تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

تارىخىي دەۋرىيلىكتىن سەكرەپ چىقىشنىڭ يېڭى دەۋر جاۋابى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 100 يىلنى باشتىن ئۆتكۈزگەن چوڭ پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشىغا يېتەكچىلىك قىلغانلىقى توغرىسىدا خاتىرە

  □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى

  «پارتىيەمىزنىڭ تارىخى شۇنچە ئۇزاق، كۆلىمى شۇنچە چوڭ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ۋاقتى شۇنچە ئۇزاق بولدى، بۇنىڭدا قانداق قىلىپ تىنچلىق ـ قالايمىقانچىلىق، گۈللىنىش ـ خارابلىشىشتىن ئىبارەت تارىخىي دەۋرىيلىكتىن سەكرەپ چىقالىدى؟»

  پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ 2 ـ قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جاراڭلىق قىلىپ مۇنداق جاۋاب بەردى −

  «يولداش ماۋ زېدۇڭ يەنئەندىكى گەمىدە بىرىنچى جاۋابنى بەردى، ئۇ بولسىمۇ <پەقەت خەلق ھۆكۈمەتنى نازارەت قىلغاندىلا، ھۆكۈمەت ئاندىن بوشاڭلىق قىلىشقا پېتىنالمايدۇ.>100 يىللىق كۈرەش، بولۇپمۇ پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى يېڭى ئەمەلىيەت ئارقىلىق، پارتىيەمىز يەنە ئىككىنچى جاۋابنى بەردى، بۇ بولسىمۇ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش».

  پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى غايەت زور سىياسىي جاسارەت، كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن پارتىيەگە يېتەكچىلىك قىلىپ ئىنقىلابىي تاۋلىنىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ 100 يىلنى باشتىن ئۆتكۈزگەن چوڭ پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش يېڭى مەنزىلىنى ئاچتى.

  بۈگۈنكى كۈندە «باشتىن ـ ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغان، خەلق چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىدىغان، ئۆزى ئۈستىدە دادىل ئىنقىلاب قىلىدىغان، تۈرلۈك بوران ـ چاپقۇنلارنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان، غەيرەت ـ شىجائىتى ئۇرغۇپ تۇرۇۋاتقان ماركسىزملىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىي پارتىيە» بولۇش ئۈچۈن ئىرادە باغلىغان پارتىيەمىز يۈز مىليونلىغان جۇڭخۇا ئوغۇل ـ قىزلىرىنى يېتەكلەپ ئۇلۇغ گۈللىنىش مۇساپىسىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە.

  سەگەك تارىخىي ئاڭلىقلىق −

  «ئۆزى ئۈستىدە دادىل ئىنقىلاب قىلىش پارتىيەمىزنىڭ ئەڭ روشەن پەزىلىتى، شۇنداقلا پارتىيەمىزنىڭ ئەڭ زور ئەۋزەللىكى»

  2021 ـ يىلى 9 ـ ئايدا، پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى پەيتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىمالىي شەنشىدىكى سېرىق توپىلىق ئېگىزلىككە كەلدى.

  300 نەچچە يىل ئىلگىرى، مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدىكى دېھقانلار قوزغىلىڭى بۇ جايدا پارتلاپ، دەسلەپتە غەلىبە قازىنىپ، كېيىن مەغلۇپ بولدى. 70 نەچچە يىل ئىلگىرى، يولداش ماۋ زېدۇڭ بۇ بۆلەك تارىخنى قايتا ئويلىنىش ئاساسىدا يېزىپ چىققان «جياشېن يىللىرىدىكى دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ 300 يىللىقىنى خاتىرىلەش» ناملىق ئەسىرىنى يەنئەن ئىستىل تۈزىتىش ھەرىكىتى ھۆججىتى قىلىپ، پۈتۈن پارتىيەدىكى كادىرلارنىڭ ئوقۇپ چىقىشى ھەم بۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىشىنى تەلەپ قىلدى.

  پارتىيەنىڭ 100 يىللىق تارىخىنى ئەسلەپ ئۆتۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر ئويغا چۆمگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «جىڭگاڭشەندىن شىمالىي شەنشىگە كەلگۈچە، شىمالىي شەنشىدىن شىبەيپوغا بارغۇچە، ئاندىن بېيجىڭغا بارغۇچە، يول بويى ئىمتىھانغا بېرىش ئۈچۈن ماڭدى» «جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ مۇقەررەر غەلىبىسىگە بۇ جايدىن جاۋاب تاپقىلى بولىدۇ».

  «ئىمتىھانغا بېرىش»نى دائىم قەلبكە پۈكۈپ، ئۆزى ئۈستىدە دادىل ئىنقىلاب قىلىش 100 يىلنى باشتىن ئۆتكۈزگەن چوڭ پارتىيەنىڭ بوشاشماي كۈرەش قىلىش ئارقىلىق تاۋلاپ چىققان روشەن پەزىلىتى.

  «مەن دائىم تارىخىي دەۋرىيلىك مەسىلىسى ئۈستىدە توختىلىمەن، بۇ ھەقىقەتەن دۆلىتىمىز تارىخىدىكى فېئودال خانىدانلىقلار قېچىپ قۇتۇلالمىغان تەقدىر».

  پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش تەتقىقات ـ مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا، تارىختا ئۆتكەن فېئودال خانىدانلىقلارنىڭ گۈللىنىشىدىن خارابلىشىشىغىچە، تارىختىكى ھەر قېتىملىق دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ دەسلەپتە غەلىبە قىلىپ، كېيىن مەغلۇپ بولۇشىغىچە، يەنە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى، سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بەربات بولۇشى، شەرقىي ياۋروپادا تېز ئۆزگىرىش يۈزبېرىشكىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ قەدىمدىن ھازىرغىچە، جۇڭگودىن چەت ئەللەرگىچە تىنچلىق ـ قالايمىقانچىلىق، گۈللىنىش ـ خارابلىشىش قالدۇرۇپ كەتكەن مەسىلىلەرنى ئانالىز قىلىپ، بۇنىڭدىكى تۈپ سەۋەبنىڭ «ئۆزىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلالماسلىق»تا ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر كۆرسىتىپ بەردى.

  تارىخنى ئەينەك قىلغاندا دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى ياكى خارابلىشىشىنىڭ سەۋەبىنى بىلگىلى بولىدۇ.

  ئۆزىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، تارىخىي دەۋرىيلىكتىن سەكرەپ چىقىش ئۈچۈن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى باشتىن ـ ئاخىر پارتىيە قۇرۇلۇشىنى بىر تۈرلۈك ئۇلۇغ قۇرۇلۇش سۈپىتىدە ئالغا سىلجىتىپ، ئۈزلۈكسىز ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلدى.

  مىللەتنىڭ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىش ئاچقۇچلۇق باسقۇچقا كىرىپ، دۇنيانىڭ 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتقان، «تۆت چوڭ سىناق» كەسكىن، مۇرەككەپ بولۇۋاتقان، «تۆت خىل خەۋپ» ئۆتكۈر، چوڭقۇر بولۇۋاتقان ۋەزىيەتتە، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى يەنە گۈللىنىش ياكى خارابلىشىش، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ياكى مەغلۇپ بولۇشقا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئۆتكەلگە دۇچ كەلمەكتە.

  دائىم كېلەچەكنىڭ غېمىنى يەپ، تىنچ شارائىتتىمۇ خەۋپ ـ خەتەرنى ئويلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ قانداق قىلغاندا تارىخىي دەۋرىيلىكتىن سەكرەپ چىققىلى بولىدىغانلىقى ئۈستىدە ئويلاندى، بۇنى باشتىن ـ ئاخىر كۆڭلىگە پۈكۈپ كەلدى.

  2015 ـ يىلى 5 ـ ئايدا، مەركەز بىرلىك سەپ خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەردانە ـ جاراڭلىق ھالدا مۇنداق كۆرسەتتى: «ئەينى يىلىدىكى <گەمىدىكى سۆھبەت>تە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەر تەلتۆكۈس ھەل قىلىندىمۇ؟ بەلكىم تېخى ھەل قىلىنمىغان بولۇشى مۇمكىن. بىر قىسىم رەھبىرىي كادىرلار نازارەت قىلىشتىن قورقىدۇ، نازارەت قىلىنىشنى خالىمايدۇ، دائىم باشقىلار تەرىپىدىن نازارەت قىلىنسا قورۇنىدۇ، ئىش قىلغاندا قولايسىزلىق ھېس قىلىدۇ».

  باش شۇجى شى جىنپىڭ قەتئىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: «يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك».

  ئۆزى ئۈستىدە دادىل ئىنقىلاب قىلىش «پارتىيەمىزنىڭ ئەڭ روشەن پەزىلىتى»نى ئايدىڭلاشتۇرۇشتىن يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدا «پارتىيەنىڭ ئۇزاققىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدار قۇرۇلۇشى، ئىلغارلىق ۋە ساپلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى ئاساسىي لىنىيە» قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويۇشقىچە؛ «ئۆزى ئۈستىدە ئۇلۇغ ئىنقىلاب قىلىش ئارقىلىق ئۇلۇغ جەمئىيەت ئىنقىلابىغا يېتەكچىلىك قىلىش»تىن ئىبارەت «ئىككى ئىنقىلاب» مۇھىم بايانىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنىڭ «تۆت ئۇلۇغ»دىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى گەۋدىلىك تەكىتلەشكىچە...

  باش شۇجى شى جىنپىڭ بىر قاتار مۇھىم نەزەرىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىر قاتار مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چىقىرىپ، قانداق ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان ماركسىزملىق سىياسىي پارتىيە قۇرۇش، ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان ماركسىزملىق سىياسىي پارتىيەنى قانداق قۇرۇشقا بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇردى.

  چوڭقۇر تارىخىي ئاڭلىقلىق بىلەن مۇستەھكەم تارىخىي تەشەببۇسكارلىققا ۋارىسلىق قىلىندى.

  يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى بىر ئىشقا ئۇزاق يىل ئەجىر قىلىشتەك روھ ئارقىلىق ئۆزىنى ساپلاشتۇرۇشتىكى «تەڭداشسىز ماھارەت»نى يېتىلدۈرۈپ، پارتىيە، دۆلەت، ئارمىيەنىڭ ئىچكى قىسمىدا ساقلانغان ئېغىر يوشۇرۇن خەۋپلەرنى تۈگىتىپ، خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى ساقلاپ، خەلق چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىدىغان تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈردى، پۈتۈن پارتىيە يۈكسەك دەرىجىدە ئىتتىپاق، بىردەك بولۇش، دەۋرنىڭ ئالدىدا مېڭىش، خەلقنى يېتەكلەپ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈردى.

