تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىتىدىغان «شادلىق قويلىرى» بارغانسېرى كۆپەيدى

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدا گۆش قويى نەسلىنى تاللاپ يېتىشتۈرۈش، ياخشىلاش ۋە كېڭەيتىش پىلانى يولغا قويۇلغان ئىككى يىلدا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى

كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىتىدىغان «شادلىق قويلىرى» بارغانسېرى كۆپەيدى

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋېي يۇڭگۇي

«ئەسلىدىكى نەسىل بىلەن سېلىشتۇرغاندا، نەسلى ياخشىلانغان قوينىڭ ھەربىرىنىڭ ئېغىرلىقى بەش - ئالتە كىلوگىرام ئېشىپ، 300 - 200 يۈەن كۆپ كىرىم قىلىدىغان بولدۇم» دېدى چىرا ناھىيەسىنىڭ گۇلاخما بازىرى ياپىلاق كەنتىدىكى باقمىچىلىق چوڭ ئائىلىسى مەمەتئابدۇللا تۇرسۇننىياز 10 - ئاينىڭ 30 - كۈنى يەنە بىر تۈركۈم قويىنى سېتىپ چىقىرىپ، ھېسابات قىلىپ بولغاندىن كېيىن خۇشال ھالدا.

مەمەتئابدۇللا باققان ئاۋخۇ قويىنى شىنجاڭ جىنكېن ئاۋچۈن دېھقانچىلىق - چارۋىچىلىق پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى تيەنجىندىن كىرگۈزگەن. ئاۋخۇ قويى كۆپ تۆللەيدىغان قوي بولۇپ، ئىككى يىلدا ئۈچ قېتىم تۆللىيەلەيدۇ، يېتىلىش سۈرئىتى تېز، بورداش مەزگىلى قىسقا، گۆش چىقىش نىسبىتى يەرلىك قويلاردىن %10تىن ئارتۇق يۇقىرى بولۇپ، باقمىچىلارنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش رولى كۆرۈنەرلىك.

ئاۋخۇ قويىنى كىرگۈزۈپ كېڭەيتىش ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «دېھقانچىلىق رايونلىرىدا يۇقىرى ئۈنۈملۈك گۆش قويى نەسلىنى تاللاپ يېتىشتۈرۈش پىلانى (2020 - يىلىدىن 2025 - يىلىغىچە)» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «دېھقانچىلىق رايونى پىلانى» دېيىلىدۇ)نى يولغا قويغانلىقىنىڭ كونكرېت ئىپادىسى. 2020 - يىلىدىن باشلاپ، دېھقانچىلىق رايونى پىلانىدىن باشقا ئاپتونوم رايونىمىز يەنە «چارۋىچىلىق رايونلىرىدا يەرلىك گۆش قويى نەسلىنى تاللاپ يېتىشتۈرۈش - نەسىل ياخشىلاش پىلانى (2020 - يىلىدىن 2025 - يىلىغىچە)» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «چارۋىچىلىق رايونى پىلانى» دېيىلىدۇ)نى تۈزۈپ يولغا قويدى. بۇ ئىككى پىلان يولغا قويۇلغان ئىككى يىلدىن بۇيان، گۆش قويى باقمىچىلىقىدىكى ئىشلەپچىقىرىش، تەربىيەلەش، تەتقىقاتنى بىرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى باقمىچىلىق مەيدانلىرى (ئائىلىلىرى)نىڭ ئەلا نەسىل يېتىشتۈرۈش، ئەلا نەسىل كۆپەيتىش، ئەلا نەسىل ئىشلىتىش ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ گۆش قويى باقمىچىلىقىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولدى.

دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى قويلار ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدۇ

قوي قانچە چوڭ بولسا شۇنچە ياخشى دەپ قارىلىدۇ. كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى چىغان جىگدە يېزىسىدىكى ئالتاي قويىنى كۆپەيتىپ يېتىشتۈرۈش مەركىزى نەسىل تاللاپ يېتىشتۈرۈش، ئىلمىي بېقىش، ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىش قاتارلىق جەھەتلەردە قېلىپلاشقان سىستېما بەرپا قىلىپ، ئالتاي قويىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى. بۇ يېزىنىڭ يېزا ئىگىلىك (چارۋىچىلىق) تەرەققىيات مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، تاللاپ يېتىشتۈرۈش ئارقىلىق، كۆپەيتىپ يېتىشتۈرۈش مەركىزىدىكى يېتىلگەن نەسىللىك قوچقارنىڭ ئوتتۇرىچە ئېغىرلىقى 100 كىلوگىرامدىن ئاشقان، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 176 كىلوگىرامغا يەتكەن؛ شۇ يىللىق پاقلانلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئېغىرلىقى 45 كىلوگىرامدىن ئاشقان.

چارۋىچىلىق رايونلىرىدىن باشقا، دېھقانچىلىق رايونلىرىدىكى گۆش قويلىرىمۇ ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدۇ. خوتەن ۋىلايىتىنىڭ لوپ ناھىيەسى خوتەن جۇڭشىن چارۋىچىلىق پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنى كىرگۈزۈپ، كۆپ تۆللەيدىغان كىچىك قۇيرۇقلۇق قوينىڭ ياخشىلانغان نەسلىنى كېڭەيتتى، بىر ساغلىق يىلىغا ئىككىدىن ئۈچكىچە تۆللەپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇشىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولدى.

«دېھقانچىلىق رايونى پىلانى»غا ئاساسەن، 2020 - يىلى، ئاپتونوم رايون بېكىتكەن 18 ئۈلگە كۆرسىتىش كارخانىسى دېھقانچىلىق رايونلىرىدا كۆپ تۆللەيدىغان قوي نەسلى مەنبە سىستېمىسىنى تەدرىجىي بەرپا قىلىپ، نەسىل بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئاشۇردى. خۇياڭ قويى، كىچىك قۇيرۇقلۇق خەنياڭ قويى قاتارلىق كۆپ تۆللەيدىغان قويلار، دۇپېر قويى، ساففوك قويى قاتارلىق گۆش قويلىرى ھەمدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ خاس نەسىللىك قويى بولغان چىرا قارا قويى، گۇما قىزىل قويى قاتارلىق يادرولۇق نەسىللىك قويلار ئۈزلۈكسىز كۆپەيدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەرقايسى ئۈلگە كۆرسىتىش كارخانىلىرى كۆپ تۆللەيدىغان قوي نەسلىنى كىرگۈزۈشتىن نەسىل بىلەن تەمىنلەشكە ئۆزگىرىپ، ئەلا نەسىللەرنى كېڭەيتىش - كۆپەيتىشكە ئاساس سالدى.

2020 - يىلىغىچە «چارۋىچىلىق رايونى پىلانى» يولغا قويۇلغان بىر يىلدا، باشباي قويى، ئالتاي قويى، بايىنبۇلاق قويى قاتارلىق نەسىللەرنىڭ يادرولۇق نەسىللىك قوي توپى بارلىققا كەلتۈرۈلدى. يېزا ئىگىلىكى، يېزا تارماقلىرى ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىدا تۆل ئېلىش - قوزا پەرۋىشى، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆلچەپ بېكىتىش قاتارلىق تېخنىكا مۇلازىمىتى ۋە نەق مەيداندا تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، ئەلا نەسىللەرنى تاللاپ يېتىشتۈرۈش ۋە كېڭەيتىش - كۆپەيتىش تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، يادرولۇق نەسىللىك قوي فېرمىلىرىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى تاماملاپ، ھەرقايسى قوي فېرمىلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش لايىھەسى ۋە تەدبىرلىرىنى بېكىتىپ، يادرولۇق نەسىللىك قوي توپلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

بۇ يىل، ئىككى تۈرلۈك پىلان بويىچە ئەلا نەسىل مەنبەسىگە كاپالەتلىك قىلىش قۇرۇلۇشى، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىشلەپچىقىرىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشى، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تىرەك بولۇش قۇرۇلۇشى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىلدى، ئۈرۈمچى شەھىرى، قومۇل شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتى قاتارلىق سەككىز ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردىكى 20 ئۈلگە كۆرسىتىش كارخانىسى يولغا قويۇپ كېڭەيتتى.

