تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ئالتاي ۋىلايىتى كۈزلۈك يايلاق كۆچۈشنىڭ يۇقىرى پەللە مەزگىلىگە كىردى «يايلاق كۆچۈش بويىچە چارۋىلارنى قوغداش ئەترىتى» پۈتۈن مۇساپىلىك مۇھاپىزەت قىلدى

    كۈز كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى كۈزلۈك يايلاق كۆچۈشنىڭ يۇقىرى پەللە مەزگىلىگە كىردى. يازلىق يايلاقتىن كۈزلۈك يايلاققا كۆچكىچە خەتەرلىك تاغلىق رايون يول بۆلىكىدىن ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھاۋا ئۆزگىرىشچان بولغاچقا، ئالتاي ۋىلايىتى «يايلاق كۆچۈش بويىچە چارۋىلارنى قوغداش ئەترىتى»نى ئورۇنلاشتۇرۇپ، چارۋىچىلار ۋە چارۋىلارنى «يول بويى قوغدىدى».

8-ئاينىڭ 20-كۈنى، چارۋىچىلار چارۋىلىرىنى ھەيدەپ ئالتاي شەھىرى چىمىرچەك بازىرى بەيگە تۆپە كەنتىدىكى چارۋا يولىدا كېتىۋاتماقتا. كۈز كىرگەندىن بۇيان، ئالتاي ۋىلايىتىدىكى كەڭ چارۋىچىلىق رايونلىرى يەنە بىر قېتىم يايلىق كۆچۈش پەسلىگە كىردى، نەچچە مىليون تۇياق چارۋا ئېگىز تاغدىكى يازلىق يايلاقتىن تاغ ئېتىكىدىكى ئەتىيازلىق، كۈزلۈك يايلاققا يۆتكىلىپ، ئاندىن يەنە قىشلىق يايلاققا كۆچىدۇ. بۇ قېتىمقى كۈزلۈك يايلاق كۆچۈش 9-ئاينىڭ ئوتتۇرا ۋە ئاخىرلىرىغىچە داۋاملىشىدۇ.     ليۇ شىخې فوتوسى

8-ئاينىڭ 20-كۈنى، چارۋىچىلار چارۋىلىرىنى ھەيدەپ ئالتاي شەھىرى چىمىرچەك بازىرى بەيگە تۆپە كەنتىدىكى چارۋا يولىدا كېتىۋاتماقتا.   ليۇ شىخې فوتوسى

8-ئاينىڭ 20-كۈنى، چارۋىلار ئالتاي شەھىرى چىمىرچەك بازىرى بەيگە تۆپە كەنتىدىكى چارۋا يولىدا كېتىۋاتماقتا.    ليۇ شىخې فوتوسى

9-ئاينىڭ 8-كۈنى، چارۋىچىلار چارۋىلىرىنى ھەيدەپ ئالتاي شەھىرى چىمىرچەك بازىرى بەيگە تۆپە كەنتىدىكى چارۋا يولىدىن ئۆتۈپ، كۈزلۈك چارۋىچىلىق مەيدانىغا قاراپ كېتىۋاتماقتا.   ليۇ شىخې فوتوسى

9-ئاينىڭ 8-كۈنى، چارۋىچىلار چارۋىلىرىنى ھەيدەپ ئالتاي شەھىرى چىمىرچەك بازىرى بەيگە تۆپە كەنتىدىكى چارۋا يولىدىن ئۆتۈپ، كۈزلۈك چارۋىچىلىق مەيدانىغا قاراپ كېتىۋاتماقتا.    ليۇ شىخې فوتوسى

9-ئاينىڭ 8-كۈنى، چارۋىچىلار چارۋىلىرىنى ھەيدەپ ئالتاي شەھىرى چىمىرچەك بازىرى بەيگە تۆپە كەنتىدىكى چارۋا يولىدىن ئۆتۈپ، كۈزلۈك چارۋىچىلىق مەيدانىغا قاراپ كېتىۋاتماقتا.   ليۇ شىخې فوتوسى

9-ئاينىڭ 5-كۈنى، خەلق ساقچىلىرى چارۋىچىلارنىڭ كىگىز ئۆينى چۇۋۇشىغا ياردەملەشمەكتە. ھازىر چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ كۈزلۈك يايلاق كۆچۈش مەزگىلى، جېمىنەي ناھىيەسىدىكى قازاق چارۋىچىلار يىلدا بىر قېتىم كېلىدىغان كۈزلۈك يايلاق كۆچۈشنى كۈتۈۋالدى. شىنجاڭ ئالتاي چېگرا باشقۇرۇش تارماق ئەترىتى توست چېگرا ساقچىخانىسى ئالدىن تەييارلىق قىلىپ، خەلق ساقچىلىرى قوغداش تارماق ئەترىتى قۇرۇپ، چارۋىچىلارنىڭ يايلاق كۆچۈشىگە كاپالەتلىك قىلدى. خەلق ساقچىلىرىنىڭ مۇھاپىزەت قىلىشى بىلەن، چارۋىچىلار قوي-كالىلىرىنى ھەيدەپ، يازلىق يايلاقتىن يولغا چىقتى، ھەيۋەتلىك كۆچۈش «چوڭ قوشۇنى» يۆتكەلمە مەنزىرە لىنىيەسىگە ئايلاندى.   شى شياۋكۇن فوتوسى

9-ئاينىڭ 5-كۈنى، خەلق ساقچىلىرى چارۋىچىلارنىڭ كۆچۈرمەكچى بولغان بۇيۇملىرىنى ئاپتوموبىلغا بېسىشىپ بەرمەكتە.   شى شياۋكۇن فوتوسى

9-ئاينىڭ 5-كۈنى، خەلق ساقچىسى چارۋىچىلارنىڭ يايلاق كۆچۈرىدىغان پادا توپىنى ھەيدىشىگە ياردەملەشمەكتە.   شى شياۋكۇن فوتوسى

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.