  2022 ـ يىلى 2 ـ ئاينىڭ 4 ـ كۈنى، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلىنىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن كۈنى، ئارگېنتىنا زۇڭتۇڭى فېرناندېس مەخسۇس جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى كۆرگەزمە سارىيىغا بېرىپ ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

  ئىككى كۈندىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە، فېرناندېس ئېكسكۇرسىيە تەسىراتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جۇڭگو خەلقى ئۈچۈن قىلغان بارلىق ئىشلىرى ۋە قولغا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمەن».

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق جاۋاب بەردى: «خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتا بىزنىڭ ئۆز مەنپەئىتىمىز يوق».

  جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى مۇنبەت تۇپرىقىدا يىلتىز تارتقان، ئىلمىي نەزەرىيە بىلەن قوراللانغان پىرولېتارىيات سىياسىي پارتىيەسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆزىنىڭ مەنپەئىتى بولماسلىق ئۆزى ئۈستىدە دادىل ئىنقىلاب قىلىش ئىشەنچىنىڭ ئاساسى، غايە ـ ئېتىقادنى چىڭىتىش ئۆزى ئۈستىدە ئاڭلىق ئىنقىلاب قىلىشنىڭ قىزىل گېنى، ئىلمىي نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىش ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشقا ماھىر بولۇشنىڭ ئىدىيەۋى يېتەكچىسى، ھەممىدە خەلقنى كۆزلەش ئۆزى ئۈستىدە دادىل ئىنقىلاب قىلىشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسى، گۈللىنىش ئۇلۇغ ئىشىنى زىممىگە ئېلىش ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشتىكى بۇرچ ـ مەسئۇلىيەت.

  19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 6 ـ ئومۇمىي يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى ئىشەنچكە تولدى:

  «100 يىلدىن بۇيان، پارتىيە سىرتقى جەھەتتە خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇش، خەلقنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشقا تايىنىپ، ئىچكى جەھەتتە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشقا تايىنىپ، دادىللىق بىلەن ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇپ، خاتالىقنى تۈزىتىپ، دادىللىق بىلەن پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىپ، سۆڭەكنى قىرىپ زەھەرنى تازىلاپ، پارتىيەنىڭ ئۇزاققىچە گۈللەپ ياشنىشى، ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا كاپالەتلىك قىلدى».

  ئۈزۈل ـ كېسىل ئىنقىلاب روھى −

  «پارتىيەنىڭ ئۆزىنى پاكلاشتۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش»

  شىبەيپو «ئىككى جەزمەن» بارلىققا كەلگەن جاي، «بېيجىڭغا ئىمتىھانغا بېرىش» ئۈچۈن يولغا چىققان جاي.

  2013 ـ يىلى 7 ـ ئايدا، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسى ئەمەلىيەت پائالىيىتى باشلىنىپ ئۇزاق ئۆتمەي، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ جايغا كېلىپ، ئەينى يىلى سېنتەبىر يىغىنى ئېچىلغان بىر ئېغىز ئاددىي كېسەك ئۆيدە ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئامما ۋەكىللىرى بىلەن چۆرىدىشىپ ئولتۇرۇپ سىرداشتى.

  شۇ جايدىكى بىر كادىر مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى: «پۇقرالارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى تەدرىجىي ئۆسۈۋاتىدۇ، نېمە ئۈچۈن بىز بىلەن بولغان ئارىلىقى ئەكسىچە سەل يىراقلىشىپ كەتكەندەك ھېس قىلىمىز؟»

  كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، باش شۇجى مۇنداق كۆرسەتتى: «60 نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتتى... لېكىن بىز دۇچ كەلگەن خىرىس ۋە مەسىلىلەر يەنىلا كەسكىن، مۇرەككەپ، شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، پارتىيە دۇچ كەلگەن <ئىمتىھانغا بېرىش> تېخى ئاخىرلاشمىدى».

  ئىستىل مەسىلىسىنىڭ ئاچقۇچلۇق، ئۇللۇق خاراكتېرىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى «خەلق رايىنى مايىل قىلىش ـ قىلالماسلىققا مۇناسىۋەتلىك بولغان، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى ئاساسىنى بەلگىلەيدىغان» يۈكسەكلىككە قويدى، يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچى بولدى، يامانغا لەنەت ئوقۇلۇپ، ياخشىلار مەدھىيەلەندى.

  ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ ـ ئىچىش قاتارلىق كونكرېت مەسىلىلەردىن باشلاپ تۇتۇش، يۆبىڭ، زۇڭزا قاتارلىق «كىچىك ئىشلار»دىن باشلاپ تەكشۈرۈش، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلارنى جەزمەن تەكشۈرۈش، يېمەك ـ ئىچمەك ئىسراپچىلىقىنى توسۇش، ئاپتوموبىل ئىشلىتىشتىكى چىرىكلىكنى تۈزەش، «ئارامخانىدىكى ناچار ئىستىل»نى تۈزىتىش... مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، قاتتىق ئىنتىزام ئارقىلىق ئىستىل تەرتىپكە سېلىنىپ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشتىكى ئۈنۈملۈك يول بېيىتىلدى.

  «تۆت خاھىش» تۈگىتىلىپ، يېڭى كەيپىيات ئەۋج ئالدى.

  پارتىيە بايرىقى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ بىرىنچى سېپىدە، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇرۇش سېپىدە، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش جەڭ مەيدانىدا ئېگىز جەۋلان قىلدى... پۇقرالار خۇشال بولۇپ مۇنداق دېدى: «سوۋېت رايونىدىكى كادىرلارنىڭ ياخشى ئىستىلى قايتىپ كەلدى!»

