تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچىدە يېڭىدىن بىر ئات مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسى كۆپەيتىلىدۇ

   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر سۈن فاڭتىڭ خەۋەر قىلىدۇ) يېقىندا، ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى) لياڭخې كوچا باشقارمىسى ماجياجۇاڭزى كەنتى شىنجاڭ جۈنچى تېڭخاۋ ئات مەدەنىيىتى تىجارىتىنى باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتى بىلەن رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى، ئىككى تەرەپ ئات مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسى تۈرىنى ئورتاق ئېچىپ ۋە قۇرۇپ، ماجياجۇاڭزى كەنتىنىڭ ساياھەت ماركىسىنى يارىتىپ، تېخىمۇ كۆپ دېھقان-چارۋىچىنى كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلەيدىكەن.

5-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى) لياڭخې كوچا باشقارمىسى ماجياجۇاڭزى كەنتى شىنجاڭ جۈنچى تېڭخاۋ ئات مەدەنىيىتى تىجارىتىنى باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتى بىلەن رامكا كېلىشىمى ئىمزالىماقتا.

تاڭ يۈيەن فوتوسى

  ماجياجۇاڭزى كەنتىگە جايلاشقان ئات مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسى تۈرىگە مەبلەغ سېلىش ئومۇمىي كۆلىمى 300 مىليون يۈەن بولۇپ، ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈپ قۇرۇلۇش قىلىنىدىكەن، قۇرۇلۇش مۇددىتى ئۈچ يىل بولۇپ، پىلان بويىچە 2025-يىلىنىڭ ئاخىرىدا پۈتۈنلەي پۈتكۈزۈلۈپ، ئات مەدەنىيىتى ئاساسىي تېما قىلىنغان خاس ئائىلىۋى مېھمانخانا ساياھەت بازىسى بەرپا قىلىنىدىكەن.

  بۇ تۈرنىڭ 1-قارارلىق قۇرۇلۇشى بۇ يىل ئىچىدە پۈتكۈزۈلىدىكەن، بۇ تۈردە 1400 مېتىرلىق قۇملۇق بەيگە مەيدانى مۇسابىقە يولى ئۆزگەرتىلىدىكەن، قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن دۆلەت ئىچىدىكى تۈرلۈك مۇسابىقىلەر ئۆتكۈزۈلىدىكەن، يەنە 30 مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق ئوغلاق تارتىشىش رايونى، ئات ئويۇنى كۆرسىتىش رايونى، ئات مىنىش رايونى قۇرۇلىدىكەن، بۇ يەرگە 100 ئات سېلىنىدىكەن، بۇ، چىلان تورۇق، گوللاندىيە فىرىسلان ئېتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن ساياھەتچىلەرنى داكا قىلىش، سۈرەتكە چۈشۈش، ھەمتۈرتكە بولۇش سورۇنى بىلەن تەمىنلەيدىكەن، شۇنىڭدەك مەدەنىيەت-ساياھەت تۈرلىرى زور دەرىجىدە بېيىتىلىدىكەن. 2-قاراردا ئۆي ئىچى چەۋەندازلىق سارىيى، چەۋەندازلىق تەتقىقات بازىسى قاتارلىقلار قۇرۇلىدىكەن. 3-قاراردا قىشلىق 1000 مېتىرلىق يېپىق مۇسابىقە يولى، چەۋەندازلىق كۇلۇبى ۋە چەۋەندازلىق مەكتىپى قۇرۇلىدىكەن. بۇ تۈر پۈتكەندىن كېيىن، ئات مەدەنىيىتى ئاساسىي تېما قىلىنغان خاس خەلق ئۆرپ-ئادىتى ساياھەت مەنزىلى بەرپا قىلىنىپ، ئاتچىلىق كەسپى، يېزا ئىگىلىكى بىلەن ساياھەت، مەدەنىيەت، مائارىپ قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشى يەنىمۇ ئالغا سىلجىتىلىپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشى ئىلگىرى سۈرۈلىدىكەن.

  «ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.