تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

شىنجاڭ موڭغۇلكۈرەدە يەنە بىر«ئالتۇن خەتلىك ۋىۋىسكا» كۆپەيدى!

12-ئاينىڭ 19-كۈنى

2-نۆۋەتلىك جۇڭگو مېتېئورولوگىيە-ساياھەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يىغىنىدا

موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىگە «تىيانشاندىكى قار يۇرتى» دەپ نام بېرىلدى

نام بېرىش نەق مەيدانى.

مەنبەسى: جۇڭگو ھاۋا رايى تورى

    موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ

غەربىي جەنۇبىدىكى تىيانشان تېغىنىڭ ئېتىكىگە جايلاشقان

مەنزىرىسى گۈزەل، كىلىماتى يېقىشلىق بولۇپ

«جۇڭگو تۇلپار ماكانى»، «جۇڭگو قىچا ماكانى»

«جۇڭگو ھەسەن ـ ھۈسەن ماكانى» قاتارلىق ناملىرى بار

مەنبەسى: موڭغۇلكۈرە يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

لى ۋېنۋۇ فوتوسى

ھازىر

موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى قىياپىتىنى يېڭىلاپ

يەنە بىر«ئالتۇن خەتلىك ۋىۋىسكا»غا ئېرىشتى!

   موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى

  ئۆزگىچە قار-مۇز بايلىقىغا ئىگە

قىش پەسلى 11-ئايدىن كېيىنكى يىلى 4-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە داۋاملىشىدۇ

ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكىنى يىغىنچاقلىغاندا

قار پەسلى بالدۇر، قار مەزگىلى ئۇزاق، قار مىقدارى كۆپ، قار سۈپىتى ياخشى

بۇ قىش پەسلىدە موڭغۇلكۈرەنى سەيلە قىلسا تېخىمۇ ئېتىبار بېرىلىدۇ!

  

موڭغۇلكۈرەدە نېمىنى تاماشا قىلىمىز؟ نېمە ئوينايمىز؟

1.  قاردا تۇلپار چاپتۇرۇش

2024-يىللىق شىنجاڭ ئىلى موڭغۇلكۈرە تۇنجى نۆۋەتلىك تۇلپار قار-مۇز ساياھەت بايرىمى

2024-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ

بىپايان قارلىق دالىدا

چېپىپ كېتىۋاتقان تۇلپارلارنىڭ

يەر-جاھاننى تىترىتىدىغان ھەيۋەتلىك قىياپىتى

 خۇددى بىر پارچە يۆگىمە سىياھ رەسىمگە ئوخشايدۇ

 

12-ئاينىڭ 12-كۈنى، يىلقا قارلىق دالىدا چاپماقتا.  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى تاڭ يۇڭ فوتوسى

2. ئاققۇلار پەرۋازى

«ئاققۇ كۆلى»دە

توپ ـ توپ ئاققۇلار كۆل يۈزىدە

پەرۋاز قىلىپ، قوغلىشىپ، ئوزۇق ئىزدەيدۇ

كۆك ئاسمان، ئاپئاق قارلار بىر-بىرىگە ھۆسىن قوشۇپ، سۈزۈك سۇدا ئەكس ئېتىدۇ

3. مۇز كۆپۈكچىلەرنى داكا قىلىش

زۇمرەتتەك كۆلدە قاتمۇقات، چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان مۇز كۆپۈكچىلەر پەيدا بولىدۇ

خۇددى زېمىن كۆلنىڭ چوڭقۇر جايلىرىدىن نەپەسلىنىۋاتقاندەك 

 ھاياتلىق رىتىمىنى نامايان قىلىۋاتقاندەك

  

قاشتېشىدەك كۆل يۈزىدىكى مۇز كۆپۈكچىلىرى ( 2023-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى تارتىلغان).   لى ۋېنۋۇ فوتوسى

4. قىروۋ بىلەن قاپلانغان تۇمان سۆڭگىسى 

پەيدەك يېنىك، شېكەردەك يالتىراق

 تاغ-دالىنى قاپلىغان مۇز گۈللىرى بىلەن تولغان تۇمان سۆڭگىسىدە

كۆركەم تۈسكە كىرگەن دەل-دەرەخلەر شامالدا تەۋرىنىپ تۇرىدۇ

5. قار تېيىلىش شادلىقىغا چۆمۈش

يەككە چاڭغا، قوش چاڭغا

قار موتوسىكلىتى، قار تانكىسى، قار ئەجدىھا شەكىللىك قولۋاق، قار شياڭجياۋ كېمە

يېڭىدىن 2500 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان مۇز تېيىلىش مەيدانى كۆپەيتىلدى

موڭغۇلكۈرەدىكى قار تېيىلىش مەيدانىغا كېلىپ، بىر كۈن قانغۇچە ھۇزۇرلىنىڭ

 بۇ قىشتا موڭغۇلكۈرەگە كېلىپ

 ئاجايىپ  گۈزەل قار-مۇز بىلەن ئۇچرىشىڭ

 شىنجاڭ گېزىتى ۋىيشىن ئاممىۋى نومۇرىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.