تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

چىلان تورۇق ئۈستىدىكى ئوماق كىچىك چەۋەنداز

 مەنبە: شىنخۇا تورى  

3-ئاينىڭ 7-كۈنى، چىلان تورۇق بازىسىدا، شىرزات شەكىلەنى قۇچىقىغا ئېلىپ ئات چاپتۇرماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ فېي فوتوسى 

    قوڭغۇراقتەك ۋىلىقلاپ كۈلگىنىچە، دادىسى قۇچىقىغا ئېلىۋالغان شەكىلە شىرزات چىلان تورۇقنى چاپتۇرۇش خۇشاللىقتىن ھۇزۇرلاندى. بۇ، بۇ يىل ئەمدىلا تۆت ياشقا كىرگەن ئۇنىڭ ھەر كۈنى يەسلىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىنكى ئەڭ تەقەززا بولىدىغان ئىشى ئىدى. 

     شەكىلەنىڭ دادىسى شىرزات نۇرۇم «جۇڭگودىكى تۇلپار ماكانى» دەپ تەرىپلىنىدىغان شىنجاڭ موڭغۇلكۈرەدىن كەلگەن، ئۇ چارۋىچىلىق رايونىدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان بولۇپ، كىچىكىدىنلا ئاتنى ياخشى كۆرەتتى. 2015-يىلى، شىرزات شىنجاڭ ياۋا ئات گۇرۇھى قەدىمىي ئېكولوگىيە باغچىسى چىلان تورۇق بازىسىغا كېلىپ، ئات كۆندۈرگۈچى بولدى. بۇ يەردە، شىرزات نۇرۇمغا ئوخشاش ئات سۆيەر نۇرغۇن يىگىت ئۆزلىرى قىزغىن سۆيىدىغان ئىش ئورنىدا قابىلىيىتىنى نامايان قىلماقتا ئىدى. 

    قىزى شەكىلە دادىسىغا ئوخشاش ئايىغى چىقىپلا ئات مىنىشنى ياقتۇرۇپ قالدى. شىرزات ۋاقتى چىقسىلا شەكىلەنى ئېلىپ چىلان تورۇق بازىسىغا كېلىپ، ئۇنى چەۋەندازلىق تەنھەرىكىتى بىلەن ئۇچراشتۇرۇپ، ئۇنىڭ ئات مىنىش ماھارىتىنى ئۆستۈردى. 

    شىرزات مۇنداق دېدى: «كىچىك ۋاقتىمدا ئات مىنىشنى ياخشى كۆرەتتىم، ئۇ چاغلاردا چوڭلار مېنى بىرەر كەسىپنىڭ پېشىنى تۇتمىدى، دەپ قارايتتى، ھازىر ئات مىنىش ۋە ئات كۆندۈرۈش ئارقىلىق ئائىلەمنى بېقىپ، تۇرمۇشۇمنى ياخشىلىيالىدىم، ئۆيدىكىلەرمۇ مېنى چۈشەندى، كەسپىمنىمۇ قوللىدى». 

   «شەكىلە يەنە ئازراق چوڭ بولغاندا، يەنىلا ئات مىنىشنى ياخشى كۆرسە، مەن كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ئۇنىڭغا كەسپىي چەۋەندازلىق تەنھەرىكىتىنى ئۆگىتىمەن، ئۇنىڭغا تېخىمۇ ياخشى تىرېنېر تېپىپ بېرىمەن، كەلگۈسىدە پۇرسەت بولسا ئۇنى چەت ئەلگە چەۋەندازلىقتىن بىلىم ئاشۇرۇشقا ئەۋەتىمەن.» 

   يايلاقتا ئەركىن ئازادە چېپىپ يۈرۈشتىن، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن چەۋەندازلىق مەشىقىگىچە، شىرزات قىزى شەكىلە بىلەن تۇلپار مىنىپ، تېخىمۇ يىراق كەلگۈسىگە قاراپ چاپماقتا ئىدى. 

