3-ئاينىڭ 18-كۈنى، ساياھەتچىلەر كورلا شەھىرىنىڭ قارايۇلغۇن يېزىسى باغجىگدە كەنتىدە ئۇسسۇل نومۇرى ئورۇنلىماقتا.
چۆ خۇرە فوتوسى
3-ئاينىڭ 18-كۈنى، كورلا شەھىرى قارايۇلغۇن يېزىسى «ئەتىيازلىق كۈن-تۈن تەڭلىشىش كۈنىنى كۈتۈۋېلىش. ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تەييارلىق قىلىش. شادلىق بايرىمى» باش تېما قىلىنغان خەلق ئىچى قىزىقارلىق تەنتەربىيە + ساياھەت يۈرۈشلۈك پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، ئوغلاق تارتىشىش، قوچقار سوقۇشتۇرۇش، خوراز سوقۇشتۇرۇش قاتارلىق خەلق ئىچى قىزىقارلىق تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى.

3-ئاينىڭ 18-كۈنى، ساياھەتچىلەر كورلا شەھىرى قارايۇلغۇن يېزىسى باغجىگدە كەنتى بازىرىنى ئايلانماقتا.
چۆ خۇرە فوتوسى

3-ئاينىڭ 18-كۈنى، ساياھەتچىلەر كورلا شەھىرى قارايۇلغۇن يېزىسى باغجىگدە كەنتىدە يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە «باش باھار پولۇسى»غا ئېغىز تەگمەكتە.
چۆ خۇرە فوتوسى

3-ئاينىڭ 18-كۈنى، قوچقار سوقۇشتۇرۇش مۇسابىقىسى نەق مەيدانى.
چۆ خۇرە فوتوسى

3-ئاينىڭ 18-كۈنى، ماھىرلار ئوغلاق تارتىشىش مۇسابىقىسىگە قاتناشماقتا.
چۆ خۇرە فوتوسى

قامچىنى پۇلاڭلىتىۋاتقان ئۆسمۈرلەر، مۇسابىقە مەيدانىدا چېپىپ كېتىۋاتقان تۇلپارلار، قىزغىن كەيپىياتتا ئىسقىرتىشىۋاتقان تاماشىبىنلار ... 3-ئاينىڭ 18-كۈنى، «يىپەك يولىدىكى تاغ-دەريالار گۈزەل بايىنغولىن ئوبلاستى» باغراش ناھىيەسىنىڭ شىخەي لۇڭما مەدەنىيەت-سەنئەت بايرىمى ۋە 8-نۆۋەتلىك «باغراش لوڭقىسى» ئات بەيگە مۇسابىقىسى باشلاندى، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 200 دىن ئارتۇق ماھىرنىڭ تۇلپارلىرىغا مىنىپ، بەس-بەستە چېپىپ چىقىۋاتقان ئاشۇ قالتىس كۆرۈنۈشلىرى «سۈرئەت ۋە قايناق ھېسسىيات»نى نامايان قىلدى.
نيەن لېي فوتوسى

3-ئاينىڭ 18-كۈنى، باغراش ناھىيەسى ئەنئەنىۋى چېلىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى. بۇ پائالىيەتكە شۇ جايدىكى 200 دىن ئارتۇق دېھقان-چارۋىچى قاتنىشىپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى كېلىپ كۆرۈشكە جەلپ قىلدى. مول مەزمۇنلۇق مىللىي تەنتەربىيە نومۇرلىرى شۇ جايدىكى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىشتىكى ئۆزگىچىلىكلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.
نيەن لېي فوتوسى
3-ئاينىڭ 18-كۈنى، باغراش ناھىيەسى ئەنئەنىۋى چېلىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى.
نيەن لېي فوتوسى
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى