تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​ئاتچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا بولغان ئىشەنچىم تولۇپ تاشتى

ئەزا ياۋ شىنكۇي:

​ئاتچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا بولغان ئىشەنچىم تولۇپ تاشتى

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل غوپۇر

«بۇ يىل، مەن قانداق قىلىپ مول، رەڭدار ئاممىۋى ئات ئۈستى مەدەنىيىتىنى شىنجاڭنىڭ قار - مۇز ساياھىتى تېز پويىزىغا چىقىرىپ، تېخىمۇ كەڭ بازار ئېچىش قاتارلىق جەھەتلەرنى نۇقتىلىق چۆرىدەپ تەكلىپ بېرىمەن» دېدى 1 - ئاينىڭ 16 - كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى ئاتچىلىق كەسپى تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى ياۋ شىنكۇي.

30 نەچچە يىل ئاتشۇناسلىق كەسپى ئوقۇتۇشى ۋە پەن تەتقىقات ساھەسىدە چوڭقۇر ئىزدىنىش ياۋ شىنكۇينى «ئات» بىلەن زىچ باغلىدى. سىياسىي كېڭەش ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش جەريانىدا باشتىن - ئاخىر ئاتچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىپ قىلىپ، خەلقنىڭ ساداسىنى ئاڭلاپ، ئۆزىنىڭ تەتقىقات تەپەككۇرىغا بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق، سالمىقى بار تەكلىپ - تەۋسىيەلەرنى يېزىپ چىقتى.

شىنجاڭ ئېتىنىڭ سانى مەملىكەت بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، ئىلى ئېتى، قازاق ئېتى قاتارلىق ئالتە نەسىل بار بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئات نەسلى بايلىقى ئەڭ مول ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ھېسابلىنىدۇ. ئاتچىلىق كەسپى شىنجاڭنىڭ خاس، ئەۋزەل كەسپى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭنىڭ چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ ئاساسلىق ئىقتىسادىي كىرىم مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ. قانداق قىلغاندا ئاتچىلىق كەسپىنى دېھقان - چارۋىچىلارغا ئەڭ زور ئۈنۈم ئېلىپ كېلىدىغان قىلىش ياۋ شىنكۇي ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىش.

بوغاز ئات سۈيدۈكى بىرىكمە ئانىلىق ھورمون تۈرىدىكى دورىلارنىڭ خام ئەشياسىغا ئايلاندى، ئات مېيى داڭلىق ماركىلىق گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ خام ماتېرىيالىغا ئايلاندى... مۇشۇ يىللاردا، ياۋ شىنكۇي ۋە ئۇنىڭ كوللېكتىپى پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق، ئاتچىلىق كەسپىنىڭ تېخنىكا سەۋىيەسى ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. ئات مېيىدىن ئىشلەنگەن گىرىم بۇيۇملىرى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىلىشى، ئىشلەپچىقىرىلىشىغا ئەگىشىپ، ئات مەھسۇلاتلىرىنى ئېچىش زەنجىرى ئۈزلۈكسىز ئۇزاردى، مەھسۇلات قىممىتى يىلمۇيىل ئاشتى، نۇرغۇن مەھسۇلات دۆلەت ئىچىدىكى باشقا ئۆلكىلەرگە مۇۋەپپەقىيەتلىك كىرىپ، شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە يەرلىك كۇرسلۇق مەھسۇلاتىغا ئايلاندى.

«بىر بوغاز بايتالنىڭ سۈيدۈكىنى يىغسا ھەر يىلى چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاز دېگەندە 2000 يۈەن ئاشۇرغىلى بولىدۇ، بىر سۈت ئېتى باقسا ھەر يىلى كىرىمنى ئاز دېگەندە 3000 يۈەن ئاشۇرغىلى بولىدۇ، بىر بەيگە ئېتى باققاندا كىرىمنى ئاز دېگەندە 20 مىڭ يۈەن ئاشۇرغىلى بولىدۇ، بۇ، يىلقىچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىقتىسادىي ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى» دېدى ياۋ شىنكۇي.

شۇنداق بولۇپلا قالماي، ياۋ شىنكۇي يەنە ئات مەدەنىيىتى بىلەن شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكىنى بىرلەشتۈرۈشكە كۈچ چىقاردى. بۇلتۇر، ئۇ شىنجاڭ ئاتچىلىق كەسپىي جەمئىيىتى بىلەن كۆپ تەرەپتىن ماسلىشىپ، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئات بەيگىسى . شىنجاڭ ئات بەيگىسى جەمئىيىتى يۈرۈشلۈك مۇسابىقە پائالىيەتلىرىنى پائال تەشكىللىدى. «بىز مۇسابىقە ئىشلىرىغا بىرلەشتۈرۈپ، <نۆل تاماشىبىن، بۇلۇتتا مۇسابىقە كۆرۈش> <مۇسابىقىنى توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش+ساياھەتنى بىۋاسىتە كۆرسىتىش، تەشۋىق قىلىش+دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىش> شەكلىنى قوللىنىش ئارقىلىق، گۈزەل شىنجاڭنى تونۇشتۇرۇپ، شىنجاڭ ئات بەيگىسى پائالىيىتىنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسى ۋە تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئاتچىلىق كەسپىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدۇق» دېدى ياۋ شىنكۇي.

بۇلتۇر قىش كىرگەندىن بۇيان، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى ياخشى قار - مۇز بايلىقى ۋە مول ئات مەدەنىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، قاردا تۇلپار چاپتۇرۇش، قاردا تۇلپارلار بەيگىگە چۈشۈش، قىزقۇۋار قاتارلىق مول، رەڭدار ئاممىۋى ئات ئۈستى مەدەنىيىتى پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇردى. بۇ يىل يېڭى يىللىق دەم ئېلىشتا، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدىكى كەڭ يايلاقتا نەچچە مىڭ ئارغىماق قاردا چېپىپ، نۇرغۇن فوتوگراف، ساياھەتچىنى داڭقىنى ئاڭلاپ بۇ يەرگە كېلىشكە جەلپ قىلدى.

ياۋ شىنكۇي مۇنداق قارىدى: شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە، مول قار - مۇز بايلىقى بىلەن ئات مەدەنىيىتىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئات مەدەنىيىتى ساياھىتىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى ئۈزلۈكسىز قازغىلى بولىدۇ.

«قاتناشقۇچى ۋە گۇۋاھچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مېنىڭ شىنجاڭنىڭ ئاتچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا بولغان ئىشەنچىم تولۇپ تاشتى. مەن ئۆزۈمنىڭ پەن تەتقىقات كوللېكتىپىم بىلەن بىرلىكتە ئىلمىي، ئېھتىياتچان پوزىتسىيە، ئىلغار بىلىم - ماھارەت ۋە ياخشى كەسپىي ساپا بىلەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ زامانىۋى ئاتچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن جان - دىلىم ۋە بارلىق كۈچۈمنى چىقىرىمەن» دېدى ياۋ شىنكۇي.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.