تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوبۇل قىلىش

​− «100 يىلنى باشتىن ئۆتكۈزگەن چوڭ پارتىيەگە يۈزتۇرا نەزەر» ناملىق كىتاب ئوقۇرمەنلەرنىڭ كەڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ۋاڭ زىمىڭ، ليۇ ياڭتاۋ

تەقرىز، تەسىرات يېزىش، كىتاب ئوقۇشتىن ھەمبەھرىلىنىشنى قانات يايدۇرۇش، ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسخانىسىغا سىڭدۈرۈش... ئاممىباب نەزەرىيە ئوقۇشلۇقى «100 يىلنى باشتىن ئۆتكۈزگەن چوڭ پارتىيەگە يۈزتۇرا نەزەر» ناملىق كىتاب نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىشى بىلەنلا، جەمئىيەتنىڭ كەڭ دىققىتىنى قوزغىدى. بۇ كىتاب ئاممىباب، چۈشىنىشلىك تىل، ساپ، ئىخچام يېزىقچىلىق ئۇسلۇبى، جانلىق، كۆپ خىل شەكىل ئارقىلىق تەربىيەنى كۆڭۈل ئېچىشقا سىڭدۈرگەن بولۇپ، ئاممىنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىپ، تارىخىي ئىشەنچى ۋە تارىخىي ئاڭلىقلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشىگە ياردەم بەردى.

«نەزەرىيە قىزىق نۇقتىلىرىغا يۈزتۇرا نەزەر» تېمىسىدىكى يۈرۈشلۈك كىتابلار توپلىمىنىڭ ئەڭ يېڭى «ئەزاسى» بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ ئەسەرنى مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى نەزەرىيە ئىدارىسى يېزىشقا تەشكىللىگەن بولۇپ، «نېمە ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىغا 100 يىل بولغان پەيتتە پارتىيەمىز 3 - تارىخىي قارارنى چىقىرىدۇ» «نېمە ئۈچۈن <ئىككىنى تىكلەش>نى ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارايمىز» قاتارلىق 13 مۇھىم، زور مەسىلىگە چوڭقۇر مەزمۇنلۇق، چۈشىنىشلىك جاۋاب بېرىلىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىنى نەزەرىيە ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، 100 يىلدىن بۇيانقى پارتىيە تارىخىدىن ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەسلەپ، ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوبۇل قىلىشقا يېتەكلىدى.

«بۇ نەزەرىيە ئەسىرىدە <ئەتراپىمىزدىكى ئىشلار> ئارقىلىق <جاھاندىكى ئىشلار> سۆزلەنگەن، <ئاددىي سۆزلەر> ئارقىلىق <چوڭ داۋلىلار> چۈشەندۈرۈلگەن بولۇپ، نەزەرىيە ئارقىلىق دەۋر قىزىق نۇقتىلىرىنى قوزغىتىشتىكى <ئالتۇن ئاچقۇچ>قا ئايلاندى».

«پۈتۈن كىتابنى تولۇق كۆرۈپ چىقسىڭىز، 100 يىلدىن بۇيانقى پارتىيە تارىخى تەرەققىياتىنىڭ باش تېمىسى، ئاساسىي لىنىيەسى، ئاساسىي ئېقىمى، ماھىيىتى روشەن نامايان بولۇپ، سۆز - ئىبارىلەردە جانلىق گەۋدىلىنىپ تۇرىدۇ».

«بۇ كىتابتا ئىش ئارقىلىق قائىدە سۆزلىنىپ، شەيئىلەر ئارقىلىق نەزەرىيە تۇرغۇزۇلۇپ، 100 يىلنى باشتىن ئۆتكۈزگەن چوڭ پارتىيە ۋە پارتىيەنىڭ 100 يىلدىن بۇيانقى تارىخى ئىستېرېئولۇق بايان قىلىنغان بولۇپ، <مەپتۇن بولۇش شەكلىدە كىتاب ئوقۇيدىغان> ئىجادىي ئۇسلۇبنى شەكىللەندۈردى».

...