  ئىستىل پارتىيەنىڭ ئوبرازىغا مۇناسىۋەتلىك، چىرىكلىك پارتىيەنىڭ ئورگانىزمىنى چىرىتىدۇ.

  2012 ـ يىلى 11 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى، خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي زالى. جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرى ئالدىدا، پارتىيە ئىچىدە ساقلىنىۋاتقان چىرىكلىك مەسىلىسى تىلغا ئېلىنغاندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا يېڭىلا سايلانغان شى جىنپىڭنىڭ پوزىتسىيەسى ئېنىق بولدى: «پۈتۈن پارتىيەدىكىلەر جەزمەن ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈشى كېرەك».

  قىسقىغىنا 20 نەچچە كۈندىن كېيىن، 18 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ كاندىدات ئەزاسى بولۇپ سايلانغىنىغا تېخى بىر ئاي بولمىغان سىچۇەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى چۇنچېڭ تەكشۈرۈلۈپ، پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن كېيىن موللاق ئاتقان «تۇنجى يولۋاس» بولۇپ قالدى. بىر مەيدان سالمىقى مىسلىسىز بولغان چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇقەددىمىسى باشلاندى.

  چىرىكلىك ھاكىمىيەتنى ئەڭ ئاسانلا ئاغدۇرۇۋېتىدۇ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئەڭ ئۈزۈل ـ كېسىل بولغان ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشقا ئېھتىياجلىق.

  جوۋ يۇڭكاڭ، بو شىلەي، سۈن جېڭسەي، لىڭ جىخۇا قاتارلىق بىر تۈركۈم «چوڭ يولۋاس»لار تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى، «ئاچ كۆز چىۋىن» «زىيانداش چاشقان» «مىتە»لەر يوقىتىلدى... «يولۋاس»مۇ، «چىۋىن»مۇ تەڭ يوقىتىلدى، ھېچكىم جىنايىتىدىن قېچىپ قۇتۇلالايدىغان «تۆمۈر تاختايغا ئويۇلغان تىلخەت»كە ئېرىشەلمىدى، ھېچكىم «تۆمۈر قالپاقلىق چىنۋاڭ» بولالمىدى.

  «ۋەزىيەت يەنىلا كەسكىن» بولۇشتىن «يەنىلا كەسكىن ۋە مۇرەككەپ» بولۇشقىچە، يەنە «مۇتلەق ئۈستۈنلۈك ۋەزىيىتى شەكىللەنمەكتە»گىچە، ھەم «مۇتلەق غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش»كىچە، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىدى.

  ھەرقانداق كۈچلۈك بوران ـ چاپقۇندا تاغدەك مەزمۇت تۇردى، ئېقىن ئوتتۇرىسىدىكى قورام تاشتەك مەزمۇت قەد كۆتۈرۈپ تۇردى.

  چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ «مەغلۇپ بولۇشقا بولمايدىغان، شۇنداقلا قەتئىي غەلىبە قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم، زور سىياسىي كۈرەش» ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ تارىخىي ئېغىر ۋەزىپىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، تاغدا يولۋاس بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ يولۋاس بار تاغقا چىقىشتەك قەيسەرلىكى ۋە قەتئىيلىكى بىلەن، پارتىيە رايى، ئارمىيە رايى، خەلق رايىغا ئېرىشتى.

  2017 ـ يىلى 10 ـ ئايدا، پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيىدا ماقۇللانغان 18 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىدا ئېنىق قىلىپ مۇنداق كۆرسىتىلدى: «پارتىيەنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر تېگى ـ تەكتىدىن ئالغاندا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بايرىقىنىڭ روشەن، مەيدانىنىڭ مۇستەھكەم، ئىرادە ـ پەزىلىتىنىڭ قەتئىي، رەھبەرلىكىنىڭ قۇدرەتلىك ـ كۈچلۈك بولغانلىقىدىن كەلگەن».

  دەل مۇشۇ قۇرۇلتايدا «يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداش» پارتىيە نىزامنامىسىگە كىرگۈزۈلدى.

  پۈتۈن پارتىيەدە يادرو بولغاندا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى بولىدۇ. «ئىككىنى تىكلەش» ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى.

  چىنلىڭ تېغى دۆلىتىمىزنىڭ مۇھىم ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقى. چىنلىڭ تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىدە بەلگىلىمىگە خىلاپ سېلىنغان داچىلارنىڭ ئۈزلۈكسىز پەيدا بولۇشىغا قارىتا، باش شۇجى شى جىنپىڭ تۆت يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە ئالتە قېتىم مۇھىم يوليورۇق، تەستىقىي يوليورۇق بەردى، بەزى ئەمەلدارلارنىڭ «كۆرۈنۈشتە ئەمەل قىلغان بولۇپ، ئاستىرتىن خىلاپلىق قىلىشى» تۈپەيلىدىن بەلگىلىمىگە خىلاپ سېلىنغان قۇرۇلۇشلار قايتا ـ قايتا چەكلەنسىمۇ تۈگىمىدى.

  بۇنىڭغا قارىتا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «ئالدى بىلەن سىياسىي ئىنتىزامدىن باشلاپ تەكشۈرۈش»نى تەلەپ قىلىپ، ئاخىر بۇ خىل ناتوغرا ئىستىل، ناچار كەيپىياتنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىدى.