بۇنىڭ ئىچىدە، دېھقانچىلىق رايونلىرىدىكى يۇقىرى ئۈنۈملۈك گۆش قويى نەسلى (سىستېمىسى)نى تاللاپ يېتىشتۈرۈش خىزمىتىدە، بەش خىل نەسىلنى تاللاپ يېتىشتۈرۈش لايىھەسى تۈزۈپ چىقىلىپ، سىجىل تاللاپ يېتىشتۈرۈش ۋە نەسىل يېتىشتۈرۈش ئارخىپىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئۈچ ئۈلگە كۆرسىتىش كارخانىسىنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ يادرولۇق نەسىل يېتىشتۈرۈش مەيدانى ئۆلچىمىگە يېتىشىگە تۈرتكە بولۇندى ھەم ئاپتونوم رايوننىڭ ئېتىراپ قىلىشىدىن ئۆتتى؛ چارۋىچىلىق رايونلىرىدا يۇقىرى ئۈنۈملۈك گۆش قويى نەسلى (سىستېمىسى)نى تاللاپ يېتىشتۈرۈش خىزمىتىدە، ئۈلگە كۆرسىتىش كارخانىلىرى يولغا قويغان تۈرلەرنىڭ تەرتىپلىك تۈرتكە بولۇشى ئارقىلىق، تۈرلەر يولغا قويۇلغان ۋىلايەت(ئوبلاست)لەرنىڭ نەسىل بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارى بەش پىرسەنت پوئېنتتىن كۆپرەك ئېشىپ، تۈرلەر يولغا قويۇلغان ۋىلايەت (ئوبلاست)لەرنىڭ قوي گۆشى مەھسۇلات مىقدارى %2تىن كۆپرەك ئاشتى. ئالتاي ۋىلايىتى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق جايلاردىكى ئالتاي قويى، باشباي قويى، بايىنبۇلاق قويى قاتارلىق نەسىللەرنىڭ يادرولۇق نەسىللىك قوي توپىنىڭ كۆلىمى %5تىن %10كىچە كېڭەيدى، ئالاھىدە 1 - دەرىجىلىك ساغلىق %80تىن كۆپرەككە يېتىپ، يېتىشتۈرۈلگەن لاياقەتلىك نەسىللىك قوچقار ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %5تىن %10كىچە كۆپەيدى.

ئەلا نەسىللىك قوي بېيىشقا يېتەكلىدى

«قويلار تۆللەشكە ئاز قالدى. باش قىشتىكى قوزىلارنى ئالتە ئاي بېقىپلا بازارغا سالغىلى، بىرىنى 1200 يۈەندىن ساتقىلى بولىدۇ» دېدى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى گۇچۇڭ ناھىيەسى شىنشېڭيۈەن دېھقانچىلىق - چارۋىچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى ليۇ پىڭ. 11 - ئاي كىرگەندىن بۇيان، گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ دېھقانچىلىق رايونىدىكى 200 مىڭ ساغلىق ئارقا - ئارقىدىن تۆللەشكە باشلىدى، ئىلگىرىكى يىللاردىكى تەجرىبىلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ يىل ساغلىقلارنىڭ قوشكېزەك تۆللەش نىسبىتى %30كە يېتىشى مۇمكىن ئىكەن.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گۇچۇڭ ناھىيەسى گۆش قويىنىڭ نەسلىنى ياخشىلاشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، سۈنئىي ئۇرۇقلاندۇرۇش، تۆرەلمە كۆچۈرۈش قاتارلىق تېخنىكىلار ئارقىلىق ئىلگىرىكى ئەتىيازدا تۆل ئېلىش، كۈزدە بازارغا سېلىشتەك تىجارەت ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىپ، ساغلىقلارنىڭ تۆللەش دەۋرىيلىكىنى قىسقارتىپ، ئىككى يىلدا ئۈچ قېتىم تۆللەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى ئاشۇردى. قوشكېزەك تۆللەش نىسبىتى ئاشقاندىن سىرت، نەسلى ياخشىلانغاندىن كېيىنكى گۆش قويى يېڭى نەسلىنىڭ ئېغىرلىقىمۇ تېز ئېشىپ، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كەڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.

