5-ئاينىڭ 9-كۈنى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىنىڭ 2023-يىللىق داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى يېنىك ئاتلېتىكا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى ھايۋانات ئىلمى شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى ۋەكىللىرى مەكتەپنىڭ مۇتەخەسسىس، پىروفېسسورلىرى جاۋ تيەنزو، ياۋ شىنكۇي باشچىلىقىدا ئۆز ئالدىغا يېتىشتۈرگەن دۆلىتىمىزدە نەسىللەندۈرۈلگەن تۇنجى تەنھەرىكەت ئېتى ئىلى ئېتىنى مىنىپ قالتىس نامايان بولدى.
شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە مەكتەپ قۇرۇلغاندىن باشلاپ ئىزچىل «ئات بېقىش ئىلمى» دەرسى تەسىس قىلغان بىردىنبىر تولۇق كۇرس ئالىي مەكتىپى بولۇپ، ئۇزاقتىن بۇيان ئاتچىلىق پەن تەتقىقاتى، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش ۋە پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشقا كۈچ چىقىرىپ، ئات كۆپەيتىپ يېتىشتۈرۈش، ئات يۇقۇملۇق كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قاتارلىق تەتقىقات ساھەسىدە پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى سەۋىيەدە تۇرۇپ، جۇڭگو ئاتچىلىقى ئۈچۈن زور بىر تۈركۈم يۇقىرى سۈپەتلىك ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ بەردى.
مۇخبىرلار: جۇڭ جاۋفېڭ، جېڭ شىيۈ
نازارەتچىلەر: ماۋ مىڭدۇڭ، يۈ لېي
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى