تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«تىيانشاندا مېنىڭ ئۆيۈم بار» − يايلاق كۆچۈش خاتىرىسى

«تىيانشاندا مېنىڭ ئۆيۈم بار»
− يايلاق كۆچۈش خاتىرىسى

      7-نۆۋەتلىك «تىيانشان ئەدەبىيات-سەنئەت مۇكاپاتى» ھەم مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ 16-نۆۋەتلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىدىكى «بەش بىر قۇرۇلۇشى» بويىچە مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى، 7-نۆۋەتلىك تىيانشان ئەدەبىيات-سەنئەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەر تىزىملىكىدە، گۈزەل-سەنئەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئەلىجان مەمەتنىڭ «تىيانشاندا مېنىڭ ئۆيۈم بار» ناملىق جۇڭگوچە رەسىم ئەسىرى بار. بۈك-باراقسان قارىغايزارلىق، كۆز يەتكۈسىز بۇلۇت دېڭىزى، تاغ ئارىسىدىكى چىغىر يولدا چارۋىچىلار كالا پادىلىرىنى ھەيدەپ، شاد-خۇراملىققا چۆمگەنىدى. بۇ رەسىمدە سىزىلىغىنى دەل يايلاق كۆچۈش يولى.

      كۈز پەسلىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىگە ھۆسىن قوشۇپ، يەنە بىر قېتىملىق يايلاق كۆچۈش «دولقۇنى» يېتىپ كەلدى. يايلاق كۆچكەندە چارۋىچىلار پەرزەنتلىرى ھەم ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ئېلىپ، ئاتقا مىنىپ چارۋىلارنى ھەيدەپ ئاستا-ئاستا ئىلگىرىلەيدۇ، تۆگە ياكى ئاتلارغا بارلىق ئۆي بىساتلىرىنى ئارتىپ، قەيەرگە بارسا، كەچتە شۇ يەردە قونىدۇ. ئەنئەنىۋى يايلاق كۆچۈش شەكلى بىلەن ئوخشىمايدىغىنى، تۇرمۇش شارائىتىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، بەزى چارۋىچىلار ئاپتوموبىل كىرا قىلىپ ئۆيىدىكى چوڭ بۇيۇملارنى مەنزىلگە ئالدىن توشۇپ، يايلاق كۆچۈش سەپىرىدە پەقەت يېمەكلىك ۋە ئاددىي كىگىز ئۆينىلا تەييارلاپ يەڭگىل جابدۇنۇپ ئاتلىنىدىغان بولدى.

  ئەمدى بىز بىرلىكتە چارۋىچىلارنىڭ يايلاق كۆچۈشىگە «ھەمراھ» بولۇپ، «ھاياتلىق كۆچۈشى» دەپ ئاتالغان يايلاقتىكى بۇ يارقىن مەنزىرىگە سىڭىپ كىرەيلى.

جېمىنەي ناھىيەسىدىكى 280 مىڭ تۇياق چارۋا يازلىق يايلاق كۆچۈش سەپىرىگە ئاتلاندى.

چارۋىچىلار يايلاق كۆچۈۋاتقان ھەيۋەتلىك مەنزىرە.

     كۈز كىرگەندىن بۇيان، ئالتاي ۋىلايىتىدىكى كەڭ چارۋىچىلىق رايونلىرى يەنە بىر قېتىم يايلاق كۆچۈش پەسلىگە كىردى، مىليون تۇياق چارۋا ئېگىز تاغدىكى يازلىق يايلاقتىن تاغ ئېتىكىدىكى ئەتىيازلىق، كۈزلۈك ئۆتكۈنچى يايلاققا كۆچۈرۈلىدۇ، ئاندىن قىشلىق يايلاققا كۆچۈرۈلىدۇ. بۇ قېتىمقى كۈزلۈك يايلاق كۆچۈش 9-ئاينىڭ ئوتتۇرا ۋە ئاخىرلىرىغىچە داۋاملىشىدۇ.

