تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

چارۋىچىلىق كەنتىدىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەر

[تەھرىر ئىلاۋىسى]

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنىڭ ئاساسىي قاتلامغا، ئاممىغا يەتكۈزۈشكە چوڭقۇر تۈرتكە بولۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پارتىيە رايى ۋە خەلق قەلبىنى مۇجەسسەملەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىگە ئىلھام بېرىش ئۈچۈن، ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ زىيارەت كوللېكتىپى شەھەر - يېزا مەھەللىلىرى، ئورگان، كارخانا - كەسپىي ئورۇنلار، مەكتەپلەر، تۈرلۈك يېڭى ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار ۋە يېڭى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارغا بېرىپ نۇقتىدا تۇرۇپ زىيارەت قىلىپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتىكى ئەمەلىي تەدبىرى ۋە ئەمەلىي ھەرىكىتىنى، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى تىپىك ئۇسۇلى ۋە ياخشى قىياپىتىنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ، ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە جاسارەت بىلەن گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتەك جانلىق مەنزىرىنى نامايان قىلدى. بۈگۈندىن باشلاپ، شىنجاڭ گېزىتى «يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپە، يېڭى ئۇلۇغ ئىش» مەخسۇس ئىستونى ئېچىپ، داۋاملىق خەۋەر بېرىدۇ، دىققەت قىلغايسىلەر.

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى بارشا تېگىس

11 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، غۇلجا شەھەر رايونىدىن ئاپتوموبىل بىلەن يولغا چىقىپ يېرىم سائەت يول يۈرگەندىن كېيىن، كەڭ كەتكەن بىر جىلغا كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولدى، جىلغا ئىچىدىكى ئېقىننىڭ ئىككى تەرىپى قويۇق ئالمىلىق ئىدى. بۇ جاي غۇلجا شەھىرى بايانداي بازىرىنىڭ سۇلۇق ئالموتا كەنتى.

سۇلۇق ئالموتا كەنتىگە كىرگىنىمىزدە، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ يېنىدىكى قۇرۇلۇش ئورنىدا قېزىش ماشىنىسى، لاي ئېتىش ماشىنىسىدا مەشغۇلات قىلىۋاتقان ئىشچىلار ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى. «بۇ كەنتىمىزدە ساياھەت كەسپىگە بىرلەشتۈرۈپ قۇرۇلغان ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت مەركىزى بولۇپ، كېلەر يىلى ساياھەت پەسلىدىن بۇرۇن ئىشقا كىرىشتۈرۈش پىلانلاندى.» كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئېرئەدىل نۇرئەلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېقىندا، كەنت خاس مەھسۇلاتلارنى سېتىش مەركىزى، كەنتنىڭ تۇرالغۇ مۇھىتىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى، ئۆزگىچە ئاتچىلىق تەرەققىيات مەركىزى قاتارلىق تۈرلەر ۋە يانداش ئەسلىھەلەردىمۇ ئارقا - ئارقىدىن قۇرۇلۇش باشلاندى.

«پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا يېزا - كەنتلەرنىڭ ئۇل ئەسلىھە ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئولتۇراقلىشىشقا، ئىگىلىك تىكلەشكە باب كېلىدىغان گۈزەل يېزا - كەنت قۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.» ئېرئەدىل مۇنداق دېدى: «كەنتىمىزدىكى بۇ تۈرلەر پۈتكەندىن كېيىن، كەنتتىكى 586 ئائىلىدىكى 2230 كىشىگە نەپ يەتكۈزۈپلا قالماي، يەنە ئەتراپتىكى يېزا - بازارلاردىكى 1000 دىن ئارتۇق دېھقان - چارۋىچىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ».

كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ ئۇدۇلىدىكى «خۇلەن» ماگىزىنىنىڭ خوجايىنى دوقتۇرباي ھاكىمباي قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن قۇرۇلۇش مەيدانىنى كۆرۈپ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى قىش كېلىشى بىلەنلا بۇ يەر ئىنتايىن جىمجىت بولۇپ كېتەتتى، چۈنكى چارۋىچىلار قىشلاققا كۆچۈپ كېتەتتى. بۈگۈنكى كۈندە چارۋىچىلار بۇ يەردە ئولتۇراقلاشتى، ئەمىن ئۆي، ئىسسىق قوتان، مەكتەپ، شىپاخانا قاتارلىق تۈرلۈك ئەسلىھەلەر تولۇق، كەنت تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە ناھايىتى ئاۋات».

كۆپ يىللار ئىلگىرى دوقتۇرباي ئۆيىدىكى چارۋىلىرىنى سېتىپ، دۇكان ئاچقان. ئۈچ يىل ئىلگىرى، ئۇ خوتۇنى بىلەن چارۋىچىلار ئارامگاھى ئاچتى. «بۇلتۇر چارۋىچىلار ئارامگاھىنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 4000 يۈەن ئەتراپىدا بولدى.» دوقتۇرباي مۇنداق دېدى: بۇ بىرنەچچە يىلدا كەنت بارغانسېرى ياخشى قۇرۇلۇپ، ساياھەتچىلەر بارغانسېرى كۆپەيدى، مېنىڭ «ساياھەت تامىقى» يېيىشكە تايىنىپ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىشەنچىم تېخىمۇ ئاشتى.

