تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى، قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشى قاتارلىق خىزمەتلىرى مۇھاكىمە قىلىندى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى كېڭەيتىلگەن يىغىن ئاچتى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى، قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشى قاتارلىق خىزمەتلىرى مۇھاكىمە قىلىندى

ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 6 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن كېڭەيتىلگەن يىغىن ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2022 ـ يىللىق 5 ـ ئىيۇن مۇھىت كۈنى دۆلەت ئاساسىي مەيدان پائالىيىتى، جۇڭگو سۇڭ چىڭلىڭ فوند جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىغا ئەۋەتكەن تەبرىك خېتىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، مەركەزنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى توغرىسىدىكى ئالاقىدار تەلەپلىرى ۋە 9 ـ قېتىملىق مەملىكەتلىك ئەرزىيەت خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشى، ماركسىزملىق نەزەرىيە تەتقىقاتى ۋە قۇرۇلۇشى، ياشلار تەرەققىياتى قاتارلىق خىزمەتلىرى مۇھاكىمە قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2022 ـ يىللىق 5 ـ ئىيۇن مۇھىت كۈنى دۆلەت ئاساسىي مەيدان پائالىيىتىگە ئەۋەتكەن تەبرىك خېتىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە، يېشىل تاغ، سۈزۈك سۇنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، مەركەز ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش بويىچە نازارەت قىلىشتا قايتما ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش خىزمىتىنى قەتئىي ياخشى تاماملاپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى داۋاملىق ياخشى قىلىپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى گەۋدىلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشتا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، كاربوننى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ ئاسمىنى كۆك، يېرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو سۇڭ چىڭلىڭ فوند جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىغا ئەۋەتكەن تەبرىك خېتىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، فوند جەمئىيىتى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئالاقىلىشىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، شىنجاڭدا تېخىمۇ كۆپ تاشقى ئالاقە ۋە ئاممىۋى پاراۋانلىق ـ خەيرىيەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دائىملاشقان، ئۇزاق ئۈنۈملۈك تۈزۈم ـ مېخانىزم ئورنىتىپ، پارتىيە تارىخىنى خۇلاسىلەش، ئۆگىنىش، تەربىيەلەش، تەشۋىق قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشتا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى سىجىل چۈشىنىپ ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىشنى پۇختا، ياخشى بېجىرىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تارىخنى ئۆگىنىپ داۋلىنى بىلىش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىمتىھانغا بېرىش يېڭى يولىدا ياخشى نەتىجىلەرنى يارىتىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق ئەرزىيەت خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، 9 ـ قېتىملىق مەملىكەتلىك ئەرزىيەت خىزمىتى يىغىنى ۋە «ئەرزىيەت خىزمىتى نىزامى»نىڭ تەلىپى بويىچە، خەلقنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش، پارتىيەنىڭ غېمىنى يېيىشتىن ئىبارەت سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ مۇۋاپىق ئىلتىماس ـ تەلەپلىرىنى قانۇن بويىچە ۋاقتىدا، ئۆز جايىدا ھەل قىلىپ، ئەرزىيەت خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ئەرزىيەت تۈزۈمى ئىسلاھاتى ۋە تۈزۈلمە ـ مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.

  يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنىڭ 2022 ـ يىللىق خىزمەتلىرىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قاراپ چىقىلدى، مۇھاكىمە قىلىندى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىدا پائال نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇش كېرەك. قانۇنچىللىق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇنچىل شىنجاڭ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت، قانۇنچىل جەمئىيەتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قۇرۇپ، ھۆكۈمەت ھەرىكىتىنى قانۇنچىللىق يولىغا ئومۇميۈزلۈك كىرگۈزۈش كېرەك. نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك، ھۆكۈمەتنىڭ فۇنكسىيەسىنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئادا قىلىپ، قانۇنچىللىق ئارقىلىق مەمۇرىي ھوقۇققا قائىدە بەلگىلەپ بېرىپ، چەك ـ چېگرا بەلگىلەپ بېرىپ، ھۆكۈمەت ئىدارە قىلىشنى قېلىپلاشتۇرۇش، تەرتىپلەشتۈرۈش، قانۇنچىللاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، قاتتىق، ئۆلچەملىك، ئادىل، مەدەنىي قانۇن ئىجرا قىلىپ، «قىلچە يول قويماسلىق» پوزىتسىيەسى بىلەن ئامما ئىنكاس قىلغان قانۇنغا ئاساسلانماسلىق، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلماسلىق، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلارنى سۈرۈشتە قىلماسلىقتىن ئىبارەت گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رەقەملىك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، تۈزەش ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. تەشكىلىي كاپالەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىدىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى پىلانلىشى ۋە ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، ھەر دەرىجىلىك مەمۇرىي ئورگانلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى بىرىنچى جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى، باشلامچىلىق بىلەن قانۇنغا ھۆرمەت قىلىشى، قانۇننى ئۆگىنىشى، قانۇنغا رىئايە قىلىشى، قانۇندىن پايدىلىنىشى كېرەك. تۈزۈلمە ـ مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك، توسالغۇلارنى ۋاقتىدا تۈگىتىپ، ھەيدەكچىلىك، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ماركسىزملىق نەزەرىيە تەتقىقاتى ۋە قۇرۇلۇشى، ياشلار تەرەققىيات يىرىك پىلانى توغرىسىدىكى خىزمەتلەر قاراپ چىقىلدى، مۇھاكىمە قىلىندى. يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى تەتقىق قىلىش، تەشۋىق قىلىشتا چىڭ تۇرۇشنى تۈپ ۋەزىپە قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق چوڭقۇر قاتلاملىق، مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، بايان قىلىپ، چۈشەندۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى سەۋىيەدىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى مۇستەھكەم ئىدىيەۋى نەزەرىيە تىرىكى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ياشلار خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ تۈپ ۋەزىپىنى پۇختا ئىگىلەپ، يېڭى دەۋردىكى ياشلار خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ ياشلارنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈش ئۈچۈن ياشلىق كۈچىنى بېغىشلاشقا يېتەكلەش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.