تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

ئاپتونوم رايونىمىز چارۋىچىلىقىدا ياخشى يۈزلىنىش داۋاملاشماقتا

    يېقىندىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرى چارۋىچىلىقتا ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ تەدبىر بەلگىلەپ، ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، دېھقان-چارۋىچىلارنى ئىلمىي باقمىچىلىققا يېتەكلەپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، چارۋىچىلىقتا ياخشى يۈزلىنىشنى داۋاملاشتۇردى. تۆۋەندە بىز ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلار ۋە سۈرەتلىك خەۋەرلەرنى سىز بىلەن ھەمبەھرىلىنىش ئارقىلىق، سىزنى شىنجاڭ چارۋىچىلىقىدىكى ياخشى يۈزلىنىش ئەھۋالىدىن خەۋەردار قىلىمىز.

    شىخو شەھىرى تابىلخات موڭغۇل يېزىسى چارۋىچىلار يېڭى كەنتىدىكى باقمىچىلىق رايونىغا كىرگەندە، قاتار- قاتار ئازادە قوتانلار رەتلىك تىزىلغان بولۇپ، يەم- خەشەك ئامبىرى، سىلوس ئورىسى قاتارلىق ئەسلىھەلەرنىڭ ھەممىسى تولۇق بولۇپ، خىزمەتچىلەر قوتاننى تازىلاش، قويلارغا ئوت- چۆپ سېلىپ بېرىش بىلەن ئالدىراش ئىدى.«باقمىچىلىق رايونى قۇرۇلغاندىن بۇيان، كەنتنىڭ تۇرمۇش مۇھىتى زور دەرىجىدە ياخشىلىنىپلا قالماي، ئىشىك ئالدىمىزدىمۇ ئىشقا ئورۇنلىشىپ، پۇل تاپالايدىغان بولدۇق.»دېدى كەنت ئاھالىسى سەنجيا. سۈرەتتە: 11- ئاينىڭ 2- كۈنى، شىخو شەھىرى تابىلخات موڭغۇل يېزىسى چارۋىچىلار يېڭى كەنتىدىكى باقمىچىلىق رايونىنىڭ بىر چېتى (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان) ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن لياڭ فوتوسى

    چارۋىچىلىق چارۋىچىلار يېڭى كەنتىنىڭ تۈۋرۈك كەسپى، بۇ يىلنىڭ بېشىدا، شىخو خىمىيە سانائىتى باغچە رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ چارۋىچىلار يېڭى كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بىلەن كەنت «ئىككى كومىتېتى» يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ قوللىشى بىلەن 15 مىليون يۈەن تۈر مەبلىغىنى قولغا كەلتۈرۈپ، كۆلىمى 320 مو كېلىدىغان مۇھىت قوغدايدىغان يېڭىچە باقمىچىلىق رايونى قۇردى، بۇ تىرىك چارۋا سويۇش- سودىلىشىش بازىرى، ۋاقىتلىق قالدۇرۇپ كۆزىتىش، ئايرىش قوتىنى، تېزەكنى زىيانسىزلاندۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتى، كارانتىن قىلىش، دېزىنفېكسىيە قىلىش ئۆيى قاتارلىق ئالاقىدار يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، شۇ جاينىڭ چارۋىچىلىق، باقمىچىلىقىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈردى.  سۈرەتتە: 11- ئاينىڭ 2- كۈنى، شىخو شەھىرى تابىلخات موڭغۇل يېزىسى چارۋىچىلار يېڭى كەنتى باقمىچىلىق رايونىنىڭ بىر چېتى (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان) ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن لياڭ فوتوسى

    يېقىندا، ئاقچى ناھىيەسىنىڭ سومتاش يېزىسىدىكى ئاقچى ناھىيەسى بۈركۈت يۇرتى باقمىچىلىق دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا، تازا سەمرىگەن قويلار «مەززىلىك تاماق»تىن بەھرىمەن بولۇۋاتاتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاقچى ناھىيەسى چارۋىچىلىق تېخنىكا مۇلازىمىتى سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، بىرتۇتاش باشقۇرۇش، بىرتۇتاش بېقىش ئارقىلىق، كەنت ئاھالىلىرىنى تارقاق، كىچىك كۆلەمدە بېقىشتىن تەدرىجىي كۆلەملەشكەن، ئۆلچەملەشكەن، تۈجۈپىلەشكەن، كەسىپلەشكەن باقمىچىلىققا ئۆزگەرتىپ، چارۋىچىلىق تەرەققىياتىنىڭ زاپاس كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا كۈچ قوشتى. (ئىختىيارىي مۇخبىر لى شۆلى)