بۇ يىل سۇلۇق ئالموتا كەنتى 4 - تۈركۈمدىكى مەملىكەت بويىچە يېزا ساياھەتچىلىكىدىكى نۇقتىلىق كەنت بولۇپ تاللاندى. غۇلجا شەھىرىدىكى چارۋىچىلىق چوڭ كەنتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، سۇلۇق ئالموتا كەنتى ئېكولوگىيە ئارقىلىق كەنتنى روناق تاپقۇزۇش، مەدەنىيەت ئارقىلىق كەنتنىڭ داڭقىنى چىقىرىش، ساياھەت ئارقىلىق كەنتنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت يېڭى نىشاننى ئوتتۇرىغا قويۇپ، چارۋىچىلارنى چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىش بىلەن بىللە، ئىشىك ئالدىدا ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

چارۋىچى قەمەرگۈل تۇرغاننىڭ ئۆيىگە كەلگىنىمىزدە، ئۆي ناھايىتى ئىللىق سەرەمجانلاشتۇرۇلغان بولۇپ، قەمەرگۈل كەشتە تىكىش ماشىنىسى بىلەن زاكازلارنى تىكىۋاتاتتى. ئۇ سۇلۇق ئالموتا كەنتى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ھۈنەرخانىسىنىڭ مەسئۇلى. «بۇ يىل، ھۈنەرخانىمىز نەچچە مىليون يۈەنلىك زاكاز قوبۇل قىلدى، 30 نەچچە كەنت ئاھالىسى بۇ يەردە ئىشقا ئورۇنلىشىپ، كىشى بېشى ئايلىق كىرىمى 4000 يۈەن ئەتراپىدا بولدى.» قەمەرگۈل مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىن كېيىن، بىز غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھۈنەر - سەنئىتىنى يېزا - كەنت ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى لايىھەلەپ تەتقىق قىلىپ ئاچىمىز».

چارۋىچى قۇۋانبېك ئاۋۇلجاننىڭ ئۆيى دۆڭگە سېلىنغان بولۇپ، قۇياش نۇرى يېتەرلىك ئىدى. ئۇنىڭ ئانىسى بىر چۆگۈن ئەتكەنچاي تەييارلىغان بولۇپ، بىر ئائىلە كىشىلىرى يېڭىلا تونۇردىن چىققان ئىسسىق ناننى يەپ، مەززىلىك ئەتكەنچاينى ئىچكەچ خۇشال پاراڭلىشىپ ئولتۇراتتى. قۇۋانبېك مۇنداق دېدى: ھازىر بىز 100 كىۋادرات مېتىرلىق ئەمىن ئۆيدە ئولتۇرىمىز، كەنتتىكىلەرنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداق ئۆيدە ئولتۇرىدۇ.

بۇ يىل قۇۋانبېك ئائىلىسىنىڭ 11 ئېتى، 15 كالىسى ۋە 300 گە يېقىن قويى ئارشاڭ ناھىيەسىدىكى قازان قىشلىقىغا بېرىپ قىشلايدۇ. «ئىلگىرى قويلارنى ئات مىنىپ ھەيدەپ يەتتە كۈن يول يۈرۈپ ئاندىن قىشلاققا ئېلىپ باراتتۇق. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چارۋىچىلارنىڭ ھەممىسى ماشىنا بىلەن كۆچىدىغان بولدى، 300 قوينى بىر چوڭ يۈك ئاپتوموبىلى ئۈچ قەۋەت ئايرىش تاختىسى بىلەن بىر قېتىمدىلا توشۇيالايدۇ، بىر كۈندىلا يېتىپ بارغىلى بولىدۇ.» ئۇ مۇنداق دېدى: «ھۆكۈمەت يەنە كىچىك چارۋىلارنىڭ ھەربىرىگە ئون يۈەن ئەتراپىدا ياردەم پۇلى بەردى، چوڭ چارۋىلارنىڭ ھەربىرىگە 50 يۈەن ئەتراپىدا كىرا ياردەم پۇلى بەردى، چارۋىچىلار ناھايىتى خۇشال بولدى».

قۇۋانبېك بۇ يىل يەنە نەسىللىك قوچقاردىن 40نى كىرگۈزۈپ، نەسىلنى ياخشىلىدى، ھەربىر قويغا ھۆكۈمەت 500 يۈەن ياردەم تولۇقلىمىسى بەردى. كېلەر يىلى ئۇ نەسىلنى داۋاملىق ياخشىلاپ، يەنە بىر ئىسسىق قوتان سېلىپ، باقمىچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتمەكچى.

قۇۋانبېكنىڭ دادىسى بۈگۈنكى ئۆزگىرىشلەرنى تىلغا ئېلىپ ناھايىتى ھاياجانلاندى: «ھازىر چارۋىچىلار ئىش قىلماقچى بولسا سىياسەت جەھەتتىن قوللاشقا ئېرىشىدۇ، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى بىزنى بەخت يولىغا باشلىدى. پارتىيەنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى بولغاچقا، ئىشەنچىمىز تولۇپ تاشتى، بۇنىڭدىن كېيىن چوقۇم يۇرتىمىزنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، كۈنلىرىمىزنى تېخىمۇ ياخشى ئۆتكۈزىمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.