تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

​«سەلتەنەتلىك تارىخىي داستان مەنىۋى ساراي − جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى كۆرگەزمىسى توغرىسىدا خاتىرە»

شىنخۇا ئاگېنتلىقى تەپسىلىي خەۋەر تارقاتتى​

«سەلتەنەتلىك تارىخىي داستان   مەنىۋى ساراي − جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى كۆرگەزمىسى توغرىسىدا خاتىرە»

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 19 - كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان شىنخۇا ئاگېنتلىقى 6 - ئاينىڭ 19 - كۈنى «سەلتەنەتلىك تارىخىي داستان مەنىۋى ساراي − جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى كۆرگەزمىسى توغرىسىدا خاتىرە» ناملىق تەپسىلىي خەۋەر تارقاتتى.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: پايتەخت بېيجىڭدا، ئوتتۇرا ئوق لىنىيەسىنىڭ شىمالغا سوزۇلغان لىنىيەسىنىڭ شەرق تەرىپىدە بىر كۆركەم، ھەيۋەتلىك ۋە سەلتەنەتلىك بەلگە خاراكتېرلىك ئىمارەت قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى كۆرگەزمە سارىيى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بۇ مەڭگۈلۈك، ئۇنىۋېرسال پارتىيە تارىخى كۆرگەزمە سارىيى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قاينام - تاشقىنلىققا تولغان 100 يىللىق تارىخىنى تۇنجى قېتىم ھەر تەرەپلىمە، پۈتۈن جەريانلىق، پۈتۈن كۆرۈنۈشلۈك ھالدا تارىخىي داستاندەك نامايان قىلىپ، پارتىيەنىڭ بوشاشماي كۈرەش قىلىش تارىخى، قۇربان بولۇشتىن قورقماسلىق تارىخى، نەزەرىيەدە ئىزدىنىش تارىخى، خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىش تارىخى، ئۆز قۇرۇلۇشى تارىخىنى مول مەزمۇنلۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈرەش تارىخىنى نامايان قىلىپ بېرىدىغان مەنىۋى سارايغا ئايلاندى.

ماقالە ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنگەن: ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىش − يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى كۆرگەزمە سارىيىنى قۇرۇش، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈشتىن ئىبارەت مۇھىم، زور تەدبىرنى چىقاردى؛ مىڭ يىلنى جۇلالاندۇرۇش − پارتىيەنىڭ 100 يىللىق شانلىق نۇرىنى پۈتۈن كۆرۈنۈشلىك تارىخىي داستاندەك ئەكس ئەتتۈردى؛ قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش − كادىرلار، ئاممىنى پارتىيەنىڭ كۈرەش تارىخىدىن ئېتىقاد ئاساسىنى مۇستەھكەملەشكە يېتەكلىدى.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: قىزىل ساراي جۇلالىنىپ، ئۇلۇغ مۇساپىگە چاقىرىق قىلماقتا، ئىلھاملاندۇرماقتا. «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى كۆرگەزمىسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ بىردەك ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. كۆرۈرمەنلەر مۇنداق قارىدى: كۆرگەزمە ھەيۋەتلىك بولۇپ، تومۇرى تۇتاشتۇرۇلغان، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما قىلىنىپ، پارتىيەمىزنىڭ خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، 100 يىل كۈرەش قىلىش داۋامىدا ئاچقان ئۇلۇغ يول، ياراتقان ئۇلۇغ تۆھپىسى، تاۋلىغان ئۇلۇغ روھى، توپلىغان قىممەتلىك تەجرىبىلىرى گەۋدىلىك ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، كىشىلەرگە قىزىل ھاكىمىيەتنىڭ تەستە قولغا كەلگەنلىكى، يېڭى جۇڭگونىڭ تەستە قولغا كەلگەنلىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تەستە قولغا كەلگەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇتتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نېمە ئۈچۈن قابىل ئىكەنلىكى، ماركسىزمنىڭ نېمە ئۈچۈن يارايدىغانلىقى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ نېمە ئۈچۈن ياخشى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇتتى. كۆپچىلىك كۆرگەزمە سارىيىدا تارىخنى ھېس قىلىپ، كەلگۈسىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرەش قىلىش تارىخىدىن قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، قىزىل قان تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردە تۆھپە قوشۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.