تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

بىر مەيدان كاتتا يايلاق مەرىكىسىگە قاتنىشىپ، سۈرئەت ۋە قايناق ھېسسىياتنى ھېس قىلىڭ

   ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ئۆتكۈر نىجات فوتوسى، خەۋىرى) 6-ئاينىڭ 2-كۈنى، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىنىڭ 2024-يىللىق «مېنىڭ ئالتىيىم» ساربۇلاق يايلاق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىنىڭ ساربۇلاق مەدەنىيەت-ساياھەت كىچىك بازىرىدا ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەت مەزگىلىدە، ئالتاينىڭ ئۆزگىچە خەلق ئۆرپ-ئادىتى بۇ يەردە تولۇق نامايان قىلىندى، «مىليون ئالتاي قويىنىڭ يايلاققا چوڭ كۆلەمدە كۆچۈشى» چارۋىچىلىق مەيدانى مەدەنىيىتى كۆرگەزمىسى ۋە ئوغلاق تارتىش، تېز سۈرئەتلىك ئات بەيگىسى، چېلىشىش، بۇقىچىلاپ ئارقان تارتىشىش قاتارلىق ماھارەت مۇسابىقىلىرى بىر-بىرلەپ كۆرسىتىلىپ، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرگە چەكسىز ھۇزۇر بېغىشلىدى.

6-ئاينىڭ 2-كۈنى، چېلىشىش مۇسابىقىسى نەق مەيدانى.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

6-ئاينىڭ 2-كۈنى، ماھىرلار قول قايرىشىشتا مۇسابىقىلەشمەكتە.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

6-ئاينىڭ 2-كۈنى، چارۋىچىلار قىز قۇۋار ئويۇنىنى ئورۇنلىماقتا.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

6-ئاينىڭ 2-كۈنى، شۇ جايدىكى ئامما ئوغلاق تارتىش مۇسابىقىسىگە قاتناشماقتا.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

6-ئاينىڭ 2-كۈنى، كىچىك چەۋەندازلار ئات بەيگىسىگە قاتناشماقتا.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

6-ئاينىڭ 2-كۈنى، چارۋىچىلار چارۋىلىرىنى ھەيدەپ، قەدىمىي «مىڭ چاقىرىملىق چارۋا يولى»نى بويلاپ، سۇ ۋە ئوت-چۆپلىرى مول بولغان ئېگىز تاغدىكى يازلىق چارۋىچىلىق مەيدانىغا كۆچمەكتە.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

6-ئاينىڭ 2-كۈنى، ماھىرلار چېلىشىش مۇسابىقىسىگە قاتناشماقتا.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

6-ئاينىڭ 2-كۈنى، چارۋىچى چارۋىلىرىنى ھەيدەپ، قەدىمىي «مىڭ چاقىرىملىق چارۋا يولى»نى بويلاپ، سۇ ۋە ئوت-چۆپلىرى مول بولغان ئېگىز تاغ يازلىق چارۋىچىلىق مەيدانىغا كۆچمەكتە.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

6-ئاينىڭ 2-كۈنى، چارۋىچىلار چارۋىلىرىنى ھەيدەپ، قەدىمىي «مىڭ چاقىرىملىق چارۋا يولى»نى بويلاپ، سۇ ۋە ئوت-چۆپلىرى مول بولغان ئېگىز تاغ يازلىق چارۋىچىلىق مەيدانىغا كۆچمەكتە.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.