1-ئاينىڭ 27-كۈنى، بىر مەيدان قارلىق دالا ئات بەيگىسى جەڭ ئېلان قىلىش مۇسابىقىسى ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى شىرېنزىگوۋ كوچا باشقارمىسى گېجياگوۋ كەنتىدە ئۆتكۈزۈلدى، ئەتراپتىكى كەنتلەردىن كەلگەن 100دىن ئارتۇق چارۋىچى تاغ باغرىدىكى قارلىق دالىدا قامچا ئوينىتىپ ئات چاپتۇرۇپ، كاتتا باھار بايرىمىنىڭ يېتىپ كېلىشىنى خۇشال-خۇرام كۈتۈۋالدى. ھەر يىلى قىش پەسلىدە، شۇ جايدىكى ئاھالىلەر ئەنئەنىۋى ئات بەيگىسى، ئوغلاق تارتىشىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزىدۇ، ئات تۇياقلىرىدىن قار ئۇچقۇنلىرىنى چاچرىتىپ، تۈرلۈك ئات مىنىش ماھارەتلىرىنى بىر-بىرلەپ نامايان قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا بېسىش روھىنى تولۇق نامايان قىلىدۇ. (ئىختىيارىي مۇخبىرلار ۋاڭ لىنا، مىرزات مۇتەللىپ)

مۇسابىقىدىن بۇرۇن مۇزىكا رېتىمىغا ئەگىشىپ، قازاق مىللىتىنىڭ كىشىنى زوقلاندۇرىدىغان ئەنئەنىۋى خەلق ئۆرپ-ئادىتى ئويۇنى «قىز قۇۋار» بىلەن مۇسابىقىنىڭ مۇقەددىمىسى باشلاندى.

مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلار ئاتلىق ئۇچقاندەك چاپماقتا.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى