تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بەش چوڭ ھەرىكەت شىنجاڭ ئاتچىلىق كەسپىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈردى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي

ئاپتونوم رايونىمىز ئەنئەنىۋى ئات بېقىش چوڭ رايونى بولۇپ، ئۇزاق ئات بېقىش تارىخى ۋە قويۇق ئات مەدەنىيىتى ئاساسىغا ئىگە. ئاتچىلىق كەسپىنى زورايتىش، كۈچەيتىش مەۋقەنى خاس بايلىق ئەۋزەللىكىگە قويۇش، يېزا ئىگىلىكىدىكى تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم تۇتقا ھېسابلىنىدۇ.

يېقىندا ئېلان قىلىنغان «شىنجاڭنىڭ ئاتچىلىق كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى پىكىر»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئەلا نەسىللىك ئات نەسلىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئات بەيگىسى مۇسابىقە ئىشلىرى ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلىش، تۈرتكە بولۇش، ئات مەدەنىيىتى - ساياھىتىنى يۇغۇرما تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئالاھىدە، ئەلا ئات مەھسۇلات ماركىسى بەرپا قىلىش ۋە ئاتچىلىق كەسپىدە پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت بەش چوڭ ھەرىكەتنى يولغا قويۇش ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاتچىلىق كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يول پىلانلاپ بەردى.

كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئەلا نەسىل يېتىشتۈرۈشتىكى ئاچقۇچ

ھازىر توپ - توپ ئىلى ئاتلىرى موڭغۇلكۈرە يايلىقىدا ئەركىن چېپىپ، كۈچ ۋە سۈرئەت گۈزەللىكىنى نامايان قىلماقتا.

شىنجاڭ ئىلى ئاتچىلىق كەسپى توپى قۇرۇلۇشىنىڭ پايدىسىدا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى سىجىل تۈردە «تۇلپار» ئەلا سۈپەتلىك بايلىقىغا تايىنىپ، ئات نەسلىنى ياخشىلاشنى تېزلىتىپ، ئەلا نەسىللىك ئات يېتىشتۈرۈش، يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، يەم - خەشەك تېرىش، پىششىقلاش قاتارلىق ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى قۇرۇلۇشلارغا مەدەت بېرىپ، ئاتچىلىق كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتىنى ئاشۇردى.

«بىز ئىلى ئېتىنىڭ مىنىش تىپى، تېز چېپىش تىپى، ئىسسىق قان(مۇراسىم، ھۆرمەت قاراۋۇلى)تىپى بويىچە مەخسۇسلاشقان يېڭى نەسىل سىستېمىسىنى يېتىلدۈرۈشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، يادرولۇق نەسىل يېتىشتۈرۈش توپى بويىچە 1240 نەچچە تۇياق ئات يېتىشتۈرۈپ، <دۆلەت ئات فېرمىسى + يېزا - بازارلىق ئاتنى سۈنئىي ئۇرۇقلاندۇرۇش پونكىتى + دېھقان - چارۋىچىلار>نىڭ ئەلا نەسىللىك ئات يېتىشتۈرۈش، كۆپەيتىش سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئاتنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارى سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈردۇق» دېدى موڭغۇلكۈرە ناھىيەلىك چارۋىچىلىق - مال دوختۇرلۇق تەرەققىيات مەركىزىنىڭ مۇدىرى لى خەي تونۇشتۇرۇپ.

