئۆگىنىش ئارقىلىق كۈچنى مۇجەسسەملەش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىشلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار مەۋقەنى ئاساسىي مەسئۇلىيەت، ئاساسىي كەسىپكە قويۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى تىرىشىپ خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش، تۈرلۈك ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى جانلىق ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇردى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) تەربىيەلەش ـ يېتىشتۈرۈشتىكى ئاساسىي بازىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى دەرس سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە تارىخى بويىچە يېتىشتۈرۈشنى كىلاسسىك ئەسەرلەرنى ئۆگىنىش، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، دەرس مەزمۇنىنى بېيىتىپ، سىستېمىلىق، مۇكەممەل بولغان «تۆت تارىخ» تەربىيەسى دەرس سىستېمىسىنى كۆڭۈل قويۇپ بەرپا قىلدى.

بۇ مەكتەپ (شۆيۈەن) ئىلمىي باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى راخمان كىۋىر مۇنداق بىلدۈردى: مەكتەپ (شۆيۈەن) دائىملىق يېتىشتۈرۈش مېخانىزمى ئورنىتىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى مۇھىم مەزمۇن قىلىپ ئاساسلىق كۇرسنىڭ ئوقۇتۇش پىلانىغا كىرگۈزدى، 2022 ـ يىلى ئەتىياز پەسىللىك ئوقۇش مەۋسۇمىدا، ئاپتونوم رايوننىڭ ۋىلايەت، نازارەت دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار بىلىم ئاشۇرۇش سىنىپى، ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسى قاتارلىق مۇھىم كۇرسلاردا 50 مەيدان قېتىمدىن ئارتۇق ئالاقىدار دەرس تەسىس قىلىپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى پارتىيەنىڭ ئاساسىي مەقسىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى ئۈچۈن سەمىمىيلىك بىلەن تۆھپە قوشۇشقا تەربىيەلىدى، يېتەكلىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەش، رېئاللىقنى كۆزىتىپ بىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ ئالغا سىلجىتتى. كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش 1 ـ قارارلىق قۇرۇلۇشىنى تاماملاش ئاساسىدا، كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش 2 ـ قارارلىق قۇرۇلۇشىنى باشلىدى. 6 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنىگە قەدەر، ئائىلىلەرگە كىرگۈزۈش قۇرۇلۇشى بويىچە 178 مىڭ ئائىلىگە كىرگۈزۈشكە خېرىدار چاقىرىش تاماملىنىپ، تىرىشىپ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق نەتىجىلىرىدىن ھەر مىللەت ئامما نەپكە ئېرىشتۈرۈلدى.

دۆلەت باج باش ئىدارىسى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق باج ئىدارىسى ئۆگىنىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «مىڭ كادىر ئونمىڭ كارخانىنى زىيارەت قىلىپ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش» مەخسۇس ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنىڭ سىياسەت پايدىسىدىن بىۋاسىتە، تېز بەھرىلىنىشىگە كۈچلۈك تۈرتكە بولدى.

ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش كومىتېتى ئۇلۇغ كۈرەش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش جەھەتتە سىجىل كۈچەپ، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنىڭ ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىدە ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا كارخانىلارنىڭ پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دۆلەت كاپىتالىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەلالاشتۇرۇپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشتى.

(مۇخبىر جاڭ يەنفاڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار شى شىن، شيې خۇيبيەن، سۇڭ ۋېيگو، جاڭ جىلى، گې يوۋجۈن، پەرىزات ئابدۇل، جاڭ تىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلار ۋاڭ شياۋچىڭ، ياڭ پېڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.