تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

تارىخىي ئىشەنچنى چىڭىتىپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى ساقلاپ، تارىخىي يېڭى سەھىپىنى داۋاملىق پۈتەيلى

− جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 101 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

ئۇزۇن مۇساپىنى باشتىن كەچۈرۈپ، پالاقنى كۈچەپ ئۇرۇپ، يەلكەن چىقىرىپ كەلگۈسىگە ئاتلىنىش. مەملىكەت بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىۋاتقان پەيتتە، بىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 101 يىللىقىنى كۈتۈۋالدۇق. 100 يىللىق شانلىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتكەن ماركسىزملىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىي پارتىيە ئەسلىي مەقسىتىنى ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەملەپ، بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىپ، يېڭى مۇساپىدە كۆتۈرەڭگۈ روھ، جاسارەت بىلەن باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو تەرەققىياتىنىڭ ئۇلۇغ تارىخىنى تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن پۈتمەكتە.

تارىخ ھەيۋەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە گۇۋاھ بولدى. 2021 - يىلى پارتىيەمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلىدى. 100 يىلدىن بۇيان، پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋېلىپ، دەۋرنىڭ ئارقىسىدا قېلىش، دەۋرگە يېتىشىۋېلىشتىن دەۋرنى يېتەكلەشكىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋېلىپ، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى يەر - جاھاننى زىلزىلىگە سالىدىغان، ئىنتايىن تەسىرلىك ئۇلۇغ تارىخىي دىرامىنى ياراتتى. يېڭى مۇساپىدە، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنى ئېچىش ھەم پارتىيەنىڭ 3 - تارىخىي قارارىنى چىقىرىشتىن پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشكىچە؛ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە يەرشارى بويىچە ئالدىنقى ئورۇننى ساقلاش، «14 - بەش يىل»دا ياخشى باشلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈشكىچە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئىلگىرىلەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا يېڭى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يۈز مىليونلىغان خەلقنىڭ يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش، يېڭى دەۋردە تۆھپە قوشۇشتىكى ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى ۋە ئىشەنچىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى.

ۋاقىت پۇختا قەدەمگە نەقىش ئويدى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى بۇ يىللاردا پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى ئىنتايىن پەۋقۇلئاددە، ئىنتايىن ئالاھىدە بولدى، پارتىيە دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت، مۇھىتنىڭ مۇرەككەپلىكى ۋە كەسكىنلىكى، زىممىسىگە ئالغان ۋەزىپىنىڭ ئېغىرلىقى ۋە مۈشكۈللۈكى دۇنيادا ئاز كۆرۈلىدۇ، تارىختا ئاز كۆرۈلىدۇ. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەت ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىگىلەپ، ئۇلۇغ تارىخىي تەشەببۇسكارلىق روھى، غايەت زور سىياسىي جاسارەت، كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىش، ئۇلۇغ ئارزۇنى بىرتۇتاش ئىگىلەپ، ئۇزاقتىن بۇيان ھەل قىلماقچى بولسىمۇ ھەل قىلىنمىغان بىرمۇنچە قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى، ئىلگىرى ۋۇجۇدقا چىقارماقچى بولسىمۇ ۋۇجۇدقا چىقىرىلمىغان بىرمۇنچە چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقاردى. ئون يىلدا ئۆزىگە ئىشىنىپ، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى يارىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېخىمۇ مۇكەممەل تۈزۈم كاپالىتى، تېخىمۇ پۇختا ماددىي ئاساس، تېخىمۇ تەشەببۇسكار مەنىۋى كۈچ بىلەن تەمىنلىدى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئەكسىگە قايتۇرۇشقا بولمايدىغان تارىخىي مۇساپىگە قەدەم قويدى.