  بىر تەبىئىي ئېكولوگىيە مەسىلىسىدە ئاشكارىلانغىنى دەل سىياسىي ئېكولوگىيە مەسىلىسى بولدى.

  ئاچقۇچلۇق پەيتتە ئوتتۇرىغا چىقالماسلىق، مۇھىم خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرالماسلىق، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئادەتتىكى ئامما بىلەن پەرقى بولماسلىق؛ پارتىيەلىك تۇرۇپ پارتىيە ئۈچۈن سۆزلىمەسلىك، پارتىيەلىك تۇرۇپ پارتىيەنى سۆيمەسلىك، ھەتتا پارتىيە ئەزالىق سالاھىيىتىنى تىلغا ئېلىشتىن خىجىل بولۇش؛ پارتىيە ئىچىدە «سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش»نى ئاز سۆزلەش، سىياسىي تۇرمۇشقا سەل قاراش، ئېتىبارسىز قاراش...

  باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە ئىچىدە ساقلىنىۋاتقان بارلىق مەسىلىلەرنىڭ ماھىيەتتە ھەممىسىنىڭ سىياسىي مەسىلە ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر كۆرۈپ يېتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا ئالدى بىلەن سىياسىي جەھەتتىن قاراش، پارتىيەنى باشقۇرۇش ـ ئىدارە قىلىشتا كەڭ قول بولۇش، بوش بولۇش، يۇمشاق قول بولۇشتىن كەسكىن بولۇش، چىڭ بولۇش، قاتتىق قول بولۇشقا ئۆتۈشكە تۈرتكە بولۇشنى تەلەپ قىلدى.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ھەر يىلى «بەش چوڭ بەنزە»نىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ ئۆتتى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى مەركەزنىڭ بىر قاتار يۇقىرى قاتلام ئاپپاراتلىرىنىڭ مەسئۇللۇقىنى ئۈستىگە ئېلىپ، پارتىيەنىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئىقتىساد قاتارلىق مۇھىم، زور خىزمەتلەرگە بولغان رەھبەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتتى... پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەركىزىي بارگاھتىكى «باش قوماندان»غا ئايلاندى، جەڭ ھارۋىسى، ئات ۋە توپلار ئۆز كارامىتىنى كۆرسەتتى، بىر تاختا شاھماتنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى ئايدىڭلاشتى.

  2017 ـ يىلى 8 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى، پارتىيە 18 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى كۆزىتىشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىشى پارتىيە تارىخىدا بىر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىچىدە مەركىزىي كومىتېت كۆزىتىشىنىڭ تولۇق قاپلىشىنىڭ تۇنجى ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقىدىن دېرەك بەردى.

  تولۇق قاپلاش ھەقىقىي قول سېلىپ، قىيىنىغا تېگىش قىلىش پوزىتسىيەسىنى نامايان قىلدى، پارتىيەنى تۈزۈم ئارقىلىق ئىدارە قىلىش ئەقىل ـ پاراسىتىنى تېخىمۇ نامايان قىلدى.

  ھەر قېتىملىق كۆزىتىش ئاخىرلاشقاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆزىتىش دوكلاتىنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىقىپ، كۆزىتىش جەريانىدا بايقالغان مەسىلىلەرگە باھا بېرىپ، كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

  پارتىيە 18 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى مەخسۇس كۆزىتىشنى قانات يايدۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، «ھەرىكەتچان» كۆزىتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، «قايتا قاراپ چىقىش»نى تۇنجى قېتىم قانات يايدۇرغاندىن كېيىن، پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى كۆزىتىشتە «بىرىنچى قول رەھبەر» ۋە ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلارغا چىڭ قادىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە چىڭ قادىلىپ، شەمشەرنى ئېگىز كۆتۈرۈش، ئۇزاققىچە چۆچۈتۈشتىن ئىبارەت روشەن سىگنالنى ئۈزلۈكسىز قويۇپ بەردى.

  كۆزىتىش، نازارەت قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «تۆت تولۇق قاپلاش» ھوقۇقنى نازارەت قىلىش ئەندىزىسى تەدرىجىي شەكىللەندى، پارتىيەنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە دۆلەت رېۋىزىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى، پارتىيە ئىچىدىكى قائىدە ـ نىزام، تۈزۈم سىستېمىسى تېخىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇلدى... تۈزۈم قاتلىمىدىن ئۆزى ئۈستىدە ئۇلۇغ ئىنقىلاب قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئاساسىي قۇرۇلما پۇختىلاندى.

  ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشتا، ھەم تۈزۈم كاپالىتىگە تايىنىش، ھەم ئىدىيەۋى قۇرۇلۇشقا تايىنىش كېرەك.

  پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيى يېپىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى ئەزالىرىنى يېتەكلەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 1 ـ قۇرۇلتىيى ئېچىلغان جايغا ۋە جياشىڭنىڭ نەنخۇ كۆلىدىكى قىزىل كېمىگە ئېھتىرام بىلدۈرۈپ، ئارزۇ قاناتلانغان جايدا پۈتۈن پارتىيەگە «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەڭگۈ كۈرەش قىلىش» ئۇلۇغ چاقىرىقىنى چىقاردى.

  پارتىيە قۇرۇلغانلىقىغا 100 يىل بولغان پەيتتە، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى كۆرگەزمە سارىيىنىڭ قىزىل زالىغا كېلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قىپقىزىل پارتىيە بايرىقىغا يۈزلىنىپ تۇرۇپ، ئوڭ مۇشتىنى كۆتۈرۈپ، پارتىيەلىك رەھبىرىي يولداشلارنى يېتەكلەپ، پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى تەكرارلىدى.