8-ئاينىڭ 20-كۈنى، چارۋىچىلار چارۋىلىرىنى ھەيدەپ ئالتاي شەھىرى چىمىرچەك بازىرىنىڭ بەيگە تۆپە كەنتىدىكى چارۋا يولىدا ماڭماقتا.
     چارۋىچىلارنىڭ يايلاق كۆچۈشى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت-سەنئەت پائالىيەتلىرىدىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان.

6-ئاينىڭ 3-كۈنى، جۇڭگو . بۇرۇلتوقاي 4-نۆۋەتلىك مىليون ئالتاي قويى مەدەنىيەت-ساياھەت−يايلاققا كۆچۈش پائالىيىتى باشلاندى، پائالىيەتتە ئات بەيگىسى، قىز قۇۋار، چارۋىچىلارنىڭ ئەنئەنىۋى يايلاق كۆچۈشى قاتارلىق بىر قاتار پائالىيەتلەر نامايان قىلىندى.
     يايلاق كۆچكىچە خەتەرلىك تاغلىق رايون يول بۆلىكىدىن ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھاۋا ئۆزگىرىشچان بولغاچقا، «يايلاق كۆچۈش بويىچە چارۋىلارنى قوغداش ئەترىتى» ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، چارۋىچىلار ۋە چارۋىلارنى «يول بويى قوغدايدۇ». شۇڭا، يايلاق كۆچۈش جەريانىدا «ساقچى» سىيماسى كەم بولمايدۇ.

     ئەمەلىي شارائىتقا ئاساسەن، بەزىدە يايلاق كۆچۈشنىڭ «دەرىجىسى»نى ئۆستۈرۈپ، مەخسۇس ئاپتوموبىل بىلەن يايلاق كۆچۈشكە توغرا كېلىدۇ.

     يايلاق كۆچۈشنىڭ تۈرلۈك كاپالەت مۇلازىمىتىدە ئۇلارمۇ كەم ئەمەس.

 قابا ناھىيەلىك مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ كەسپىي خادىملىرى يايلاق كۆچۈش «قوشۇنى»غا چوڭقۇر چۆكۈپ، مېتېئورولوگىيە مۇلازىمىتى ئۇچۇرلىرىنى چارۋىچىلارغا يەتكۈزۈپ، ئەتىيازلىق يايلاق كۆچۈش جەريانىدا «بىۋاسىتە يەتكۈزۈش شەكلى»دىكى مېتېئورولوگىيە مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرماقتا.

  ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى شىنجاڭدىكى چارۋىچىلىق، باقمىچىلىق چوڭ ناھىيەسى، ھەر يىلى قىشتا ھەر مىللەت چارۋىچى ئامما ئۇلاغلىرىنى ھەيدەپ يايلاق كۆچۈپ تىيانشان تېغىدىكى قىشلاقلارغا كېلىپ قىش ئۆتكۈزىدۇ. «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى پائال ھەرىكەتكە كېلىپ، چارۋا يوللىرىنى ئالدىن تەكشۈرۈپ، كاپالەت خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، يايلاق كۆچىدىغان چارۋىچىلار ۋە چارۋىلارنىڭ بىخەتەر يېتىپ بېرىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

قىشلىق يايلاقتىن ئەتىيازلىق يايلاققا كۆچۈش مەنزىرىسى تېخىمۇ گۈزەل.

شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى تېكەس ناھىيەسى بوزادىر قىشلىقىدىكى چارۋىچىلار ئەتىيازلىق يايلاق كۆچۈشنى باشلىدى، ئۇلار قوي پادىلىرىنى، ئاتلىرىنى ھەيدەپ، ئاپئاق قارلىق دالىدا مېڭىپ، ئۆزگىچە مەنزىرە شەكىللەندۈردى.

ھەر يىلى 6-ئايدا، بايىنبۇلاق يايلىقىدىكى چارۋىچىلار زور تۈركۈمدىكى چارۋىلارنى ھەيدەپ يازلىق يايلاققا كۆچىدۇ، بۇ مەيدان «ھاياتلىق كۆچۈشى» يايلاقتىكى بىر يارقىن مەنزىرىگە ئايلىندۇ.

ماتېرىيال مەنبەسى: «تىيانشان تورى»

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.