تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​مەملىكەت بويىچە زامانىۋى ئاتچىلىق كەسپىدىكى كۈچلۈك رايون بەرپا قىلىش كېرەك

ئاپتونوم رايونىمىز ئاتچىلىق كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى پىكىرنى ئېلان قىلدى​

مەملىكەت بويىچە زامانىۋى ئاتچىلىق كەسپىدىكى كۈچلۈك رايون بەرپا قىلىش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى «شىنجاڭنىڭ ئاتچىلىق كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى پىكىر»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلدى)نى ئېلان قىلىپ، ئاتچىلىق كەسىپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى بەش چوڭ ھەرىكەتنى نۇقتىلىق يولغا قويۇپ، 2030 - يىلىغا بارغاندا تىرىشىپ ئاتچىلىق پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ مەھسۇلات قىممىتىنى 22 مىليارد يۈەندىن ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنى مەملىكەت بويىچە زامانىۋى ئاتچىلىق كەسپىدىكى كۈچلۈك رايون قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

«پىكىر»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئاتچىلىق كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئاساسىنى پۇختىلاشتا يىرىك پىلان ئارقىلىق يېتەكلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شىنجاڭ ئىلى ئېتى كەسىپ توپى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، توپنىڭ تەسىر كۆرسىتىش، تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك؛ سۇبيېكتنى يېتىلدۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دىققەتنى ئاتچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىدىكى نۇقتىلىق ھالقىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىر تۈركۈم ئات بېقىش، كۆپەيتىش، مەھسۇلات پىششىقلاش، تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، مەدەنىيەت - ساياھەت باشلامچى كارخانىلىرى ۋە «كەسىپ زەنجىرى يېتەكچىسى» كارخانىلىرىنى يۆلەپ، زورايتىپ، بىر تۈركۈم ئات بېقىش كەسپىي ئائىلىسى، ئائىلىۋى چارۋىچىلىق مەيدانى، ھەمكارلىق كوپىراتىپى، كەسىپلەشكەن بىرلەشمە گەۋدە قاتارلىق يېڭى تىپتىكى تىجارەت سۇبيېكتلىرىنى يېتىلدۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك؛ باقمىچىلىق بازىسىنى كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ، تاۋار ئاتنى كۆلەملەشتۈرۈپ بېقىش بازىسى قۇرۇلۇشىنى قوللاپ، ئاتلارنىڭ نەسلىنى ياخشىلاش، يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، يەم - خەشەك كاپالىتى قاتارلىق چارۋىچىلىق، مال دوختۇرلۇق مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئات سۈتى، ئات گۆشى، ئات سۈيدۈكى، ئات مېيى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى پىششىقلاش خام ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

«پىكىر»دە مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ئاتچىلىق كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى بەش چوڭ ھەرىكەتنى يولغا قويۇش، يەنى ئەلا نەسىللىك ئات نەسلىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتى، ئات بەيگىسى مۇسابىقە ئىشلىرىنىڭ يېتەكلەش، تۈرتكە بولۇش رولى ھەرىكىتى، ئات مەدەنىيىتى - ساياھىتىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات ھەرىكىتى، ئالاھىدە، ئەلا ئات مەھسۇلات ماركىسى بەرپا قىلىش ھەرىكىتى، ئاتچىلىق كەسپىدە پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇشتىن ئىبارەت. 2025 - يىلىغا بارغاندا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ زامانىۋى ئاتچىلىق كەسىپ سىستېمىسى، ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسى، تىجارەت سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن ئورنىتىلىپ، ئاتچىلىق كەسپىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى تېخىمۇ مۇۋاپىقلاشتۇرۇلۇپ، تەرەققىيات ئاساسى تېخىمۇ پۇختىلىنىپ، پەن - تېخنىكا ئارقىلىق تىرەك بولۇش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىلىپ، 1 -، 2 -، 3 - كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرۇلۇشى تېخىمۇ زىچلاشتۇرۇلۇپ، سۈپەت، ئۈنۈم زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلىدۇ؛ پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە بېقىلىۋاتقان ئات 1 مىليوندىن كۆپرەككە، ئات مەدەنىيىتى ساياھىتىگە قاتناشقان ئادەم سانى پۈتۈن ئاپتونوم رايون ساياھەت ئومۇمىي ئادەم سانىنىڭ %2تىن كۆپرەكىگە، ئاتچىلىق كەسپى بويىچە ئىشقا ئورۇنلاشقان ئادەم سانى 120 مىڭ ئادەمدىن كۆپرەككە، ئاتچىلىق پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ مەھسۇلات قىممىتى 14 مىليارد يۈەندىن كۆپرەككە يەتكۈزۈلىدۇ.

«پىكىر»دە مۇنداق تەلەپ قىلىندى: مالىيە جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، دۆلەتنىڭ ئاتچىلىق كەسپىگە ئالاقىدار تۈر مەبلىغى جەھەتتىن قوللىشىنى پائال قولغا كەلتۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن قوللاش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالاقىدار سىياسەت جەھەتتىن قوللاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كاپالەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش كېرەك، ھەرقايسى باشلامچى ئورۇنلار ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاتچىلىق كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ماس ئالغا سىلجىتىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.