تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قانداق پارتىيە، نېمە ئىش قىلىدۇ دېگەندىن ئىبارەت بۇ تۈپ مەسىلىنى ئەستە چىڭ ساقلاش − يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە ئىچىدە مەركەزلىك ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرغانلىقى توغرىسىدا بايان»

خەلق گېزىتى ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قانداق پارتىيە، نېمە ئىش قىلىدۇ دېگەندىن ئىبارەت بۇ تۈپ مەسىلىنى ئەستە چىڭ ساقلاش − يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە ئىچىدە مەركەزلىك ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرغانلىقى توغرىسىدا بايان»

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 26 - كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان خەلق گېزىتى 6 - ئاينىڭ 27 - كۈنى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قانداق پارتىيە، نېمە ئىش قىلىدۇ دېگەندىن ئىبارەت بۇ تۈپ مەسىلىنى ئەستە چىڭ ساقلاش − يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە ئىچىدە مەركەزلىك ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرغانلىقى توغرىسىدا بايان» ناملىق ئىمزالىق ماقالىنى ئېلان قىلدى.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ئۆگىنىشكە تايىنىپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلدى، شۇنداقلا مۇقەررەر ھالدا ئۆگىنىشكە تايىنىپ كەلگۈسىگە ئاتلىنىدۇ.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسى ئەمەلىيەت پائالىيىتى، «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» مەخسۇس تېما تەربىيەسى، «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش تەربىيەسى، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قاتارلىق بەش قېتىملىق پارتىيە ئىچىدىكى مەركەزلىك ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، قانات يايدۇردى، بۇ تەربىيەلەرنىڭ تەكرارلىنىش دەرىجىسى زىچ، سالمىقى زور، نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، 100 يىللىق پارتىيە تارىخىغا نەزەر سالساقمۇ كۆپ ئۇچرىمايدۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ بىر قاتار مەركەزلىك ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇردۇق، بۇنىڭدىكى مۇھىم مەقسەت پۈتۈن پارتىيەدىكىلەرنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قانداق پارتىيە، نېمە ئىش قىلىدۇ دېگەندىن ئىبارەت بۇ تۈپ مەسىلىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، باشتىن - ئاخىر پارتىيەنىڭ خەلق بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى ساقلاشقا تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەشتىن ئىبارەت».

بۇ تۈپ مەسىلىنى چىڭ كۆزلەپ، يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە، يېڭى خىرىسقا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى بەش قېتىملىق مەركەزلىك ئۆگىنىش تەربىيەسى تومۇرداش بولدى، تەرتىپ بويىچە قانات يايدۇرۇلدى، ھالقىلار بىر - بىرىگە زىچ باغلاندى، قاتلاممۇقاتلام چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى:

− 2013 - يىلى 6 - ئايدىن باشلاپ، خەلقچىل، ئەمەلىيەتچىل، پاك بولۇش ئاساسىي مەزمۇن قىلىنىپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسى ئەمەلىيەت پائالىيىتى يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئىككى تۈركۈمگە بۆلۈپ قانات يايدۇرۇلدى؛

− 2015 - يىلىدىن باشلاپ، «تەربىيەلىنىشتە تەلەپچان بولۇش، ھوقۇق يۈرگۈزۈشتە تەلەپچان بولۇش، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇش، ئىش قىلىشتا راستچىل بولۇش، نەتىجە يارىتىشتا راستچىل بولۇش، ئادەم بولۇشتا راستچىل بولۇش» تەلىپى چۆرىدىلىپ، «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» مەخسۇس تېما تەربىيەسى ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلار ئارىسىدا قانات يايدۇرۇلۇپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ كېڭىيىشى، چوڭقۇرلىشىشىغا تۈرتكە بولدى؛

− 2016 - يىلىدىن باشلاپ، «پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسىنى ئۆگىنىش، يۈرۈشلۈك سۆزنى ئۆگىنىش، لاياقەتلىك پارتىيە ئەزاسى بولۇش» ئۆگىنىش تەربىيەسى بارلىق پارتىيە ئەزالىرى ئارىسىدا قانات يايدۇرۇلدى، پارتىيە ئىچىدىكى تەربىيە «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار»دىن كەڭ پارتىيە ئەزالىرىغا كېڭەيتىلدى، مەركەزلىك تەربىيەدىن دائىملىق تەربىيەگە ئۇزارتىلدى؛

− 2019 - يىلى 5 - ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىش، پەرقنى تېپىپ چىقىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش» ئومۇمىي تەلەپ قىلىنىپ، ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلار مۇھىم نۇقتا قىلىنىپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى پۈتۈن پارتىيەدە قانات يايدۇرۇلدى؛

− 2021 - يىلىدىن باشلاپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى پۈتۈن پارتىيەدە قانات يايدۇرۇلۇپ، تارىخنى ئۆگىنىپ داۋلىنى بىلىش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش تەلەپ قىلىنىپ، پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا تەربىيەلەندى، يېتەكلەندى.

