ئاپتور: لى ۋېنۋۇ
5-ئاينىڭ بېشىدا، شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ موڭغۇلكۈرە سۇلۇق يەر باغچىسىدىكى ئوت-چۆپلەر بولۇق ئۆسكەن بولۇپ، چارۋىچىلار ئاتلىرىنى دەريادا چاپتۇرۇپ، سۇلارنى تەرەپ-تەرەپكە چاچرىتىپ، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ھەيۋەتلىك مەنزىرىنى شەكىللەندۈردى.
موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ «جۇڭگو تۇلپار ماكانى» دېگەن گۈزەل نامى بار، يىل بويى بېقىلىدىغان ھەرخىل ئاتلار 100 مىڭ تۇياقتىن ئاشىدىغان بولۇپ، ئىلى ئېتى بېقىش ئاساس قىلىنىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ئىلى ئېتى كەسىپ توپى قۇرۇلۇشىدىن نەپ ئېلىۋاتقان موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى ئات نەسلىنى ياخشىلاشنى تېزلىتىپ، ئەلا سورت يېتىشتۈرۈش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، يەم-خەشەك تېرىش، پىششىقلاش قاتارلىق ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى قۇرۇلۇشلارنى قوللاپ، ئاتچىلىق كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرماقتا.






ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: موڭغۇلكۈرە ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى
«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى