تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ساۋەن شەھىرى: تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ماتېرىيالىنى ئاساسىي قاتلامدىكىلەرگە يازدۇرۇشقا يول قويۇلمايدۇ

    ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى ساۋەن نۆل ئارىلىق ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ساۋەن شەھىرى ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشتە «بەشنى قىلماسلىق، ئۈچنى قاتتىق چەكلەش، بىرنى توسۇش» تەدبىرىنى ئېلان قىلغان، بۇنىڭ كونكرېت مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:

    1. ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەشكە خالىغانچە ئورۇنلاشتۇرۇشقا، كادىرلارنىڭ شەنبە، يەكشەنبىلىك دەم ئېلىش، يىللىق دەم ئېلىش قاتارلىق دۆلەت قانۇنىدا بەلگىلەنگەن دەم ئېلىش كۈنلىرىنى خالىغانچە ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا بولمايدۇ، ئالاھىدە ئەھۋال بولمىسا شەنبە، يەكشەنبە ھەم بايراملىق دەم ئېلىش كۈنلىرىدە نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش قانات يايدۇرۇلمايدۇ.

    2. بىر ۋاقىت بۆلىكىدە كۆپ تارماق توپلىشىپ بىر جاي، بىر نۇقتا، بىر لىنىيەدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا بولمايدۇ، تۈرلۈك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمىتىدە پىرىنسىپ جەھەتتىن دوكلات بېرىش يىغىنى ئېچىلمايدۇ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ماتېرىياللىرىنى ئاساسىي قاتلامدىكىلەرگە يازدۇرۇشقا يول قويۇلمايدۇ.

    3. رەھبەرلىك تەستىق سالغانمۇ يوق، يىغىن ئاچقاندا ھۆججەت تارقاتقانمۇ يوق، ھېسابات خاتىرىسى، خىزمەت خاتىرىسى بارمۇ يوق، ئارخىپ تۇرغۇزغانمۇ يوق دېگەنلەرنى ئاددىي ھالدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش- ئەمەلىيلەشتۈرمەسلىكنىڭ ئۆلچىمى ۋە باھالاش ئاساسى قىلىشقا بولمايدۇ، پىرىنسىپ جەھەتتىن ھېچقانداق ئىز قالدۇرىدىغان ئىش كۆپەيتىلمەيدۇ.

    4. توردىكى خىزمەت توپى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق خالىغانچە ئاساسىي قاتلامغا خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشقا يول قويۇلمايدۇ.

    5. كەنت (مەھەللە) كادىرلىرىغا ئۆي-جاي مۇلازىمەت ھەققى يىغىش قاتارلىق جەمئىيەت ئىشلىرىنى تەقسىم قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ، كەنت (مەھەللە) ھەمكارلىشىپ قانات يايدۇرغان ئومۇمىي خەلق سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش، ۋاكسىنا ئەملەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى رەتكە تۇرغۇزۇپ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىشقا بولمايدۇ.

    6. فۇنكسىيەلىك تارماقلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئاساسىي قاتلامغا قاتلاممۇ قاتلام ئىتتىرىپ قويۇشى، ھەم پونكىت-ئورۇنلاردىن تۈرلۈك ۋىۋىسكىلارنى ئېسىشنى مەجبۇرىي تەلەپ قىلىش، تۈرلۈك قائىدە-تۈزۈملەرنىڭ ھەممىسىنى تامغا ئېسىشنى مەجبۇرىي تەلەپ قىلىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ.

    7. تۆۋەن دەرىجىلىك ۋە ئاساسىي قاتلام ئورۇنلاردىن ھۆكۈمەت ئىشلىرى قوللىنىشچان پىروگراممىسى، خىزمەت توپى گۇرۇپپىسىدا زۆرۈر بولمىغان كەسمە سۈرەت ياكى سىن يوللاش ئارقىلىق خىزمەتتە ئىز قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ.

    8. زۆرۈر بولمىغان جەمئىيەت ئىشلىرىنى مەكتەپلەرگە، دوختۇرخانىلارغا كىرگۈزۈپ، نورمال ئوقۇتۇش، داۋالاش تەرتىپىگە كاشىلا قىلىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ.

    9. «يۈكنى يېنىكلىتىش» نامى بىلەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىق، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالماسلىق، قىلىدىغاننى قىلماسلىق توسۇلىدۇ، ئىشقا يولۇققاندا «كۈتۈپ تۇرۇش، تايىنىۋېلىش، تەلەپ قىلىش»، ئىش قىلغاندا «ئارقىغا سۆرەش»، ئىش بېجىرگەندە «يەۋېلىش، ئېلىۋېلىش، قىسىۋېلىش، تەلەپ قىلىش» قاتارلىق ناتوغرا ئىستىل ۋە ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى قەتئىي تۈزەپ، بايرىقى روشەن ھالدا مەسئۇلىيەتنى دادىل ئۈستىگە ئالىدىغان، ماھىرلىق بىلەن ئىشلەيدىغان، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەيدىغان پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارغا مەدەت بېرىلىدۇ.

    مەسىلە يىپ ئۇچىنى توپلاشنى راۋانلاشتۇرۇش يولى: 6012951- 0993

    خىزمەت كۈنىدە چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10:00دىن 14:00كىچە، چۈشتىن كېيىن سائەت 16:00دىن 20:00گىچە

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.