«100 يىلنى باشتىن ئۆتكۈزگەن چوڭ پارتىيەگە يۈزتۇرا نەزەر» ناملىق كىتابنى ئوقۇپ، نۇرغۇن مۇتەخەسسىس، ئالىم بەس - بەستە تەرىپلىدى.

نەزەرىيە ئوقۇشلۇقلىرى كەڭ ئالقىشقا ئېرىشىپ، مۇتەخەسسىس، ئالىملار يۈزەكى ھېس قىلمايدىغان، تېخىمۇ مۇھىمى ئادەتتىكى ئامما مۇرەككەپ ھېس قىلمايدىغان بولدى.

چۇڭچىڭ شەھىرىدىكى چۇڭچىڭ كىتاب شەھەرچىسىگە كىرسىڭىز، پارتىيەگە، سىياسىيغا دائىر كىتابلارنى ئوقۇش مەخسۇس رايونى ئالدىدا، «100 يىلنى باشتىن ئۆتكۈزگەن چوڭ پارتىيەگە يۈزتۇرا نەزەر» ناملىق كىتاب كۆزگە چېلىقىدىغان ئورۇنغا قويۇلغان بولۇپ، نۇرغۇن ئوقۇرمەننى قەدىمىنى توختىتىپ كۆرۈشكە جەلپ قىلغانىدى.

«بۇ كىتاب پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىشنى شۇنچە ھارارەتكە ئىگە قىلىپ، كىشىگە كۆز ئالدى پاللىدە يورۇغاندەك تۇيغۇ بېرىدىكەن.» بۇ كىتابنى ۋاراقلاپ كۆرۈپ، چۇڭچىڭ شەھىرى يۈبېي رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق لو ئەپەندىنىڭ كىتابنى قولىدىن چۈشۈرگۈسى كەلمىدى. ئۇ كىتابتىن ئىككىنى سېتىۋېلىپ، بىرىنى داشۆدە ئوقۇۋاتقان بالىسىغا سوۋغا قىلدى، بىرىنى ئۆزىگە قالدۇردى.

بۇ كىتاب كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىدىيە ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈلگەن، ئىش ئارقىلىق نەزەرىيە سۆزلەش، تېيىزلىقتىن چوڭقۇرلۇققا ئۆتۈش، ئىش ئارقىلىق قائىدە سۆزلەشتە چىڭ تۇرۇلغان، مۇھىم، زور مەسىلىلەر ئەمەلىي، ئېنىق، چۈشىنىشلىك سۆزلەنگەن، ئۇچۇر مىقدارى زور بولۇپلا قالماي، يەنە ئوقۇشچانلىقى كۈچلۈك بولۇپ، ئاممىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.

ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈلۈپ، ئاساسىي قاتلامدىكى پۇقرالارغا پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى تولۇق ھېس قىلدۇردى؛ مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈلۈپ، 100 يىللىق كۈرەش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا ئىلھام بېرىلدى.

5 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، سەنشى تەييۈەن، جۇڭبېي داشۆ ماركسىزم شۆيۈەنىدە بىر مەيدان «ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسلىكى ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش» باش تېما قىلىنغان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى تور ۋە تور سىرتى بىرلەشتۈرۈلۈپ قەرەلىدە ئۆتكۈزۈلدى، نەق مەيداندا ئىدىيە ئالماشتۇرۇش ئۈزۈلمىدى، كەيپىيات ئىنتايىن قىزغىن بولدى.

مۇھاكىمە يىغىنىدا، كۆپچىلىك بەس - بەستە نەزەرىنى «100 يىلنى باشتىن ئۆتكۈزگەن چوڭ پارتىيەگە يۈزتۇرا نەزەر» ناملىق كىتابقا مەركەزلەشتۈرۈپ، بۇ كىتابنى ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ھەم ماركسىزم نەزەرىيەسى پەنلىرى تەرەققىياتى ئوقۇتۇشىغا كىرگۈزۈش تەسىراتلىرى توغرىسىدا ئورتاقلاشتى.

