تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش سەپىرى | ئاتۇش شەھىرى: چارۋىچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلەتتى

  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ئۆتكۈر نىجات خەۋەر قىلىدۇ) 6-ئاينىڭ 5-كۈنى، «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش سەپىرى» چوڭ تىپتىكى پۈتۈن تاراتقۇ باش تېمىلىق زىيارەت ئۆمىكى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئاتۇش شەھىرىگە بېرىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ شىنجاڭ شياڭتەي چارۋىچىلىق چەكلىك شىركىتى، ئاتۇش شەھىرى ۋېيۋاڭ ئېكولوگىيەلىك باقمىچىلىق پەن-تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قاتارلىق پۇقراۋى كارخانىلارنى نەق مەيداندا زىيارەت قىلدى. ئاتۇش شەھىرىنىڭ زامانىۋى چارۋىچىلىق كەسپى باغچىسى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، چارۋا نەسلىنى ياخشىلاشنى ئالغا سىلجىتىش، ئۆلچەملەشكەن باقمىچىلىق مەيدانى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، چارۋىچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇپ، كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، يېزىلاردىكى 1-، 2-، 3-كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى پۇختا ئالغا سىلىجىتىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.

6-ئاينىڭ 5-كۈنى، تېخنىكلار شىنجاڭ شياڭتەي چارۋىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ قوي قوتىنىدا قىرغىز قويىنى سۈنئىي ئۇرۇقلاندۇرماقتا.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

  شىنجاڭ شياڭتەي چارۋىچىلىق چەكلىك شىركىتى 2021-يىلى تىجارەت باشلىغاندىن بۇيان، 20 مىڭغا يېقىن ساپ نەسىللىك قوي باقتى، بۇ شىركەت شىركەت تېخنىكا كوللېكتىپىنىڭ تەتقىق قىلىشى بىلەن، يېڭى سورت يېتىشتۈرۈش، ساپلاشتۇرۇپ كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش نىشانىغا يېتىپ، قىرغىز سورتلۇق قويىنىڭ كۆپ بوغاز بولۇش، كۆپ تۆللىشىنى ئىشقا ئاشۇردى، ھازىر ھەربىر قوي ئىككى يىلدا ئۈچنى تۆللەيدۇ.

6-ئاينىڭ 5-كۈنى، شىنجاڭ شياڭتەي چارۋىچىلىق چەكلىك شىركىتى (قىرغىز قويى يېتىشتۈرۈش مەركىزى) ئىشخانا بىناسىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

  ئاتۇش شەھەرلىك زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپلەر باغچىسى ئاتۇش شەھىرىنىڭ سۇنتاغ بازىرى كېچىڭىز كەنتىگە جايلاشقان، ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسى 2020-يىلى قۇرۇلغان، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 200 مىڭ مو كېلىدۇ، بۇ كەسىپلەر باغچىسى 80 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ شىنجاڭنىڭ قىزىل قوي باقمىچىلىق تۈرىنى يولغا قويدى، 30 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 5000 مو يەم-خەشەك بازىسى يانداش قۇرۇلۇش تۈرىنى يولغا قويدى.

قىرغىز  قويى.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

6-ئاينىڭ 5-كۈنى، خىزمەتچى خادىملار قوي قوتىنىدا قىرغىز قويىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

  ئاتۇش شەھىرى ۋېيۋاڭ ئېكولوگىيەلىك باقمىچىلىق پەن-تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باچكا باقمىچىلىقى ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى 2020-يىلى 10-ئايدا قۇرۇلغان، سۈنئىي ئۇسۇلدا باچكا چىقىرىش، سۈنئىي بېقىش، باچكىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدە يېيىشىگە ماس كېلىدىغان داننى تەتقىق قىلىپ ئىشلەپچىقىرىش (سۈنئىي كەپتەر شۆلگىيى)، باچكىنى نەيچە بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلەش بىر گەۋدە قىلىنغان نوپۇزلۇق چوڭ كۆلەملىك باقمىچىلىق بازىسى.

6-ئاينىڭ 5-كۈنى، ئىشچىلار كەپتەرخانىدا باچكىنىڭ يېتىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

6-ئاينىڭ 5-كۈنى، ئىشچىلار باچكا چىقىرىش ئۆيىدە تۇخۇمدىن چىققان باچكىلارنى كاتەكلەرگە ئايرىماقتا.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

6-ئاينىڭ 5-كۈنى، ئىشچىلار باچكا چىقىرىش سېخىدا تۇخۇمدىن چىققان باچكىلارنى ئايرىماقتا.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

6-ئاينىڭ 5-كۈنى، ئىشچىلار باچكا چىقىرىش سېخىدا تۇخۇمدىن چىققان باچكىلارنى ئايرىماقتا.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.