«ئەلا نەسىللىك ئات يېتىشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇش ئات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئاساسى.» شىنجاڭ ئاتچىلىق جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش باشلىقى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى ئاتچىلىق كەسپى تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى ياۋ شىنكۇي مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: تەتقىقات نەتىجىسى ھەرقايسى ئامىللارنىڭ چارۋىچىلىق تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتىدە، ئىرسىيەت ئامىلىنىڭ %40ىنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى، ئەلا تۈر توپى بايلىقىنىڭ زامانىۋى ئاتچىلىقنىڭ تەرەققىياتىدا ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز چاپىدىغان ئات، مىنىدىغان ئات، گۆش ئېتى، سۈت ئېتى قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان ئىشلىتىلىش ئورنىغا ئىگە، ئۆز ئالدىغا بىلىم - مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە كەسپىي ئىشلىتىلىشچان ئات يېڭى نەسلى(سىستېمىسى)نى پائال يېتىشتۈردى، بۇ، ئەلا نەسىللەر پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئاتچىلىق كەسپىنىڭ تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئاساس سالدى.

نۆۋەتتە، شىنجاڭنىڭ ئات يېتىشتۈرۈش - كۆپەيتىش سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتى، ئاتنىڭ ئېغىلدىكى قالدۇق سانى، ئېغىلدىن چىقىش سانى ۋە ئاتنىڭ سۈت، گۆش مەھسۇلاتلىرى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى، ئىلى ئېتى دۆلىتىمىزدە يېتىشتۈرۈلگەن تەنھەرىكەت ئاتلىرىنىڭ بىرىنچى ماركىسىغا ئايلاندى. ھازىرغا قەدەر، شىنجاڭ ئاتچىلىق جەمئىيىتى پۈتۈن ئاپتونوم رايون دائىرىسىدە قانات يايدۇرغان ئات نەسلىنى تىزىملاشتا تىزىملانغان سان 6000 تۇياقتىن ئاشتى.

شۇنداق بولسىمۇ، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئات نەسلىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئات نەسلى بايلىقىنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردە يەنىلا بىر قسىم كەمتۈكلۈكلەر مەۋجۇت.

«پىكىر»دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئەلا نەسىللىك ئات نەسلىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش كېرەك. ئات نەسلى سۈپىتى، بايلىقىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، نەسىللىك ئات تاللاش، يېتىشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، شىنجاڭ ئېتىنىڭ نەسلىنى ئىرسىيەتلىك ياخشىلاش پىلانىنى يولغا قويۇپ، ئات توپىنى ياخشىلاشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ نەسىللىك ئېتىنى «ياخشى يېتىشتۈرۈش، ياخشى مەشىقلەندۈرۈش، قولدىن چىقىرىش»نى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك ئات چىقىرىش بازىسى قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

«ئات نەسلى بايلىقىنى قوغداش، پايدىلىنىش، ئېچىشنى ياخشى ئىشلەپ، ئاتلارنى تىزىملاپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىش كەسىپلەرنىڭ سىجىل تەرەققىياتىدا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە» دېدى ياۋ شىنكۇي.

يۇغۇرما تەرەققىيات تېخىمۇ ئەۋزەل كەسىپ سىستېمىسىنى يېتىلدۈردى

3 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، كورلا شېنجوۋ چەۋەندازلىق كۇلۇبىنىڭ زال ئىچى مەشىق مەيدانىدا، تىرېنېرلار بىرگە بىر بولۇپ تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ئاتقا مىنىش، چۈشۈش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇۋاتقانىدى، تەربىيەلەنگۈچىلەر ئاتنى سىيلاش، ئاتنى يېتىلەشتىن ئاتقا مىنىشكىچە بولغان چەۋەندازلىق ماھارىتىنى توختىماي يېڭىلىماقتا ئىدى.