  زامان ـ ماكان ئۆزگىرىپ، 100 يىلنى ھالقىپ ئۆتتى، ئەسلىي مەقسەت ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم بولدى، بۇرچ مەشئەلدەك پارلىدى.

  يەنئەن باۋتاشەن ئېتىكىدىكى ئىنقىلابىي كونا جايدىن تەيخاڭشەن تېغىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى ئىنقىلابىي تايانچ بازىغىچە؛ يۈدۇ دەرياسى بويىدىكى قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەرگە توپلىنىپ يولغا چىققان جايدىن دابيېشەن تېغىدىكى خۇبېي ـ خېنەن ـ ئەنخۇي سوۋېت رايونى مەركىزى ئىنقىلابىي مۇزېيغىچە... باش شۇجى شى جىنپىڭ «جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ مۇساپىسىنى بويلاپ ئەسلىي مەقسەتنى چېنىقتۇرۇپ»، پۈتۈن پارتىيەگە غايە ئوتىنى تۇتاشتۇردى، ئېتىقاد نۇرىنى چاچتى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆزى پىلانلىشى، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرما قىلىشى، ئۆزى تۈرتكە بولۇشىدا، ھەر قېتىملىق پارتىيە ئىچىدىكى مەركەزلىك تەربىيە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارغا كالتسىي تولۇقلاپ ئۇستىخىنىنى چىڭىتتى، ئىدىيەۋى قۇرۇلۇشىنى پارتىيەنىڭ ئۇل خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشى قىلىپ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنىڭ ئۆتكۈر ئىدىيە قورالىنى تاۋلىدى.

  ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، قائىدە ـ تۈزۈم ئورنىتىش، ئاساسنى مۇستەھكەملەپ، روھ يېتىلدۈرۈش، پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش بويىچە بىر يۈرۈش «بىرىكمە مۇشت»نى ئېتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىنى ياراتتى.

  ئۆزگەرمەس «ئىمتىھانغا بېرىش» قىياپىتى −

  «<ئىمتىھانغا بېرىش>تىكى سەگەكلىك ۋە قەتئىيلىك بىلەن يېڭى دەۋرنىڭ ئىمتىھان قەغىزىگە ياخشى جاۋاب يازدى»

  2021 ـ يىلىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى، بېيجىڭ جۇڭنەنخەي.

  كونا يىل بىلەن خوشلىشىپ يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش پەيتىدە، 100 يىلنى باشتىن ئۆتكۈزگەن چوڭ پارتىيە قاينام ـ تاشقىنلىق يىللىرىنى ئەسلەپ، يېپيېڭى ئېچىلغان ئۇلۇغۋار داغدام يولغا نەزەر سالدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە: «بىز ئۆزىمىز ئۈستىدە دادىل ئىنقىلاب قىلساقلا، ئاندىن تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز» دەپ چاقىرىق قىلدى.

  بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى، پارتىيەنىڭ 3 ـ تارىخىي قارارى «ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشتا چىڭ تۇرۇش»نى 100 يىللىق كۈرەشتىكى ئون تارىخىي تەجرىبىنىڭ بىرى قىلىپ، «جەزمەن ھەسسىلەپ قەدىرلەش، ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش ھەم يېڭى دەۋر ئەمەلىيىتى داۋامىدا ئۈزلۈكسىز بېيىتىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش»نى تەلەپ قىلدى.

  «ئىمتىھانغا بېرىش»نىڭ مەڭگۈ چېكى يوق، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ.

  پۈتۈن يەرشارىغا نەزەر سالساق، ئەسىر يۇقۇمىدا دۇنيانىڭ تەرەققىياتى يېڭى داۋالغۇش، ئۆزگىرىش ياساش مەزگىلىگە كىردى. قانداق قىلغاندا تېخىمۇ مۇقىمسىز، ئېنىقسىز بولغان تاشقى مۇھىتتا «جۇڭگو ناملىق» غايەت زور پاراخوتنىڭ رولىنى چىڭ تۇتۇپ دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلغىلى بولىدۇ؟

  دۆلەت ئىچىگە نەزەر سالساق، ئېھتىياجنىڭ تارىيىشى، تەمىناتنىڭ زەربىگە ئۇچرىشى، كۆزلىمىنىڭ ئاجىزلىشىشىدىن ئىبارەت ئۈچ ئېغىر بېسىم ئالدىدا جۇڭگو ئىقتىسادىنى قانداق قىلغاندا داۋان ھالقىپ ئۆتكەللەردىن ئۆتۈشكە، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشكە يېتەكلىگىلى بولىدۇ؟ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئۆزگىرىشچان تەكرارلاندى، قانداق يېڭى تەدبىر، ئەمەلىي تەدبىر، قاتتىق تەدبىرلەرنى قوللىنىش زۆرۈر؟ نامراتلارنى ئازايتىش مۆجىزىسى يارىتىلغاندىن كېيىن، قانداق قىلغاندا يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ يېڭى يۆگىمە رەسىمىنى ئورتاق سىزىپ چىققىلى بولىدۇ؟