بەش قېتىملىق مەركەزلىك ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ ھەر قېتىملىقى نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنىڭ مۇھىم دەرسخانىسى، ھەر قېتىملىقى ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى، ھەر قېتىملىقى قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەيدىغان جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش بۇرغىسى.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئەسلىي مەقسەت ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم، ئېتىقاد تاغدەك مۇستەھكەم. پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىن ئىبارەت بۇ ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرىنى چوڭقۇر ئۆگەندى، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئۆگىنىش قىزغىن دولقۇنىدا ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر سىياسىي تەربىيە، ئىدىيەۋى تاۋلىنىش، روھىي جەھەتتە چېنىقىشنى قوبۇل قىلدى، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈردى، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتتى، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتتى، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇردى، پۈتۈن پارتىيەدىكىلەر باشتىن - ئاخىر بىرلىككە كەلگەن ئىدىيە، مۇستەھكەم ئىرادە، ماسلاشقان ھەرىكەت، قۇدرەتلىك جەڭگىۋارلىقنى ساقلاپ، «بىر پارچە قاتتىق پولات»تەك ئۇيۇشۇپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ زور تەرەققىياتى، زور ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولدى.

ماقالە تۆت قىسىمغا بۆلۈنگەن: نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىش − «پارتىيەنىڭ ھەر قېتىملىق مەركەزلىك تەربىيە پائالىيىتىنىڭ ھەممىسىدە ئىدىيەۋى تەربىيە باشلامچى قىلىنىپ، ئۆگىنىش چوڭقۇر بولماسلىق، ئىدىيەدە بىرلىككە كەلمەسلىك، ھەرىكەتتە يېتىشەلمەسلىك مەسىلىسى كۈچەپ ھەل قىلىندى، ھەم ئۈزلۈكسىز كۈچەپ، ھەم مەركەزلىك كۈچەپ، پۈتۈن پارتىيەدىكىلەرنىڭ ئىدىيەدە بىرلىككە كېلىشى، سىياسىيدا ئىتتىپاقلىشىشى، ھەرىكەتتە بىردەك بولۇشىغا تۈرتكە بولۇندى»؛ سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈش − «بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە مەركەزلىك بىرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش پارتىيەنىڭ جېنى، شۇنداقلا پارتىيەمىزنىڭ 100 يىللىق چوڭ پارتىيەگە ئايلىنىپ، ئەسىر ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ۋۇجۇدقا چىقىرالىشىنىڭ ئاچقۇچى»؛ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش − «يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ مەيدان ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلابنى ياخشى قىلىش ئۈچۈن، پارتىيەمىز جەزمەن باتۇرلۇق بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىپ، پارتىيەنى تېخىمۇ مۇستەھكەم، كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىشى كېرەك»؛ ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى مەڭگۈ ساقلاش − «باشتىن - ئاخىر شۇنى ئەستە چىڭ ساقلىشىمىز كېرەككى، بىزنىڭ پاراخوتىمىز خەلق ئاممىسىنىڭ بىپايان دېڭىزىدا كېتىۋاتىدۇ، كېمىنى كۆتۈرىدىغىنىمۇ سۇ، چۆكتۈرىدىغىنىمۇ سۇ، خەلق رايىدىن مەڭگۈ ئايرىلىپ قالماسلىقىمىز كېرەك».

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پارتىيەمىز مىسلىسىز تارىخىي تەشەببۇسكارلىق روھى، تارىخىي ئىجادىيەت روھىنى ئۇرغۇتۇپ، خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو تەرەققىياتىنىڭ ئۇلۇغ تارىخىنى تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن پۈتمەكتە. بىز باشتىن - ئاخىر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قانداق پارتىيە، نېمە ئىش قىلىدۇ دېگەندىن ئىبارەت بۇ تۈپ مەسىلىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، باشتىن - ئاخىر پارتىيەنىڭ خەلق بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۆتمۈشتىكى ئازاب - ئوقۇبەت ۋە شانلىق نەتىجىلەرنى ئۇنتۇپ قالماي، ھازىرقى بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەتكە مۇناسىپ ئىش قىلىپ، كەلگۈسى ئۇلۇغ ئارزۇغا يۈز كېلەلىسەكلا، ئىشلىرىمىز چوقۇم بارغانسېرى زورىيىدۇ، يولىمىز چوقۇم بارغانسېرى كېڭىيىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.