ئىككى پىلانغا ئاساسەن، 2020 - يىلى ئاپتونوم رايونىمىز كۆپ تۆللەيدىغان گۆش قويىنى ئۈلگە كۆرسىتىپ كېڭەيتىش مىقدارىنى 1 مىليوندىن ئارتۇققا يەتكۈزۈپ، 100 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى، دېھقانچىلىق رايونلىرىدىكى كۆپ تۆللەيدىغان گۆش قويى كەسپى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش نەتىجە - ئۈنۈمىنىڭ كۆرۈنەرلىك بولۇشىغا كۈچ قوشتى. بۇنىڭدىن باشقا، دېھقانچىلىق رايونلىرىدىكى گۆش قويىنى كىچىك كۆلەمدە ئائىلىلەردە تارقاق بېقىش ۋە نەسلى مۇرەككەپ بولۇش ئەھۋالىغا قارىتا، ھەر دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا تارماقلىرى ئۈلگە كۆرسىتىش كارخانىلىرىنىڭ ئەلا نەسىللىك قوچقار ئارقىلىق بېقىلىۋاتقان نەسىللىك قوي توپىنىڭ نەسلىنى ساپلاشتۇرۇپ ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، دېھقانچىلىق رايونلىرىدىكى كىچىك كۆلەمدە ئائىلىلەردە تارقاق بېقىلىۋاتقان گۆش قويىنىڭ نەسلىنى ياخشىلاش خىزمىتىنى ئۈنۈملۈك تېزلەتتى.

گۆش قويى ئەلا نەسىللىرىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى چارۋىچىلىق پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى بىر تۈركۈم ئاممىباب، چۈشىنىشلىك، سۈرەت ۋە يېزىق بىرلەشتۈرۈلگەن يانچۇق كىتاب، ئاسما رەسىملەرنى تەييارلاپ، بىر قاتار مىكرو سىن قاتارلىقلارنى ئىشلەپ، ھەر قايسى سىن سۇپىلىرى، «شىنجاڭ نەسىللىك چارۋىلىرى» APPسى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ، باقمىچىلىق ئائىلىلىرىگە تەۋسىيە قىلدى ھەم مەخسۇس تېمىدا دەرس ئۆتۈش ۋە نەق مەيداندا يېتەكچىلىك قىلىش شەكلىنى قوللىنىپ، سەككىز ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردىكى 20دىن ئارتۇق ناھىيەدە باقمىچىلىق تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ باقمىچىلىق سەۋىيەسىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈردى.

ئىككى پىلاننىڭ يولغا قويۇلۇش لايىھەسىگە ئاساسەن، ئىككى يىلدىن بۇيان، ھەرقايسى ئۈلگە كۆرسىتىش كارخانىلىرى باقمىچىلىق تېخنىكىسى بويىچە ياردەم بېرىش - يۆلەش ۋە ئىز قوغلاپ مۇلازىمەت قىلىشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، باقمىچىلارنى خاتىرجەم قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئەلا نەسىللىك قوي بېقىشتىكى ئاكتىپلىقىنى ئاشۇردى.

