تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى تېخىمۇ مۇستەھكەم، كۈچلۈك بولدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ

ئاساسىي قاتلام گۈللەنسە شىنجاڭ گۈللىنىدۇ، ئاساسىي قاتلام مۇقىم بولسا شىنجاڭ مۇقىم بولىدۇ.

2014 ـ يىلى 4 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى، شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈۋاتقان باش شۇجى شى جىنپىڭ كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ توققۇزاق بازىرى ئاياغمەنگەن كەنتىگە كېلىپ كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى، كەنت دەرىجىلىك تەشكىلاتلارنىڭ خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ۋە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ خىزمەت ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. «بىزدە مۇستەھكەم ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيىتى بولۇشى كېرەك.» باش شۇجى ئەتراپىدىكى كادىرلارغا كادىرلارنى ياخشى تەربىيەلەپ، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنى ياخشى قۇرۇپ چىقىشنى تاپىلىدى.

سەككىز يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سەمىمىي تاپشۇرۇقنى باشتىن ـ ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدىكى 90 مىڭدىن ئارتۇق ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى يېتەكلەپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ، مۇستەھكەم كادىرلار قوشۇنى، پۇختا ئاساسىي قاتلام تەشكىلات سىستېمىسى، ئەسقاتىدىغان ئامما خىزمىتى مېخانىزمىنى كۈچەپ بەرپا قىلدى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئىنقىلابىي تاۋلىنىش داۋامىدا تېخىمۇ مۇستەھكەم، كۈچلۈك بولدى، پارتىيە بايرىقى ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئېگىز جەۋلان قىلدى.

ئاساس كۈچەيتىلىپ، روھ تاۋلاندى، تەشكىللەش ئىقتىدارى، ئۇيۇشتۇرۇش كۈچى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلدى

قىزىلگۈل كۆچىتى تىكىلىپ، قىزىل ساياھەتچىلىك راۋاجلاندۇرۇلۇپ، خاس باغ ـ ئورمان قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتى ئالغا سىلجىتىلدى... ئەتىياز كىرگەندىن كېيىن، ئاياغمەنگەن كەنتىدىكى كەنت كادىرلىرى ئۆز ۋەزىپىسىگە مەسئۇل بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرى ئىجتىھات بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، كادىرلار، ئامما بىر نىيەتتە «باھارنىڭ مۇقەددىمە مېلودىيەسى»نى ياڭراتتى.

«كەنتتىكى چوڭ ـ كىچىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە كەنت <ئىككى كومىتېت> بەنزىسى ۋە <ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش> بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى باشلامچىلىق بىلەن ئىشلىدى، مەسىلىلەرنى ياردەملىشىپ ھەل قىلدى، كەنت پارتىيە ياچېيكىسى بىزنىڭ تايانچىمىز.» 4 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى، 86 ياشلىق يۈسۈپ ئابدۇللا سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: «ھازىر كەنتىمىز باغچىغا ئوخشايدۇ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى يىلمۇيىل ئاشتى، كۈنلىرىمىز ھەسەلدىنمۇ شېرىن. باش شۇجىغا رەھمەت، كوممۇنىستىك پارتىيەگە رەھمەت!».

مۇستەھكەم، كۈچلۈك جەڭگىۋار قورغان بەرپا قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى(مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ ئاياغمەنگەن كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى سەككىز يىلدىن بۇيان پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەم قىلدى، يۆلىدى. بۇ كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى مەمەتتۇرسۇن ئابدۇراخمان چوڭقۇر ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت <ئىككى كومىتېت> بەنزىسى بىرلىكتە ئۆگىنىپ، پىكىر يولىنى ئېچىپ، پۈتۈن كەنتنىڭ تەرەققىياتىنى پىلانلاپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنى ياخشىلاپ، كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشنى ياخشى تۇتۇپ، ئىلگىرى ھەل قىلىنمىغان نۇرغۇن قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى».

