
3-ئاينىڭ 15-كۈنى، خەلق ساقچىلىرى چارۋىچىلارنىڭ ئەتىيازلىق يايلاق كۆچۈشىگە ياردەملەشمەكتە.
ۋۇ مىڭشيەن فوتوسى
ھاۋانىڭ ئىللىشىغا ئەگىشىپ، پامىر ئېگىزلىكىدە تۇرۇشلۇق شىنجاڭ چېگرادىن كىرىش-چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش باش پونكىتى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق چېگرا باشقۇرۇش تارماق ئەترىتى چاقىرئاغىل چېگرا ساقچىخانىسى خەلق ساقچىلىرىنى تەشكىللەپ، تەۋەلىكتىكى چارۋىچىلارنىڭ چارۋىلارنى يايلاققا كۆچۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە ياردەملەشتى ھەمدە سۇلۇق يەرنى قوغداش ۋە چېگرا قانۇن-نىزاملىرىنى تەشۋىق قىلىشنى قانات يايدۇردى.

3-ئاينىڭ 15-كۈنى، خەلق ساقچىلىرى چارۋىچىلارغا سۇلۇق يەرنى قوغداشقا ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارنى تەشۋىق قىلماقتا.
ۋۇ مىڭشيەن فوتوسى

3-ئاينىڭ 14-كۈنى، قابا ناھىيەسىدە ئەتىيازلىق يايلاق كۆچۈش خىزمىتى رەسمىي باشلاندى، قابا ناھىيەلىك مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ كەسپىي خادىملىرى يايلاق كۆچۈش «قوشۇنى»غا چوڭقۇر چۆكۈپ، مېتېئورولوگىيە مۇلازىمىتى ئۇچۇرلىرىنى چارۋىچىلارغا يەتكۈزۈپ، ئەتىيازلىق يايلاق كۆچۈش جەريانىدا «بىۋاسىتە يەتكۈزۈش شەكلى»دىكى مېتېئورولوگىيە مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇردى.
شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ۋېيبوسى