لوپ ناھىيەسىدە، خوتەن جۇڭشىن چارۋىچىلىق پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى كۆپ تۆللەيدىغان كىچىك قۇيرۇقلۇق قوي نەسلىنى تەرەققىي قىلدۇردى، بۇ يىل 3 - ئايدا، ھەرقايسى يېزا - بازارلاردىكى تېخنىكلارنى گۆش قويى باقمىچىلىق تېخنىكىسى، بېقىش يېتەكچىلىكى، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش، سۈنئىي ئۇرۇقلاندۇرۇش قاتارلىق تېخنىكىلار بويىچە تەربىيەلىدى. 3 - ئاينىڭ ئاخىرىدا، يېزا - بازارلاردىكى باقمىچى ئائىلىلەرگە 21 مىڭ تۇياق كۆپ تۆللەيدىغان قوي تارقىتىپ بەردى ھەم بۇ يىل 6 - ئايدا ئىجتىمائىيلاشقان ئىز قوغلاپ مۇلازىمەت قىلىشنى قانات يايدۇردى.

ئىجتىمائىيلاشقان ئىز قوغلاپ مۇلازىمەت قىلىش ھەرقايسى ئۈلگە كۆرسىتىش كارخانىلىرىنىڭ بىر تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمىتى بولۇپ، مۇلازىمەت كوللېكتىپى ھەر كۈنى باقمىچى ئائىلىلەرگە بېرىپ نەسىللىك قويلارنىڭ بېقىلىشى، قوزىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە ئەي بولۇش نىسبىتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلەپ ھەم كېسەللىكلەرنى داۋالاش، قوتان پەرۋىشى قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن ھەقسىز تەمىنلەپ، باقمىچى ئائىلىلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى ئاشۇردى، نەسىللىك قوي يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يولىدىكى بېيىشقا يېتەكلەيدىغان «ۋاسىتە» بولۇپ قالدى.

قويچىلىق كەسپىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى

ھەر كۈنى، سانجى شەھىرى تيەنتەي چارۋا باقمىچىلىقى كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ ھەممىسى خىزمەت فورمىسى كىيىپ، ماسكا ۋە پەلەي تاقاپ، قوتاندىكى نەسىللىك قوچقارلارغا يەم - خەشەك بېرىدۇ. قوتاننىڭ يەنە بىر تەرىپىدە يېڭى تۇغۇلغان قوزىلار ۋە نەسىللىك ساغلىقلار ئايرىپ بېقىلىدۇ.

ئايرىپ بېقىشتىكى مەقسەت قوزىلارنىڭ دەسسىلىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بۇنىڭدىن باشقا، تۆللىگەن ساغلىقلارمۇ بوغۇز تولۇقلاش ئارقىلىق ئوزۇقلۇققا كاپالەتلىك قىلىشقا موھتاج.

بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ھازىر گېرمانىيەنىڭ مېرىنۇ نەسىللىك قوچقىرىدىن 610ى، تۆللىيەلەيدىغان ساغلىقتىن 2370ى بار، قالغانلىرى گۆش قويى. باقمىچى رىزابېك ئەسقەر ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا 100 قويىنى ۋاكالىتەن بېقىشقا بەردى، ئۇ ۋاقتى بولسىلا ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ باقمىچىلىق مەيدانىغا كېلىپ كۆرۈپ باقىدۇ. «كوپىراتىپتا بېقىلغان قويلاردىن گۆش، يۇڭ كۆپ چىقىدۇ. مېنىڭ قوي بېقىۋاتقىنىمغا شۇنچە ئۇزاق يىل بولغان بولسىمۇ، بۈگۈنكى كۈندە ئاندىن قوينى قانداق بېقىش كېرەكلىكىنى ھەقىقىي بىلدىم» دېدى رىزابېك.

كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى باقمىچىلىق مەيدانلىرى نەسىلنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، يەم - خەشەك رېتسېپىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ۋاكسىنا ئارقىلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، تېخنىكا مۇلازىمىتىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتەك ئەلا باقمىچىلىق ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى. مۇشۇ ئاساستا، ئىككى پىلان داۋاملىق يولغا قويۇلۇپ، قويچىلىق كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات سەۋىيەسى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلىدۇ.

