تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

«جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، پارلاق ئىستىقبال يارىتىش − باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگونىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلغانلىقى توغرىسىدا بايان»

شىنخۇا ئاگېنتلىقى چوڭ ھەجىملىك بايان ماقالىسى تارقاتتى

«جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، پارلاق ئىستىقبال يارىتىش − باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگونىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلغانلىقى توغرىسىدا بايان»

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 16 - كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان شىنخۇا ئاگېنتلىقى 6 - ئاينىڭ 16 - كۈنى «جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، پارلاق ئىستىقبال يارىتىش − باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگونىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلغانلىقى توغرىسىدا بايان» ناملىق چوڭ ھەجىملىك بايان ماقالىسىنى تارقاتتى.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى بىلەن ئۇكرائىنا كىرىزىسى خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۇھىتىنىڭ مۇرەككەپلىكى، كەسكىنلىكى، ئېنىقسىزلىقى ئاشتى.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى ئومۇمىي ۋەزىيىتى، ئومۇمىي يۈزلىنىشىنى چوڭقۇر كۆزىتىپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھالدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مۇقىملىقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو ئىقتىسادىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ پاراخوتنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىنى بويلاپ دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلەشكە، پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشقا يېتەكلىدى.

خۇددى باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسەتكەندەك، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىدا بەزىدە، بەزى ئىشلاردا داۋالغۇش بولىدۇ، لېكىن يىراق كەلگۈسىدىن قارىغاندا، شەرق شامىلى يەنىلا ھەيۋەتلىك بولىدۇ. «جۇڭگو ئىقتىسادى ئۇزاققىچە ياخشى بولۇشتىن ئىبارەت پارلاق ئىستىقبالغا ئىگە»!

ماقالە ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنگەن: «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەرەققىياتنى بىخەتەر قىلىش كېرەك، بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئېنىق تەلىپى»؛ «ئىرادىنى ساقلاپ، ئىشەنچنى كۈچەيتىپ، زېھىن ۋە كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆز ئىشىمىزنى ياخشى قىلىش بىزنىڭ تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشىمىزدىكى ئاچقۇچ»؛ «قانداق قىيىنچىلىققا يولۇقۇشتىن قەتئىينەزەر، بىز خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك».

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: بۇ يىلقى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ «بەش مۇقەررەر يول»دىن ئىبارەت مۇھىم، زور ھۆكۈمنى چىقىرىش بىلەن بىللە، دۆلىتىمىز تەرەققىياتىدا ھېلىھەم بار بولغان «بەش ئىستراتېگىيەلىك پايدىلىق شارائىت»نى ئوتتۇرىغا قويدى ھەم ئىزاھلىدى −

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى بار» «جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ روشەن ئەۋزەللىكى بار» «سىجىل، تېز تەرەققىيات داۋامىدا توپلانغان پۇختا ئاساس بار» «ئۇزاققىچە مۇقىم بولغان جەمئىيەت مۇھىتى بار» «ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزىدىغان مەنىۋى كۈچ بار».

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېڭى مۇساپىدە، يۈز مىليونلىغان جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، «پايدىلىق شارائىت»تىن ياخشى پايدىلىنىپ، «مۇقەررەر يول»دا ياخشى مېڭىپ، دولقۇن يېرىپ ئېلىشىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىسە، مۇقەررەر ھالدا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئەكسىگە قايتۇرۇشقا بولمايدىغان تارىخىي مۇساپىدە يېڭى تەرەققىيات مۆجىزىلىرىنى يارىتالايدۇ!

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.