تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قۇتقۇزۇش - داۋالاشنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئاتاكىغا ئۆتكەن ئاق خالاتلىق پەرىشتە

− مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى گەرجەستەبانۇم ئابدۇرېشىت توغرىسىدا

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى بارشا تېگېس

6 - ئاينىڭ 28 - كۈنى كەچقۇرۇن، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق شىنخۇا دوختۇرخانىسىنىڭ جىددىي داۋالاش بۆلۈمىدىكىلەر جىددىي ھەم ئالدىراش بولۇپ كەتكەنىدى.

«دورىنى قەيەردىن ئالىمىز؟ خىمىيەلىك ئانالىز نەتىجىسىنى قەيەرگە ئاپىرىپ بېرىمىز؟ ھەقنى قانداق تاپشۇرىمىز؟» شۇ كۈنى كېچىلىك ئىسمېنىدىن باشلاپ، جىددىي داۋالاش بۆلۈمىنىڭ سېستراسى گەرجەستەبانۇم ئابدۇرېشىت ھەر ۋاقىت پۈتۈن زېھنى بىلەن ئىشلەشتەك خىزمەت ھالىتىنى ساقلاپ كەلدى، بېرىپ - كېلىپ دورا يەتكۈزۈش، ئاغرىقلارنى پەرۋىش قىلىش جەريانىدا ئاغرىقلار ھەم ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ ھەرخىل سوئاللىرىغا زېرىكمەستىن جاۋاب بەردى.

«ھەر كۈنلۈك خىزمىتىم خۇددى ئۇرۇش قىلغانغا ئوخشايدۇ، ئاغرىقنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىدا ناھايىتى تېز ئۆزگىرىش بولىدۇ، ئائىلە تەۋەلىرى <سېسترا> دەپ چاقىرغان ھامان، دەرھال بېرىپ قانداق ئەھۋال بارلىقىنى كۆرۈپ بېقىشىمغا توغرا كېلىدۇ» دېدى گەرجەستەبانۇم. پەرۋىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىغا كۆپ يىل بولغان گەرجەستەبانۇمنىڭ ھەر كۈنى ئىشقا چىققاندا نېرۋىسى بەك جىددىيلىشىدۇ، ئىشتىن چۈشمىگىچە جىددىيلىكى پەسەيمەيدۇ.

2018 - يىلى، گەرجەستەبانۇم جەنۇب تېببىي داشۆسىنىڭ پەرۋىش كەسپىنى پۈتكۈزدى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىدە، ئۇنىڭ ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغاچقا، مەملىكەت بويىچە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئىلغار شەخس، مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى بولۇپ باھالاندى.

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى كۆرۈلگەندىن كېيىن، شىنخۇا دوختۇرخانىسى ئىلى ئوبلاستلىق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى بويىچە نۇقتىلىق قۇتقۇزۇش - داۋالاش دوختۇرخانىسى قىلىپ بېكىتىلدى. دوختۇرخانا پارتىيە كومىتېتى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قۇتقۇزۇش - داۋالاش قوشۇنى تەشكىللىگەندە، گەرجەستەبانۇم تەشەببۇسكارلىق بىلەن جەڭگە چىقىشنى ئىلتىماس قىلىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بىرىنچى سېپىگە بېرىشنى تەلەپ قىلدى. ئۇ ئىلى ئوبلاستلىق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان كېسەللىكلەر رايونى 1 - پەلەمپەيسىمان ئەترىتىنىڭ سېستراسى بولدى.

1 - پەلەمپەيسىمان ئەترەتتىكى دوختۇر - سېسترالار بىردەممۇ ئارام ئالماي، دەرھال كېسەللىكلەر رايونىنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇشقا قاتناشتى، گەرجەستەبانۇم دوختۇرخانىدا يۇقۇملىنىپ قېلىش، مۇداپىئە قىلىش، ئايرىش كىيىمىنى كىيىش - سېلىش قاتارلىقلار بويىچە تۈرلۈك تەربىيەلىنىشكە قاتنىشىش ئارقىلىق، يېڭىدىن ئۆزگەرتىپ قۇرۇلغان كېسەللىكلەر رايونىنىڭ ھەرقايسى يوللىرىنىڭ كىرىش - چىقىش تەرتىپى، داۋالاش ئەخلەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش، جىددىي قۇتقۇزۇش ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتىش ئەھۋالى بىلەن تېزدىن تونۇشتى. كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە ماددىي ئەشيا تەييارلىدى، تازىلىق قىلدى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى يۆتكىدى، بەلگە چاپلىدى، تۈرلۈك ماددىي ئەشيالارنى رەتلەپ تىزدى، كىرلىكلەرنى رەتلىدى...

يۇقۇم مەزگىلىدە، بۆلۈمدە ۋەزىپە ئېغىر، خادىم ئاز بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر ئالدىدا، گەرجەستەبانۇم يەنە بىرىنچى سەپتە نۆۋەتچىلىك قىلىشقا پائال قاتنىشىپ، ئايرىش كېسەلخانىسىدا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان كۆپلىگەن ئاغرىقنى پەرۋىش قىلىش ۋەزىپىسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستىگە ئالدى. مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرىنى تېجەش ئۈچۈن، كېسەللىكلەر رايونىغا كىرىپ پەرۋىش قىلىش جەريانىدا، ئۇ ئەزەلدىن سۇ ئىچمىدى، بىر نەرسە يېمىدى. دائىم تاڭ ئاتقۇچە خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇردى، ئەسلىدىلا قان ئازلىق كېسىلى بولغاچقا، چىرايى بىرنەچچە قېتىم تاتىرىپ كەتتى، ئەتراپىدىكى خىزمەتداشلىرى ئۇنى بىردەم ئارام ئېلىۋېلىشقا دەۋەت قىلغاندا، ئۇ ھەمىشە قەتئىيلىك بىلەن: «ھېچقىسى يوق، مەن بەرداشلىق بېرەلەيمەن!» دەيتتى.

دوختۇرخانىغا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان تۇنجى ئاغرىق يۆتكەپ كېلىنگەندە، «جەڭ كىيىمى» كىيگەن، تۇنجى بولۇپ ئايرىش كېسەلخانىسىغا كىرگەن گەرجەستەبانۇمنىڭ كەيپىياتى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولدى. پاكىز رايوندىن يېرىم بۇلغانغان رايونغىچە، يەنە بۇلغانغان رايونغىچە، بۇلغانغان رايونغا قەدەم ئالغان ئاشۇ پەيتتە ئۇ ئۆزىگە: «مەن بىر تېببىي خىزمەتچى، ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش مېنىڭ بۇرچۇم، تېخىمۇ مۇھىمى مەن بىر پارتىيە ئەزاسى، بۇ كېسەللىكلەر رايونىنىڭ بايرىقى بولۇشۇم كېرەك» دېدى.

ئاغرىقلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، يېڭى سېسترالار قۇتقۇزۇش - داۋالاش قوشۇنىغا ئۈزلۈكسىز قوشۇلدى. گەرجەستەبانۇم دەم ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن 2 -، 3 - پەلەمپەيسىمان ئەترەتتىكى سېسترالارنى تەربىيەلەپ، بىر - بىرلەپ ئۈلگە كۆرسىتىپ، بىر - بىرلەپ تاپىلاپ، ئۆزىنىڭ تەجرىبىلىرىنى «سەپداشلىرى»غا بىرنىمۇ قالدۇرماي ئۆگەتتى.

ئۇ ئىلگىرى باشقىلارغا ھاۋالە قىلىش ئارقىلىق 11 ياشلىق كىچىك ئاغرىق ئۈچۈن ئۆگىنىش كىتابى ئېلىپ بەردى، خىزمەت ئارىلىقىدا مەشىق سوئاللىرىنى چۈشەندۈرۈپ، دەرس تەكرارلىشىغا ياردەملەشتى؛ يەنە دەم ئېلىش ۋاقتىدىن ۋاز كېچىپ، ئۆيىنى سېغىنغان ياشانغان ئاغرىقلار بىلەن پاراڭلاشتى... گەرجەستەبانۇم ھەمىشە سەۋرچان بولۇپ ئاغرىقلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، يېقىملىق سۆزلەر بىلەن ئاغرىقلارنىڭ قەلبىدىكى ۋەھىمىنى تۈگەتتى، ئۇ ئاغرىقلارغا نۇرغۇن كىشىنىڭ بۇ يەردە ئۇلارنى قوغداۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنى ئومۇميۈزلۈك بىخەتەر داۋالاش بىلەن تەمىنلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

يېقىنقى كۈنلەردە، شىنخۇا دوختۇرخانىسى جىددىي داۋالاش بۆلۈمى ھەر خىل جىددىي داۋالىنىشقا تېگىشلىك ئاغرىقلارنى دىياگنوز قويۇپ داۋالىدى، بۇ يەردىكى جىددىي قۇتقۇزۇش ۋە پەرۋىش قىلىش ۋەزىپىسى دوختۇرخانىنىڭ باشقا بۆلۈملىرىنىڭكىدىن ئېغىر بولۇپ، ھەر كۈنى دېگۈدەك نۇرغۇن «تاسادىپىي» ئەھۋاللارغا دۇچ كېلىدۇ، گەرجەستەبانۇم جىددىي داۋالاش بۆلۈمىنىڭ ھەممە يېرىدە ئالدىراش يۈرىدۇ، «خىزمىتىمنى قىزغىن سۆيىمەن، ئاغرىقلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىنكى تەبەسسۇمىنى كۆرۈش مېنىڭ ئەڭ چوڭ بەختىم. ھەرقانچە جاپا تارتساممۇ، ھېرىپ چارچىساممۇ ئەرزىيدۇ!» دېدى ئۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.