بۇ كۇلۇبنىڭ مەسئۇلى جياڭ چىن مۇنداق تونۇشتۇردى: كۇلۇب ئات ئېغىلى، چەۋەندازلىق زال ئىچى مەشىق مەيدانى، بەيگە مەيدانى قاتارلىق رايونلارنى تەسىس قىلىپ، ئات مەدەنىيىتىگە ئالاقىدار ھېس قىلىش، ھەمتۈرتكە بولۇش تۈرلىرىنى يولغا قويدى. بۇنىڭدىن كېيىن يەنە شىنجاڭ ئىچىدىكى ساياھەت كوپىراتىپلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا يۈزلىنىپ، تەتقىقات - ئوقۇتۇش - ساياھەت - ئەمەلىيەت ئوقۇتۇشى مەھسۇلاتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىمىز.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، زامانىۋى ئاتچىلىق كەسپى گۈللىنىپ، ئاتچىلىق كەسپى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان تەنتەربىيە ھەرىكىتى، ئىستىراھەتلىك مىنىش، مەدەنىيەت - ساياھەت، كەسىپلەشكەن ئات مەھسۇلاتلىرىنى ئېچىش قاتارلىق يېڭى كەسىپ ھالىتى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، بارغانسېرى كۆپ ئىستېمالچىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.

شىنجاڭ ئاتچىلىق كەسپىدە بايلىق ۋە ئەۋزەللىكنى چوڭقۇر قېزىپ، كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، «ئاتچىلىق كەسپى+» كەسىپ ئەندىزىسى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ۋە ئالغا سىلجىتىش ئارقىلىق، «ئات» باش تېمىلىق مەدەنىيەتنى ئومۇميۈزلۈك راۋاجلاندۇردى.

بۇ بىرنەچچە كۈندە، ئۈرۈمچى خامو ئىجادىيەت مەدەنىيەت كەسپى تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئارزۇگۈل غوپۇر شىنجاڭ ياۋا ئات قەدىمىي ئېكولوگىيە باغچىسىدا تالالىق بەدىئىي تېرە رەسىم ۋە ھاسىلىي مەھسۇلاتلار كۆرگەزمە سارىيىنى بېزەۋاتاتتى. كۆرگەزمە قىلىنغان ئەسەرلەردىن ئۇ ئىجاد قىلغان ئات مەدەنىيىتى تالالىق تېرە رەسىم ئەسەرلىرى، تالالىق تېرە قۇرۇلمىلىق سەنئەت ئەسەرلىرى، يەنە تېرە سەنئىتى ھاسىلىي زىننەت بۇيۇملىرى، مەدەنىيەت بۇيۇملىرى قاتارلىقلار بار ئىدى.

بۇ يىل 44 ياشقا كىرگەن ئارزۇگۈل تالالىق بەدىئىي تېرە رەسىمنى تەتقىق قىلىپ ياسىغۇچى بولۇپ، ئۇ تەتقىق قىلىپ ياسىغان ئات مەدەنىيىتى تېرە رەسىمى ۋە سەنئەت ھاسىلىي مەھسۇلاتلىرى شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت كەسپىدىكى بىر نام كارتىسىغا ئايلاندى. «ئەسەرلىرىمنىڭ تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ شىنجاڭغا كېلىشى، شىنجاڭنى سۆيۈشىگە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن يەنە ئات مەدەنىيىتى باش تېمىلىق يېمەك - ئىچمەك، ئائىلىۋى مېھمانخانا قۇرۇشنى ئويلىشىۋاتىمەن» دېدى ئۇ.

ئەۋزەل تەبىئىي شارائىت ۋە ساياھەتچىلىكنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىنىڭ پايدىسىدا، شىنجاڭنىڭ ئات مەدەنىيىتى كەسپىدە جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى، جايلاردىكى ئەنئەنىۋى مىللىي چەۋەندازلىق پائالىيەتلىرى ۋە چەۋەندازلىق تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرى، ئات مىنىپ ساياھەت قىلىش باش تېمىلىق بايراملىق پائالىيەتلەر كۈنسېرى كۆپىيىپ، يېمەك - ئىچمەك، ئائىلىۋى مېھمانخانا قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ راۋاجلىنىشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى.

ياۋ شىنكۇي مۇنداق بىلدۈردى: پۇرسەت ۋە ئەۋزەللىك بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەلا نەسىللىك ئات يېتىشتۈرۈشنى چەۋەندازلىق ھەرىكىتى، تەنتەربىيە - بەدەن چېنىقتۇرۇش، مىللەتلەر مەدەنىيىتى، ئىستىراھەت - ساياھەت قاتارلىق ھالقىلار بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇش جەھەتتە يەنە كۈچىشىگە توغرا كېلىدۇ.