  ئۆزىمىزگە تەپسىلىي قاراپ چىقساق، پارتىيە ئىچىدە ساقلىنىۋاتقان ئىدىيە جەھەتتە ساپ بولماسلىق، سىياسىي جەھەتتە ساپ بولماسلىق، تەشكىلىي جەھەتتە ساپ بولماسلىق، ئىستىل جەھەتتە ساپ بولماسلىق قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەر تېخى تۈپتىن ھەل قىلىنمىدى، «سىياسىي مىكرو جانلىقلار» يەنىلا يوشۇرۇن باش كۆتۈرۈۋاتىدۇ، پاسسىپلىق، چىرىكلىك ۋە ناچار ئىستىل قايتا باش كۆتۈرۈپ چىقامدۇ ـ يوق؟

  يېڭى «ئىمتىھانغا بېرىش» يولىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پۈتۈن پارتىيەگە يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى: «پارتىيەمىز باشتىن ـ ئاخىر دەۋر ئېقىمىنىڭ ئەڭ ئالدىدا، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە، ئەڭ كەڭ خەلق ئارىسىدا تۇرسىلا، مۇقەررەركى مەڭگۈ يېڭىلمەس ئورۇندا تۇرالايدۇ!»

  تارىخنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش لوگىكىسى بويىچە ئالغا ئىلگىرىلەش، دەۋرنىڭ تەرەققىيات ئېقىمىدا تەرەققىي قىلىش − جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ غەلىبىدىن غەلىبىگە قاراپ ئۈزلۈكسىز يۈرۈش قىلىشىدىكى مۇۋەپپەقىيەت سىرى.

  «بىز ئەگەر ئۈچ ئاي كۆزنى يۇمۇپ، قۇلاقنى ئېتىۋالساق، ئېھتىمال دۇنيادا خېلىلا ئارقىدا قېلىشىمىز مۇمكىن.» بىر قېتىم مائارىپ، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇشۇنداق سەمىمىي تاپىلىدى.

  ئىلغار ماركسىزملىق سىياسىي پارتىيە تۇغما پەيدا بولغان ئەمەس، بەلكى ئۆزى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىنقىلاب قىلىش داۋامىدا تاۋلىنىش ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن. ئىلگىرىكى ئىلغارلىق بۈگۈنكى ئىلغارلىقتىن دېرەك بەرمەيدۇ، بۈگۈنكى ئىلغارلىقمۇ مەڭگۈلۈك ئىلغارلىقتىن دېرەك بەرمەيدۇ.

  ئۇرۇش ئوتى قاپلىغان يىللاردا، يەنئەننى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن خۇاڭ يەنپېي ئويغا چۆمگەن ھالدا مۇنداق دېگەنىدى: «مېنىڭچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىدىكى دوستلارنىڭ ئەڭ قىممەتلىك روھى ئۈزلۈكسىز ياخشى بولۇشقا ئىنتىلىش، ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىشتىن ئىبارەت، بۇ خىل روھ تولۇق جارى قىلدۇرۇلسا، كېلەچەككە بولغان ئۈمىد چەكسىز بولىدۇ».

  «بىز دۇچ كېلىدىغان خەۋپ ـ خەتەر، سىناقلار بارغانسېرى مۇرەككەپلىشىشى مۇمكىن، ھەتتا تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەھشەتلىك دولقۇنغا دۇچ كېلىشىمىز مۇمكىن. بىز دۇچ كېلىدىغان تۈرلۈك كۈرەش قىسقا مۇددەتلىك بولماستىن، بەلكى ئۇزاق مۇددەتلىك، بۇ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىزنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا ھەمراھ بولىدۇ» «ۋەزىپە قانچە ئېغىر بولسا، خەۋپ ـ خەتەر، سىناق شۇنچە چوڭ بولىدۇ، ئۆزىمىز ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھىنى شۇنچە ئەۋج ئالدۇرۇشىمىز كېرەك»، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئالدىمىزدىكى ئۇزاق يولغا قارىتا ئىنتايىن سەگەك تونۇشقا ئىگە.

  يېڭى مۇساپىدە، تۈرلۈك جاپا ـ مۇشەققەت، خەۋپ ـ خەتەر، توسالغۇ، شىددەتلىك ئېقىن، خەتەرلىك ساھىللار ئالدىدا، پۈتۈن پارتىيە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئۆزى ئۈستىدە ئۈزۈل ـ كېسىل ئىنقىلاب قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىجادچانلىقى، ئۇيۇشۇشچانلىقى، جەڭگىۋارلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتكەندىلا، ئەڭ قاتتىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئەڭ ئېغىر يۈكنى زىممىگە ئېلىپ، ئەڭ مۇرەككەپ ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، كىرىزىس ئىچىدە يېڭى پۇرسەت يېتىلدۈرۈپ، ئۆزگىرىش داۋامىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتالايدۇ.

  داۋاملىق تۈردە «ئىككىنى قوغداش»نى پارتىيەنىڭ ئەڭ ئالىي سىياسىي پىرىنسىپى ۋە تۈپ سىياسىي قائىدىسى قىلىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باشتىن ـ ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشساقلا، ئاندىن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۈچىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ قۇدرەتلىك ئۇلۇغ كۈچىنى مۇجەسسەملىگىلى بولىدۇ.

  بىر سىياسىي پارتىيەگە نىسبەتەن ئەڭ قىيىن بولغىنى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى بېشىدىن كەچۈرسىمۇ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۆزگەرتمەسلىك، بېشىدىن كۆپ ئىسسىق ـ سوغۇق ئۆتكۈزسىمۇ، ئەسلىي خىسلەتنى يوقاتماسلىق.