نەسىل مەنبەسىنى ياخشى تۇتۇش بىرىنچى قەدەم. يولغا قويۇش لايىھەسىگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىز كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆلچەپ بېكىتىش مەركىزىدىن تۆتنى قۇرۇپ، نۇقتىلىق ھالدا كۆپ تۆللەيدىغان قويلارنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارىنى ئۆلچەپ بېكىتىپ، ئەلا نەسىللىك قوي توپىنى كېڭەيتىشنى ئاساس بىلەن تەمىنلىدى؛ ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت ئۈستىدە ئىزدىنىشنى قانات يايدۇردى. ئاساسىي قاتلامدا تېخنىكا كەمچىل بولۇش، مەھسۇلات كەمچىل بولۇشتەك ئەمەلىي ئەھۋالغا قارىتا، ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت سىستېمىسى ئۈستىدە ئىزدىنىشنى قانات يايدۇرۇپ، تېخنىكا مۇلازىمىتى ۋە مەھسۇلاتلارنى يۈرۈشلەشتۈرۈش ئارقىلىق، تۈر مۇلازىمەت رايونىدا تېخنىكا كەمچىل بولۇش، مەھسۇلات كەمچىل بولۇشتەك ئەمەلىي ئەھۋالنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلدى؛ «ئۇنىۋېرسال تەجرىبە پونكىتى + ئۈلگە كۆرسىتىش كارخانىسى + مەمۇرىي تارماق + ئىش ئورنى مۇتەخەسسىسى»دىن ئىبارەت تېخنىكا كېڭەيتىش ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، ئۈلگە كۆرسىتىش كارخانىلىرىغا تايىنىپ، «باشلامچى كارخانا + يېزا دەرىجىلىك كېڭەيتىش - كۆپەيتىش تارماق مەيدانى + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + نامرات ئائىلە»دىن ئىبارەت دەرىجىگە ئايرىپ تىجارەت قىلىش بىرلەشمە گەۋدىسى قۇرۇش ئۈستىدە ئىزدەندى، كۆپ تۆللەيدىغان گۆش قويى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىشنى كېڭەيتىش تېز ھەم كۈچلۈك بولدى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىككى پىلان بويىچە گۆش قويى باقمىچىلىق پەن - تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تىرەك بولۇش قۇرۇلۇشى پائال ئالغا سىلجىتىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ قاراقاش ناھىيەسى كۆپ تۆللەيدىغان قوي پەن تەتقىقات بازىسى مۇھىم ۋاسىتە قىلىنىپ، فۇنكسىيەلىك قوتان پارامېتىرىنى ئەلالاشتۇرۇش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك كۆپەيتىش يېڭى ئەندىزىسى، مىكرو ئېكولوگىيەلىك دورا ياساش، قوزا تۇنجى يېمى ھەمدە قوزا يەم - خەشىكى رېتسېپىنى ئەلالاشتۇرۇش، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ھەمدە قىغدىن بايلىققا ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىش قاتارلىق جەھەتلەردە تېخنىكا تەتقىق قىلىپ ئېچىش، توپلاشتۇرۇش قانات يايدۇرۇلدى. بىر قاتار تېخنىكىلارنىڭ سىجىل يولغا قويۇلۇشى، كېڭەيتىلىشى دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ كۆپ تۆللەيدىغان قوي بېقىش سەۋىيەسىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولدى. ئىككى يىلدىن بۇيان، تۈر سىستېمىسى ئىچىدىكى باقمىچى ئائىلىلەردە بېقىلىۋاتقان قويلارنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە تۆللەش نىسبىتى %200كە، قوزىلارنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتى %85تىن كۆپرەككە يېتىپ، بىردەك مەملىكەت ئىچىدىكى ئوخشاش كەسىپتىكىلەر ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردىكى سەۋىيەگە يەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.