مۇشۇ ئاساستا، «پىكىر»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئات بەيگىسى، مۇسابىقە ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش، تۈرتكە بولۇش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، ئەنئەنىۋى چەۋەندازلىق مۇسابىقىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، زامانىۋى ئات بەيگىسى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئات بەيگىسى تەنھەرىكىتىنى كېڭەيتىش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك؛ ئات مەدەنىيىتى - ساياھىتىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، ئات مەدەنىيىتى - ساياھىتى تۈرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ۋە تۇرغۇزۇپ، ئات مەدەنىيىتى - ساياھىتى تەمىناتىنى بېيىتىپ، ئات مەدەنىيىتى مەھسۇلاتلىرىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئات مەدەنىيىتى - ساياھىتى ماركىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، «پىكىر»دە يەنە ئالاھىدە، ئەلا ئات مەھسۇلاتلىرى ماركىسى يارىتىش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، ئات مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاشنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئات مەھسۇلاتلىرىنى ماركىلاشتۇرۇش بازار ماركىتېڭىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە، ئەلا ئات مەھسۇلاتلىرى ماركىسى ۋە مەملىكەت بويىچە داڭلىق ماركا يارىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

«ئاتچىلىق كەسپى چېتىلىش دائىرىسى كەڭ، كەسىپتىن ھالقىغان كەسىپ، <پىكىر>دە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بەش چوڭ ھەرىكەت ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاتچىلىق كەسپىنى كەسىپلەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش، ئۆلچەملەشتۈرۈش، بازارلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، 1 -، 2 -، 3 - كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاتچىلىق كەسپى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئىقتىسادىي ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىلدۈرۈپ، سۈپەت، ئۈنۈم رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ» دېدى ياۋ شىنكۇي.

پەن - تېخنىكا تىرىكى يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇردى

بۇ يىل، ئىلى ئارىس يېمەكلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى تەتقىق قىلىپ ئاچقان ئېچىتىلغان ئات سۈتىنىڭ سېتىلىش مىقدارى زور دەرىجىدە ئېشىپ، مەھسۇلاتلىرى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا سېتىلدى.

«ئات سۈتىنىڭ تەمى ياخشى، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، لېكىن ساقلاش ۋاقتى قىسقا بولغاچقا، ئىلگىرى سېتىلىش دائىرىسى پەقەت كارخانا ئەتراپىدىكى رايونلار بىلەن چەكلىنەتتى. شىركەت جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى بىلەن ھەمكارلىشىپ تەتقىق قىلىپ ئاچقان ئېچىتىلغان ئات سۈتىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش تېخنىكىسى بۇ قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئېچىتىلغان ئات سۈتىنى تېخىمۇ يىراقلارغا يەتكۈزدى.» بۇ شىركەتنىڭ مەسئۇلى تۇردىبېك مۇراتبېك مۇنداق دېدى: بۇ يىل شىركىتىمىز يەنە قوشۇلما قىممىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولغان توڭلىتىپ قۇرۇتۇلغان ئات سۈتى پاراشوكى تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىۋاتىدۇ، تەتقىق قىلىپ ئېچىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندىن كېيىن مەھسۇلاتنىڭ قوشۇلما قىممىتى ئادەتتىكى ئات سۈتىگە سېلىشتۇرغاندا 30 ھەسسە يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.