 

 

 

    11 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ ۋۇگۇڭتەي بازىرى لۇەنشەنزى كەنتىدىكى سېرغازى سىلەمنىڭ ئائىلىۋى چارۋىچىلىق مەيدانىدا، سېرغازى تۆگىلىرىگە يەم - خەشەك بېرىش بىلەن ئالدىراش ئىدى، بىر توپ تۆگە بەخىرامان ھالدا ئىلمىي تەڭشەلگەن  يەم - خەشەكلەرنى يەۋاتاتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان،  قۇتۇبى ناھىيەسى تۆگە باقمىچىلىقىنى يەرلىك ئالاھىدە كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىرلەرنىڭ بىرى قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنىڭ تۆگە باقمىچىلىقىغا تايىنىپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىنى ئىشقا ئاشۇردى. ( ئىختىيارىي مۇخبىرلار سۇڭ كەيچى، لى جيامىڭ، لى يۈشىن )

سېرغازى باققان تۆگىلەر  ناھايىتى قاۋۇل. ( ئىختىيارىي مۇخبىرلار سۇڭ كەيچى، لى جيامىڭ، لى يۈشىن )

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كوناشەھەر ناھىيەسى ئۆزگىچە باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى يېزا-كەنت كەسىپلىرىنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى قىلدى. 10-ئاينىڭ 5-كۈنى، مۇش يېزىسى ئەسلىمۇش كەنتىدىكى باقمىچى ئىبراھىم ئېزىزنىڭ توشقان كاتىكىدە، توشقان قەپەزلىرى رەتلىك تىزىلغان بولۇپ، بىر-بىرىدىن ئوماق، سېمىز توشقانلار يەم يەپ، سۇ ئىچىۋاتاتتى.(ئىختىيارىي مۇخبىرلار نۇرئەلىجان، گۈلنىگار)

ئىبراھىم ئېزىز توشقاننىڭ يېتىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە، ئۇ «يېڭى زېللاندىيە» ۋە «يىلا»دىن ئىبارەت ئىككى خىل توشقان سورتىنى كىرگۈزدى. (ئىختىيارىي مۇخبىرلار نۇرئەلىجان، گۈلنىگار)

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خوتەن ناھىيەسى يېڭىئاۋات يېزىسى باقمىچىلىقنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى بېيىش يولىغا باشلىدى. سۈرەتتە: يېقىندا، بۇ ناھىيەنىڭ يېڭىئاۋات يېزىسى مىڭيۈەن كەنتىدە، كەنت ئاھالىسى ئەخمەتتوختى ئىمىنتوختى بېقىۋاتقان كالىلىرىغا يەم-خەشەك بەرمەكتە. ئەخمەتتوختى ناھىيە، يېزا تەشكىللىگەن تۈرلۈك باقمىچىلىق بويىچە تەربىيەلەشكە قاتنىشىپ باقمىچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆستۈرۈپ، كەنتتىكى باقمىچىلىق چوڭ ئائىلىسىگە ئايلاندى. (ئىختىيارىي مۇخبىر مېھرىبان ئەخمەت)

    

 

    بۇ يىل، چىڭگىل ناھىيەسى ئائىلىۋى چارۋىچىلىق مەيدانىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى باقمىچىلىق ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش ۋە دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە ھاياتىي كۈچ قوشتى. نۇرلان ئائىلىسى ئەنئەنىۋى باقمىچىلىق ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، سىمېنتال كالىسى بېقىپ، سۈت مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش ھۈنەرخانىسى قۇردى، ھازىر سودىسى ناھايىتى ياخشى بولماقتا. (ئىختىيارىي مۇخبىرلار ليۇ جىنرۇي، ئاسان)

 