بۇ جەرياندا، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئوبرازى تىكلەندى، قوشۇن قۇرۇلمىسى سىجىل ئەلالاشتى، ئىقتىدارى، ساپاسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى. بۇلتۇر نۆۋەت ئالماشتۇرۇلغاندىن كېيىن، كەنت «ئىككى كومىتېت» بەنزىسىدىكى 11 ئەزانىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 30 ياشتىن تۆۋەن بولدى. كۆپىنچىسى داشۆنى پۈتكۈزگەنلەر بولۇپ، پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنى ئۈزلۈكسىز زورايدى، كەنت پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى، مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، 2021 ـ يىلى كەنت كوللېكتىپ كىرىمى 1 مىليون يۈەندىن ئاشتى.

«كېيىنكى قەدەمدە كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنى كۈچەيتىشكە ياردەم بېرىشكە سىجىل كۈچەپ، كەنتتىكى پارتىيە ئەزالىرى، ئاممىنى تەشكىللەپ، بېيىش كەسىپلىرىنى ئورتاق تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئاممىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى يەنىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرىمىز» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ ئاياغمەنگەن كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 ـ شۇجى يەن شياڭدۇڭ تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن.

سەككىز يىلدىن بۇيان، باش شۇجى كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى باش ئورۇنغا قويۇپ، ئاساسىي قاتلامنى چىڭ تۇتۇش يۆنىلىشىنى تۇرغۇزۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرىلىشىنى، ئومۇميۈزلۈك قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان بولۇشىنى ئالغا سىلجىتتى.

− ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسىي ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قاتارلىق پارتىيە ئىچىدىكى مەركەزلىك تەربىيەلەشتە پارتىيەۋىلىكنى تاۋلاپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.

− دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتتى. شۇجىنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇش خىزمىتىدىن بەرگەن مەلۇماتىنى باھالاشنى ئۇدا سەككىز يىل قانات يايدۇرۇپ، «شۇجى تۇتۇش، شۇجىنى تۇتۇش»، ھەقىقىي باشقۇرۇش، ھەقىقىي قاتتىق بولۇش، ئۇزاققىچە باشقۇرۇش، ئۇزاققىچە قاتتىق بولۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇردى.

− پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى سىستېمىسىنى پۇختا ئۇزارتتى. پارتىيە تەشكىلاتىنى كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى، ھويلا، كوچا، بىنالاردا قۇرۇپ، چەت، يىراق چارۋىچىلىق رايونى، تاغلىق رايون، كان رايونى قاتارلىقلاردا قۇرۇپ، تەشكىلىي ئانتېنناسىنى يەنىمۇ ئۇزارتتى.

− «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈردى، مۇكەممەللەشتۈردى. كەنتتە تۇرۇشلۇق تۈركۈم ـ تۈركۈم كادىرلار ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنى كۈچەيتىش، يېزا ـ كەنت كەسىپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلق تۇرمۇشى تۈرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش داۋامىدا، ئەڭ زور دەرىجىدە خەلق رايىنى قولغا كەلتۈرۈپ، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملىدى.

بىر ياچېيكا بىر ياچېيكىدىن دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، بىر بازا بىر بازىدىن مۇستەھكەملىدى. پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە ياچېيكىسىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى چىڭىتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.

قوشۇن كۈچەيتىلدى

چوڭ جەڭ، چوڭ سىناقتا ھەقىقىي ئالتۇن تاۋلاندى

دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا ئادەم ئىشلىتىش ئەڭ مۇھىم.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، توغرا بولغان ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىدە باشتىن ـ ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، مۇستەھكەم، كۈچلۈك ئاساسىي قاتلام كادىرلار قوشۇنىنى كۈچەپ بەرپا قىلدى. قابىلىيەتلىكلەرنى بىرىنچى سەپكە ئەۋەتىپ، سەر خىل كۈچنى ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈردى، نەچچە ئونمىڭ مۇنەۋۋەر كادىر كەنت (مەھەللە) پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ 1 ـ شۇجىسى، كەنت پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ شۇجىسى بولدى، «باشلامچى» كۈچىيىپ، بەنزە ئەزالىرىنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشىغا تۈرتكە بولدى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايون ھەر يىلى يېزا ـ بازار(كوچا باشقارمىسى)لىق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتتىكى باش ۋەزىپىدىكىلەرنى، كەنت(مەھەللە)لەردىكى تايانچلارنى ئۈلگە كۆرسىتىش بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەر، شەھەر ـ ناھىيە، يېزا پارتىيە مەكتەپلىرى، تەربىيەلەش بازىسى قاتارلىقلارغا تايىنىپ ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى 3 مىليون ئادەم قېتىم نۆۋەتلەشتۈرۈپ تەربىيەلەشنى تولۇق قاپلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈردى.

