تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«1-ئىيۇل»غا سوۋغا! ئۇلار پارتىيەگە كۆڭلىنى مۇشۇنداق ئىزھار قىلدى!

بۇ يىل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 101 يىللىقى 

شۇنداقلا پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى ئېچىلىدىغان يىل 

«1-ئىيۇل» پارتىيە بايرىمى ھارپىسىدا

شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدىكى سىياسىي-قانۇن ئورۇنلىرى بەس-بەستە 

شەكلى كۆپ خىل، مەزمۇنى مول باش تېما پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزدى

      6-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن كېيىن، شىنجاڭ چېگرادىن كىرىش-چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش باش پونكىتى «20-قۇرۇلتاينى كۈتۈۋېلىش · ساداقەتمەنلىك بىلەن تىنچ-ئامانلىقنى قوغداش، ئونمىڭ چاقىرىملىق چېگرادا پارتىيە بايرىقىنى جەۋلان قىلدۇرۇش» تېمىسىدىكى ئىلغار تىپلارنىڭ باش تېمىلىق دوكلات پائالىيىتىنى ئۆتكۈزدى. پائالىيەتتە «ئۈلگە كۆرسىتىش، بەرپا قىلىش، دۆلەت دەرۋازىسىدا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش، چېگرانى كۈچەيتىش ۋە مۇستەھكەملەش، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەش، داۋاملىق كۈرەش قىلىش»تىن ئىبارەت ئالتە بۆلەكنى چۆرىدىگەن ھالدا يېتەكلىمە بايان، كۆرۈنۈشلۈك ئويۇن، مۇزىكىلىق دېكلاماتسىيە، نەپىس ناخشا-ئۇسسۇل قاتارلىق سەنئەت تۈرلىرىنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق، دۆلەت دەرۋازىسى ۋە چېگرا توغرىسىدىكى ھېكايىلەر بايان قىلىنىپ، دۆلەت چېگراسىنى قوغداش ھېسسىياتى نامايان قىلىندى. 

6-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، غۇلجا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تور بىخەتەرلىكى چوڭ ئەترىتى پارتىيە ياچېيكىسى ئايال تور ساقچىلىرىنى قەغەز قىيما ۋە رەسىم ئەسەرلىرى ئارقىلىق پارتىيەگە، ۋەتەنگە بولغان قىزغىن مۇھەببىتىنى ئىپادىلەشكە تەشكىللىدى. 

    6-ئاينىڭ 28-كۈنى، شىنجاڭ چېگرادىن كىرىش-چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش باش پونكىتى بورتالا ئوبلاستلىق چېگرا باشقۇرۇش تارماق ئەترىتىنىڭ بورتالا چېگرا باشقۇرۇش چوڭ ئەترىتى ئوتبۇلاق چېگرا ساقچىخانىسى ئۆز تەۋەلىكىدىكى ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىشكە قاتناشقان پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى ۋۇ زورۇڭ، 50 يىللىق پارتىيە ئىستاژىغا ئىگە پارتىيە ئەزاسى جادې، بورتالا شەھىرىدىكى ئون مۇنەۋۋەر ياخشى كىشىنىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان مېڭ گېننى بورتالا شەھىرى گىندىن يېڭى كەنتىگە كېلىپ، يېڭى پارتىيە ئەزالىرى، خەلق ساقچىلىرىغا ئەسلىي مەقسەت ھېكايىلىرىنى، يۇرتنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بارلىققا كەلگەن ئۆزگىرىشلەرنى سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدى. 

 6-ئاينىڭ 28-كۈنى، شىنجاڭ چېگرادىن كىرىش-چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش باش پونكىتى بورتالا ئوبلاستلىق چېگرا باشقۇرۇش تارماق ئەترىتىنىڭ بورتالا چېگرا باشقۇرۇش چوڭ ئەترىتى چىندېل چېگرا ساقچىخانىسىنىڭ بوردې چېگرا ساقچى ئىشلىرى پونكىتىدىكى خەلق ساقچىلىرى ۋە چېگرا قوغدىغۇچىلار چارلاش ئارىلىقىدىكى ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ، چېگرا چارلاش يولىدىكى تاشلاردىن پارتىيە بايرىقى ياساپ، پارتىيەنىڭ 101 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىگە سوۋغا قىلدى. 

(تىيانشان تورى __ شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى مۇخبىرى لى شۈچۈن، ئىختىيارىي مۇخبىرلار پەن ياجۈن، شيې زېلۇڭ، ۋۇ چېنلۇڭ، لۇ شېڭلېي) 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.