تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​پارتىيە بايرىقىغا شەرەپ كەلتۈرۈپ، پارتىيە ئىزنىكىنى تېخىمۇ چاقنىتىمىز

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار بىردەك ئابدۇجاپپار مېڭدىدىن ئۆگىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى −

​پارتىيە بايرىقىغا شەرەپ كەلتۈرۈپ، پارتىيە ئىزنىكىنى تېخىمۇ چاقنىتىمىز

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاڭ جىلى، بارشا تېگېس، چېن جياڭلىن

يېڭى يىل كىرىشى بىلەن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پارتىيە ئىزنىكىنى كۆرسەتكەن چارۋىچى تاغا تور ۋە تور سىرتىدا يۈكسەك دىققەت قوزغىدى. بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» پائالىيىتىدىكى ئەڭ تەسىرلىك ئەمەلىي ھەرىكەت، ئەڭ سەمىمىي بولغان خەلقچىل ھېسسىيات، شۇنداقلا ئەڭ جانلىق ئۆگىنىش ئۈلگىسى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: ئابدۇجاپپار مېڭدىدىن ئۆگىنىپ، ئۈلگىنىڭ كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەشتىكى مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، قەلبتىكى تەسىرلىنىشنى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە بايرىقىغا شەرەپ كەلتۈرۈپ، پارتىيە ئىزنىكىنى تېخىمۇ چاقنىتىمىز.

ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ بۇلۇڭكۆل يېزىسى ئابدۇجاپپار مېڭدى تۇرۇشلۇق مۇجى يېزىسى بىلەن قوشنا. بۇ بىرنەچچە كۈندە، «شىنجاڭلىق چارۋىچى تاغىنىڭ پارتىيە ئىزنىكىنى كۆرسەتكەنلىكى» توغرىسىدىكى سىن كۆرۈنۈشى بۇلۇڭكۆل يېزىسىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىنىڭ ۋىيشىن دوستلار چەمبىرىكىنى قاپلىدى. بۇلۇڭكۆل يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى ۋېنجۈەن مۇنداق بىلدۈردى: پۈتۈن يېزىدا يېزا - كەنتلەردىكى چوڭ كاناي، ئېلېكتىرونلۇق ئېكران قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق سىجىل تەشۋىق قىلىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئىلغار تىپلاردىن ئۆگىنىشكە يېتەكلەپ، ئۆگىنىش ئارقىلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش قىزغىنلىقى ۋە غەيرىتىنى ئاشۇرىمىز.

«ئابدۇجاپپار مېڭدى يېڭى دەۋر كوممۇنىستلىرىنىڭ ئېسىل پەزىلىتىنى شەرھلىدى، بۇ، ھەربىر پارتىيە ئەزاسىنىڭ ئۆگىنىشىگە ئەرزىيدۇ.» ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق مائارىپ ئىدارىسى ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتۇش تەتقىقاتچىسى ياڭ لىڭ مۇنداق دېدى: «پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ئابدۇجاپپار مېڭدىغا ئوخشاش جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىن ئىبارەت ئاساسىي مەقسەتنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرىمەن».

باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى داخې بازىرىنىڭ مۇئاۋىن بازار باشلىقى قىزېربېك تۇرسۇنقان مۇنداق دېدى: «مەن ئابدۇجاپپار مېڭدىنىڭ پارتىيە ئىزنىكىنى كۆرسەتكەنلىكىنى كۆرگەن شۇ دەقىقىدە قەلبىم چوڭقۇر ھاياجانغا تولدى. بۇ ھەرىكەت ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ پارتىيە ئەزاسىلىق سالاھىيىتىگە بولغان ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى تولۇق ئىپادىلەپ بەردى. پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ئابدۇجاپپار مېڭدىنىڭ بۇ خىل روھىدىن ئۆگىنىپ، ھوقۇقنى خەلق ئۈچۈن ئىشلىتىش، خەلققە مۇھەببەت باغلاش، خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، داخې بازىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشىمەن».

1 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ تۇمشۇق بازىرى لەڭگەر كەنتىدە، ئاپتونوم رايونلۇق گېئولوگىيە - قېزىلما بايلىقلار ئىدارىسىنىڭ بۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 - شۇجى سۈن جياڭخۇا خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ۋە كەنت كادىرلىرىنى تەشكىللەپ ئابدۇجاپپار مېڭدىنىڭ ئىش ئىزلىرىنى ئۆگەندى. ئۇ مۇنداق دېدى: خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتا چوقۇم جاھاننى زىلزىلىگە سالىدىغان چوڭ ئىشلارنى قىلالمىساقمۇ، لېكىن ئاممىنىڭ كىچىك ئىشلىرىنى چوڭ ئىش قاتارىدا بېجىرىشىمىز، ئاممىنىڭ ئامانلىقى ۋە ھال - ئەھۋالىنى ئۆزىمىزنىڭ ئىشى بىلىپ ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك.

قەشقەر داشۆ ھاياتلىق ۋە جۇغراپىيە ئىلمى شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇغۇچىسى لالە سىدىقجان مۇنداق دېدى: ئابدۇجاپپار تاغا ئەڭ جانلىق ئۆگىنىش ئۈلگىمىز. ئۇنىڭ ھەربىر سۆز - ھەرىكىتىدىن پارتىيەنى چىن قەلبىدىن قىزغىن سۆيىدىغانلىقى، پارتىيە ئەزاسىلىق سالاھىيىتىنى چەكسىز قەدىرلەيدىغانلىقى، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچتا قەتئىي چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. داشۆ ئوقۇغۇچىسى پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئۇنى ئۈلگە قىلىپ، ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولۇمنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كەسپىي بىلىملەرنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ياشلىق باھارىمنى پارتىيە ۋە خەلق ئەڭ ئېھتىياجلىق جايلارغا بېغىشلايمەن».

«ئۈلگىنىڭ كۈچى چەكسىز.» 1 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى شىخې كوچىسى خۇيكاڭنەن مەھەللىسىنىڭ مۇدىرى ئايجامال ئەمەت مۇنداق دېدى: «ئابدۇجاپپار تاغىنىڭ سىن كۆرۈنۈشىنى كۆرۈپ ناھايىتى تەسىرلەندىم. مەن ئۇنى ئۈلگە قىلىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئىقتىدارىمنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئاممىنىڭ سىردىشى بولىمەن».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.