ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى «شىنجاڭنىڭ ئاتچىلىق كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى پىكىر»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلدى)نى ئېلان قىلىپ، ئاتچىلىق كەسىپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى بەش چوڭ ھەرىكەتنى نۇقتىلىق يولغا قويۇپ، 2030 - يىلىغا بارغاندا تىرىشىپ ئاتچىلىق پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ مەھسۇلات قىممىتىنى 22 مىليارد يۈەندىن ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنى مەملىكەت بويىچە زامانىۋى ئاتچىلىق كەسپىدىكى كۈچلۈك رايون قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. 2025 - يىلىغا بارغاندا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ زامانىۋى ئاتچىلىق كەسىپ سىستېمىسى، ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسى، تىجارەت سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن ئورنىتىلىپ، ئاتچىلىق كەسپىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى تېخىمۇ مۇۋاپىقلاشتۇرۇلۇپ، تەرەققىيات ئاساسى تېخىمۇ پۇختىلىنىپ، پەن - تېخنىكا ئارقىلىق تىرەك بولۇش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىلىپ، 1 -، 2 -، 3 - كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرۇلۇشى تېخىمۇ زىچلاشتۇرۇلۇپ، سۈپەت، ئۈنۈم زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلىدۇ؛ پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە بېقىلىۋاتقان ئات 1 مىليوندىن كۆپرەككە، ئات مەدەنىيىتى ساياھىتىگە قاتناشقان ئادەم سانى پۈتۈن ئاپتونوم رايون ساياھەت ئومۇمىي ئادەم سانىنىڭ %2تىن كۆپرەكىگە، ئاتچىلىق كەسپى بويىچە ئىشقا ئورۇنلاشقان ئادەم سانى 120 مىڭ ئادەمدىن كۆپرەككە، ئاتچىلىق پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ مەھسۇلات قىممىتى 14 مىليارد يۈەندىن كۆپرەككە يەتكۈزۈلىدۇ.

​مەملىكەت بويىچە زامانىۋى ئاتچىلىق كەسپىدىكى كۈچلۈك رايون بەرپا قىلىش كېرەك

ئاتچىلىق كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئاساسىنى پۇختىلاشتا يىرىك پىلان ئارقىلىق يېتەكلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شىنجاڭ ئىلى ئېتى كەسىپ توپى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، توپنىڭ تەسىر كۆرسىتىش، تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك

بەش چوڭ ھەرىكەت شىنجاڭ ئاتچىلىق كەسپىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈردى

ئاپتونوم رايونىمىز ئەنئەنىۋى ئات بېقىش چوڭ رايونى بولۇپ، ئۇزاق ئات بېقىش تارىخى ۋە قويۇق ئات مەدەنىيىتى ئاساسىغا ئىگە. ئاتچىلىق كەسپىنى زورايتىش، كۈچەيتىش مەۋقەنى خاس بايلىق ئەۋزەللىكىگە قويۇش، يېزا ئىگىلىكىدىكى تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم تۇتقا ھېسابلىنىدۇ.

​ئاتچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا بولغان ئىشەنچىم تولۇپ تاشتى

شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە، مول قار - مۇز بايلىقى بىلەن ئات مەدەنىيىتىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئات مەدەنىيىتى ساياھىتىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى ئۈزلۈكسىز قازغىلى بولىدۇ.