ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2023-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ چارۋىچىلىق مەھسۇلات قىممىتى 59 مىليارد 560 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.9 ئېشىپ، يېزا ئىگىلىك ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتىنىڭ %48.1ىنى ئىگىلىگەن، چارۋىچىلىق تەرەققىياتى مۇقىملىق ئاساسىدا ئاشقان. 2023-يىلى، يېزا ئىگىلىكى - يېزا مىنىستىرلىقى تۇنجى قېتىم شىنجاڭنى ئاساسىي ئىنەك پادىسىنى كېڭەيتىش، نەسلىنى ياخشىلاش تۈرى بويىچە سىناق نۇقتىسى قىلىپ، گۆش كالىسى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭنىڭ كالا گۆشى مەھسۇلات مىقدارى 254 مىڭ 300 توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 21 مىڭ توننا ئاشقان؛ شىنجاڭدىن يۆتكەپ توشۇلغان تىرىك كالا 340 مىڭ بولۇپ، بۇلتۇر شىنجاڭدىن توشۇلغان ئومۇمىي مىقدارنىڭ %89ىگە يەتكەن. بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ چارۋىچىلىق يۇغۇرما تەرەققىياتى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭ تيەنرۇن، ئىلى چۇاڭجىن دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق شىركىتى باشلامچى بولۇپ يولغا قويغان بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ تۈرى تېز ئالغا سىلجىتىلىپ، شىنجاڭنىڭ چارۋىچىلىق - مال دوختۇرلۇق چوڭ سانلىق مەلۇمات سۇپىسىدا بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك سانلىق مەلۇماتىنىڭ ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇلۇشى، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇلۇشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ چارۋىچىلىق بايلىقى ۋە مۇھىم ئامىللارنى ئىلمىي تەقسىملىشى، بىر - بىرىنى تولۇقلىشى، پايدىلىنىشى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

گۇما قىزىل قويى ئەسلىدە كۆپ تۆللەيدىغان «گۆھەر» ئىكەن

گۇما ناھىيەسى تەكلىماكان قۇملۇقى بىلەن قارا قۇرۇم تېغى ئارىسىغا جايلاشقان بولۇپ، بۇلۇڭ - پۇچقاقتىكى كىچىك يېزا - كەنتكە يوشۇرۇنغان بۇ «كۆپ تۆللەيدىغان گۆھەر»نى مۇتەخەسسىسلەر قانداق بايقىغان؟ بۇ بىر قىزىقارلىق ھېكايە.

شىنجاڭ قوڭۇر كالىسى 100 يىلغا يېقىن يېتىشتۈرۈش تارىخىغا ئىگە بولۇپ، دۆلىتىمىز ئۆز ئالدىغا يېتىشتۈرگەن تۇنجى سۈت، گۆش قوش مەھسۇلاتلىق كالا نەسلى ھېسابلىنىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە خەلق ھۆكۈمىتى شىنجاڭ قوڭۇر كالىسى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەزەلدىن يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، شىمالىي شىنجاڭدىكى قىسمەن ۋىلايەت، ئوبلاستلار ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ كۆپ خىل مەخسۇس تۈر بويىچە نەسىل ياخشىلاش پىلانىنى يولغا قويۇپ، بىر قاتار سىياسەتلەرنى چىقىرىپ، شىنجاڭ قوڭۇر كالىسى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللىدى. 2022-يىلى، يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، شىنجاڭنىڭ قوڭۇر كالىسى كەسىپلەر توپى دۆلەتنىڭ ئەۋزەل، خاس كەسىپلەر توپى قۇرۇلۇش تۈرىگە كىرگۈزۈلدى. 2022 - يىلى شىنجاڭ قوڭۇر كالىسىنىڭ پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىدىكى مەھسۇلات قىممىتى 16 مىليارد 500 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2021 - يىلىدىكىدىن %11.3ئاشتى، 125 مىڭدىن ئارتۇق دېھقاننىڭ مەنپەئىتىگە بىۋاسىتە باغلاندى ۋە ئۇلارنى بېيىشقا يېتەكلدى.

ساۋەن شەھىرى: تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ماتېرىيالىنى ئاساسىي قاتلامدىكىلەرگە يازدۇرۇشقا يول قويۇلمايدۇ

شىنجاڭ قوڭۇر كالىسى − دۆلىتىمىز ئۆز ئالدىغا يېتىشتۈرگەن تۇنجى سۈت، گۆش قوش مەھسۇلاتلىق كالا نەسلى

ئالتاي قويى − يېشىل تاغ، سۈزۈك سۇدا بېقىلغان ئەلا نەسىللىك قوي سورتى

بايىنبۇلاق قارا قويى − ئېگىز تاغ يايلىقىدىكى «تىرىك تاشقاتما»

مەكىت ناھىيەسى دولان قويى − گۆشى ھەم يېغىدىن تەڭ پايدىلىنىدىغان قوي نەسلى

گۇما قىزىل قويى −​دۆلەتنىڭ كۆپ تۆللەيدىغان قوي گېنى ئامبىرىغا كىرگۈزۈلگەن سورت

باشباي قويى − ۋەتەنپەرۋەر زات يېتىشتۈرگەن داڭلىق سورت