  2022 ـ يىللىق مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن» مەزگىلىدە، جياڭسۇ جېنجياڭدىن كەلگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى نيې يۇڭپىڭ بىر ئالاھىدە تېلېفوننى قوبۇل قىلدى.

  80 نەچچە ياشلىق بوۋاي سۈي رۇڭخەي ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىپ مۇنداق دېدى: «سىز بىز جېنجياڭلىقلارنىڭ ۋەكىلى، مەن سىزنىڭ باش شۇجىغا − سىز پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ بەخت يۇلتۇزى دېگەن سۆزۈمنى يەتكۈزۈپ قويۇشىڭىزنى ھاۋالە قىلماقچى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ خەلق ئاممىسى ئارىسىدىكى ئىناۋىتى يەنە قايتىپ كەلدى».

  كىشىلەرنىڭ ئېنىق ئېسىدە، 2014 ـ يىلى 12 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ جېنجياڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، سۈي رۇڭخەي قىستىلىپ يۈرۈپ كىشىلەر توپىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ، باش شۇجىنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «سىز چىرىك ئۇنسۇرلارنىڭ ئەدىپىنى بەرگۈچى، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ بەخت يۇلتۇزى!»

  بوۋاينىڭ چىن قەلبىدىن تەرىپلىشى مىليونلىغان جۇڭگو خەلقىنىڭ چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.

  «دەۋر سوئال چىقارغۇچى، بىز ئىمتىھان بەرگۈچى، خەلق ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرگۈچى.» بىر پارتىيەنىڭ ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ـ يۈرگۈزەلمەسلىكىدە، ئاساسلىقى خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان ئالاقىسىگە، خەلق ئاممىسىنىڭ ھىمايە قىلىدىغان ـ قىلمايدىغانلىقىغا، رازى بولغان ـ بولمىغانلىقىغا قاراش كېرەك.

  «خەلق ئاممىسى چىرىكلىكتىن ئەڭ نەپرەتلىنىدۇ، بىز جەزمەن خەلق رايىغا ماسلىشىشىمىز كېرەك» دېگەننى ئەستە چىڭ ساقلىشىمىز، جەزمەن «يولۋاسنى يوقىتىش»، «چىۋىننى يوقىتىش»، «تۈلكە ئوۋلاش» قەدىمىمىزنى توختىتىپ قويماسلىقىمىز كېرەك؛ «خەلق ئاممىسى نېمىگە قارشى تۇرسا، نېمىدىن نەپرەتلەنسە، بىز جەزمەن ئالدىنى ئېلىشىمىز ۋە زەربە بېرىشىمىز كېرەك» دېگەننى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، خەلقنى بىزار قىلىدىغان، خەلقنىڭ مەنپەئىتىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان بارلىق قىلمىشلار ۋە ناچار ئىستىللارنى جەزمەن بىۋاسىتە كۆرسىتىپ بېرىشىمىز كېرەك...

  خۇددى باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسەتكەندەك: «پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ئۆزگەرگەن ـ ئۆزگەرمىگەنلىكى، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلىغان ـ ساقلىمىغانلىقىنى ئامما باھالايدۇ، ئەمەلىيەت سىنايدۇ. بىز ئىشىكنى تاقىۋېلىپ ئۆزىمىز ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلساق بولمايدۇ».

  شىمالىي شەنشىدىكى گەمىدە بارلىققا كەلگەن «خەلق نازارەت قىلىش»تىن مەۋقە ئۇزاققىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشكە قويۇلۇپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش»قىچە، تارىخىي دەۋرىيلىكتىن سەكرەپ چىققان ئىككى جاۋاب ئۆزئارا نۇر چېچىپ، «خەلق رايىنى مايىل قىلىش ـ قىلالماسلىق پارتىيەنىڭ ھايات ـ ماماتىغا مۇناسىۋەتلىك» دېگەن ئوخشاش بىر ھەقىقەتنى يورۇتماقتا!

  بىز «خەلق مەنپەئىتى ئۈچۈن ياخشىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرىدىغان، خەلق مەنپەئىتى ئۈچۈن خاتانى تۈزىتىدىغان»لا بولساق، پارتىيەمىزنىڭ ئىشلىرى جەزمەن تېخىمۇ گۈللىنىدۇ، مەڭگۈ راۋاجلىنىدۇ.

  تاغنى يېرىپ يوللار ئاچتى مەردانە، كەڭ جاھانغا تىرەك بولدى بۇ چوققا.

  يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى باشتىن ـ ئاخىر خەلق ئويلىغاننى ئويلاپ، خەلق بىلەن بىللە ئىشلەپ، ئۆزى ئۈستىدە ئۇلۇغ ئىنقىلاب قىلىش ئارقىلىق ئۇلۇغ جەمئىيەت ئىنقىلابىغا يېتەكچىلىك قىلىش، ئۇلۇغ جەمئىيەت ئىنقىلابى ئارقىلىق ئۆزى ئۈستىدە ئۇلۇغ ئىنقىلاب قىلىشنى ئىلگىرى سۈرسىلا، مۇقەررەر ھالدا يۈز مىليونلىغان جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە تېخىمۇ ئۇلۇغ غەلىبە ۋە شان ـ شەرەپنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ.

  (مۇخبىرلار جاڭ شياۋسۇڭ، جۇ جىچەي، دىڭ شياۋشى، خۇاڭ يۆ، گاۋ لېي، سۈن شاۋلۇڭ، جاڭ يەن)

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.