تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

تىيانشان قار- مۇز يۇرتى! «جۇڭگو تۇلپار ماكانى» موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى خۇشاللىق بىلەن يېڭى نامغا ئېرىشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ۋىۋىسكا بېرىش نەق مەيدانى. سۈرەت جۇڭگو ھاۋا رايى تورىدىن ئېلىنغان

   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى 12- ئاينىڭ 19- كۈنى، 2- نۆۋەتلىك جۇڭگو مېتېئورولوگىيە ساياھەت كەسپى تەرەققىيات يىغىنىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىگە «تىيانشان قار- مۇز يۇرتى» دېگەن نام بېرىلدى.

   بۇ، «جۇڭگو تۇلپار ماكانى»، «جۇڭگو قىچا ماكانى»، «جۇڭگو ھەسەن- ھۈسەن يۇرتى» قاتارلىق ناملارغا ئېرىشكەندىن كېيىن، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ يەنە بىر «ئالتۇن خەتلىك ۋىۋىسكا»غا ئېرىشىشى.

12- ئاينىڭ 12- كۈنى، ئاتلار قارلىق دالىدا چاپماقتا. شۇ كۈنى موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدە قىش كىرگەندىن كېيىنكى تۇنجى قار ياغدى، بىپايان ئوتلاق قېلىن قار بىلەن قاپلاندى، كەڭ كەتكەن قارلىق دالا ۋە ئۇچقاندەك چېپىۋاتقان ئارغىماقلار بىر گۈزەل يۆگىمە رەسىمىنى ھاسىل قىلدى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى تاڭ يۇڭ فوتوسى

   موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 2018 مېتىر بولۇپ، تۆت ئەتراپىنى تىيانشان تېغىنىڭ قارلىق چوققىلىرى ئوراپ تۇرىدۇ، قىش پەسلى 11- ئايدىن كېيىنكى يىلى 4- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە داۋاملىشىدۇ، قار پەسلى بالدۇر، قار مەزگىلى ئۇزۇن، قار سۈپىتى ياخشى، چۈشۈش پەرقى چوڭ، چاڭغا يولى ئۇزۇن بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە، ناھىيە تەۋەسىدە يەنە مۇزارت مۇزلۇقى، شات چوڭ جىلغىسى، كۈردىك سۇ پەردىسى غارى بار... ئەۋزەل قار- مۇز بايلىقى شۇ جاينىڭ قىشلىق ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى.

مۇزارت مۇزلۇقى موڭغۇلكۈرە ناھىيە بازىرىغا 75 كىلومېتىر كېلىدۇ، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ غەربىدىكى شات يېزىسىغا جايلاشقان (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان). لى ۋېنۋۇ فوتوسى

   موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى ئەلا سۈپەتلىك قار- مۇز بايلىقىغا تايىنىپ،«قار- مۇز مەنزىرىسى، قار- مۇز تەنھەرىكىتى، قار- مۇز قىزىقارلىق ساياھىتى، قار- مۇز خەلق ئۆرپ- ئادىتى» قاتارلىق باش تېمىلارنى چۆرىدەپ، خاس قىشلىق ساياھەت سۈپەتلىك ماركىسى يارىتىپ، «پۈتۈن ۋاقىتلىق، پۈتۈن پەسىللىك، پۈتۈن رايونلۇق» ساياھەت يېڭى كەسىپ ھالىتىنى تەرەققىي قىلدۇردى. بۇ يىل، موڭغۇلكۈرە قار- مۇز تەبىئىي مەنزىرىسى بىلەن ئات كەسپىنى بىرلەشتۈردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە خەلق ئۆرپ- ئادىتى، مەدەنىيەت، ساياھەت ئىچكى خاس مەزمۇنىنى قوشۇپ، تۈرلۈك مەدەنىيەت، ساياھەت، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى ئارقا- ئارقىدىن قانات يايدۇرۇپ، ساياھەتچىلەرگە موڭغۇلكۈرەنىڭ تۇلپارى، قارلىقلىرىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى.

  خەۋەرلەرگە قارىغاندا، 2023- يىلى 1- ئايدىن 10- ئايغىچە، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى جەمىي 5 مىليون 968 مىڭ 700 ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋېلىپ، جەمئىي 2 مىليارد 333 مىليون يۈەن ساياھەت كىرىمى ياراتقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.