يول بويى توسالغۇلارنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، بوران - چاپقۇن ۋە جاپا - مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈردى، قانچىلىغان داۋالغۇشلار كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى تىترەتتى! پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرەش تارىخى شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بولمىسا يېڭى جۇڭگو بولمايتتى، جۇڭگو خەلقىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى بولمايتتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى بولمايتتى. تارىخ ۋە خەلق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى تاللىدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىمۇ تارىخ ۋە خەلقنىڭ تاللىشىنى يەردە قويمىدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئۇلۇغ، شەرەپلىك، توغرا پارتىيە بولۇشقا مۇناسىپ! پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى: پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ بارلىققا كەلتۈرۈلۈشى تۈپ نېگىزىدىن ئېيتقاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسى بولۇش سۈپىتى بىلەن رول تۇتۇپ يول باشلىغانلىقىدىن، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولدى. پارتىيە يولداش شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسىلىق، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى تىكلەپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىنى تىكلەپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈردى، بۇ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىدا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش تارىخىي مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىشتا ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە.

100 يىللىق كۈرەش تارىخىغا بولغان ئەڭ ياخشى ھۆرمەت يېڭى كۈرەش تارىخىنى پۈتۈش. ھازىر، دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئاچقۇچلۇق مەزگىلگە كىردى. بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانىغا تارىختىكى ھەرقانداق مەزگىلدىكىدىن تېخىمۇ يېقىنلاشتۇق، تېخىمۇ ئىشەنچىمىز ۋە ئىقتىدارىمىز بار، بىز شۇنى چوڭقۇر بىلىپ يەتتۇقكى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ھەرگىزمۇ ئاسانلا، داقا - دۇمباق چېلىپلا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا مۇقەررەر ھالدا مۈشكۈل، ئېغىر ۋەزىپىلەر بولىدۇ، مۇقەررەر ھالدا جاپالىق، خەتەرلىك توسالغۇلار، ھەتتا دەھشەتلىك دولقۇنلار بولىدۇ. يېڭى ئۇلۇغ مۇساپىدە مەيلى ۋەزىيەت قانداق ئۆزگەرسۇن، مەيلى خىرىس قانداق كەسكىنلەشسۇن، بىز ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قانداق پارتىيە، نېمە ئىش قىلىدۇ، دېگەندىن ئىبارەت بۇ تۈپ مەسىلىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، «قەيەردىن كەلگەنلىكىمىز، قەيەرگە بارىدىغانلىقىمىز»دىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي تېمىغا ياخشى جاۋاب بېرىپ، بەل قويۇۋەتمەيدىغان قەتئىيلىك بىلەن بېكىتىلگەن نىشاننى جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىش ۋۇجۇدقا چىقمىغۇچە ۋاز كەچمەيدىغان سەگەكلىك بىلەن پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنى بوشاشماي ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىدا، بىزنىڭ داۋاملىق ئەلا جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇش - تاپشۇرالماسلىقىمىزدىكى ئاچقۇچ مۇستەھكەم تارىخىي ئىشەنچنىڭ بار - يوقلۇقىدا.» 100 يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىز جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن تىرىشتى، ئىنسانىيەتنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشى، دۇنيانىڭ ئىناق - ئېجىللىقى ئۈچۈن تىرىشتى، دۇنيا خەلققە مەنسۇپ بولۇش، جاھاندىكى توغرا يولدا مېڭىش پارتىيەمىزنىڭ تارىخىي ئىشەنچكە ئىگە بولۇشتىكى ئەڭ زور ئاساسى، پارتىيەمىزنىڭ جۇڭگودا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ھەم ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىدىكى تارىخىي ئىشەنچى، شۇنداقلا پارتىيەمىزنىڭ خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىشىدىكى تارىخىي ئىشەنچى. گەرچە 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى بىلەن ئەسىر يۇقۇمى گىرەلىشىپ كەتكەن، تاشقى مۇھىت تېخىمۇ مۇرەككەپ، كەسكىن بولۇشقا ۋە ئېنىقسىز بولۇشقا يۈزلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن پۇرسەت ۋە ۋەزىيەت بىز تەرەپتە، بۇ، بىزنىڭ ئىرادىمىز ۋە جاسارىتىمىزنىڭ ئاساسى، شۇنداقلا بىزنىڭ غەيرىتىمىز ۋە ئىشەنچىمىزنىڭ ئاساسى. بىز پەقەت تارىخىي ئىشەنچىمىزنى چىڭىتىپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى ساقلاپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشتا چىڭ تۇرساقلا، چوقۇم بوران - چاپقۇنغا پىسەنت قىلماي ئالغا ئىلگىرىلەپ، داۋاملىق ياخشى نەتىجىلەرنى يارىتىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە يېڭى كەيپىيات، يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلالايمىز.

ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى خەۋپ - خەتەر، خىرىس ئالدىدا، تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى ساقلاپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش ۋە كۈرەش قىلىش روھىنى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرغاندىلا، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش داۋامىدا غەلىبىدىن غەلىبىگە قاراپ ئۈزلۈكسىز يۈرۈش قىلغىلى بولىدۇ. بىز تارىخىي تەشەببۇسكارلىق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيە تارىخىدىن خەۋپ - خەتەر، خىرىسلار ئۈستىدىن غالىب كېلىدىغان ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوبۇل قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى ئۇلۇغ ئەمەلىيەت داۋامىدا كۈرەش قىلىش روھى ۋە كۈرەش قىلىش ماھارىتىنى ئۈزلۈكسىز تاۋلاپ، پۇرسەت ئالدىدا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈشىمىز، قىيىنچىلىق ئالدىدا قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلىشىمىز، خەۋپ - خەتەر ئالدىدا پائال تاقابىل تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىپ، جاسارەتلىك - ياراملىق بولۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت تارىخىي ئۇلۇغ ئىشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك. ئۆزىمىز ئۈستىدە دادىل ئىنقىلاب قىلساقلا، ئاندىن تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز، بىز پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە پاكلىقىغا زىيان سالىدىغان بارلىق ئامىللارنى، پارتىيەنىڭ ساغلام ئورگانىزمىنى چىرىتىدىغان بارلىق ۋىرۇسلارنى ئۈزلۈكسىز تازىلايدىغانلا بولساق، پارتىيەنىڭ سۈپىتىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكى، خىسلىتىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكى، خاراكتېرىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكىگە، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش تارىخىي مۇساپىسىدە باشتىن - ئاخىر كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى بولۇشىغا چوقۇم ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلالايمىز.

ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش جۇڭگو خەلقىنىڭ تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى يارىتىشىدىكى مۇقەررەر يول. بىز ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا تايىنىپ شانلىق تارىخ ياراتتۇق، يەنە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا تايىنىپ گۈزەل كەلگۈسىنى ئاچىمىز. تارىخ بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، ئېنىق كۈرەش نىشانىنى چۆرىدەپ شەكىللەنگەن ئىتتىپاقلىق ئەڭ مۇستەھكەم ئىتتىپاقلىق، زىچ ئىتتىپاقلىشىشقا تايىنىپ ئېلىپ بېرىلغان كۈرەش ئەڭ كۈچلۈك كۈرەش ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگو تەرەققىياتىنىڭ كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنىڭ كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىيات، خەۋپسىزلىكتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىشنى ياخشى قىلىپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، قوزغىتىشقا بولىدىغان بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى قوزغىتىپ، ئىتتىپاقلىشىشقا بولىدىغان بارلىق كۈچلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، ئۆز ئىشىمىزنى قەتئىي تەۋرەنمەي ياخشى قىلىپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ تەقدىم قىلىشىمىز كېرەك. 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقى باشتىن - ئاخىر قول تۇتۇشۇپ، بىرلىكتە كەلگۈسىگە ئاتلانساقلا، 96 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو كوممۇنىستلىرى باشتىن - ئاخىر خەلق بىلەن قەلبداش بولۇپ، بىرلىكتە كەلگۈسىگە ئاتلانساقلا، بىز چوقۇم يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىدا كىشىلەر يېڭىچە نەزەر بىلەن قارايدىغان مۆجىزىلەرنى داۋاملىق يارىتالايمىز.

دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ بەخت خەلقنىڭ بەختى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتۇر. قەلبىمىزگە پۇقرالارنى پۈكتۇق، قولىمىزدا ھەقىقەتنى تۇتتۇق، جاھاندىكى توغرا يولدا ماڭدۇق، ئىشەنچىمىز تولۇق، كۈچىمىز يېتەرلىك. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە داۋاملىق يېڭى تارىخىي سەھىپە پۈتۈپ، يېڭى مۇساپىدە يېڭى دەۋر شان - شەرىپىنى يارىتايلى!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.