3-ئاينىڭ 6-كۈنى،چىلان تورۇق بازىسىدا شەكىلە دادىسى شىرزاتنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئات مىنىشنى مەشىق قىلماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ فېي فوتوسى

3-ئاينىڭ 6-كۈنى، يەسلىدىن قويۇپ بەرگەندىن كېيىن، شەكىلە ئاپىسىدىن ئۆزىنى چىلان تورۇق بازىسىغا ئاپىرىپ، دادىسىنى ئىزدەپ ئات مىندۈرۈشنى ئۆتۈندى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ فېي فوتوسى 

3-ئاينىڭ 6-كۈنى، شەكىلە يەسلىدىن قايتقاندىن كېيىن، ئاپىسى ئۇنى چىلان تورۇق بازىسىنىڭ ئات فېرمىسىغا ئېلىپ باردى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ فېي فوتوسى 

3-ئاينىڭ 7-كۈنى، چىلان تورۇق بازىسىدا شىرزات ئات كۆندۈرمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ فېي فوتوسى

3-ئاينىڭ 7-كۈنى، چىلان تورۇق بازىسىدا شىرزات شەكىلەنى قۇچىقىغا ئېلىپ ئات مىنمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ فېي فوتوسى

3-ئاينىڭ 7-كۈنى، چىلان تورۇق بازىسىدا شىرزات شەكىلەنى قۇچىقىغا ئېلىپ ئات مىنمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ فېي فوتوسى 

 3-ئاينىڭ 7-كۈنى، چىلان تورۇق بازىسىدا، شەكىلە دادىسى شىرزاتنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئات كۆندۈرۈشنى مەشق قىلماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ فېي فوتوسى 

3-ئاينىڭ 6-كۈنى، چىلان تورۇق بازىسىدا، شەكىلە بىر چىلان تورۇقنى سۆيمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ فېي فوتوسى

3-ئاينىڭ 7-كۈنى، چىلان تورۇق بازىسىدا، شەكىلە چىلان تورۇقنى سۆيمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ فېي فوتوسى

3-ئاينىڭ 7-كۈنى، چىلان تورۇق بازىسىدا، شەكىلە دادىسى شىرزاتنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئات كۆندۈرۈشنى مەشىق قىلماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ فېي فوتوسى

3-ئاينىڭ 7-كۈنى، چىلانتورۇق بازىسىدا، شەكىلە دادىسى شىرزاتنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئات مىنىشنى مەشىق قىلماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ فېي فوتوسى

3-ئاينىڭ 7-كۈنى، چىلان تورۇق بازىسىدا، مەشىق جەريانىدا ئېھتىياتسىزلىقتىن شەكىلەنىڭ بارمىقىنىڭ تېرىسى سويۇلۇپ كەتتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ فېي فوتوسى

3-ئاينىڭ 7-كۈنى، چىلان تورۇق بازىسىدا، مەشىق قىلىۋاتقاندا ئېھتىياتسىزلىقتىن شەكىلەنىڭ بارماق تېرىسى سويۇلۇپ كەتتى، ئاغرىققا چىدىمىغان شەكىلەنىڭ كۆزىدىن ياش چىقىپ كەتتى. دادىسى شىرزات ئۇنىڭغا تەسەللى بەردى ھەمدە ئۇنى ئىلھاملاندۇردى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ فېي فوتوسى

3-ئاينىڭ 6-كۈنى، چىلان تورۇق بازىسىدا، شەكىلە دادىسى شىرزاتنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئات مىنىشنى مەشىق قىلماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ فېي فوتوسى

3-ئاينىڭ 7-كۈنى، چىلان تورۇق بازىسىدا، شەكىلە دادىسى شىرزاتنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئات كۆندۈرۈشنى مەشىق قىلماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ فېي فوتوسى

3-ئاينىڭ 6-كۈنى، چىلان تورۇق بازىسىدا، شەكىلە دادىسى شىرزاتنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئات مىنىشنى مەشىق قىلماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ فېي فوتوسى 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.