«100 يىللىق پارتىيە تارىخىنى ئىزاھلاپ، دىققەتنى ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشكە مەركەزلەشتۈرۈش، بۇ بىزنىڭ ئوقۇتۇشتىكى مۇھىم ۋەزىپىمىز.» جۇڭبېي داشۆ ماركسىزم شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى جاۋ شياۋلېي مۇنداق دېدى: «بىز پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى نەتىجىلىرىنى ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسخانىسىغا كىرگۈزۈش ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدىنىپ، <100 يىلنى باشتىن ئۆتكۈزگەن چوڭ پارتىيەگە يۈزتۇرا نەزەر> ناملىق كىتابنىڭ ئادەم تەربىيەلەش ئۈنۈمىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش جەريانىدا تونۇشىنى ئۆستۈرۈش، ئۆگىنىشتىن ئۈنۈم ھاسىل قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز».

جۇڭگو خەلق داشۆسى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى تەتقىقات يۇرتىدىن كەلگەن ياڭ لەنجيې مۇنداق بىلدۈردى: تارىخقا نەزەر سالساق، بىز تارىخنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن ۋاقىتنىڭ سىناقلىرىدىن ئۆتۈپ تاۋلانغان ئەقىل - پاراسەتنى قوبۇل قىلىپ، شۇ ئارقىلىق ھازىرنى ئىگىلەپ، كەلگۈسىگە ئىلھام بېرىشىمىز كېرەك. «كىتابنى كۆرۈپ بولۇپ ئويلانساق، <100 يىلنى باشتىن ئۆتكۈزگەن چوڭ پارتىيەگە يۈزتۇرا نەزەر> ناملىق كىتاب بىزگە پارتىيە تارىخىنى قايتا ئەسلەش، پارتىيەنىڭ تەجرىبىلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈش جەريانىدا قەلبىمىزنىڭ ئىچكى قاتلىمىدىكى چەكسىز جۇشقۇنلۇق ۋە ئايىغىمىز ئاستىدىكى چەكسىز كۈچنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇرىدۇ» دېدى ياڭ لەنجيې.

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىشتىكى جانلىق دەرسلىك بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ «جانلىقلىقى» تىلىنىڭ ئاممىباب، ئوقۇشچانلىقىدا ئىپادىلىنىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى مول، كۆپ خىل ئوقۇش ۋاسىتىسىدە گەۋدىلىنىدۇ.

تۈزگۈچىلەر «بىلىم ئۆرنەكلىرى» «تارىخ دېڭىزىدىن تەرمىلەر» «بۈگۈنكى تارىخىي خاتىرىلەر» «پارتىيە تارىخىدىن بىر بەت» «سوئال ۋە جاۋاب» «چوڭقۇر ئوقۇش» قاتارلىق ماتېرىيال ئىستونلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ تۈزۈپ چىقتى، ئۇلاردا ھەم زور مىقداردىكى جانلىق رەسىملىك چۈشەندۈرۈشلەر، ھەم چوڭقۇر ئوقۇشنىڭ كود سىكاننېرلاش ئۇلانمىسى بار بولۇپ، سۈرەت بىلەن يېزىق بىرلەشتۈرۈلۈپ، تور ۋە تور سىرتى بىرلەشتۈرۈلۈپ ئىستېرېئولۇق نامايان قىلىنىپ، بىر - بىرىنى تولۇقلىغان بولۇپ، كىشىنى بەك جەلپ قىلىدۇ.

بېيجىڭ ئاۋىياتسىيە - ئالەم قاتنىشى داشۆسى ماركسىزم شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى جاۋ يىلياڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ كىتابتا ئىلگىرىكى ئۇسلۇب داۋاملاشتۇرۇلۇپ، ۋاسىتىنى كۆپ خىللاشتۇرۇش جەھەتتە يەنىمۇ ئىزدىنىلگەن، بۇنداق كۆپ مەنبەلىك ئىپادىلەش شەكلى پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى نەتىجىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىنى يېڭى تۇپراق ۋە كۆزنەك بىلەن تەمىنلىدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 23 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.