تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«شىنجاڭ چارۋىچىلىقىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش» ناملىق چوڭ تىپتىكى بىۋاسىتە تارقىتىپ خەۋەر قىلىشنى يولغا قويىدۇ

مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى شىنجاڭ باش پونكىتى:

«شىنجاڭ چارۋىچىلىقىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش» ناملىق چوڭ تىپتىكى بىۋاسىتە تارقىتىپ خەۋەر قىلىشنى يولغا قويىدۇ

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇانىڭ مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى شىنجاڭ باش پونكىتىدىن ئىگىلىشىچە، 3 - ئاينىڭ 17 - كۈنىدىن 20 - كۈنىگىچە، مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى شىنجاڭ باش پونكىتى «شىنجاڭ چارۋىچىلىقىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش» ناملىق چوڭ تىپتىكى بىۋاسىتە تارقىتىپ خەۋەر قىلىشنى يولغا قويۇپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ چارۋىچىلىقىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى ھەر تەرەپلىمە نامايان قىلىدىكەن.

مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى شىنجاڭ باش پونكىتى كۆپ ساھە مۇخبىرلىرىنى چارۋىچىلىق رايونلىرىدا نۇقتىدا تۇرۇشقا ئەۋەتىپ، كۆپ خىل تىل، پۈتۈن تاراتقۇ بويىچە بىۋاسىتە تارقىتىشنى يولغا قويۇپ، باشلىنىش يىلىدا شىنجاڭنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى چىڭ كۆزلەپ، كالىچىلىق، قويچىلىق، ئاتچىلىق، تۆگىچىلىك قاتارلىق كەسىپلەرنى چۆرىدەپ، پەن - تېخنىكا يېتەكچىلىك قىلىش، ئاقىللاشتۇرۇش كۈچ قوشۇش ئارقىلىق كەسىپلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىنى نامايان قىلىدۇ.

بۇ قېتىمقى بىۋاسىتە تارقىتىش ۋاقىت بۆلىكى: 3 - ئاينىڭ 17 - كۈنى سائەت 11دە 13-CCTV ئاخبارات قانىلى، سائەت 12دە 2-CCTV مالىيە - ئىقتىساد قانىلى، سائەت 13تە مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئاخبارات ئابۇنىچىلار تېرمىنالىدا «شىنجاڭدىكى 7 مىليوندىن ئارتۇق چارۋىنىڭ ئەتىيازلىق يايلاق كۆچۈشى ھەيۋەت بىلەن باشلاندى» بىۋاسىتە تارقىتىلىدۇ؛

3 - ئاينىڭ 18 - كۈنى سائەت 11دە 13-CCTV ئاخبارات قانىلى، سائەت 12دە 2-CCTV مالىيە - ئىقتىساد قانىلىدا «موڭغۇلكۈرە يايلىقىدىكى ئىلى <تۇلپار>لىرى قار كېچىپ باھارنى كۈتۈۋالدى» بىۋاسىتە تارقىتىلىدۇ، سائەت 15تىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئاخبارات ئابۇنىچىلار تېرمىنالىدا «شىنجاڭ: تۇلپارلار قار كېچىپ باھارنى كۈتۈۋالدى، ئاتچىلىق كەسپى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى» بىۋاسىتە تارقىتىلىدۇ؛

3 - ئاينىڭ 19 - كۈنى سائەت 11دە 13-CCTV ئاخبارات قانىلىدا «تۆگە بوتىلاقلاش يۇقىرى پەللىسى مەزگىلىدە، ئاقىل چارۋىچىلىق مەيدانىدا كۆڭۈل قويۇپ بېقىش» بىۋاسىتە تارقىتىلىدۇ، سائەت 12دە مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئاخبارات ئابۇنىچىلار تېرمىنالىدا «باش ئىستانسا مۇخبىرى تۆگە كۆپەيتىش بازىسىنى زىيارەت قىلىپ كۆرگەن ئاقىل چارۋىچىلىق مەيدانىدىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەر» بىۋاسىتە تارقىتىلىدۇ؛

3 - ئاينىڭ 20 - كۈنى سائەت 9دا، 2-CCTV مالىيە - ئىقتىساد قانىلىدا «ئاتچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى» «تۆگە بوتىلاقلاش يۇقىرى پەللىسى مەزگىلىدە، ئاقىل چارۋىچىلىق مەيدانىدا كۆڭۈل قويۇپ بېقىش» «شىنجاڭدا كەسىپلەشتۈرۈپ بېقىش <ياخشى كالىنى شىنجاڭدىن چىقىرىشقا تۈرتكە بولدى>» بىۋاسىتە تارقىتىلىدۇ؛

3 - ئاينىڭ 17 - كۈنىدىن 19 - كۈنىگىچە CGTN «قوينىڭ ئوتلاق كۆچۈشى توغرىسىدا پاراڭ» «شىنجاڭنىڭ ئاتچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى» ناملىق ئالاھىدە خەۋەرنى تارقىتىدۇ.

باش ئىستانسا مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلەر»، ئاخبارات قانىلى، جۇڭگو تىل - يېزىقى خەلقئارا قانىلى، مالىيە - ئىقتىساد قانىلى، يېزا ئىگىلىكى - يېزا قانىلى، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ جۇڭگو ئاۋازى، مىللەتلەر ئاۋازى ئۇيغۇرچە چاستوتىسى، قازاقچە چاستوتىسى، CGTN، ئاسىيا - ئافرىقا رايونى تىللىرى پىروگرامما مەركىزى، ياۋروپا لاتىن ئامېرىكا رايونى تىللىرى پىروگرامما مەركىزى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋەر ئابۇنىچىلار تېرمىنالى قاتارلىق ئىچكى - تاشقى تەشۋىقات سۇپىلىرىدا داۋاملىق تارقىتىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.