تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى: ئاتچىلىق + مەدەنىيەت-ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشى تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈردى

 7-ئاينىڭ 25-كۈنى، موڭغۇلكۈرە سۇلۇق يەر باغچىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن «تۇلپارلارنىڭ دەريا كېچىشى» ئويۇنى.

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى مەۋقەنى ئەۋزەللىككە قويۇپ، ئاتچىلىق كەسپى بايلىقى ۋە كەسىپ ئەۋزەللىكىنى چوڭقۇر قېزىپ، ئاتچىلىق كەسىپ ئېگىزلىكى بەرپا قىلىشنى نىشان قىلىپ، ھۆكۈمەت يۆلەش، بايلىقلارنى بىرلەشتۈرۈش، كەسىپلەر ھەمتۈرتكە بولۇش، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىش ئارقىلىق، كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، «ئاتچىلىق+» ئەندىزىسىنى ئالغا سىلجىتىپ، ساياھەت- مەدەنىيەت تەرەققىياتىغا كۈچ قوشتى. نۆۋەتتە، «ئاتچىلىق + مەدەنىيەت-ساياھەت»، «ئاتچىلىق + تەنتەربىيە»، «ئاتچىلىق + شەھەر-بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى» قاتارلىق يۇغۇرما تەرەققىيات ئەندىزىسى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلىنىپ، ئات يېتىشتۈرۈش، ئات بېقىش، سۈپەتلىك ئاتلارنى كۆرگەزمە قىلىش، چەۋەندازلىق ماھارىتى كۆرسىتىش، ئات مەدەنىيىتى تەشۋىقاتى، ئۆرپ-ئادەت ئويۇنى قاتارلىقلار مەركەز قىلىنغان ئېكسكۇرسىيە قىلىش، ئات مىنىش، ھېس قىلىش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن ساياھەت-مەدەنىيەت رايونى شەكىللەندى.

7-ئاينىڭ 25-كۈنى، چەۋەندازلار موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ تۇلپار ساياھەت مەدەنىيەت باغچىسىدا ساياھەتچىلەرگە قىزقۇۋار ئويۇنىنى كۆرسەتمەكتە.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

7-ئاينىڭ 25-كۈنى، چەۋەندازلار موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ تۇلپار ساياھەت مەدەنىيەت باغچىسىدا ساياھەتچىلەرگە چەۋەندازلىق ئويۇنى كۆرسەتمەكتە.

7-ئاينىڭ 25-كۈنى، ساياھەتچىلەر موڭغۇلكۈرە سۇلۇق يەر باغچىسىدا سەيلە قىلماقتا.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى 

7-ئاينىڭ 25-كۈنى، چەۋەندازلار موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ تۇلپار ساياھەت مەدەنىيەت باغچىسىدا ساياھەتچىلەرگە چەۋەندازلىق ئويۇنى كۆرسەتمەكتە.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى 

«ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.