كۆپ يىل تىرىشىش ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پەن تەتقىقات خادىملىرى ئات سۆڭىكى پاراشوكى، ئات مېيى گىرىم بۇيۇملىرى، ئات گۆشىدىن پىششىقلانغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئاچقۇچلۇق ھۈنەر - سەنئىتىدە ئۈزلۈكسىز بۆسۈش ھاسىل قىلدى. ئات مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش مىقدارى ۋە سۈپىتى مۇقىم ئاشتى، ئات سۈتى، ئات مېيىدىن ئىشلەنگەن تېرە ئاسراش بۇيۇملىرى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ بازاردىكى ئۈلۈشى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى.

نۆۋەتتە، شىنجاڭدا يۇقىرى پەن - تېخنىكىلىق، يۇقىرى قوشۇلما قىممەتلىك ئات مەھسۇلاتلىرىنى ئېچىش تېز تەرەققىي قىلدى، بوغاز ئات سۈيدۈكىنى ئانىلىق ھورمۇن بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتە پۈتۈن يەر شارىدىكى ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ %20ىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى، ئات مېيىنى ئېچىشتا پائال ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

ئات مېيى ساھەسىدە ئون يىلغا يېقىن چوڭقۇر ئىزدەنگەن قورغاس ناھىيەسى جۈنچى خۇش پۇراق ماتېرىياللار چەكلىك شىركىتى يېڭىدىن ئات مېيى بىلەن شۇ جايدىكى ئۈستىقۇددۇس مېيى ئارىلاشتۇرۇلغان ئۈنۈملۈك تېرە ئاسراش مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقاردى.

«گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ يادروسى رېتسىپ، بىزدە ھازىر پىشقان پىششىقلاش ھۈنەر - سەنئىتى بار، نۆۋەتتە شىركىتىمىزنىڭ يىللىق مەھسۇلات مىقدارى ئىككى توننا ئەتراپىغا يېتىدۇ، ئىشلەپچىقارغان تېرە ئاسراش گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ يەككە تۈرى ئون خىلغا يېقىنلاشتى. بۇنىڭدىن كېيىن، شىركىتىمىز تەتقىق قىلىپ ئېچىش سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىپ، كەسىپ قوشۇلما قىممەت بوشلۇقىنى يەنىمۇ قېزىپ چىقىدۇ» دېدى بۇ شىركەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىشقا مەسئۇل خادىمى ياڭ جىمىڭ تونۇشتۇرۇپ.

«پىكىر»دە مۇنداق تەكىتلەندى: ئاتچىلىق كەسپىدە پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش كېرەك. بۇ ئاتچىلىق كەسپىدە پەن - تېخنىكا تىرىكى سىستېمىسى بەرپا قىلىش، ئاتچىلىق كەسپىدە ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش سىستېمىسىنى كۈچەيتىپ قۇرۇش، ئاتچىلىق كەسپىنىڭ جەمئىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئاتچىلىق كەسپىنىڭ تېخنىكا ئۆلچىمى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ياۋ شىنكۇي مۇنداق دېدى: بۇنىڭ ھەممىسى مەلۇم دەرىجىدە كەسىپ زەنجىرىنىڭ يەنىمۇ مۇكەممەللىشىشى ۋە ئۇزىرىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاتچىلىق كەسپىنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈشكە، چارۋىچىلىقنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشقا، ئاتچىلىق كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پايدىلىق.

كەسىپ تەرەققىياتى سىياسەت جەھەتتىن زور كۈچ بىلەن قوللاشتىن ئايرىلالمايدۇ. «پىكىر»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ھۆكۈمەت مالىيە - باج، پۇل مۇئامىلە، يەر ئىشلىتىش قاتارلىق كۆپ جەھەتلەردە سىياسەت جەھەتتىن قوللاش بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. ئاتچىلىق كەسپى تەرەققىيات مەخسۇس تۈر مەبلىغى بەرپا قىلىش، كەسىپ تەرەققىيات فوندى تەسىس قىلىش، كۆپ مەنبەلىك كەسىپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يولى بەرپا قىلىش نۇقتىلىق ئاتچىلىق كەسىپ تۈرلىرىنى مەدەت ۋە ياردەم پۇلى قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.