تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

سۈرەتلىك ھېكايە | ئات گۆشى پىششىقلاش كارخانىسى ئاتچىلىق كەسپىگە ھاياتىي كۈچ قوشتى

12-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئىشچىلار ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا قېزا ياسىماقتا.

ئانار بۇلۇت خەۋىرى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى، غۇلجا شەھىرىنىڭ نەنئەن يېڭى رايونىدىكى يىخېشياڭ يېمەكلىك زاۋۇتىنىڭ پىششىقلاش زاۋۇتىدا، ئىشچىلار ئىش تەقسىماتى بويىچە ھەمكارلىشىپ، قېزا، سۈرلەنگەن ئات گۆشى مەھسۇلاتلىرىنى تەرتىپلىك ئىشلەپچىقاردى.

يىخېشياڭ يېمەكلىك زاۋۇتى ئون يىلدىن ئارتۇق باقمىچىلىق تەجرىبىسىگە ئىگە ئات بېقىش مەيدانىدىن تىپى ئۆزگەرتىلىپ، 2017-يىلى 8 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، كارخانا دەرىجىسى  ئۆستۈرۈلۈپ ئۆزگەرتىپ قۇرۇلغان. بۇ باقمىچىلىق، قۇشخانا، ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، سېتىش بىر گەۋدە قىلىنغان پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىدىكى ئات گۆشى پىششىقلاش كارخانىسى بولۇپ، مەھسۇلاتلىرى ئاساسلىقى سۈرلەنگەن ئات گۆشى، سۈرلەنگەن قېزا، قوۋۇرغا گۆشى قېزىسى، ئات يايلىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، سېتىش بازىرى پۈتۈن مەملىكەتنى قاپلىغان.

كارخانىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتى شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى، نۆۋەتتە يىخېشياڭ يېمەكلىك زاۋۇتى شۇ جايدىكى 32 ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ھەل قىلىپ، ئۇلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل مۇقىم ئاشۇرۇشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەردى.

غۇلجا شەھىرى بايانداي بازىرىدا ئولتۇرۇشلۇق خىزمەتچى تۇراخۇن ھاجى مۇنداق دېدى: «شىركەت ياتاق، تاماقنى كۆتۈرىدۇ، يەنە قاتناش ھەققىنى ئاتچوت قىلىپ بېرىدۇ، مېنىڭ بىر ئايلىق ساپ كىرىمىم 4000 يۈەندىن ئاشىدۇ، ئىلگىرى قىشتا ئاساسىي جەھەتتىن ئۆيدە بىكار تۇراتتۇق، ھازىر ئوخشىمايدۇ، قىشتىمۇ مۇقىم كىرىمىمىز بار بولدى».

يىخېشياڭ يېمەكلىك زاۋۇتىنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى زامانىۋى ئاتچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ ئىخچام كارتىنىسى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئىلى ئوبلاستى ئاتچىلىق كەسپى بىلەن مەدەنىيەت، ساياھەت، تەنتەربىيە، پىششىقلاش، مۇلازىمەت، مائارىپ قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇپ، ئىلىنى پۈتۈن شىنجاڭ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە زامانىۋى ئاتچىلىق كەسپى تەرەققىياتىدىكى يادرولۇق رايون، ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى ۋە يېتەكچى رايون قىلىپ قۇرۇپ، ئىلى ئوبلاستى ئات كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.

12ـ ئاينىڭ 13ـ كۈنى، ئىشچىلار سۈرلەش ئۆيىدىن سۈرلەنگەن قېزىنى ئېلىپ چىقماقتا.

12ـ ئاينىڭ 13ـ كۈنى، بىر ئىشچى يىخېشياڭ يېمەكلىك زاۋۇتىنىڭ باقمىچىلىق بازىسىدا ئاتلارغا يەم ـ خەشەك بەرمەكتە.

12ـ ئاينىڭ 13ـ كۈنى، ئىشچىلار ئوراپ قاچىلانغان قېزىلارنى مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقاتماقتا.

12ـ ئاينىڭ 13ـ كۈنى، ئىشچىلار ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا قېزا ئورىماقتا.

12-ئاينىڭ 13ـ كۈنى، قېزا سېتىۋالغىلى كەلگەن خېرىدارلار قېزىنى تېتىپ باقماقتا.

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى رۇي فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • پورت تاشيولى قۇرۇلۇشى جىددىي ئىشلەنمەكتە
  • شىنجاڭلىق ئوماق بالىلار تەڭپۇڭ چاق مۇسابىقىسى مەيدانىدا ئۆزىنى نامايان قىلدى
  • تۇرپان يېڭىشەھەر غەربىي قوۋۇق كەنتى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە باشلامچى بولدى