مەرد مەيداندا سىنىلار، ساپ ئالتۇن ئوتتا تاۋلىنار. ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار چوڭ جەڭ، چوڭ سىناقتا مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلىپ، پولاتتەك تاۋلاندى.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش −

2020 ـ يىلى 7 ـ ئايدا، ئۈرۈمچىدە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەردى، پۈتۈن شەھەردىكى 9000دىن ئارتۇق پارتىيە تەشكىلاتى بۇيرۇقنى ئاڭلىغان ھامان ھەرىكەتكە كەلدى، 140 مىڭدىن ئارتۇق كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئۆلۈمگە ئامال، ئاغرىققا سەۋەب قىلىش بازىسىدا ئاتاكىغا ئۆتۈپ، مەھەللە ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشكە كۈچ قوشۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشنىڭ مۇستەھكەم مۇداپىئە سېپىنى بەرپا قىلدى.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش −

پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار پۈتۈن كۈچ بىلەن جەڭگە ئاتلىنىپ، نامرات ئامما ئويلىغاننى تەڭ ئويلاپ، ئۇلار بىلەن بىللە ئۆتۈپ، بىللە ئىشلەپ، «قورغاننى ئالمىغۇچە قايتماسلىق»تەك كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسى بىلەن، ئاممىنى ئەڭ ئېغىر نامراتلىققا، ئەڭ قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشقا يېتەكلىدى، 2020 ـ يىلى 11 ـ ئايدا، شىنجاڭنىڭ مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسى تارىخىي خاراكتېرلىك ھەل قىلىندى.

ئۇدا كۈرەش قىلىش داۋامىدا يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش −

«بۇ يىل 3 ـ ئايدا، كەنت پارتىيە ياچېيكىسى باش بولۇپ چارۋىچىلىق، باقمىچىلىق دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇردى، 29 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسى قاتناشتى. كېيىنكى قەدەمدە، بىز جىغان قاتارلىق تۈرلۈك بايلىقلارنى بىرلەشتۈرۈپ، ئەلا سۈپەتلىك سورتلارنى يېتىشتۈرۈپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىمىز» دېدى چىڭگىل ناھىيەسى ئاقدالا بازىرى ئاقدالا كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى مەدىنە ۋاھىت. پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇپ يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش «مۇسابىقىسى»گە قاتنىشىش، مال تونۇشتۇرۇپ سېتىش رىياسەتچىسى بولۇپ، يۇرتىنىڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرۇش... كەڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار پىكىر يولىنى ئۈزلۈكسىز ئېچىپ، شەكىلدە يېڭىلىق يارىتىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى قوزغىتىشتىكى «باھار سۈيى»گە ئايلاندى.

سەككىز يىلدىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى تەشكىلىي ھاياتىي كۈچىنى تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىگە ئايلاندۇردى، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئەۋزەللىكىنى تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇردى، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق خىزمەتلىرىدە ئېغىر يۈكنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى مەركىزىي خىزمەت بىلەن ئوخشاش يۆنىلىشتە كۈچەش، ماس قەدەملىك ئىلگىرىلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ شىنجاڭدا ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

مۇلازىمەت ئەلالاشتۇرۇلدى

ئامما باش قاتۇرۇۋاتقان ئىشلار ياخشى ھەل قىلىندى

جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش جەھەتتە چىن ھېسسىيات بىلەن ئىشلىدى، ئاممىغا تەشۋىق قىلىش، تەربىيە بېرىش جەھەتتە كۆڭۈل قويۇپ ئىشلىدى، ئاممىنى تەشكىللەش، ئۇيۇشتۇرۇش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلدى، كەڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە ئامما بىلەن ئالاقە باغلايدىغان كۆۋرۈك ۋە رىشتىگە ئايلاندى.

