تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

مورى ئاتچىلىق كەسپىنىڭ «سۈرئىتى»نى تېزلىتىشكە تۈرتكە بولدى

     7-ئاينىڭ 23-كۈنى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىدە «مورىدا ئۇچرىشىش   مۇسابىقە مەيدانىدا ئۇچقاندەك چېپىش» تېمىسىدىكى پۈتۈن شىنجاڭ ئات بەيگىسى تەكلىپ مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن چەۋەندازلار بۇ يەرگە خۇشال جەم بولۇپ، ئۈستۈنلۈكنى تالاشتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى تېز سۈرئەتلىك ئات بەيگىسى ۋە چەۋەندازلىق مۇسابىقىسى باش تېما قىلىنغان ئات بەيگىسى مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكا مەكتەپلىرىدە چەۋەندازلىق تېخنىكىسى سىنىپى تەسىس قىلىش، چەۋەندازلىق ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش، ئات مەدەنىيىتى باش تېمىلىق باغچە بەرپا قىلىش قاتارلىقلار ئارقىلىق ئات كەسپىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇردى.

چەۋەندازلار قىز قۇۋار ئورۇنلىماقتا.

چەۋەندازلار ئات ئۈستىدە كۈمۈش تېرىشنى ئورۇنلىماقتا.

چەۋەندازلار تېز سۈرئەتلىك ئات بەيگىسىگە قاتناشماقتا.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى رۇي فوتوسى

«ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.