تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى تارىخىي تەجرىبىلەرنى تېخىمۇ ياخشى ئىگىلەش ۋە تەتبىقلاش كېرەك

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ئېلان قىلىنىدۇ

پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى تارىخىي تەجرىبىلەرنى تېخىمۇ ياخشى ئىگىلەش ۋە تەتبىقلاش كېرەك

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى نەشردىن چىقىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 13 - سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىدا قىلغان «پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى تارىخىي تەجرىبىلەرنى تېخىمۇ ياخشى ئىگىلەش ۋە تەتبىقلاش كېرەك» تېمىلىق مۇھىم سۆزى ئېلان قىلىنىدۇ.

سۆزدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نېمە ئۈچۈن قابىل، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نېمە ئۈچۈن ياخشى، بۇ، تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا، ماركسىزمنىڭ يارايدىغانلىقىدىن بولغان. ماركسىزمنىڭ يارايدىغانلىقىدىكى سەۋەب، پارتىيەمىزنىڭ ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتقانلىقى ھەم بۇ ئارقىلىق ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلغانلىقىدا. زامانىمىزدىكى جۇڭگو ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ بۈيۈك ھەم ئۆزگىچە بولغان ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىدۇ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئېغىر بولۇش، زىددىيەت، خەۋپ - خەتەر، خىرىس كۆپ بولۇش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىنىقى زور بولۇش مىسلىسىز، دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان زور ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنىڭ چوڭقۇر ئۆزگىرىشى مىسلىسىز بولۇپ، جىددىي جاۋاب بېرىشكە تېگىشلىك نۇرغۇن نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت تېمىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بىز دەۋر چوڭ يۈزلىنىشىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئالدىنقى سېپىدە باتۇرلۇق بىلەن چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ يۈرەك ساداسىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، رېئال ئېھتىياجغا جاۋاب قايتۇرۇپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، توغرا يولنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ماركسىزمدا چىڭ تۇرۇش بىلەن ماركسىزمنى راۋاجلاندۇرۇشنى تېخىمۇ ياخشى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ماركسىزم «ئوقى» ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى جۇڭگودىن ئىبارەت «نىشان»نى كۆزلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ماركسىزم ئاساسىي قائىدىسىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، ماركسىزمدا تېخىمۇ كۆپ جۇڭگوچە ئالاھىدىلىك، جۇڭگو ئۇسلۇبى، جۇڭگو سالاپىتىنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتۈشىمىز كېرەك.

سۆزدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: جەمئىيەتتىكى ئاساسىي زىددىيەت ۋە مەركىزىي ۋەزىپىنى توغرا ئىگىلەش كېرەك. پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئىلگىرىلەش - ئىلگىرىلىيەلمەسلىكى بىزنىڭ جەمئىيەتتىكى ئاساسىي زىددىيەتنى توغرا تونۇش - تونۇيالماسلىقىمىز ۋە ئىگىلەش - ئىگىلىيەلمەسلىكىمىز، مەركىزىي ۋەزىپىنى بېكىتىش - بېكىتەلمەسلىكىمىزگە باغلىق. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئىلمىي تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، پارتىيەمىز دۆلىتىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسىي زىددىيەتنىڭ خەلقنىڭ كۈندىن - كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجى بىلەن تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتكە ئۆزگەرگەنلىكىنى تونۇپ يەتتى. بۇ، پارتىيە دۆلىتىمىز سوتسىيالىزمىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىۋاتقان يېڭى ئالاھىدىلىككە ئاساسەن چىقارغان مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك ھۆكۈم. بىزدە پۈتۈن ۋەزىيەت قارىشى بولۇشى، ھەرخىل زىددىيەتلەرگە قارىتا كۆڭلىمىزدە ئېنىق سان بولۇشى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاساسلىق زىددىيەت ۋە مەركىزىي ۋەزىپىنى زىچ چۆرىدەپ، ئاساسلىق زىددىيەتنى ۋە زىددىيەتلەرنىڭ ئاساسلىق تەرىپىنى ئالدى بىلەن ھەل قىلىپ، بۇ ئارقىلىق باشقا زىددىيەتلەرنىڭ ھەل قىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز، ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا نۇقتىلىق بۆسۈش ھاسىل قىلىشىمىز، نۇقتىلىق بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئارقىلىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى سەۋىيەسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش كۈرەش نىشانىغا قاراپ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك.

سۆزدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئىستراتېگىيە، تاكتىكا مەسىلىسىگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئىستراتېگىيە مەسىلىسى بىر سىياسىي پارتىيە، بىر دۆلەتنىڭ تۈپ مەسىلىسى. پارتىيەمىز بىر چوڭ پارتىيە، رەھبەرلىك قىلىۋاتقىنىمىز بىر چوڭ دۆلەت، ئېلىپ بېرىۋاتقىنىمىز ئۇلۇغ ئىش، ئىستراتېگىيەلىك خاتالىق سادىر قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. رەھبىرىي كادىرلار ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر قىلىشقا ماھىر بولۇشى، ئىستراتېگىيە نۇقتىسىدىن مەسىلىلەرگە قاراشقا، مەسىلىلەر ئۈستىدە ئويلىنىشقا ماھىر بولۇشى كېرەك. توغرا ئىستراتېگىيە توغرا تاكتىكا ئارقىلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئېھتىياجلىق. تاكتىكا ئىستراتېگىيەنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىستراتېگىيە ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ. ئىستراتېگىيە بىلەن تاكتىكىنىڭ مۇناسىۋىتى دىيالېكتىكىلىق بىرلىكنىڭ مۇناسىۋىتى، ئىستراتېگىيەنىڭ قەتئىيلىكى بىلەن تاكتىكىنىڭ جانلىقلىقىنى بىرلەشتۈرۈش، يۈكسەكلىك يۇقىرى بولۇش، ئىشنى ئەمەلىي قىلىش، ھەم يۆنىلىشنى ئىگىلەش، چوڭ ئىشنى تۇتۇش، يىراقنى كۆزلەش، ھەم خىزمەتنىڭ كىرىش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى دەل جايىدا تۇتۇش، ياخشى تۇتۇش، ھەم چوڭ ھېسابنى، ئومۇمىي ھېسابنى قىلىش ھەم كىچىك ھېسابنى، ئىنچىكە ھېسابنى قىلىش كېرەك. ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار خىزمەت پىكىر يولى، خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى، سىياسەت - تەدبىرلەرنى بېكىتكەندە، ئاڭلىق ھالدا پارتىيەنىڭ نەزەرىيە ۋە لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىگە ئۆلچەم بويىچە توغرىلىنىپ، تەلەپ بويىچە توغرىلىنىپ، ئېغىشنى ۋاقتىدا توغرىلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرلەرنى جەزمەن شەرتسىز ئىجرا قىلىپ، ئېغىپ كەتمەسلىك، ئۆزگىرىپ كەتمەسلىك، قېيىپ كەتمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

سۆزدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيەنىڭ ماركسىزملىق سىياسىي پارتىيەلىك خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلاش كېرەك. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەزەلدىن ھەرقانداق مەنپەئەت گۇرۇھى، ھەرقانداق ھوقۇق كوللېكتىپى، ھەرقانداق ئىمتىياز قاتلىمىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. كىم ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، كىم ئۈچۈن ھوقۇق ئىشلىتىش، كىمنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەشتىن ئىبارەت بۇ تۈپ مەسىلىدە، بىزنىڭ كاللىمىز ئالاھىدە سەگەك بولۇشى، مەيدانىمىز ئالاھىدە مۇستەھكەم بولۇشى كېرەك. پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلارنىڭ ھەممىسى يۈكسەك ئەخلاقنى تونۇپ، ئومۇمىي ئەخلاققا رىئايە قىلىپ، شەخسىي ئەخلاقنى چىڭىتىپ، پاك ئادەم بولۇشى، پاكىز ئىش قىلىشى، ئۆز نەپسىدىن كېچىپ ئومۇم ئۈچۈن ئىشلەپ، ئىقتىسادچىللىق بىلەن ئۆزىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پاك - دۇرۇس بولۇشتەك سىياسىي خىسلەتنى مەڭگۈ ساقلىشى كېرەك. ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشتا، ئاچقۇچلۇقى مەسىلىگە توغرا قارايدىغان ئاڭلىقلىق ۋە پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىدىغان جاسارەت بولۇش كېرەك. تاشقا، تۆمۈرگە ئىز قالدۇرغۇدەك قەيسەرلىك ۋە قەتئىيلىك بىلەن پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىدىن ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىن ئىبارەت بۇ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى، ئۇزاققا سوزۇلىدىغان جەڭنى داۋاملىق ياخشى قىلىش كېرەك.

سۆزدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش ۋە ئۇنى ئۇزاق ئۈنۈملۈك قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىننىڭ قارارىدا پۈتۈن پارتىيە ماتېرىيالىستىك تارىخىي قاراش ۋە توغرا بولغان پارتىيە تارىخى قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىن بىزنىڭ بۇرۇن نېمىشقا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ يېتىپ، كەلگۈسىدە قانداق قىلساق ئۈزلۈكسىز مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدىغانلىقىمىزنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق تېخىمۇ قەتئىي، تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا تېخىمۇ ياخشى چىڭ تۇرۇشىمىز ۋە ئۇنى تېخىمۇ ياخشى راۋاجلاندۇرۇشىمىز كېرەكلىكى تەكىتلەندى. بۇ، 6 - ئومۇمىي يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە، بىز ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى داۋاملىق ياخشى تۇتۇشىمىز كېرەك. پۈتۈن پارتىيەنىڭ پارتىيە تارىخىنى ياخشى ئۆگىنىشى، پارتىيە تارىخىدىن ياخشى پايدىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشتا، بىر قېتىملىق مەركەزلىك ئۆگىنىش تەربىيەسىگىلا تايىنىش كۇپايە قىلمايدۇ، جەزمەن پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى كۈندىلىك تۇرمۇشقا سىڭدۈرۈش، دائىم تۇتۇش كېرەك. پۈتۈن پارتىيە پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تارىخنى ئۆگىنىپ داۋلىنى بىلىش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلارنى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىدىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىپ، پۈتۈن پارتىيەنى قوراللاندۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىدىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى داۋاملىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.