بورتالا شەھىرىنىڭ چىندېل كوچا باشقارمىسى شۇشياڭ مەھەللىسى مېيجۈيۈەن ئولتۇراق رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق قارىغۇچىسى يوق ياشانغانلار ئەگەر سىرتقا چىقىپ كېسەل كۆرسەتمەكچى، تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى سېتىۋالماقچى بولسا، ئولتۇراق رايون ئاھالىلەر ۋىيشىن توپىدا گەپ قالدۇرسىلا، مەھەللە كادىرلىرى ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ مۇلازىمەت قىلىدۇ.

«ئاھالىلەر ئىنكاس قىلغان ئىش ۋە يولۇققان قىيىنچىلىق بولسىلا، مەھەللە پارتىيە باش ياچېيكىسى تىزىملىك تۇرغۇزۇپ تۈرمۇتۈر ھەل قىلىدۇ.» شۇشياڭ مەھەللىسى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى چېن لىپىڭ مۇنداق دېدى: بۇلتۇردىن بۇيان، مەھەللىمىز ئاھالىلەر ئومۇميۈزلۈك ئىنكاس قىلغان ئاپتوموبىل توختىتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش تىزىملىكىگە كىرگۈزدى. خوجىلىق شىركىتى قاتارلىق كۆپ تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشىش ئارقىلىق، يېڭىدىن 300دىن ئارتۇق ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىنى بەلگىلەپ، ئاھالىلەرنىڭ ئاپتوموبىل توختىتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.

بۈگۈر ناھىيەسى چۇمپاق بازىرى نورچوققا كەنتىنىڭ مەدەنىيەت چوڭ ھويلىسىدا، دېھقان پارتىيە ئەزالىرى، ئىلغار تىپلاردىن تەشكىللەنگەن «ئانار دانىسى» لېكسىيە سۆزلەش ئەترىتى دائىم پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ، «ئەدەبىيات ـ سەنئەت + لېكسىيە سۆزلەش» شەكلى ئارقىلىق، پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزدى.

...

سەككىز يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئاممىنىڭ ئامانلىقى ۋە ھال ـ ئەھۋالىنى قەلبىگە پۈكۈپ، ئامما غەم قىلىۋاتقان ئىشلار، باش قاتۇرۇۋاتقان ئىشلار، ئەندىشە قىلىۋاتقان ئىشلارنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ھەل قىلىپ، ئاممىنىڭ چىن كۆڭلىدىن ھىمايە قىلىشىغا ئېرىشتى.

ئاممىنىڭ ئېھتىياجى قەيەردە بولسا، ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىدا يېڭىلىق يارىتىش ئەمەلىيىتى شۇ جايغىچە ئالغا سىلجىتىلدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئامما ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، پارتىيە تەشكىلاتى رەھبەرلىكىدىكى ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلدى.

جىڭ ناھىيەسىنىڭ خۇڭشىڭ كوچىسى سەيخۇڭ مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسى «مەھەللە پارتىيە تەشكىلاتى+خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىسى+مۈلۈك ئىگىلىرى ۋەكىلى» شەكلى بويىچە، ئولتۇراق رايون پارتىيە تەشكىلاتى رەھبەرلىكىدىكى مۈلۈك ئىگىلىرى كومىتېتى، خوجىلىق مۇلازىمەت شىركىتى بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىدىغان ئىدارە قىلىش سىستېمىسى شەكىللەندۈرۈپ، تۈرلۈك مەسىلىلەرنى تېز سۈرئەتتە ھەل قىلدى. سانجى شەھىرى «كوچا باشقارمىسى تالون يوللاش، تارماقلار تالون قوبۇل قىلىش» خىزمەت مېخانىزمىنى كېڭەيتىپ، كوچا باشقارمىسى «كۆرسىمۇ باشقۇرالمايدىغان»، تارماقلار «باشقۇرالىسىمۇ كۆرەلمەيدىغان» ئىدارە قىلىشتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، ئاممىنىڭ بەخت تۇيغۇسىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇردى.

كۈچلۈك شامال يەلكەنلىك كېمىنى توختاۋسىز ئالغا ئىلگىرىلەتتى، يۇقىرى پەللە، يېڭى مۇساپىگە يەنە ئاتلاندى. يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تېخىمۇ غەيرەت بىلەن، تېخىمۇ كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن، تېخىمۇ ئەمەلىي ئىستىل بىلەن تىرىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تېخىمۇ قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملەپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.