سېرغازى 200 تۆگە باققان بولۇپ، تۆگە سۈتىنىڭ يىللىق سېتىلىش سوممىسى 200 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، كىرىمى كۆرۈنەرلىك بولدى. سۈرەتتە: سېرغازى تۆگە سۈتىنى قۇيماقتا. ( ئىختىيارىي مۇخبىرلار سۇڭ كەيچى، لى جيامىڭ، لى يۈشىن )

11-ئاينىڭ 9-كۈنى، چىڭگىل ناھىيەسىنىڭ ئارالتۆبە بازىرى قاراياغاچ كەنتىدىكى باقمىچىلىق چوڭ ئائىلىسى نۇرلان ئايقاننىڭ ئائىلىۋى چارۋىچىلىق مەيدانىدا، خوتۇنى باقىن جايمۇقان قۇرۇت قاتارلىق سۈت مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلىماقتا. (ئىختىيارىي مۇخبىرلار ليۇ جىنرۇي، ئاسان)

    ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما بويۈنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ چارۋىچىلىقنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش بويىچە نەق مەيدان ئالغا سىلجىتىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، شىنجاڭنىڭ ئاساسلىق چارۋا، ئۆي قۇشلىرى مەھسۇلاتلىرى بازىرىدا تەمىنلەش يېتەرلىك بولغان، چارۋىچىلىق مەھسۇلات قىممىتى 86 مىليارد 383 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.6 ئاشقان.

    ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا تارماقلىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە شىنجاڭدا سېتىپ چىقىرىلغان چوشقا، كالا، قوي 34 مىليون 546 مىڭ 100 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.7 ئاشقان؛ چوشقا، كالا، قوي، ئۆي قۇشلىرى گۆش مەھسۇلات مىقدارى 1 مىليون 471 مىڭ 700 توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.1 ئاشقان؛ سۈت مەھسۇلات مىقدارى 1 مىليون 692 مىڭ 100 توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.3 ئاشقان؛ تۇخۇم مەھسۇلات مىقدارى 285 مىڭ 100 توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.8 ئاشقان. 10 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە شىنجاڭدىن يۆتكەپ توشۇلغان كالا جەمئىي 613 مىڭ بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %108 ئاشقان؛ شىنجاڭدىن يۆتكەپ توشۇلغان چوشقا ھەم چوشقا گۆشى مەھسۇلاتلىرىنى تىرىك چوشقىغا سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندا 2 مىليون 600 مىڭ بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %21.6 ئاشقان.

    7 - ئايدىن بۇيان، شىنجاڭدىكى 12 ۋىلايەت(ئوبلاست، شەھەر)تىكى 36 ناھىيە(شەھەر)دە باقمىچىلىق ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلدى. ھەرقايسى جايلار ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، تۈرگە ئايرىپ يايلاق كۆچۈشنى ئالغا سىلجىتىش، بورداقچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، تاۋارلاشقان شالغۇتلاشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇش، چارۋىچىلىق، مال دوختۇرلۇق تېخنىكا مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، كارخانا بىلەن دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتىنى باغلاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، باشلامچى كارخانىلارنى يۆلەش، زورايتىش قاتارلىق كۆپ ھالقىدىن تۇتۇش قىلىپ، چارۋىچىلىق كەسپىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئالغا سىلجىتتى.

    نۆۋەتتە، شىنجاڭنىڭ ئەلا سۈپەتلىك يەم - خەشەك تېرىلغۇ كۆلىمى 11 مىليون مودىن ئاشتى، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە يەم - خەشەك ۋە يەم - خەشەك خۇرۇچى مەھسۇلات مىقدارى 3 مىليون توننىغا يەتتى. شىنجاڭدىكى ۋىلايەت، ناھىيەدىن ئىبارەت ئىككى دەرىجىلىك مال دوختۇرلۇق تەجرىبىخانىلىرىنىڭ تەكشۈرۈش ئىقتىدارىنى سېلىشتۇرغاندىكى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇۋاپىق بولۇش نىسبىتى 3.84 پىرسەنت پوئېنت ئاشتى. ئاپتونوم رايون بويىچە چارۋا مەھسۇلاتلىرى، مال دوختۇرلۇقتا ئىشلىتىلىدىغان دورىلار، يەم - خەشەكلەرنىڭ تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى ئايرىم - ئايرىم ھالدا %99.9، %98.8 ۋە %98.5كە يەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.