مۇخبىرنىڭ 6-ئاينىڭ 29-كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1-قۇرۇلتىيى خاتىرە سارىيىدىن ئىگىلىشىچە، خاتىرە سارىيى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ قايتىدىن ئېچىۋېتىلىدىكەن.
2021-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1-قۇرۇلتىيى خاتىرە سارىيى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ليۇ يىڭ فوتوسى
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1-قۇرۇلتىيى خاتىرە سارىيى «ھەقىقىي نام تۈزۈمى، ۋاقىت بۆلىكى بويىچە ئايرىش»تەك توردا ئالدىن كېلىشىشنى يولغا قويىدىكەن، بارلىق ئېكسكۇرسىيەچىلەر(ياشانغانلار، بالىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) مۇددەتتىن بۇرۇن بىر كۈندىن يەتتە كۈنگىچە 《中共一大纪念馆》 (جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1-قۇرۇلتىيى) ھۆكۈمەت تەرەپ ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدا توردا ئالدىن كېلىشىش كېرەك. (مۇخبىر گو جىڭدەن)
«تىيانشان تورى»دىن تەرجىمە قىلىندى
مەنبە: شىنخۇا ئاگېنتلىقى